< Kolosianëve 3 >

1 Në qoftë se ju jeni ringjallur me Krishtin, kërkoni ato që janë lart, ku Krishti është ulur në të djathtë të Perëndisë.
سىلەر مەسىھ بىلەن تەڭ تىرىلدۈرۈلگەن بولساڭلار، ئەمدى يۇقىرىدىكى ئىشلارغا ئىنتىلىپ ئىزدىنىڭلار؛ مەسىھ شۇ يەردە خۇدانىڭ ئوڭ يېنىدا ئولتۇرىدۇ.
2 Kini në mend gjërat që janë atje lart, jo ato që janë mbi tokë,
كۆڭۈل-زېھنىڭلارنى يەردىكى ئىشلارغا ئەمەس، بەلكى يۇقىرىقى ئىشلارغا قويۇڭلار؛
3 sepse ju keni vdekur dhe jeta juaj është fshehur bashkë me Krishtin në Perëndinë.
چۈنكى سىلەر ئۆلگەنسىلەر، ۋە ھاياتىڭلار مەسىھ بىلەن بىللە خۇدادا يوشۇرۇن تۇرىدۇ.
4 Kur të shfaqet Krishti, jeta jonë, atëherë edhe ju do të shfaqeni në lavdi bashkë me të.
ئەمما ھاياتىمىز بولغان مەسىھ ئاشكارىلانغان چاغدا، شۇئان سىلەر ئۇنىڭ بىلەن بىللە شان-شەرەپتە ئاشكارىلىنىدىغان بولىسىلەر.
5 Bëni, pra, të vdesin gjymtyrët tuaja që janë mbi tokë: kurvërinë, ndyrësinë, pasionet, dëshirat e këqija dhe lakminë, që është idhujtari;
شۇڭا يەرگە تەۋە ئىشلارنى قىلغۇچى ھەرقانداق ئەزالىرىڭلارنى، يەنى بۇزۇقلۇق، ناپاكلىك، ئىپلاس ھېسسىياتلار، رەزىل خاھىشلار ۋە نەپسانىيەتچىلىك (ئۇ بۇتپەرەسلىككە باراۋەردۇر)نى ئۆلۈمگە مەھكۈم قىلىڭلار؛
6 për këto gjëra zemërimi i Perëndisë vjen përmbi bijtë e mosbindjes,
چۈنكى بۇ ئىشلار تۈپەيلىدىن خۇدانىڭ غەزىپى ئىتائەتسىز پەرزەنتلەرگە چۈشىدۇ.
7 midis të cilëve dikur ecët edhe ju, kur rronit në to.
سىلەر بۇلار ئارىسىدا ياشىغان ۋاقتىڭلاردا، بۇنداق ئىشلاردىمۇ ماڭغانسىلەر.
8 Por tani hiqni edhe ju të gjitha këto gjëra: zemërim, zemëratë, ligësi, e mos të dalë sharje e asnjë e folur e pandershme nga goja juaj.
ئەمما ھازىر سىلەر مۇشۇلارنىڭمۇ ھەممىسىنى ئۆزۈڭلاردىن سېلىۋېتىڭلار ــ يەنى غەزەپ، قەھر-سەپرا، يامان نىيەتلەر، تۆھمەت، ئاغزىڭلاردىن چىقىدىغان ئىپلاس سۆزلەرنىمۇ سىلىۋېتىڭلار.
9 Mos gënjeni njeri tjetrin, sepse ju e zhveshët njeriun e vjetër me veprat e tij,
بىر-بىرىڭلارغا يالغان سۆزلىمەڭلار؛ چۈنكى سىلەر كونا ئادەمنى قىلمىشلىرى بىلەن سېلىۋەتكەنسىلەر،
10 edhe veshët njeriun e ri, që përtërihet në njohurinë sipas shëmbullit të atij që e krijoi.
ۋە يېڭى ئادەمنى كىيگەنسىلەر؛ يېڭى ئادەم بولسا ئۆزىنى ياراتقۇچىنىڭ سۈرەت-ئوبرازى بويىچە تولۇق بىلىشتە دائىم يېڭىلىماقتا؛
11 Këtu nuk ka më Grek e Jud, rrethprerje dhe parrethprerje, Barbar e Skithas, shërbëtor e i lirë, por Krishti është gjithçka dhe në të gjithë.
ئۇنىڭدا ھېچقانداق يۇنانلىق ياكى يەھۇدىي، سۈننەتلىك ياكى سۈننەتسىز، يات مەدىنىيەتلىك، سكىت، قۇل ياكى ھۆرلەر مەۋجۇت ئەمەستۇر؛ بەلكى مەسىھ ھەممىدۇر، ۋە ھەممىدىدۇر.
12 Vishuni, pra, si të zgjedhur të Perëndisë, shenjtorë dhe të dashur, me dhembshuri të brendshme, mirësinë, përulësinë, zemërbutësinë dhe me durimin,
شۇڭا، خۇدانىڭ تاللىۋالغانلىرىغا، پاك-مۇقەددەس ۋە سۆيۈنگەنلەرگە لايىق، ئادەمگە ئىچ ئاغرىتىدىغان باغىرلارنى، مېھرىبانلىق، كىچىك پېئىللىق، مۆمىنلىك ۋە سەۋر-تاقەتلىكنى كىيىۋېلىڭلار؛
13 duke duruar njeri tjetrin dhe duke falur njeri tjetrin, nëqoftëse dikush ankohet kundër një tjetri; dhe sikundër Krishti ju ka falur, ashtu bëni edhe ju.
بىر-بىرىڭلارغا يول قويۇڭلار، نارازىلىق ئىش بولسا بىر-بىرىڭلارنى كەچۈرۈم قىلىڭلار؛ مەسىھ سىلەرنى قانداق كەچۈرۈم قىلغان بولسا سىلەرمۇ شۇنداق قىلىڭلار.
