< Matiyu 15 >

1 Among a Farisawa nin na nan ninyerte ds kitin Yesu in Urushalima. I woro,
بۇ چاغدا، تەۋرات ئۇستازلىرىدىن ۋە پەرىسىيلەردىن بەزىلىرى يېرۇسالېمدىن كېلىپ ئەيسانىڭ ئالدىغا بېرىپ:
2 “Iyaghari nta nono katwa fe din nanzu utandu na kune? Bara na idin kuzu acara mine ba andi ima li imonli.”
ــ مۇخلىسلىرىڭ نېمىشقا ئاتا-بوۋىلىرىمىزنىڭ ئەنئەنىلىرىگە خىلاپلىق قىلىدۇ؟ چۈنكى ئۇلار قوللىرىنى يۇماي تاماق يەيدىكەنغۇ، ــ دېدى.
3 Yesu kawa a woro nani, “Anung wang-iyanghari ntaa idin patulu uduka Kutelle bara utanda mine?
لېكىن ئۇ ئۇلارغا مۇنداق جاۋاب بەردى: ــ سىلەرچۇ، سىلەر نېمىشقا ئەنئەنىمىزنى ساقلايمىز دەپ خۇدانىڭ ئەمرىگە خىلاپلىق قىلىسىلەر؟
4 Bara Kutelle na woro, 'Ta ucife nin na fine ku gongong,' tutung, 'Ame ulenge na ashu uliru unanzang liti ncife sa nna me, Kidegene aba ku.'
چۈنكى خۇدا: «ئاتا-ئاناڭنى ھۆرمەت قىل» ۋە «ئاتىسى ياكى ئانىسىنى ھاقارەتلىگەنلەر ئۆلۈمگە مەھكۇم قىلىنسۇن» دەپ ئەمر قىلغان.
5 Amma anung ani na woro, 'Vat nlenge na a woro ncif me sa uname, “Vat ubuunu ulenge, na una seru kiti ning nene ufilluari udu kiti Kutelle,”'
لېكىن سىلەر: ــ ھەرقانداق كىشى «ئاتىسى ياكى ئانىسىغا: ــ مەن سىلەرگە ياردەم بەرگۈدەك نەرسىلەرنى ئاللىقاچان [خۇداغا] ئاتىۋەتتىم ــ دېسىلا،
6 na unit une caun ati ucife gongong ba. Nanya nloli libowe unanza uliru Kutelle bara utanda mine.
ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسىغا ھۆرمەت-ۋاپادارلىق قىلىش مەجبۇرىيىتى قالمايدۇ، ــ دەيسىلەر. بۇنىڭ بىلەن ئەنئەنەڭلارنى دەپ، خۇدانىڭ ئەمرىنى يوققا چىقىرىۋەتتىڭلار.
7 Anun an rusuzu nati, gegememiari Ishaya na liru nin nuu Kutelle nati mine na awa woro,
ئەي ساختىپەزلەر! يەشايا پەيغەمبەر بەرگەن مۇشۇ بېشارەت توپتوغرا سىلەر توغرۇلۇق ئىكەن: ــ
8 'Anit alele din tizui gongong nin nakpa tinuu minere, amma nibinai mine di pit nin mi.
«مۇشۇ خەلق ئاغزىدا مېنى ھۆرمەتلىگىنى بىلەن، بىراق قەلبى مەندىن يىراق.
9 Idin su usujada lemmari, amma idin dursuzu adadu nduka nanittari.
ئۇلار ماڭا بىھۇدە ئىبادەت قىلىدۇ. ئۇلارنىڭ ئۆگەتكەن تەلىملىرى پەقەت ئىنسانلاردىن چىققان پەتىۋالارلا، خالاس».
10 Atunna ayicila ligozi nanite udak kitime a woro nani, “Lanzang iyinin-
ئاندىن ئۇ خالايىقنى يېنىغا چاقىرىپ، ئۇلارغا: ــ قۇلاق سېلىڭلار ھەم شۇنى چۈشىنىڭلاركى،
11 Na imon mong diku na asa ipira unuu din nanza unit ba. Amma imong ilenge na inuzu nnuu nnit nnare din nanzu unit.”
ئىنساننى ناپاك قىلىدىغىنى ئاغزىدىن كىرىدىغىنى ئەمەس، بەلكى ئاغزىدىن چىقىدىغىنىدۇر، ــ دېدى.
