وَكَانَ عِنْدَ إِصْعَادِ ٱلرَّبِّ إِيلِيَّا فِي ٱلْعَاصِفَةِ إِلَى ٱلسَّمَاءِ، أَنَّ إِيلِيَّا وَأَلِيشَعَ ذَهَبَا مِنَ ٱلْجِلْجَالِ. | ١ 1 |
پەرۋەردىگار ئىلىياسنى قارا قۇيۇندا ئاسمانغا كۆتۈرمەكچى بولغان ۋاقىتتا ئىلىياس بىلەن ئېلىشا گىلگالدىن چىقىپ كېتىۋاتاتتى. |
فَقَالَ إِيلِيَّا لِأَلِيشَعَ: «ٱمْكُثْ هُنَا لِأَنَّ ٱلرَّبَّ قَدْ أَرْسَلَنِي إِلَى بَيْتِ إِيلَ». فَقَالَ أَلِيشَعُ: «حَيٌّ هُوَ ٱلرَّبُّ، وَحَيَّةٌ هِيَ نَفْسُكَ، إِنِّي لَا أَتْرُكُكَ». وَنَزَلَا إِلَى بَيْتِ إِيلَ. | ٢ 2 |
ئىلىياس ئېلىشاغا: ــ سەندىن ئۆتۈنىمەن، بۇ يەردە قالغىن؛ چۈنكى پەرۋەردىگار مېنى بەيت-ئەلگە ماڭغۇزدى. ئېلىشا: پەرۋەردىگارنىڭ ھاياتى بىلەن، ۋە سېنىڭ ھاياتىڭ بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، سېنىڭدىن ھەرگىز ئايرىلمايمەن! دېدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار بەيت-ئەلگە چۈشۈپ كەلدى. |
فَخَرَجَ بَنُو ٱلْأَنْبِيَاءِ ٱلَّذِينَ فِي بَيْتِ إِيلَ إِلَى أَلِيشَعَ وَقَالُوا لَهُ: «أَتَعْلَمُ أَنَّهُ ٱلْيَوْمَ يَأْخُذُ ٱلرَّبُّ سَيِّدَكَ مِنْ عَلَى رَأْسِكَ؟» فَقَالَ: «نَعَمْ، إِنِّي أَعْلَمُ فَٱصْمُتُوا». | ٣ 3 |
ئۇ ۋاقىتتا بەيت-ئەلدىكى پەيغەمبەر شاگىرتلىرى ئېلىشانىڭ قېشىغا كېلىپ ئۇنىڭغا: بىلەمسەن، پەرۋەردىگار بۈگۈن غوجاڭنى سەندىن ئېلىپ كېتىدۇ؟ ــ دېدى. ئۇ: بىلىمەن؛ شۈك تۇرۇڭلار، دېدى. |
ثُمَّ قَالَ لَهُ إِيلِيَّا: «يَا أَلِيشَعُ، ٱمْكُثْ هُنَا لِأَنَّ ٱلرَّبَّ قَدْ أَرْسَلَنِي إِلَى أَرِيحَا». فَقَالَ: «حَيٌّ هُوَ ٱلرَّبُّ، وَحَيَّةٌ هِيَ نَفْسُكَ، إِنِّي لَا أَتْرُكُكَ». وَأَتَيَا إِلَى أَرِيحَا. | ٤ 4 |
ئىلىياس ئېلىشاغا: ــ سەندىن ئۆتۈنىمەنكى، بۇ يەردە قالغىن؛ چۈنكى پەرۋەردىگار مېنى يېرىخوغا ماڭغۇزدى. ئېلىشا: پەرۋەردىگارنىڭ ھاياتى بىلەن، ۋە سېنىڭ ھاياتىڭ بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، سېنىڭدىن ھەرگىز ئايرىلمايمەن، دېدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئىككىسى يېرىخوغا باردى. |
