كَانَ مَنَسَّى ٱبْنَ ٱثْنَتَيْ عَشْرَةَ سَنَةً حِينَ مَلَكَ، وَمَلَكَ خَمْسًا وَخَمْسِينَ سَنَةً فِي أُورُشَلِيمَ، وَٱسْمُ أُمِّهِ حَفْصِيبَةُ. | ١ 1 |
ماناسسەھ پادىشاھ بولغاندا ئون ئىككى ياشتا بولۇپ، يېرۇسالېمدا ئەللىك بەش يىل سەلتەنەت قىلدى. ئۇنىڭ ئانىسىنىڭ ئىسمى ھەفزىباھ ئىدى. |
وَعَمِلَ ٱلشَّرَّ فِي عَيْنَيِ ٱلرَّبِّ حَسَبَ رَجَاسَاتِ ٱلْأُمَمِ ٱلَّذِينَ طَرَدَهُمُ ٱلرَّبُّ مِنْ أَمَامِ بَنِي إِسْرَائِيلَ. | ٢ 2 |
ئۇ پەرۋەردىگار ئىسرائىللارنىڭ ئالدىدىن ھەيدەپ چىقىرىۋەتكەن يات ئەللىكلەرنىڭ يىرگىنچلىك ئادەتلىرىگە ئوخشاش ئىشلار بىلەن پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە رەزىل بولغاننى قىلدى. |
وَعَادَ فَبَنَى ٱلْمُرْتَفَعَاتِ ٱلَّتِي أَبَادَهَا حَزَقِيَّا أَبُوهُ، وَأَقَامَ مَذَابِحَ لِلْبَعْلِ، وَعَمِلَ سَارِيَةً كَمَا عَمِلَ أَخْآبُ مَلِكُ إِسْرَائِيلَ، وَسَجَدَ لِكُلِّ جُنْدِ ٱلسَّمَاءِ وَعَبَدَهَا. | ٣ 3 |
ئۇ ئاتىسى ھەزەكىيا بۇزۇپ يوقاتقان «يۇقىرى جايلار»نى قايتىدىن ياساتتى؛ ئۇ بائالغا ئاتاپ قۇربانگاھلارنى سالدۇرۇپ، ئىسرائىلنىڭ پادىشاھى ئاھاب قىلغاندەك بىر ئاشەراھ مەبۇد ياسىدى؛ ئۇ ئاسماندىكى نۇرغۇنلىغان ئاي-يۇلتۇزلارغا باش ئۇردى ۋە ئۇلارنىڭ قۇللۇقىغا كىردى. |
وَبَنَى مَذَابِحَ فِي بَيْتِ ٱلرَّبِّ ٱلَّذِي قَالَ ٱلرَّبُّ عَنْهُ: «فِي أُورُشَلِيمَ أَضَعُ ٱسْمِي». | ٤ 4 |
ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىدىمۇ قۇربانگاھلارنى ياساتتى. شۇ ئىبادەتخانا توغرۇلۇق پەرۋەردىگار: مەن يېرۇسالېمدا مېنىڭ نامىمنى قويىمەن، دېگەنىدى. |
وَبَنَى مَذَابِحَ لِكُلِّ جُنْدِ ٱلسَّمَاءِ فِي دَارَيْ بَيْتِ ٱلرَّبِّ. | ٥ 5 |
ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىنىڭ ئىككى ھويلىسىدا «ئاسماننىڭ قوشۇنى»غا قۇربانگاھلارنى ئاتاپ ياساتتى. |
وَعَبَّرَ ٱبْنَهُ فِي ٱلنَّارِ، وَعَافَ وَتَفَاءَلَ وَٱسْتَخْدَمَ جَانًّا وَتَوَابِعَ، وَأَكْثَرَ عَمَلَ ٱلشَّرِّ فِي عَيْنَيِ ٱلرَّبِّ لِإِغَاظَتِهِ. | ٦ 6 |
ئۆز ئوغلىنى ئوتتىن ئۆتكۈزدى؛ جادۇگەرچىلىك بىلەن پالچىلىق ئىشلەتتى، ئۆزىگە جىنكەشلەر بىلەن ئەپسۇنچىلارنى بېكىتتى؛ ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە سان-ساناقسىز رەزىللىكنى قىلىپ ئۇنىڭ غەزىپىنى قوزغىدى. |
