< Timotiyƣa 1 6 >

1 Ⱪulluⱪ boyunturuⱪ astida bolƣanlarning ⱨǝmmisi ɵz hojayinlirini ⱨǝr tǝrǝptǝ ⱨɵrmǝtlisun. Xundaⱪ ⱪilƣanda, Hudaning nami wǝ Uning tǝlimining ⱨaⱪarǝtkǝ uqrixidin saⱪlanƣili bolidu.
قۇللۇق بويۇنتۇرۇق ئاستىدا بولغانلارنىڭ ھەممىسى ئۆز خوجايىنلىرىنى ھەر تەرەپتە ھۆرمەتلىسۇن. شۇنداق قىلغاندا، خۇدانىڭ نامى ۋە ئۇنىڭ تەلىمىنىڭ ھاقارەتكە ئۇچرىشىدىن ساقلانغىلى بولىدۇ.
2 Hojayinliri etiⱪadqi bolsa, ⱪulliri: «Biz ⱨǝmmimiz ohxaxla ⱪerindaxlarƣu» dǝp, ularƣa ⱨɵrmǝtsizlik ⱪilmisun. Əksiqǝ, ularƣa tehimu ǝstayidil hizmǝt ⱪilsun. Qünki ularning yahxi hizmitidin bǝⱨrimǝn bolidiƣanlar dǝl sadiⱪ etiⱪadqilar ⱨǝm sɵyümlük bǝndilǝrdur. Sǝn bu tǝlimlǝrni ɵgǝtkin wǝ jekiligin.
خوجايىنلىرى ئېتىقادچى بولسا، قۇللىرى: «بىز ھەممىمىز ئوخشاشلا قېرىنداشلارغۇ» دەپ، ئۇلارغا ھۆرمەتسىزلىك قىلمىسۇن. ئەكسىچە، ئۇلارغا تېخىمۇ ئەستايىدىل خىزمەت قىلسۇن. چۈنكى ئۇلارنىڭ ياخشى خىزمىتىدىن بەھرىمەن بولىدىغانلار دەل سادىق ئېتىقادچىلار ھەم سۆيۈملۈك بەندىلەردۇر. سەن بۇ تەلىملەرنى ئۆگەتكىن ۋە جېكىلىگىن.
3 Ohximiƣan tǝlimlǝrni tǝrƣib ⱪilƣan wǝ saƣlam sɵzlǝrni (yǝni Rǝbbimiz Əysa Mǝsiⱨning ⱨǝⱪ sɵzlirini), xundaⱪla ihlasmǝnlikkǝ yetǝklǝydiƣan tǝlimni ⱪobul ⱪilmiƣan kixi bolsa,
ئوخشىمىغان تەلىملەرنى تەرغىب قىلغان ۋە ساغلام سۆزلەرنى (يەنى رەببىمىز ئەيسا مەسىھنىڭ ھەق سۆزلىرىنى)، شۇنداقلا ئىخلاسمەنلىككە يېتەكلەيدىغان تەلىمنى قوبۇل قىلمىغان كىشى بولسا،
4 undaⱪlar dǝwǝⱪǝ kɵrǝnglǝp kǝtkǝn, ⱨeqnemǝ qüxǝnmǝydiƣan kixilǝrdindur. Ular niza-munazirǝ pǝyda ⱪilixⱪa wǝ gǝp talixixⱪa ⱨerismǝn; bundaⱪ ixlardin ⱨǝsǝthorluⱪ, jedǝl-majira, tɵⱨmǝt, rǝzil gumanhorluⱪ ⱨasil bolidu,
ئۇنداقلار دەۋەقە كۆرەڭلەپ كەتكەن، ھېچنېمە چۈشەنمەيدىغان كىشىلەردىندۇر. ئۇلار نىزا-مۇنازىرە پەيدا قىلىشقا ۋە گەپ تالىشىشقا ھېرىسمەن؛ بۇنداق ئىشلاردىن ھەسەتخورلۇق، جېدەل-ماجىرا، تۆھمەت، رەزىل گۇمانخورلۇق ھاسىل بولىدۇ،
5 ⱨǝmdǝ niyiti qiriklǝxkǝn, ⱨǝⱪiⱪǝttin mǝⱨrum bolƣan kixilǝr arisida daimliⱪ sürkilix kǝltürüp qiⱪiridu. Bundaⱪ kixilǝr ihlasmǝnlikni payda-tapawǝtning bir yoli dǝp ⱪaraydu.