فَتَقَدَّمَ بَنُو ٱلْأَنْبِيَاءِ ٱلَّذِينَ فِي أَرِيحَا إِلَى أَلِيشَعَ وَقَالُوا لَهُ: «أَتَعْلَمُ أَنَّهُ ٱلْيَوْمَ يَأْخُذُ ٱلرَّبُّ سَيِّدَكَ مِنْ عَلَى رَأْسِكَ؟» فَقَالَ: «نَعَمْ، إِنِّي أَعْلَمُ فَٱصْمُتُوا». | ٥ 5 |
ئۇ ۋاقىتتا يېرىخودىكى پەيغەمبەر شاگىرتلىرى ئېلىشانىڭ قېشىغا كېلىپ ئۇنىڭغا: بىلەمسەن، پەرۋەردىگار بۈگۈن غوجاڭنى سەندىن ئېلىپ كېتىدۇ؟ ــ دېدى. ئۇ: بىلىمەن؛ شۈك تۇرۇڭلار، دېدى. |
ثُمَّ قَالَ لَهُ إِيلِيَّا: «أُمْكُثْ هُنَا لِأَنَّ ٱلرَّبَّ قَدْ أَرْسَلَنِي إِلَى ٱلْأُرْدُنِّ». فَقَالَ: «حَيٌّ هُوَ ٱلرَّبُّ، وَحَيَّةٌ هِيَ نَفْسُكَ، إِنِّي لَا أَتْرُكُكَ». وَٱنْطَلَقَا كِلَاهُمَا. | ٦ 6 |
ئىلىياس ئېلىشاغا: ــ سەندىن ئۆتۈنىمەنكى، بۇ يەردە قالغىن؛ چۈنكى پەرۋەردىگار مېنى ئىئوردان دەرياسىغا ماڭغۇزدى، دېدى. ئېلىشا: پەرۋەردىگارنىڭ ھاياتى بىلەن، ۋە سېنىڭ ھاياتىڭ بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، سېنىڭدىن ھەرگىز ئايرىلمايمەن، دېدى، شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئىككىسى مېڭىۋەردى. |
فَذَهَبَ خَمْسُونَ رَجُلًا مِنْ بَنِي ٱلْأَنْبِيَاءِ وَوَقَفُوا قُبَالَتَهُمَا مِنْ بَعِيدٍ. وَوَقَفَ كِلَاهُمَا بِجَانِبِ ٱلْأُرْدُنِّ. | ٧ 7 |
ئەمدى پەيغەمبەر شاگىرتلىرىدىن ئەللىك كىشى بېرىپ، ئۇلارنىڭ ئۇدۇلىدا يىراقتىن قاراپ تۇراتتى. ئەمما ئۇ ئىككىيلەن ئىئوردان دەرياسىنىڭ بويىدا توختاپ تۇردى. |
وَأَخَذَ إِيلِيَّا رِدَاءَهُ وَلَفَّهُ وَضَرَبَ ٱلْمَاءَ، فَٱنْفَلَقَ إِلَى هُنَا وَهُنَاكَ، فَعَبَرَا كِلَاهُمَا فِي ٱلْيَبَسِ. | ٨ 8 |
ئىلىياس يېپىنچىسىنى قاتلاپ، ئۇنىڭ بىلەن سۇنى ئۇرىۋىدى، سۇ ئىككىگە بۆلۈنۈپ تۇردى؛ ئۇلار ئىككىسى قۇرۇق يولدىن ئۆتتى. |
وَلَمَّا عَبَرَا قَالَ إِيلِيَّا لِأَلِيشَعَ: «ٱطْلُبْ: مَاذَا أَفْعَلُ لَكَ قَبْلَ أَنْ أُوخَذَ مِنْكَ؟». فَقَالَ أَلِيشَعُ: «لِيَكُنْ نَصِيبُ ٱثْنَيْنِ مِنْ رُوحِكَ عَلَيَّ». | ٩ 9 |
