فَقَالَ دَاوُدُ: «هَذَا هُوَ بَيْتُ ٱلرَّبِّ ٱلْإِلَهِ، وَهَذَا هُوَ مَذْبَحُ ٱلْمُحْرَقَةِ لِإِسْرَائِيلَ». | ١ 1 |
شۇڭا داۋۇت: «مانا بۇ پەرۋەردىگار خۇدانىڭ ئۆيى بولىدىغان جاي، مانا بۇ ئىسرائىل ئۈچۈن كۆيدۈرمە قۇربانلىق سۇنىدىغان قۇربانگاھ بولىدۇ» ــ دېدى. |
وَأَمَرَ دَاوُدُ بِجَمْعِ ٱلْأَجْنَبِيِّينَ ٱلَّذِينَ فِي أَرْضِ إِسْرَائِيلَ، وَأَقَامَ نَحَّاتِينَ لِنَحْتِ حِجَارَةٍ مُرَبَّعَةٍ لِبِنَاءِ بَيْتِ ٱللهِ. | ٢ 2 |
داۋۇت پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىنى سالدۇرۇش ئۈچۈن ئىسرائىل زېمىنىدىكى يات ئەلدىكىلەرنى يىغىشنى بۇيرۇدى ھەم تاشلارنى ئويۇشقا تاشچىلارنى تەيىنلىدى. |
وَهَيَّأَ دَاوُدُ حَدِيدًا كَثِيرًا لِلْمَسَامِيرِ لِمَصَارِيعِ ٱلْأَبْوَابِ وَلِلْوُصَلِ، وَنُحَاسًا كَثِيرًا بِلَا وَزْنٍ، | ٣ 3 |
ئىشىك-دەرۋازىلارغا ئىشلىتىشكە مىق ۋە گىرە-بالداق ياساش ئۈچۈن نۇرغۇن تۆمۈر تەييارلىدى؛ يەنە نۇرغۇن مىس تەييارلىدىكى، ئۇنىڭ ئېغىرلىقىنى تارازىلاپ بولمايتتى؛ |
وَخَشَبَ أَرْزٍ لَمْ يَكُنْ لَهُ عَدَدٌ لِأَنَّ ٱلصِّيدُونِيِّينَ وَٱلصُّورِيِّينَ أَتَوْا بِخَشَبِ أَرْزٍ كَثِيرٍ إِلَى دَاوُدَ. | ٤ 4 |
ئۇ يەنە سان-ساناقسىز كېدىر ياغىچى تەييارلىدى، چۈنكى زىدونلۇقلار بىلەن تۇرلۇقلار داۋۇتقا نۇرغۇن كېدىر ياغىچى يەتكۈزۈپ بەرگەنىدى. |
وَقَالَ دَاوُدُ: «إِنَّ سُلَيْمَانَ ٱبْنِي صَغِيرٌ وَغَضٌّ، وَٱلْبَيْتُ ٱلَّذِي يُبْنَى لِلرَّبِّ يَكُونُ عَظِيمًا جِدًّا فِي ٱلِٱسْمِ وَٱلْمَجْدِ فِي جَمِيعِ ٱلْأَرَاضِي، فَأَنَا أُهَيِّئُ لَهُ». فَهَيَّأَ دَاوُدُ كَثِيرًا قَبْلَ وَفَاتِهِ. | ٥ 5 |
داۋۇت كۆڭلىدە: «ئوغلۇم سۇلايمان تېخى ياش، بىر يۇمران كۆچەت خالاس، پەرۋەردىگارغا سېلىنىدىغان ئۆي ناھايىتى بەھەيۋەت ۋە كاتتا بولۇشى، شان-شۆھرىتى بارلىق يۇرتلارغا يېيىلىشى كېرەك؛ شۇنىڭ بىلەن بۇ ئۆيگە كېتىدىغان ماتېرىياللارنى ھازىرلاپ قويۇشۇم كېرەك» دەپ ئويلىدى. شۇڭا داۋۇت ئۆلۈشتىن ئىلگىرى نۇرغۇن ماتېرىيال ھازىرلاپ قويدى. |