ھەمدە نىيىتى چىرىكلەشكەن، ھەقىقەتتىن مەھرۇم بولغان كىشىلەر ئارىسىدا دائىملىق سۈركىلىش كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۇنداق كىشىلەر ئىخلاسمەنلىكنى پايدا-تاپاۋەتنىڭ بىر يولى دەپ قارايدۇ.
6 Dǝrwǝⱪǝ, [Hudaƣa] ihlasmǝn wǝ razimǝn bolux ƣayǝt zor paydidur.
دەرۋەقە، [خۇداغا] ئىخلاسمەن ۋە رازىمەن بولۇش غايەت زور پايدىدۇر.
7 Qünki biz bu dunyaƣa ⱨeqnemǝ elip kǝlmiduⱪ, xuningdǝk uningdin ⱨeqneminimu elip ketǝlmǝymiz.
چۈنكى بىز بۇ دۇنياغا ھېچنېمە ئېلىپ كەلمىدۇق، شۇنىڭدەك ئۇنىڭدىن ھېچنېمىنىمۇ ئېلىپ كېتەلمەيمىز.
8 Xunga, yemǝk-iqmǝk wǝ kiyim-keqik yetǝrlik bolsila bulardin ⱪanaǝt ⱪilimiz.
شۇڭا، يېمەك-ئىچمەك ۋە كىيىم-كېچىك يېتەرلىك بولسىلا بۇلاردىن قانائەت قىلىمىز.
9 Lekin bay boluxni oylaydiƣanlar bolsa ⱨaman azduruluxlarƣa uqrap, tuzaⱪⱪa wǝ xundaⱪla insanlarni wǝyranqiliⱪⱪa wǝ ⱨalakǝtkǝ qɵktüridiƣan nurƣun ǝhmiⱪanǝ ⱨǝm ziyanliⱪ arzu-ⱨǝwǝslǝrning ilkigǝ teyilip ketidu.
لېكىن باي بولۇشنى ئويلايدىغانلار بولسا ھامان ئازدۇرۇلۇشلارغا ئۇچراپ، تۇزاققا ۋە شۇنداقلا ئىنسانلارنى ۋەيرانچىلىققا ۋە ھالاكەتكە چۆكتۈرىدىغان نۇرغۇن ئەخمىقانە ھەم زىيانلىق ئارزۇ-ھەۋەسلەرنىڭ ئىلكىگە تېيىلىپ كېتىدۇ.
10 Qünki pulpǝrǝslik ⱨǝrhil rǝzilliklǝrning yiltizidur. Bǝzilǝr buningƣa intilixi bilǝn etiⱪadtin qǝtnǝp, ɵzlirini nurƣun dǝrd-ⱪayƣular bilǝn sanjidi.
چۈنكى پۇلپەرەسلىك ھەرخىل رەزىللىكلەرنىڭ يىلتىزىدۇر. بەزىلەر بۇنىڭغا ئىنتىلىشى بىلەن ئېتىقادتىن چەتنەپ، ئۆزلىرىنى نۇرغۇن دەرد-قايغۇلار بىلەن سانجىدى.
11 Əmma sǝn, ǝy Hudaning adimi, bundaⱪ ixlardin yiraⱪ ⱪaq; ⱨǝⱪⱪaniyliⱪ, ihlasmǝnlik, ixǝnq-etiⱪad, meⱨir-muⱨǝbbǝt, sǝwr-taⱪǝt wǝ mɵmin-mulayimliⱪni intilip ⱪoƣla.