ئۆتۈپ بولغاندىن كېيىن ئىلىياس ئېلىشاغا: مەن سەندىن ئايرىلماستا، سېنىڭ ئۆزۈڭ ئۈچۈن مەندىن نېمە تىلىكىڭ بولسا، دەۋەرگىن، دېدى. ئېلىشا: سېنىڭ ئۈستۈڭدە تۇرغان روھنىڭ ئىككى ھەسسىسى ئۈستۈمگە قونسۇن، ــ دېدى. |
فَقَالَ: «صَعَّبْتَ ٱلسُّؤَالَ. فَإِنْ رَأَيْتَنِي أُوخَذُ مِنْكَ يَكُونُ لَكَ كَذَلِكَ، وَإِلَّا فَلَا يَكُونُ». | ١٠ 10 |
ئۇ: بۇ تىلىكىڭگە ئېرىشمەك قىيىندۇر؛ مەن سەندىن ئېلىپ كېتىلگەن ۋاقتىمدا، مېنى كۆرۈپ تۇرساڭ، ساڭا شۇنداق بېرىلىدۇ؛ بولمىسا، بېرىلمەيدۇ، ــ دېدى. |
وَفِيمَا هُمَا يَسِيرَانِ وَيَتَكَلَّمَانِ إِذَا مَرْكَبَةٌ مِنْ نَارٍ وَخَيْلٌ مِنْ نَارٍ فَفَصَلَتْ بَيْنَهُمَا، فَصَعِدَ إِيلِيَّا فِي ٱلْعَاصِفَةِ إِلَى ٱلسَّمَاءِ. | ١١ 11 |
ۋە شۇنداق بولدىكى، ئۇلار سۆزلىشىپ ماڭغاندا، مانا، ئوتلۇق بىر جەڭ ھارۋىسى بىلەن ئوتلۇق ئاتلار نامايان بولدى؛ ئۇلار ئىككىسىنى ئايرىۋەتتى ۋە ئىلىياس قارا قۇيۇندا ئاسمانغا كۆتۈرۈلۈپ كەتتى. |
وَكَانَ أَلِيشَعُ يَرَى وَهُوَ يَصْرُخُ: «يَا أَبِي، يَا أَبِي، مَرْكَبَةَ إِسْرَائِيلَ وَفُرْسَانَهَا». وَلَمْ يَرَهُ بَعْدُ، فَأَمْسَكَ ثِيَابَهُ وَمَزَّقَهَا قِطْعَتَيْنِ، | ١٢ 12 |
ئېلىشا بۇنى كۆرۈپ: ئى ئاتام، ئى ئاتام، ئىسرائىلنىڭ جەڭ ھارۋىسى ۋە ئاتلىق ئەسكەرلىرى! ــ دەپ ۋارقىرىدى. ئاندىن ئۇ ئۇنى يەنە كۆرەلمىدى. ئۇ ئۆز كىيىمىنى تۇتۇپ، ئۇلارنى يىرتىپ ئىككى پارچە قىلىۋەتتى. |
وَرَفَعَ رِدَاءَ إِيلِيَّا ٱلَّذِي سَقَطَ عَنْهُ، وَرَجَعَ وَوَقَفَ عَلَى شَاطِئِ ٱلْأُرْدُنِّ. | ١٣ 13 |
ئاندىن ئۇ ئىلىياسنىڭ ئۇچىسىدىن چۈشۈپ قالغان يېپىنچىسىنى يەردىن ئېلىپ، ئىئوردان دەرياسىنىڭ قىرغىقىغا قايتىپ كەلدى. |
فَأَخَذَ رِدَاءَ إِيلِيَّا ٱلَّذِي سَقَطَ عَنْهُ وَضَرَبَ ٱلْمَاءَ وَقَالَ: «أَيْنَ هُوَ ٱلرَّبُّ إِلَهُ إِيلِيَّا؟» ثُمَّ ضَرَبَ ٱلْمَاءَ أَيْضًا فَٱنْفَلَقَ إِلَى هُنَا وَهُنَاكَ، فَعَبَرَ أَلِيشَعُ. | ١٤ 14 |
ئۇ ئىلىياسنىڭ ئۈستىدىن چۈشۈپ قالغان يېپىنچىسى بىلەن سۇنى ئۇرۇپ: «ئىلىياسنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگار نەدىدۇر؟»، دېدى. ئېلىشا سۇنى شۇنداق ئۇرغاندا سۇ ئىككىگە بۆلۈندى؛ ئېلىشا سۇدىن ئۆتۈپ كەتتى. |
