< 2 e Korintasve 12 >

1 Sigurisht nuk kam dobi nga të mburrurit; prandaj do t’ia filloj me vegimet dhe zbulesat e Zotit.
[ئەپسۇس]، ماختىنىۋېرىشنىڭ زۆرۈرىيىتى بار. گەرچە ئۇنىڭ پايدىسى بولمىسىمۇ، مەن رەبدىن كەلگەن ئالامەت كۆرۈنۈشلەر ۋە ۋەھىيلەر ئۈستىدە توختىلاي.
2 Unë njoh një njeri në Krishtin, i cili, para katërmbëdhjetë vjetësh (a ishte në trup, a ishte jashtë trupit, nuk e di; Perëndia e di), u rrëmbye gjer në të tretin qiell.
مەسىھدە بولغان بىر ئادەمنى تونۇيمەن؛ ئۇ ئون تۆت يىل ئىلگىرى (تەندە بولغان ھالدىمۇ، ياكى تەندىن تاشقىرىمۇ بىلمەيمەن، خۇدا بىلىدۇ) ئۈچىنچى قات ئاسمانغا كۆتۈرۈلدى.
3 Dhe e di se ai njeri (a me trupin ose pa trupin, nuk e di, Perëndia e di),
مەن شۇنداق بىر كىشىنى بىلىمەن (تەندە بولغان ھالدىمۇ، ياكى تەندىن تاشقىرىمۇ بىلمەيمەن، خۇدا بىلىدۇ) ــ
4 u rrëmbye në parajsë dhe dëgjoi fjalë të patregueshme, që nuk është e lejuar të thuhen nga njeri.
ئۇ جەننەتكە كۆتۈرۈلۈپ، شۇ يەردە تىل بىلەن ئىپادىلىگىلى بولمايدىغان، ئىنسانلارنىڭ دېيىشى مەنئى قىلىنغان ئاجايىپ ئىشلارنى ئاڭلىدى.
5 Për atë njeri unë do të krenohem, por nuk do të krenohem për veten time, veç se për dobësitë e mia.
شۇنداق بىر ئادەم بىلەن ماختىنىمەن، ئۆزۈم ھەققىدە بولسا ئاجىزلىقمدىن باشقا بىرەر ئىش بىلەن ماختانمايمەن.
6 Edhe sikur të doja të krenohesha, nuk do të isha i marrë, sepse do të flisja të vërtetën; por nuk e bëj këtë, se mos ndonjë më çmon më tepër nga ajo që më sheh, a më tepër nga ajo që dëgjon nga unë.
ھەتتا ماختىناي دېسەممۇ ئەخمەق ھېسابلانمايمەن؛ چۈنكى مەن ھەقىقەتنى ئېيتقان بولاتتىم؛ ئەمما بىرسى مەندە كۆرگىنىدىن ياكى مەن توغرۇلۇق ئاڭلىغىنىدىن مېنى (ماڭا ئاشكارىلانغان ۋەھىيلەرنىڭ غايەت زور ئۇلۇغلۇقى تۈپەيلىدىن) يۇقىرى ئويلاپ قالمىسۇن دەپ ئۆزۈمنى ماختىنىشتىن يىغدىم. مۇشۇ ۋەھىيلەرنىڭ زور ئۇلۇغلۇقى تۈپەيلىدىن كۆرەڭلەپ كەتمەسلىكىم ئۈچۈن ئەتلىرىمگە سانجىلغان بىر تىكەن، يەنى مېنى ئۇرۇپ تۇرسۇن دەپ شەيتاننىڭ بىر ئەلچىسى ماڭا تەقسىم قىلىنغان؛ بۇنىڭ مەقسىتى، مېنىڭ كۆرەڭلەپ كەتمەسلىكىم ئۈچۈندۇر.
7 Dhe, që të mos më rritet mendja për shkak të jashtëzakonshmërisë së zbulesave, m’u dha një gjëmb në mish, një engjëll i Satanit, për të më rënë me grushta, që të mos mbahem me të madh.
8 Lidhur me këtë iu luta tri herë Zotit që ta largonte nga unë.
بۇنىڭ توغرىسىدا ئۇ مەندىن كەتسۇن دەپ رەبگە ئۈچ قېتىم يېلىندىم؛
9 Por ai më tha: “Hiri im të mjafton, sepse fuqia ime përsoset në dobësi”. Prandaj me kënaqësi të madhe do të krenohem më tepër për dobësitë e mia, që fuqia e Krishtit të rrijë tek unë.