ئەمما سەن، ئەي خۇدانىڭ ئادىمى، بۇنداق ئىشلاردىن يىراق قاچ؛ ھەققانىيلىق، ئىخلاسمەنلىك، ئىشەنچ-ئېتىقاد، مېھىر-مۇھەببەت، سەۋر-تاقەت ۋە مۆمىن-مۇلايىملىقنى ئىنتىلىپ قوغلا.
12 Etiⱪadtiki güzǝl kürǝxtǝ küqǝp kürǝx ⱪil. Mǝnggülük ⱨayatni qing tutⱪin. Sǝn dǝl buningƣa qaⱪirilding ⱨǝmdǝ uning yolida nurƣunliƣan guwaⱨqilar aldida bu etiⱪadning güzǝl xaⱨitliⱪini ⱪilding. (aiōnios g166)
ئېتىقادتىكى گۈزەل كۈرەشتە كۈچەپ كۈرەش قىل. مەڭگۈلۈك ھاياتنى چىڭ تۇتقىن. سەن دەل بۇنىڭغا چاقىرىلدىڭ ھەمدە ئۇنىڭ يولىدا نۇرغۇنلىغان گۇۋاھچىلار ئالدىدا بۇ ئېتىقادنىڭ گۈزەل شاھىتلىقىنى قىلدىڭ. (aiōnios g166)
13 Ⱨǝmmigǝ ⱨayatliⱪ beriwatⱪan Hudaning aldida, xundaⱪla Pontius Pilatus aldida güzǝl xaⱨitliⱪni ⱪilip guwaⱨliⱪ bǝrgǝn Mǝsiⱨ Əysaning aldida sanga xuni tapilaymǝnki,
ھەممىگە ھاياتلىق بېرىۋاتقان خۇدانىڭ ئالدىدا، شۇنداقلا پونتىئۇس پىلاتۇسقا گۈزەل شاھىتلىقنى قىلىپ گۇۋاھلىق بەرگەن مەسىھ ئەيسانىڭ ئالدىدا ساڭا شۇنى تاپىلايمەنكى،
14 Rǝbbimiz Əysa Mǝsiⱨ ⱪayta ayan bolƣuqǝ, [Hudaning] bu ǝmrigǝ ⱨeq ⱪusursiz wǝ daƣsiz ǝmǝl ⱪilƣin.
رەببىمىز ئەيسا مەسىھ قايتا ئايان بولغۇچە، [خۇدانىڭ] بۇ ئەمرىگە ھېچ قۇسۇرسىز ۋە داغسىز ئەمەل قىلغىن.