وَوَضَعَ تِمْثَالَ ٱلسَّارِيَةِ ٱلَّتِي عَمِلَ، فِي ٱلْبَيْتِ ٱلَّذِي قَالَ ٱلرَّبُّ عَنْهُ لِدَاوُدَ وَسُلَيْمَانَ ٱبْنِهِ: «فِي هَذَا ٱلْبَيْتِ وَفِي أُورُشَلِيمَ، ٱلَّتِي ٱخْتَرْتُ مِنْ جَمِيعِ أَسْبَاطِ إِسْرَائِيلَ، أَضَعُ ٱسْمِي إِلَى ٱلْأَبَدِ. | ٧ 7 |
ئۇ ياساتقان «ئاشەراھ» ئويما مەبۇدنى [خۇدانىڭ] ئۆيىگە قويدى. شۇ ئۆي توغرۇلۇق پەرۋەردىگار داۋۇتقا ۋە ئۇنىڭ ئوغلى سۇلايمانغا: ــ «بۇ ئۆيدە، شۇنداقلا ئىسرائىلنىڭ ھەممە قەبىلىلىرىنىڭ زېمىنلىرى ئارىسىدىن مەن تاللىغان يېرۇسالېمدا ئۆز نامىمنى ئەبەدگىچە قالدۇرىمەن؛ |
وَلَا أَعُودُ أُزَحْزِحُ رِجْلَ إِسْرَائِيلَ مِنَ ٱلْأَرْضِ ٱلَّتِي أَعْطَيْتُ لِآبَائِهِمْ، وَذَلِكَ إِذَا حَفِظُوا وَعَمِلُوا حَسَبَ كُلِّ مَا أَوْصَيْتُهُمْ بِهِ، وَكُلَّ ٱلشَّرِيعَةِ ٱلَّتِي أَمَرَهُمْ بِهَا عَبْدِي مُوسَى». | ٨ 8 |
ئەگەر ئىسرائىل پەقەت مەن ئۇلارغا تاپىلىغان بارلىق ئەمرلەرگە، يەنى ئۆز قۇلۇم مۇسا ئۇلارغا بۇيرۇغان بارلىق قانۇنغا مۇۋاپىق ئەمەل قىلىشقا كۆڭۈل قويسىلا، مەن ئۇلارنىڭ پۇتلىرىنى ئاتا-بوۋىلىرىغا تەقسىم قىلغان بۇ زېمىندىن قايتىدىن نېرى قىلمايمەن»، دېگەنىدى. |
فَلَمْ يَسْمَعُوا، بَلْ أَضَلَّهُمْ مَنَسَّى لِيَعْمَلُوا مَا هُوَ أَقْبَحُ مِنَ ٱلْأُمَمِ ٱلَّذِينَ طَرَدَهُمُ ٱلرَّبُّ مِنْ أَمَامِ بَنِي إِسْرَائِيلَ. | ٩ 9 |
لېكىن ئۇلار قۇلاق سالمايتتى؛ شۇڭلاشقىمۇ، ماناسسەھ ئۇلارنى شۇنداق ئازدۇردىكى، ئۇلار پەرۋەردىگار ئىسرائىللارنىڭ ئالدىدىن ھالاك قىلغان يات ئەللىكلەردىن ئاشۇرۇپ رەزىللىك قىلاتتى. |
وَتَكَلَّمَ ٱلرَّبُّ عَنْ يَدِ عَبِيدِهِ ٱلْأَنْبِيَاءِ قَائِلًا: | ١٠ 10 |
شۇڭا پەرۋەردىگار ئۆز قۇللىرى بولغان پەيغەمبەرلەرنىڭ ۋاسىتىسى ئارقىلىق مۇنداق دېدى: ــ |
«مِنْ أَجْلِ أَنَّ مَنَسَّى مَلِكَ يَهُوذَا قَدْ عَمِلَ هَذِهِ ٱلْأَرْجَاسَ، وَأَسَاءَ أَكْثَرَ مِنْ جَمِيعِ ٱلَّذِي عَمِلَهُ ٱلْأَمُورِيُّونَ ٱلَّذِينَ قَبْلَهُ، وَجَعَلَ أَيْضًا يَهُوذَا يُخْطِئُ بِأَصْنَامِهِ، | ١١ 11 |
يەھۇدانىڭ پادىشاھى ماناسسەھ بۇ يىرگىنچلىك ئىشلارنى قىلىپ، ھەتتا ئۇنىڭدىن ئىلگىرى ئۆتكەن ئامورىيلار قىلغان بارلىق رەزىللىكتىن زىيادە رەزىللىك قىلىپ، ئۇنىڭ بۇتلىرى بىلەن يەھۇدانىمۇ گۇناھقا ئازدۇرغىنى ئۈچۈن |
لِذَلِكَ هَكَذَا قَالَ ٱلرَّبُّ إِلَهُ إِسْرَائِيلَ: هَأَنَذَا جَالِبٌ شَرًّا عَلَى أُورُشَلِيمَ وَيَهُوذَا حَتَّى أَنَّ كُلَّ مَنْ يَسْمَعُ بِهِ تَطِنُّ أُذُنَاهُ. | ١٢ 12 |
ئىسرائىلنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ «مانا، يېرۇسالېم بىلەن يەھۇدانىڭ ئۈستىگە شۇنداق بالايىئاپەت كەلتۈرىمەنكى، كىمكى ئۇنى ئاڭلىسىلا قۇلاقلىرى زىڭىلداپ كېتىدۇ. |
وَأَمُدُّ عَلَى أُورُشَلِيمَ خَيْطَ ٱلسَّامِرَةِ وَمِطْمَارَ بَيْتِ أَخْآبَ، وَأَمْسَحُ أُورُشَلِيمَ كَمَا يَمْسَحُ وَاحِدٌ ٱلصَّحْنَ. يَمْسَحُهُ وَيَقْلِبُهُ عَلَى وَجْهِهِ. | ١٣ 13 |
مەن سامارىيەنى ئۆلچىگەن تانا ۋە ئاھابنىڭ جەمەتىنى تەكشۈرگەن تىك ئۆلچىگۈچ يىپ بىلەن يېرۇسالېمنى تەكشۈرتىمەن؛ كىشى قاچىنى چايقاپ سۈرتكەندىن كېيىن دۈم كۆمتۈرۈپ قويغاندەك، يېرۇسالېمنى چايقاپ ئۆرۈيمەن. |
وَأَرْفُضُ بَقِيَّةَ مِيرَاثِي، وَأَدْفَعُهُمْ إِلَى أَيْدِي أَعْدَائِهِمْ، فَيَكُونُونَ غَنِيمَةً وَنَهْبًا لِجَمِيعِ أَعْدَائِهِمْ، | ١٤ 14 |
مەن مىراسىمنىڭ قالغانلىرىدىنمۇ ۋاز كېچىپ، دۈشمەنلىرىنىڭ قولىغا تاپشۇرىمەن؛ ئۇلارنى ھەممە دۈشمەنلىرىگە بۇلاڭ-تالاڭ ئوبيېكتى ۋە ئولجا قىلىپ بېرىمەن؛ |
لِأَنَّهُمْ عَمِلُوا ٱلشَّرَّ فِي عَيْنَيَّ، وَصَارُوا يُغِيظُونَنِي مِنَ ٱلْيَوْمِ ٱلَّذِي فِيهِ خَرَجَ آبَاؤُهُمْ مِنْ مِصْرَ إِلَى هَذَا ٱلْيَوْمِ». | ١٥ 15 |
چۈنكى ئۇلار مېنىڭ نەزىرىمدە رەزىل بولغاننى قىلىپ، ئۇلارنىڭ ئاتا-بوۋىلىرى مىسىردىن چىققان كۈندىن تارتىپ بۈگۈنگىچە غەزىپىمنى قوزغاپ كەلدى». |
وَسَفَكَ أَيْضًا مَنَسَّى دَمًا بَرِيًّا كَثِيرًا جِدًّا حَتَّى مَلَأَ أُورُشَلِيمَ مِنَ ٱلْجَانِبِ إِلَى ٱلْجَانِبِ، فَضْلًا عَنْ خَطِيَّتِهِ ٱلَّتِي بِهَا جَعَلَ يَهُوذَا يُخْطِئُ بِعَمَلِ ٱلشَّرِّ فِي عَيْنَيِ ٱلرَّبِّ. | ١٦ 16 |
ماناسسەھ ئەمدى پۈتكۈل يېرۇسالېمنى بىر چېتىدىن يەنە بىر چېتىگىچە قانغا تولدۇرۇپ، كۆپ ناھەق قان تۆككۈزدى ۋە ئوخشاشلا ئۆزى قىلىۋاتقان گۇناھى بىلەن يەھۇدالارنى ئازدۇرۇپ، ئۇلارنىڭ پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدىكى رەزىللىكنى قىلىشىغا سەۋەب بولدى. |
وَبَقِيَّةُ أُمُورِ مَنَسَّى وَكُلُّ مَا عَمِلَ، وَخَطِيَّتُهُ ٱلَّتِي أَخْطَأَ بِهَا، أَمَا هِيَ مَكْتُوبَةٌ فِي سِفْرِ أَخْبَارِ ٱلْأَيَّامِ لِمُلُوكِ يَهُوذَا؟ | ١٧ 17 |
ماناسسەھنىڭ باشقا ئىشلىرى ھەم قىلغانلىرىنىڭ ھەممىسى، جۈملىدىن ئۇ سادىر قىلغان گۇناھ «يەھۇدا پادىشاھلىرىنىڭ تارىخ-تەزكىرىلىرى» دېگەن كىتابتا پۈتۈلگەن ئەمەسمىدى؟ |
ثُمَّ ٱضْطَجَعَ مَنَسَّى مَعَ آبَائِهِ، وَدُفِنَ فِي بُسْتَانِ بَيْتِهِ فِي بُسْتَانِ عُزَّا، وَمَلَكَ آمُونُ ٱبْنُهُ عِوَضًا عَنْهُ. | ١٨ 18 |