12 Nono katwa we dak ida woro Yesu ku, “Uyiru nworu Afarisawa nin nana ayi na ini lanza uliru une?”
كېيىن مۇخلىسلىرى ئۇنىڭ ئالدىغا كېلىپ: ــ سېنىڭ بۇ سۆزۈڭنى پەرىسىيلەر ئاڭلاپ، ئۇنىڭدىن بىزار بولۇپ رەنجىگەنلىكىنى بىلدىڭمۇ؟ ــ دېدى.
13 Yesu wa kwan a woro, “Vat kuca kongo na Ucif nighari nbila ba iba dusulu kunin.
لېكىن ئۇ مۇنداق جاۋاب قايتۇردى: ــ ئەرشتىكى ئاتام تىكمىگەن ھەرقانداق ئۆسۈملۈك يىلتىزىدىن يۇلۇنۇپ تاشلىنىدۇ.
14 Sunan nani usan min, anan durusuzu nanitari liboo amma aduu. Asa unit uduu nwanno uduu Liboo vat mine ma di diu nanya kuu.”
سىلەر ئۇلارغا پىسەنت قىلماڭلار؛ ئۇلار كورلارغا يول باشلايدىغان كورلاردۇر. ئەگەر كور كورغا يول باشلىسا، ھەر ئىككىسى ئورىغا چۈشۈپ كېتىدۇ.
15 Bitrus kawa aworo Yesu ku, “Durso nari tinan tigoldo tone.”
لېكىن پېترۇس ئۇنىڭغا: ــ بايا ئېيتقان تەمسىلنى بىزگە چۈشەندۈرۈپ بەرگەيسەن، ــ دېدى.
16 Yesu woro, “Anung wang duusa uyirue?
لېكىن ئۇ: ــ سىلەرمۇ تېخىچە چۈشەنچىگە ئېرىشىمىدىڭلار؟! ــ دېدى.
17 Na uyene nworu vat nimon ile na ipira nanya nnu maadi katu udu nanya kiti npunju ba?
ئېغىزغا كىرگەن بارلىق نەرسىلەرنىڭ ئاشقازان ئارقىلىق تەرەت بولۇپ چىقىپ كېتىدىغانلىقىنى تېخى چۈشەنمەمسىلەر؟
18 Amma imon ile na inuzu nnuu ida unuzu kibinaiyari innare imon ile na idin nanzu unit.
لېكىن ئېغىزدىن چىقىدىغىنى قەلبتىن چىقىدۇ، ئىنساننى ناپاك قىلىدىغىنىمۇ شۇدۇر.
19 Bara unuzu nanya kibinaiyari ukpilizu unanzang din nucu ku, umolsu nanit, upiziru nawani, kaput ndinong, likiri, ushaida kinnu, nin tizogo.
چۈنكى يامان ئويلار، قاتىللىق، زىناخورلۇق، بۇزۇقچىلىق، ئوغرىلىق، يالغان گۇۋاھلىق ۋە تۆھمەت قاتارلىقلار قەلبتىن چىقىدۇ.
20 Ile imonere din nanzu unit. Amma uli nimonli sa utusu nacara din nanzu unit ba.”
ئىنساننى ناپاك قىلىدىغانلار مانا شۇلاردۇر؛ يۇيۇلمىغان قوللار بىلەن تاماق يېيىش ئىنساننى ناپاك قىلمايدۇ.
21 Yesu nya kikane ado kusarin Taya nin Sida.
ئەيسا ئۇ يەردىن چىقىپ، تۇر ۋە زىدون شەھەرلىرىنىڭ ئەتراپىدىكى يۇرتلارغا باردى.
22 Umong uwani na Kananiyawa nuzu kusari kone. A ta ntet a woro, “Lanza nkunekune nighe, Cikilari, usaun Dauda; ushono nin din sonu ngbada bara kugbergenu.”