وَدَعَا سُلَيْمَانَ ٱبْنَهُ وَأَوْصَاهُ أَنْ يَبْنِيَ بَيْتًا لِلرَّبِّ إِلَهِ إِسْرَائِيلَ. | ٦ 6 |
داۋۇت ئوغلى سۇلايماننى قىچقىرىپ ئۇنىڭغا ئىسرائىلنىڭ خۇداسى بولغان پەرۋەردىگارغا ئۆي سېلىشنى تاپىلىدى. |
وَقَالَ دَاوُدُ لِسُلَيْمَانَ: «يَا ٱبْنِي، قَدْ كَانَ فِي قَلْبِي أَنْ أَبْنِيَ بَيْتًا لِٱسْمِ ٱلرَّبِّ إِلَهِي. | ٧ 7 |
داۋۇت سۇلايمانغا مۇنداق دېدى: «ئى ئوغلۇم، مەن ئەسلىدە پەرۋەردىگار خۇدايىمنىڭ نامىغا ئاتاپ بىر ئۆي سېلىشنى ئويلىغان، |
فَكَانَ إِلَيَّ كَلَامُ ٱلرَّبِّ قَائِلًا: قَدْ سَفَكْتَ دَمًا كَثِيرًا وَعَمِلْتَ حُرُوبًا عَظِيمَةً، فَلَا تَبْنِي بَيْتًا لِٱسْمِي لِأَنَّكَ سَفَكْتَ دِمَاءً كَثِيرَةً عَلَى ٱلْأَرْضِ أَمَامِي. | ٨ 8 |
لېكىن پەرۋەردىگارنىڭ ماڭا: «سەن نۇرغۇن ئادەمنىڭ قېنىنى تۆكتۈڭ، نۇرغۇن چوڭ جەڭلەرنى قىلدىڭ؛ سېنىڭ مېنىڭ نامىمغا ئاتاپ ئۆي سېلىشىڭغا بولمايدۇ، چۈنكى سەن مېنىڭ ئالدىمدا نۇرغۇن ئادەمنىڭ قېنىنى يەرگە تۆكتۈڭ. |
هُوَذَا يُولَدُ لَكَ ٱبْنٌ يَكُونُ صَاحِبَ رَاحَةٍ، وَأُرِيحُهُ مِنْ جَمِيعِ أَعْدَائِهِ حَوَالَيْهِ، لِأَنَّ ٱسْمَهُ يَكُونُ سُلَيْمَانَ. فَأَجْعَلُ سَلَامًا وَسَكِينَةً فِي إِسْرَائِيلَ فِي أَيَّامِهِ. | ٩ 9 |
قارا، سېنىڭدىن بىر ئوغۇل تۆرۈلىدۇ؛ ئۇ ئارام-تىنچلىق ئادىمى بولىدۇ، مەن ئۇنى ھەر تەرەپتىكى دۈشمەنلىرىدىن ئارام تاپقۇزىمەن؛ ئۇنىڭ ئىسمى دەرۋەقە سۇلايمان ئاتىلىدۇ، ئۇ تەختتىكى كۈنلىرىدە مەن ئىسرائىلغا ئارام-تىنچلىق ۋە ئاسايىشلىق ئاتا قىلىمەن. |
هُوَ يَبْنِي بَيْتًا لِٱسْمِي، وَهُوَ يَكُونُ لِيَ ٱبْنًا، وَأَنَا لَهُ أَبًا وَأُثَبِّتُ كُرْسِيَّ مُلْكِهِ عَلَى إِسْرَائِيلَ إِلَى ٱلْأَبَدِ. | ١٠ 10 |