وَلَمَّا رَآهُ بَنُو ٱلْأَنْبِيَاءِ ٱلَّذِينَ فِي أَرِيحَا قُبَالَتَهُ قَالُوا: «قَدِ ٱسْتَقَرَّتْ رُوحُ إِيلِيَّا عَلَى أَلِيشَعَ». فَجَاءُوا لِلِقَائِهِ وَسَجَدُوا لَهُ إِلَى ٱلْأَرْضِ. | ١٥ 15 |
يېرىخودىكى پەيغەمبەر شاگىرتلىرى قارشى قىرغاقتا تۇرۇپ ئۇنى كۆردى ۋە: «ئىلىياسنىڭ روھى ئېلىشانىڭ ئۈستىدىدۇر» دەپ ئۇنىڭ ئالدىغا بېرىپ، باش ئۇرۇپ تەزىم قىلدى. |
وَقَالُوا لَهُ: «هُوَذَا مَعَ عَبِيدِكَ خَمْسُونَ رَجُلًا ذَوُو بَأْسٍ، فَدَعْهُمْ يَذْهَبُونَ وَيُفَتِّشُونَ عَلَى سَيِّدِكَ، لِئَلَّا يَكُونَ قَدْ حَمَلَهُ رُوحُ ٱلرَّبِّ وَطَرَحَهُ عَلَى أَحَدِ ٱلْجِبَالِ، أَوْ فِي أَحَدِ ٱلْأَوْدِيَةِ». فَقَالَ: «لَاتُرْسِلُوا». | ١٦ 16 |
ئۇلار ئۇنىڭغا: مانا سېنىڭ كەمىنىلىرىڭ ئارىسىدا ئەللىك ئەزىمەت بار؛ ئۆتۈنىمىز، بۇلار غوجاڭنى ئىزدىگىلى بارسۇن. پەرۋەردىگارنىڭ روھى بەلكىم ئۇنى كۆتۈرۈپ تاغلارنىڭ بىر يېرىدە ياكى جىلغىلارنىڭ بىر تەرىپىدە تاشلاپ قويدىمىكى، دېدى. لېكىن ئۇ: سىلەر ھېچ ئادەمنى ئەۋەتمەڭلار، دېدى. |
فَأَلَحُّوا عَلَيْهِ حَتَّى خَجِلَ وَقَالَ: «أَرْسِلُوا». فَأَرْسَلُوا خَمْسِينَ رَجُلًا، فَفَتَّشُوا ثَلَاثَةَ أَيَّامٍ وَلَمْ يَجِدُوهُ. | ١٧ 17 |
ئەمما ئۇلارنىڭ ئۇنى قىستاۋېرىشى بىلەن ئۇ خىجالەت بولۇپ: ئادەم ئەۋەتىڭلار، دېدى. شۇڭا ئۇلار ئەللىك كىشىنى ئەۋەتتى؛ بۇلار ئۈچ كۈن ئۇنى ئىزدىدى، لېكىن ھېچ تاپالمىدى. |
وَلَمَّا رَجَعُوا إِلَيْهِ وَهُوَ مَاكِثٌ فِي أَرِيحَا قَالَ لَهُمْ: «أَمَا قُلْتُ لَكُمْ لَا تَذْهَبُوا؟». | ١٨ 18 |
ئۇلار ئېلىشانىڭ يېنىغا قايتىپ كەلگەندە (ئۇ يېرىخودا تۇرۇۋاتاتتى) ئۇ ئۇلارغا: مەن دەرۋەقە سىلەرگە «ئىزدەپ بارماڭلار!» دېمىدىممۇ؟ ــ دېدى. |
وَقَالَ رِجَالُ ٱلْمَدِينَةِ لِأَلِيشَعَ: «هُوَذَا مَوْقِعُ ٱلْمَدِينَةِ حَسَنٌ كَمَا يَرَى سَيِّدِي، وَأَمَّا ٱلْمِيَاهُ فَرَدِيَّةٌ وَٱلْأَرْضُ مُجْدِبَةٌ». | ١٩ 19 |
شەھەردىكى ئادەملەر ئېلىشاغا: غوجام كۆرگەندەك، شەھەر ئۆزى ئوبدان جايدىدۇر، لېكىن سۇ ناچار ۋە تۇپراق تۇغماستۇر، دېدى. |