مانا، ئۇ چەت يەرلەردىن كەلگەن قانانىي بىر ئايال ئۇنىڭ ئالدىغا كېلىپ: ــ ئى رەب! داۋۇتنىڭ ئوغلى، ھالىمغا رەھىم قىلغايسىز! قىزىمغا جىن چاپلىشىۋالغانىكەن، قىينىلىپ كېتىۋاتىدۇ! ــ دەپ ئۇنىڭغا نىدا قىلىپ زارلىدى.
23 Amma na Yesu nworo iyang ba. Nono katwa me da ida foghe acara, i woroghe, “Woroghe anyaa bara adin gbejullu kang kidung bite.”
لېكىن ئۇ ئۇ ئايالغا بىر ئېغىزمۇ جاۋاب بەرمىدى. مۇخلىسلىرى ئۇنىڭ يېنىغا كېلىپ: ــ بۇ ئايالنى يولغا سالساڭ! چۈنكى ئۇ كەينىمىزدىن ئەگىشىپ يالۋۇرۇپ نىدا قىلىۋاتىدۇ، ــ دېدى.
24 Amma Yesu kawa nani aworo, “Na ina tuuyi kitin mon ba se kiti nakam uwulusu nnonon Israila.”
ئەمدى ئۇ جاۋاب بېرىپ: ــ مەن پەقەت يولدىن تېنىگەن قوي پادىلىرى بولغان ئىسرائىل جەمەتىدىكىلەرگە ئەۋەتىلگەنمەن، ــ دېدى.
25 Amma ada ubun me a tumuno, aworo, “Cikilari, buuni.”
ئەمما ھېلىقى ئايال ئۇنىڭ ئالدىغا كېلىپ سەجدە قىلىپ: ــ رەب، ماڭا ياردەم قىلغايسەن! ــ دەپ يالۋۇردى.
26 Akawa aworo, “Na ucaun i yiru imonli nnono ini nono ninau ba.”
ئۇ ئۇنىڭغا: ــ بالىلارنىڭ نېنىنى كىچىك ئىتلارغا تاشلاپ بېرىش ياخشى ئەمەس، ــ دېدى.
27 A woro, “Nanere, Cikilari, amma nono ninuawe asa ileo ibure na asa disso kitene kutebul ncikilari mine.”
لېكىن ھېلىقى ئايال: ــ دۇرۇس، ئى رەب، بىراق ھەتتا ئىتلارمۇ خوجايىنىنىڭ داستىخىنىدىن چۈشكەن ئۇۋاقلارنى يەيدىغۇ، ــ دېدى.
28 Yesu kawa aworoghe, “Uwani, uyinna sa uyenu udyawari, na isu fi nafo nafe di nin suu we.” Ushonoe uni wa tannun ashino kubi kone.
شۇنىڭ بىلەن ئەيسا ئۇنىڭغا: ــ ئەي خانىم، ئىشەنچىڭ كۈچلۈك ئىكەن! تىلىگىنىڭدەك بولسۇن! ــ دېدى. ئۇ ئايالنىڭ قىزى شۇئان ساقىيىپ كەتتى.
29 Yesu uni wasun kiti kane anya udu kupo kurawan Galili. Amini wa ghana likup adi so ku.
ئەيسا ئۇ يەردىن چىقىپ، گالىلىيە دېڭىزىنىڭ بويىدىن ئۆتۈپ، تاغقا چىقىپ ئولتۇردى.
30 Ligozi nanit gbardang daa kitime. Iwa dak nan ghinu anan kentu, aduu, aturi nin na nan salin nabunu, nan na mong gbardang na iwa di nin tikonu. Ina ni wa ceo nani nabunun Yesu amini wa shin nin ghinu vat.
ئۇنىڭ ئالدىغا توپ-توپ خالايىق يىغىلدى. ئۇلار توكۇر، قارىغۇ، گاچا، چولاق ۋە نۇرغۇن باشقا خىل كېسەللەرنىمۇ ئېلىپ كېلىپ، ئۇنىڭ ئايىغى ئالدىغا قويۇشتى؛ ئۇ ئۇلارنى ساقايتتى.