16 Uning ayan boluxini waⱪit-saiti kǝlgǝndǝ birdinbir mǝnggü ɵlmigüqi, insan yeⱪinlixalmaydiƣan nur iqidǝ yaxaydiƣan, ⱨeqkim kɵrmigǝn wǝ kɵrǝlmǝydiƣan mubarǝklǝxkǝ layiⱪ bolƣan birdinbir Ⱨɵkümran, yǝni padixaⱨlarning Padixaⱨi, rǝblǝrning Rǝbbi ǝmǝlgǝ axuridu. Uningƣa izzǝt-ⱨɵrmǝt wǝ ǝbǝdil’ǝbǝd küq-ⱪudrǝt bolƣay, amin! (aiōnios g166)
‏ ئۇنىڭ ئايان بولۇشىنى ۋاقىت-سائىتى كەلگەندە بىردىنبىر مەڭگۈ ئۆلمىگۈچى، ئىنسان يېقىنلىشالمايدىغان نۇر ئىچىدە ياشايدىغان، ھېچكىم كۆرمىگەن ۋە كۆرەلمەيدىغان مۇبارەكلەشكە لايىق بولغان بىردىنبىر ھۆكۈمران، يەنى پادىشاھلارنىڭ پادىشاھى، رەبلەرنىڭ رەببى ئەمەلگە ئاشۇرىدۇ. ئۇنىڭغا ئىززەت-ھۆرمەت ۋە ئەبەدىلئەبەد كۈچ-قۇدرەت بولغاي، ئامىن! (aiōnios g166)
17 Bu zamanda bay bolƣanlarƣa mǝƣrurlanmasliⱪni, tayanƣusiz ɵtkünqi bayliⱪⱪa ǝmǝs, bǝlki biz bǝⱨrimǝn boluxⱪa ⱨǝmmini bizgǝ sehiyliⱪ bilǝn tolup taxⱪan ⱨalda tǝminligüqi Hudaƣa tayinip ümid baƣlaxni tapiliƣin; (aiōn g165)
بۇ زاماندا باي بولغانلارغا مەغرۇرلانماسلىقنى، تايانغۇسىز ئۆتكۈنچى بايلىققا ئەمەس، بەلكى بىز بەھرىمەن بولۇشقا ھەممىنى بىزگە سېخىيلىق بىلەن تولۇپ تاشقان ھالدا تەمىنلىگۈچى خۇداغا تايىنىپ ئۈمىد باغلاشنى تاپىلىغىن؛ (aiōn g165)
18 ularƣa yahxi ǝmǝllǝrni ⱪilixta [ⱨǝⱪiⱪiy] bay bolunglar, hǝyr-sahawǝtlik ixlarda mǝrd, baxⱪilar bilǝn ortaⱪ bǝⱨrlinixkǝ ⱪoli oquⱪ bolunglar dǝp tapiliƣin.
ئۇلارغا ياخشى ئەمەللەرنى قىلىشتا [ھەقىقىي] باي بولۇڭلار، خەير-ساخاۋەتلىك ئىشلاردا مەرد، باشقىلار بىلەن ئورتاق بەھرلىنىشكە قولى ئوچۇق بولۇڭلار دەپ تاپىلىغىن.
19 Ular bundaⱪ ⱪilƣanda, ⱨǝⱪiⱪiy ⱨayatni tutux üqün kelǝqǝktǝ ɵzlirigǝ puhta bir asas-ul bolidiƣan bir hǝzinǝ topliyalaydu.
ئۇلار بۇنداق قىلغاندا، ھەقىقىي ھاياتنى تۇتۇش ئۈچۈن كېلەچەكتە ئۆزلىرىگە پۇختا بىر ئاساس-ئۇل بولىدىغان بىر خەزىنە توپلىيالايدۇ.
20 Əy Timotiy, sanga amanǝt ⱪilinƣan [ⱨǝⱪiⱪǝtlǝrni] ⱪoƣda. Ɵzüngni ihlassiz, ⱪuruⱪ gǝplǝrdin ⱨǝmdǝ atalmix ilimning talax-tartixliridin neri tutⱪin.
ئەي تىموتىي، ساڭا ئامانەت قىلىنغان [ھەقىقەتلەرنى] قوغدا. ئۆزۈڭنى ئىخلاسسىز، قۇرۇق گەپلەردىن ھەمدە ئاتالمىش ئىلىمنىڭ تالاش-تارتىشلىرىدىن نېرى تۇتقىن.
21 Bǝzilǝr muxundaⱪ bimǝnǝ [ilimgǝ] egimǝn dǝp jakarlap, etiⱪadtin qǝtnidi. Meⱨir-xǝpⱪǝt silǝrgǝ yar bolƣay!
بەزىلەر مۇشۇنداق بىمەنە [ئىلىمگە] ئېگىمەن دەپ جاكارلاپ، ئېتىقادتىن چەتنىدى. مېھىر-شەپقەت سىلەرگە يار بولغاي!

< Timotiyƣa 1 6 >