ئۇ مېنىڭ نامىمغا ئاتاپ ئۆي سالىدۇ؛ ئۇ ماڭا ئوغۇل بولىدۇ، مەن ئۇنىڭغا ئاتا بولىمەن؛ مەن ئۇنىڭ ئىسرائىل ئۈستىدىكى پادىشاھلىق تەختىنى مەڭگۈ مەزمۇت قىلىمەن» دېگەن سۆز-كالامى ماڭا يەتتى. |
ٱلْآنَ يَا ٱبْنِي، لِيَكُنِ ٱلرَّبُّ مَعَكَ فَتُفْلِحَ وَتَبْنِيَ بَيْتَ ٱلرَّبِّ إِلَهِكَ كَمَا تَكَلَّمَ عَنْكَ. | ١١ 11 |
ئى ئوغلۇم، ئەمدى پەرۋەردىگار سېنىڭ بىلەن بىللە بولغاي! شۇنىڭ بىلەن يولۇڭ راۋان بولۇپ، ئۇنىڭ سېنىڭ توغرۇلۇق بەرگەن ۋەدىسى بويىچە پەرۋەردىگار خۇدايىڭنىڭ ئۆيىنى سالىسەن. |
إِنَّمَا يُعْطِيكَ ٱلرَّبُّ فِطْنَةً وَفَهْمًا وَيُوصِيكَ بِإِسْرَائِيلَ لِحِفْظِ شَرِيعَةِ ٱلرَّبِّ إِلَهِكَ. | ١٢ 12 |
پەرۋەردىگار ساڭا پەم ۋە ئەقىل بەرگەي ۋە ئىسرائىلنى ئىدارە قىلىشقا كۆرسەتمە بەرگەي، سېنى پەرۋەردىگار خۇدايىڭنىڭ مۇقەددەس قانۇنىغا ئەمەل قىلىدىغان قىلغاي. |
حِينَئِذٍ تُفْلِحُ إِذَا تَحَفَّظْتَ لِعَمَلِ ٱلْفَرَائِضِ وَٱلْأَحْكَامِ ٱلَّتِي أَمَرَ بِهَا ٱلرَّبُّ مُوسَى لِأَجْلِ إِسْرَائِيلَ. تَشَدَّدْ وَتَشَجَّعْ لَا تَخَفْ وَلَا تَرْتَعِبْ. | ١٣ 13 |
شۇ ۋاقىتتا، پەرۋەردىگار ئىسرائىللار ئۈچۈن مۇساغا تاپشۇرغان بەلگىلىمە-ھۆكۈملەرگە ئەمەل قىلساڭ، يولۇڭ راۋان بولىدۇ. قەيسەر، باتۇر بول! قورقما، ھودۇقۇپمۇ كەتمە. |
هَأَنَذَا فِي مَذَلَّتِي هَيَّأْتُ لِبَيْتِ ٱلرَّبِّ ذَهَبًا مِئَةَ أَلْفِ وَزْنَةٍ، وَفِضَّةً أَلْفَ أَلْفِ وَزْنَةٍ، وَنُحَاسًا وَحَدِيدًا بِلَا وَزْنٍ لِأَنَّهُ كَثِيرٌ. وَقَدْ هَيَّأْتُ خَشَبًا وَحِجَارَةً فَتَزِيدُ عَلَيْهَا. | ١٤ 14 |
قارا، مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيى ئۈچۈن جاپا-مۈشەققەتلىرىم ئارقىلىق يۈز مىڭ تالانت ئالتۇن، مىڭ مىڭ تالانت كۈمۈش ۋە ئىنتايىن كۆپ، سان-ساناقسىز مىس، تۆمۈر تەييارلىدىم؛ يەنە ياغاچ ۋە تاش تەييارلىدىم؛ بۇنىڭغا يەنە سەن قوشساڭ بولىدۇ. |
وَعِنْدَكَ كَثِيرُونَ مِنْ عَامِلِي ٱلشُّغْلِ: نَحَّاتِينَ وَبَنَّائِينَ وَنَجَّارِينَ وَكُلُّ حَكِيمٍ فِي كُلِّ عَمَلٍ. | ١٥ 15 |