14 Dhe, përmbi të gjitha këto gjëra, vishni dashurinë, që është lidhja e përsosmërisë.
مۇشۇ ئىشلارنىڭ ئۈستىگە كامىل بىرلىكنىڭ رىشتىسى بولغان مېھىر-مۇھەببەتنى قوشۇپ بېرىڭلار.
15 Dhe paqja e Perëndisë, për të cilin ju u thirrët në një trup të vetëm, të mbretërojë në zemrat tuaja; dhe jini mirënjohës!
مەسىھنىڭ خاتىرجەملىكى قەلبىڭلاردا ھۆكۈم سۈرسۇن (سىلەر بىر تەن بولۇپ بۇ خاتىرجەملىكتە بولۇشقا چاقىرىلغان ئىكەنسىلەر) ۋە شۇنداقلا رەھمەت ئېيتىشلاردا بولۇڭلار.
16 Fjala e Krishtit banoftë në ju me begatinë e vet; në çdo dituri, mësoni dhe këshilloni njeri tjetrin me psalme, himne dhe këngë frymërore, duke kënduar Zotit me hir në zemrat tuaja!
مەسىھنىڭ سۆز-كالامىنى ئۆزۈڭلاردا بايلىق ھاسىل قىلىپ تۇرغۇزۇڭلار، بارلىق دانالىق بىلەن بىر-بىرىڭلارغا ئۆگىتىڭلار، جېكىلەڭلار، چىن قەلبىڭلاردا زەبۇر-نەغمىلەر، مەدھىيە كۈيلىرى ۋە روھىي ناخشىلارنى ياڭرىتىپ خۇدانى چىرايلىق مەدھىيىلەڭلار؛
17 Dhe çdo gjë që të bëni, me fjalë a me vepër, t’i bëni në emër të Zotit Jezus, duke e falënderuar Perëndinë Atë nëpërmjet tij.
ۋە ھەممە ئىشلاردا، سۆز بولسۇن، ئەمەل بولسۇن، ھەممىسىنى رەب ئەيسانىڭ نامىدا قىلىپ، ئۇنىڭ ئارقىلىق خۇدائاتىغا رەھمەت ئېيتىڭلار.
18 Ju bashkëshorte, jini të nënshtruara bashkëshortëve tuaj, ashtu si ka hije në Zotin.
سىلەر ئاياللار، رەبدە بولغان سۈپىتىڭلارغا لايىق ئۆز ئەرلىرىڭلارغا بويسۇنۇڭلار؛
19 Ju bashkëshortë, duaini bashkëshortet tuaja dhe mos u bëni të ashpër ndaj tyre.
سىلەر ئەرلەر، ئۆز ئاياللىرىڭلارغا مۇھەببەت كۆرسىتىڭلار؛ ئۇلارغا ئاچچىق قىلماڭلار.
20 Ju bij, binduni prindërve në çdo gjë, sepse kjo është e pranueshme për Zotin.
سىلەر بالىلار، ئاتا-ئاناڭلارغا ھەممە ئىشلاردا ئىتائەت قىلىڭلار؛ چۈنكى بۇنداق قىلىش رەبدە بولغان گۈزەل ئىشتۇر.
21 Ju etër, mos provokoni për zemërim bijtë tuaj, që të mos i lëshojë zemra.
سىلەر ئاتىلار، بالىلىرىڭلارنىڭ كۆڭلىگە ئازار بەرمەڭلار؛ ئۇنداق قىلساڭلار كۆڭلى يارا بولىدۇ.
22 Ju shërbëtorë, binduni në çdo gjë zotërinjve tuaj sipas mishit, duke u shërbyer jo vetëm kur ju shohin, sikurse të doni t’u pëlqeni njerëzve, por me thjeshtësinë e zemrës, duke druajtur Perëndinë.
سىلەر قۇللار، ئەتتىن بولغان خوجايىنىڭلارغا ھەممە ئىشتا ئىتائەت قىلىڭلار؛ پەقەت كۆز ئالىدىدىلا خىزمەت قىلىپ، ئىنسانلارنى خۇش قىلغۇچى قۇللاردىن بولماڭلار، بەلكى رەبدىن ئەيمىنىپ چىن كۆڭلۈڭلاردىن ئىش كۆرۈڭلار.
23 Dhe çdo gjë që të bëni, ta bëni me dëshirë të mirë, si për Zotin dhe jo për njerëzit,
نېمە ئىشنى قىلىۋاتقان بولساڭلار، ئۇنىڭدا ئىنسانلار ئالدىدا ئەمەس، بەلكى رەب ئالدىدا قىلغاندەك جان-دىل بىلەن ئۇنىڭغا ئىشلەڭلار؛
24 duke ditur se nga Zoti do të merrni shpërblimin e trashëgimisë, sepse ju i shërbeni Krishtit, Zotit.
چۈنكى مىراسنىڭ ئىنئامىغا رەبدىن مۇيەسسەر قىلىنغانلىقىڭلارنى بىلىسىلەر؛ چۈنكى سىلەر رەب مەسىھنىڭ ئىبادەت-قۇللۇقىدىدۇرسىلەر.
25 Por ai që punon padrejtësisht do të marrë shpagimin për gjëra të padrejta që ka bërë, dhe nuk do të ketë anësi për asnjë.
ئەمما كىم ھەققانىيسىزلىق قىلسا قىلغان ھەققانىيسىزلىقى ئۆز بېشىغا چۈشىدۇ؛ بۇ ئىشتا ھېچقانداق يۈز-خاتىرە قىلىنىش يوقتۇر.

< Kolosianëve 3 >