31 Ligozi nanite ani fiu wa kifo nani na iwa yene unan sali nabunu nshino, unan kentu din cin, uturi din liru a uduuin yenju kiti. Iwa zazin Kutellen Israila.
شۇنىڭ بىلەن خالايىق گاچىلارنىڭ سۆزلىيەلەيدىغان بولغانلىقىنى، چولاقلارنىڭ ساقايغىنىنى، توكۇرلارنىڭ ماڭغانلىقىنى ۋە قارىغۇلارنىڭ كۆرىدىغان بولغانلىقىنى كۆرۈپ، ھەيران بولدى ۋە ئىسرائىلنىڭ خۇداسىنى ئۇلۇغلىدى.
32 Yesu wa yicila nono katwa me kiti me aworo, “Nlanza nkunekune lipitin nanite, idi ligowe nan mi ayiri atat na idi nin nimonmon na ima li ba. Na idi nin su nworo nani inyaa sa uli nimon ba, Iwa dissu liboo bara kukpong.”
ئاندىن ئەيسا مۇخلىسلىرىنى يېنىغا چاقىرىپ: ــ بۇ خالايىققا ئىچىم ئاغرىيدۇ؛ چۈنكى ئۇلار ئۈچ كۈندىن بېرى يېنىمدا بولدى، يېگۈدەك بىر نەرسىسىمۇ قالمىدى. ئۇلارنى ئۆيلىرىگە ئاچ قايتۇرۇشنى خالىمايمەن، يولدا ھالىدىن كېتىشى مۇمكىن، ــ دېدى.
33 Nono katwa we woro ghe, “Tima se ufungal gbardang nweri kikanee na anit diku ba ubatin ligozin nanit alengen vat?”
مۇخلىسلار ئۇنىڭغا: ــ بۇ چۆلدە بۇنچىۋالا ئادەمنى تويغۇزغۇدەك كۆپ ناننى نەدىن تاپىمىز؟ ــ دېيىشتى.
34 Yesu woro nani, “Ufungal umashiniari idi mun?” Iworo, “Kuzor nin nibo ibebene cin.”
ئەيسا ئۇلاردىن: قانچە نېنىڭلار بار؟ ــ دەپ سورىدى. ــ يەتتە نان بىلەن بىرنەچچە تال كىچىك بېلىق بار، ــ دېيىشتى ئۇلار.
35 Yesu woro ligozin isozo kutyin.
بۇنىڭ بىلەن ئۇ خالايىقنى يەردە ئولتۇرۇشقا بۇيرۇدى.
36 A yauna ufungal kuzor nin nibowe, na ataa nliraa, apuco ufungalle ana nono katwa we. Nono katwa we naa ligozi nanite.
ئاندىن، يەتتە نان بىلەن بېلىقلارنى قولىغا ئېلىپ [خۇداغا] تەشەككۈر ئېيتىپ، ئۇلارنى ئوشتۇپ مۇخلىسلىرىغا بەردى، مۇخلىسلار خالايىققا ئۈلەشتۈردى.
37 Anite vat leo ishitizo. Ipitirino agissin niburi nimonle na ileo, ikulo akuzun kuzor.
ھەممەيلەن تويغۇچە يېدى؛ ئاندىن [مۇخلىسلار] ئېشىپ قالغان پارچىلارنى يىغىپ يەتتە چوڭ سېۋەتنى توشقۇزدى.
38 Alenge na iwa li wadi amui anas banin nawani nin nono.
تاماق يېگەنلەرنىڭ سانى بالىلار ۋە ئاياللاردىن باشقا تۆت مىڭ كىشى ئىدى.
39 Yesu woro ligozi nanite inyaa, ame doo adi piru nanya nzirgi mmyen anyaa udu kusari Magadan.
ئۇ خالايىقنى يولغا سالغاندىن كېيىن، كېمىگە چۈشۈپ، ماگادان يۇرتىنىڭ چەت يەرلىرىگە باردى.

< Matiyu 15 >