بۇنىڭدىن باشقا سېنىڭدە يەنە تاش كەسكۈچى، تامچى، ياغاچچى ھەم ھەرخىل خىزمەتلەرنى قىلالايدىغان نۇرغۇن ئۇستىلار بار؛ |
ٱلذَّهَبُ وَٱلْفِضَّةُ وَٱلنُّحَاسُ وَٱلْحَدِيدُ لَيْسَ لَهَا عَدَدٌ. قُمْ وَٱعْمَلْ، وَلْيَكُنِ ٱلرَّبُّ مَعَكَ». | ١٦ 16 |
ئالتۇن-كۈمۈش، مىس، تۆمۈر بولسا سان-ساناقسىز؛ سەن ئىشقا تۇتۇشۇشقا ئورنۇڭدىن تۇر، پەرۋەردىگارىم سېنىڭ بىلەن بىللە بولغاي!» |
وَأَمَرَ دَاوُدُ جَمِيعَ رُؤَسَاءِ إِسْرَائِيلَ أَنْ يُسَاعِدُوا سُلَيْمَانَ ٱبْنَهُ: | ١٧ 17 |
داۋۇت يەنە ئىسرائىلدىكى ئەمەلدارلارغا ئوغلى سۇلايمانغا ياردەم بېرىشنى تاپىلاپ: |
«أَلَيْسَ ٱلرَّبُّ إِلَهُكُمْ مَعَكُمْ، وَقَدْ أَرَاحَكُمْ مِنْ كُلِّ نَاحِيَةٍ، لِأَنَّهُ دَفَعَ لِيَدِي سُكَّانَ ٱلْأَرْضِ فَخَضَعَتِ ٱلْأَرْضُ أَمَامَ ٱلرَّبِّ وَأَمَامَ شَعْبِهِ؟ | ١٨ 18 |
«خۇدايىڭلار بولغان پەرۋەردىگار سىلەر بىلەن بىللە ئەمەسمۇ؟ ھەر ئەتراپىڭلاردا سىلەرگە تىنچ-ئاراملىق بەرگەن ئەمەسمۇ؟ چۈنكى ئۇ بۇ زېمىندىكى ئاھالىنى قولۇمغا تاپشۇردى؛ زېمىن پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا ۋە خەلقىنىڭ ئالدىدا تىزگىنلەندى. |
فَٱلْآنَ ٱجْعَلُوا قُلُوبَكُمْ وَأَنْفُسَكُمْ لِطَلَبِ ٱلرَّبِّ إِلَهِكُمْ، وَقُومُوا وَٱبْنُوا مَقْدِسَ ٱلرَّبِّ ٱلْإِلَهِ، لِيُؤْتَى بِتَابُوتِ عَهْدِ ٱلرَّبِّ وَبِآنِيَةِ قُدْسِ ٱللهِ إِلَى ٱلْبَيْتِ ٱلَّذِي يُبْنَى لِٱسْمِ ٱلرَّبِّ». | ١٩ 19 |
ئەمدى سىلەر پۈتۈن قەلبىڭلار، پۈتۈن جېنىڭلار بىلەن قەتئىي نىيەتكە كېلىپ، خۇدايىڭلار بولغان پەرۋەردىگارنى ئىزلەڭلار؛ پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقىنى ۋە خۇدانىڭ مۇقەددەسخانىسىدىكى قاچا-ئەسۋابلىرىنى ئۇنىڭ نامىغا ئاتاپ سېلىنغان ئۆيىگە ئاپىرىپ قويۇش ئۈچۈن، پەرۋەردىگار خۇدانىڭ مۇقەددەسخانىسىنى سېلىشقا ئورنۇڭلاردىن قوپۇڭلار!» دېدى. |