فَقَالَ: «ٱئْتُونِي بِصَحْنٍ جَدِيدٍ، وَضَعُوا فِيهِ مِلْحًا». فَأَتَوْهُ بِهِ. | ٢٠ 20 |
ئۇ: يېڭى بىر كوزا ئېلىپ كېلىپ، ئىچىگە تۇز قويۇپ، ماڭا بېرىڭلار، دېدى. ئۇلار ئۇنى ئېلىپ كېلىپ ئۇنىڭغا بەردى. |
فَخَرَجَ إِلَى نَبْعِ ٱلْمَاءِ وَطَرَحَ فِيهِ ٱلْمِلْحَ وَقَالَ: «هَكَذَا قَالَ ٱلرَّبُّ: قَدْ أَبْرَأْتُ هَذِهِ ٱلْمِيَاهَ. لَا يَكُونُ فِيهَا أَيْضًا مَوْتٌ وَلَا جَدْبٌ». | ٢١ 21 |
ئۇ بۇلاقنىڭ بېشىغا بېرىپ ئۇنىڭغا تۇزنى تۆكتى ۋە: پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ «مەن بۇ سۇلارنى ساقايتتىم؛ ئەمدى ئۇلاردىن قايتا ئۆلۈم بولمايدۇ ۋە يەرنىڭ تۇغماسلىقى بولمايدۇ» ــ دېدى. |
فَبَرِئَتِ ٱلْمِيَاهُ إِلَى هَذَا ٱلْيَوْمِ، حَسَبَ قَوْلِ أَلِيشَعَ ٱلَّذِي نَطَقَ بِهِ. | ٢٢ 22 |
خۇددى ئېلىشانىڭ ئېيتقان بۇ سۆزىدەك، ئۇ سۇ تاكى بۈگۈنگە قەدەر پاك بولۇپ كەلدى. |
ثُمَّ صَعِدَ مِنْ هُنَاكَ إِلَى بَيْتِ إِيلَ. وَفِيمَا هُوَ صَاعِدٌ فِي ٱلطَّرِيقِ إِذَا بِصِبْيَانٍ صِغَارٍ خَرَجُوا مِنَ ٱلْمَدِينَةِ وَسَخِرُوا مِنْهُ وَقَالُوا لَهُ: «ٱصْعَدْ يَا أَقْرَعُ! ٱصْعَدْ يَا أَقْرَعُ!». | ٢٣ 23 |
ئېلىشا يېرىخودىن چىقىپ بەيت-ئەلگە باردى. ئۇ يولدا كېتىپ بارغاندا، بەزى بالىلار شەھەردىن چىقىپ ئۇنى زاڭلىق قىلىپ: چىقىپ كەت، ئى تاقىر باش! چىقىپ كەت، ئى تاقىر باش! ــ دەپ ۋارقىراشتى. |
فَٱلْتَفَتَ إِلَى وَرَائِهِ وَنَظَرَ إِلَيْهِمْ وَلَعَنَهُمْ بِٱسْمِ ٱلرَّبِّ، فَخَرَجَتْ دُبَّتَانِ مِنَ ٱلْوَعْرِ وَٱفْتَرَسَتَا مِنْهُمُ ٱثْنَيْنِ وَأَرْبَعِينَ وَلَدًا. | ٢٤ 24 |
ئۇ بۇرۇلۇپ ئۇلارغا قاراپ پەرۋەردىگارنىڭ نامى بىلەن ئۇلارغا لەنەت ئوقۇدى؛ شۇنىڭ بىلەن ئورمانلىقتىن ئىككى چىشى ئېيىق چىقىپ، بالىلاردىن قىرىق ئىككىنى يىرتىۋەتتى. |
وَذَهَبَ مِنْ هُنَاكَ إِلَى جَبَلِ ٱلْكَرْمَلِ، وَمِنْ هُنَاكَ رَجَعَ إِلَى ٱلسَّامِرَةِ. | ٢٥ 25 |
ئۇ ئۇ يەردىن كېتىپ، كارمەل تېغىغا بېرىپ، ئۇ يەردىن سامارىيەگە يېنىپ باردى. |