ماناسسەھ ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ ئارىسىدا ئۇخلىدى ۋە ئۆز ئۆيىنىڭ بېغىدا، يەنى ئۇززاھنىڭ بېغىدا دەپنە قىلىندى. ئاندىن ئوغلى ئامون ئۇنىڭ ئورنىدا پادىشاھ بولدى. |
كَانَ آمُونُ ٱبْنَ ٱثْنَتَيْنِ وَعِشْرِينَ سَنَةً حِينَ مَلَكَ، وَمَلَكَ سَنَتَيْنِ فِي أُورُشَلِيمَ، وَٱسْمُ أُمِّهِ مَشُلَّمَةُ بِنْتُ حَارُوصَ مِنْ يَطْبَةَ. | ١٩ 19 |
ئامون پادىشاھ بولغاندا يىگىرمە ئىككى ياشتا بولۇپ، يېرۇسالېمدا ئىككى يىل سەلتەنەت قىلدى. ئۇنىڭ ئانىسىنىڭ ئىسمى مەشۇللەمەت ئىدى؛ ئۇ يوتباھلىق ھارۇزنىڭ قىزى ئىدى. |
وَعَمِلَ ٱلشَّرَّ فِي عَيْنَيِ ٱلرَّبِّ كَمَا عَمِلَ مَنَسَّى أَبُوهُ. | ٢٠ 20 |
ئامون ئاتىسى ماناسسەھ قىلغاندەك پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە رەزىل بولغاننى قىلاتتى. |
وَسَلَكَ فِي كُلِّ ٱلطَّرِيقِ ٱلَّذِي سَلَكَ فِيهِ أَبُوهُ، وَعَبَدَ ٱلْأَصْنَامَ ٱلَّتِي عَبَدَهَا أَبُوهُ وَسَجَدَ لَهَا. | ٢١ 21 |
ئۇ ئاتىسى ماڭغان بارلىق يوللاردا ماڭاتتى؛ ئۇ ئاتىسى قۇللۇقىدا بولغان بۇتلارنىڭ قۇللۇقىدا بولۇپ، ئۇلارغا سەجدە قىلىپ، |
وَتَرَكَ ٱلرَّبَّ إِلَهَ آبَائِهِ وَلَمْ يَسْلُكْ فِي طَرِيقِ ٱلرَّبِّ. | ٢٢ 22 |
پەرۋەردىگارنىڭ يولىدا يۈرمەي، ئۆز ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگارنى تەرك قىلدى. |
وَفَتَنَ عَبِيدُ آمُونَ عَلَيْهِ، فَقَتَلُوا ٱلْمَلِكَ فِي بَيْتِهِ. | ٢٣ 23 |
ئەمدى ئاموننىڭ خىزمەتكارلىرى پادىشاھنى قەستلەپ، ئۇنى ئۆز ئوردىسىدا ئۆلتۈردى. |
فَضَرَبَ كُلُّ شَعْبِ ٱلْأَرْضِ جَمِيعَ ٱلْفَاتِنِينَ عَلَى ٱلْمَلِكِ آمُونَ، وَمَلَّكَ شَعْبُ ٱلْأَرْضِ يُوشِيَّا ٱبْنَهُ عِوَضًا عَنْهُ. | ٢٤ 24 |
لېكىن يۇرت خەلقى ئامون پادىشاھنى قەستلىگەنلەرنىڭ ھەممىسىنى ئۆلتۈردى؛ ئاندىن يۇرت خەلقى ئۇنىڭ ئورنىدا ئوغلى يوسىيانى پادىشاھ قىلدى. |
وَبَقِيَّةُ أُمُورِ آمُونَ ٱلَّتِي عَمِلَ، أَمَا هِيَ مَكْتُوبَةٌ فِي سِفْرِ أَخْبَارِ ٱلْأَيَّامِ لِمُلُوكِ يَهُوذَا؟ | ٢٥ 25 |
ئاموننىڭ باشقا ئىشلىرى ھەم قىلغانلىرىنىڭ ھەممىسى «يەھۇدا پادىشاھلىرىنىڭ تارىخ-تەزكىرىلىرى» دېگەن كىتابتا پۈتۈلگەن ئەمەسمىدى؟ |
وَدُفِنَ فِي قَبْرِهِ فِي بُسْتَانِ عُزَّا، وَمَلَكَ يُوشِيَّا ٱبْنُهُ عِوَضًا عَنْهُ. | ٢٦ 26 |
ئۇ ئۇززاھنىڭ بېغىدا ئۆز قەبرىسىدە دەپنە قىلىندى. ئاندىن ئوغلى يوسىيا ئۇنىڭ ئورنىدا پادىشاھ بولدى. |