لېكىن ئۇ ماڭا: «مېنىڭ مېھىر-شەپقىتىم ساڭا يېتەرلىك؛ چۈنكى مېنىڭ كۈچ-قۇدرىتىم ئىنساننىڭ ئاجىزلىقىدا تولۇق ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدۇ» ــ دېدى. شۇڭا مەن مەسىھنىڭ كۈچ-قۇدرىتى ۋۇجۇدۇمدا تۇرسۇن دەپ ئاجىزلىقلىرىمدىن ماختىنىشنى تېخىمۇ خۇشلۇق بىلەن تاللىۋالىمەن؛
10 Prandaj unë kënaqem në dobësi, në fyerje, në nevoja, në përndjekje, në ngushtica për shkak të Krishtit, sepse, kur jam i dobët, atëherë jam i fortë.
شۇڭا مەن مەسىھ ئۈچۈن ئاجىزلىقلارنى، ھاقارەتلەرنى، قىيىنچىلىقلارنى، زىيانكەشلىكلەرنى ۋە ئازاب-ئوقۇبەتلەرنى خۇرسەنلىك دەپ بىلىمەن. چۈنكى قاچان ئاجىز بولسام، شۇ چاغدا كۈچلۈك بولىمەن.
11 U bëra i marrë duke u mburrur; ju më shtrënguat, sepse u desh që ju të më rekomandoni, sepse nuk qeshë aspak më poshtë se apostujt e lartë, edhe pse unë nuk jam asgjë.
مەن [ماختىنىپ] دەرۋەقە ئەخمەق بولۇپ قالدىم! لېكىن ئۆزۈڭلار مېنى بۇنىڭغا مەجبۇر قىلدىڭلار. ئەمەلىيەتتە ئەسلىدە مەن سىلەر تەرىپىڭلاردىن تەرىپلىنىشىم كېرەك بولاتتى؛ چۈنكى ھېچ ئەرزىمەس بولساممۇ، مەن ھېلىقى «قالتىس ئۇلۇغ روسۇللار»دىن ھېچ تەرەپتە ھېچ ئىشتا كەم ئەمەسمەن.
12 Shenjat e apostullit u vërtetuan ndër ju me durim të madh, me shenja e mrekulli dhe çudira.
دەرۋەقە مەن ئاراڭلاردا بولغان چاغدا روسۇلنىڭ بېشارەتلىك ئالامەتلىرى، ھەرتەرەپلىك چىدام-سەۋرچانلىق ئىچىدە مۆجىزىلىك ئالامەتلەر، كارامەتلەر ھەم قۇدرەتلىك مۆجىزىلەر بىلەن ئەمەلدە كۆرسىتىلگەن.
13 Vallë nëse ju mbetët prapa, pra, nga kishat e tjera, rveç se në faktin se unë nuk u bëra barrë për ju? Falmani këtë gabim.
سىلەرنى باشقا جامائەتلەردىن قايسى تەرەپتە تۆۋەن ئورۇنغا قويدۇم؟ ــ پەقەتلا ئۆزۈمنى سىلەرنىڭ ئۈستۈڭلەرگە يۈك قىلىپ ئارتىپ قويمىغىنىم بىلەنمۇ؟! مېنىڭ بۇ ئادالەتسىزلىكىمنى ئەپۇ قىلغايسىلەر!
14 Ja, kjo është e treta herë që jam gati të vij te ju, dhe nuk dua t’ju bëhem barrë, sepse s’kërkoj pasuritë tuaja, por juve; sepse bijtë nuk e kanë për detyrë të mbledhin për prindërit, por prindërit për bijtë.
مانا، ھازىر يېنىڭلارغا ئۈچىنچى قېتىم بېرىشقا تەييارمەن، شۇنىڭ بىلەن سىلەرگە ھېچ يۈك ئېغىرىمنى سالغۇم يوق. چۈنكى ئىزدىگىنىم ئىگىلىكىڭلار ئەمەس، بەلكى ئۆزۈڭلاردۇر؛ پەرزەنتلىرى ئاتا-ئانىلار ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى ئاتا-ئانىلار پەرزەنتلىرى ئۈچۈن مال-مۈلۈك يىغىشى كېرەك.
15 Sa për veten time, unë do të shpenzoj me gëzim dhe do të shpenzohem për shpirtrat tuaja, megjithse ju dua më fort dhe më doni më pak.
ئەمدى جېنىڭلار ئۈچۈن ئىگىلىكىمدىن خۇشلۇق بىلەن سەرپ قىلىمەن ھەمدە ئۆزۈمنى سەرپ قىلىمەن ــ گەرچە مەن سىلەرنى قانچە سۆيگەنسېرى مەن شۇنچە ئاز سۆيۈلسەممۇ.
16 Ashtu qoftë! Unë nuk u bëra barrë për ju; megjithatë, duke qenë dinak ju zura me dredhi.
ئەمدى شۇنداق بولغىنى بىلەن، مەن سىلەرگە ھېچ يۈك بولغان ئەمەسمەن؛ بىراق ھېلىگەرلىك قىلىپ، مەن سىلەرنى بابلاپ قويدۇم!
17 Mos përfitova vallë ndonjë gjë nga ju me anë të ndonjë që dërgova te ju?
ئەجەبا، مەن سىلەرگە ئەۋەتكەن ئادەملەرنىڭ بىرەرسى ئارقىلىق سىلەردىن نەپ ئالدىممۇ؟!
18 Unë iu luta Titit dhe me të dërgova edhe këtë vëlla. Mos përfitoi gjë Titi nga ju? A nuk kemi ecur me të njëjtin frymë dhe në të njëjtat gjurmë?
مەن تىتۇسنى سىلەرنىڭ يېنىڭلارغا بېرىشقا ئۈندىدىم ۋە يەنە ھېلىقى قېرىنداشنىمۇ ئۇنىڭ بىلەن بىللە ئەۋەتتىم. تىتۇسنىڭ سىلەردىن نەپ ئېلىپ باققان يېرى بارمۇ؟ بىز ئىككىيلەن ئوخشاش بىر روھتا يۈرىۋاتمامدۇق؟ بىزنىڭ باسقان ئىزىمىز ئوخشاش ئەمەسمىكەن؟
19 A mendoni përsëri se ne kërkojmë të justifikohemi para jush? Ne flasim përpara Perëndisë, në Krishtin, dhe të gjitha këto, o fort të dashur, janë për ndërtimin tuaj.
ياكى سىلەر ئەزەلدىن بىزنى «ئۇلار ئالدىمىزدا ئۆزلىرىنى ئاقلاپ كېلىۋاتىدۇ» دەپ ئويلاۋاتامسىلەر؟ [ئىش ئۇنداق ئەمەس]. بىز پەقەت مەسىھدە بولۇپ خۇدا ئالدىدا سۆزلەۋاتىمىز؛ قىلىۋاتقان ھەممە ئىشلار، ئى سۆيۈملۈكلىرىم، سىلەرنىڭ ئېتىقادىڭلارنى قۇرۇش ئۈچۈندۇر.
20 Sepse kam frikë se mos kur të vij nuk ju gjej sikundër kam dashur dhe se mos ju më gjeni sikundër nuk keni dashur juve se mos ka grindje, xhelozi, zemërime, shpërthime, përgojime, insinuata, kryelartësi, ose trazira midis jush;
چۈنكى مەن يېنىڭلارغا بارغىنىمدا، سىلەرنىڭ ئۈمىد قىلغان يېرىمدىن چىقماي قېلىشىڭلاردىن، ئۆزۈمنىڭمۇ سىلەرنىڭ ئۈمىد قىلغان يېرىڭلاردىن چىقماي قېلىشىمدىن، يەنى ئاراڭلاردا غوۋغا-جېدەل، ھەسەتخورلۇق، غەزەپ-نەپرەت، مەنمەنچىلىك، تۆھمەتخورلۇق، غەيۋەتخورلۇق، تەكەببۇرلۇق ۋە پاراكەندىچىلىكلەر بولارمىكىن دەپ ئەنسىرەيمەن؛
21 se mos kur të vijë sërish, Perëndia im do të më përulë në mes tuaj dhe unë do të vajtoj për shumë nga ata që kanë mëkatuar më parë dhe nuk u penduan për fëlliqësinë, kurvërinë dhe shthurjen që praktikuan.
ــ بۇ قېتىم سىلەرنىڭ يېنىڭلارغا بارغىنىمدا، ئاراڭلاردىكى گۇناھ سادىر قىلىپ، تاكى بۈگۈنگە قەدەر ئۆتكۈزگەن ناپاكلىق، بۇزۇقلۇق ۋە شەھۋانىي ئىشلاردىن تېخى توۋا قىلمىغان نۇرغۇن ئادەملەرنىڭ سەۋەبىدىن خۇدايىم مېنى ئالدىڭلاردا تۆۋەن قىلىپ قويارمىكىن، شۇلارنىڭ قىلمىشلىرى تۈپەيلىدىن ماتەم تۇتماي تۇرالمايمەنمىكىن، دەپ ئەنسىرەيمەن.

< 2 e Korintasve 12 >