< رىملىقلارغا 2 >

ئەمدى ئەي باشقىلارنىڭ ئۈستىدىن ھۆكۈم قىلىدىغان ئىنسان، كىم بولۇشۇڭدىن قەتئىينەزەر باھانە كۆرسىتەلمەيسەن؛ چۈنكى باشقىلار ئۈستىدىن قايسى ئىشتا ھۆكۈم قىلساڭ، شۇ ئىشتا ئۆز گۇناھىڭنى بېكىتىسەن. چۈنكى ئەي ھۆكۈمچى، سەن ئۆزۈڭمۇ ئۇلارغا ئوخشاش ئىشلارنى قىلىۋاتىسەن. 1
بىزگە مەلۇمكى، خۇدانىڭ ئۇنداق ئىشلارنى قىلغانلار ئۈستىدىن ھۆكۈم چىقىرىشى [مۇتلەق] ھەقىقەتكە ئاساسلانغاندۇر. 2
شۇڭا، ئى شۇنداق ئىشلارنى قىلغانلار ئۈستىدىن ھۆكۈم چىقارغۇچى، شۇنداقلا شۇنىڭغا ئوخشاش ئىشلارنى قىلغۇچى ئىنسان، ئۆزۈڭ خۇدانىڭ ھۆكۈمىدىن قاچالايمەن دەپ خىيال قىلامسەن؟ 3
ياكى خۇدانىڭ مېھرىبانلىقىنىڭ سېنى توۋا قىلىش يولىغا باشلايدىغانلىقىنى ھېچ بىلمەي، ئۇنىڭ مېھرىبانلىقى، كەڭ قورساقلىقى ۋە سەۋر-تاقىتىنىڭ موللۇقىغا سەل قاراۋاتامسەن؟ 4
ئەكسىچە، توۋا قىلمايدىغان جاھىللىقىڭ ۋە تاش يۈرەكلىكىڭدىن، خۇدا ئادىل ھۆكۈمىنى ئايان قىلىدىغان غەزەپلىك كۈنى ئۈچۈن سەن ئۆز بېشىڭغا چۈشىدىغان غەزىپىنى توپلاۋاتىسەن. 5
خۇدا ھەركىمگە ئۆز ئەمەللىرىگە يارىشا ئىش كۆرىدۇ. 6
ياخشى ئىشلارنى سەۋرچانلىق بىلەن قىلىپ، شان-شەرەپ، ھۆرمەت-ئېھتىرام ۋە باقىيلىقنى ئىزدىگەنلەرگە ئۇ مەڭگۈلۈك ھايات ئاتا قىلىدۇ؛ (aiōnios g166) 7
لېكىن شەخسىيەتچىلەرگە، ھەقىقەتكە تەن بەرمەي، ئەكسىچە ھەققانىيەتسىزلىككە ئەگەشكەنلەرگە غەزەپ-قەھر ياغدۇرۇلىدۇ؛ 8
يامانلىق قىلىدىغان بارلىق جان ئىگىسىگە، ئالدى بىلەن يەھۇدىيلارغا، ئاندىن كرېكلەرگە كۈلپەت ۋە دەرد-ئەلەم چۈشىدۇ؛ 9
بىراق، بارلىق ياخشىلىق قىلغۇچىلارغا، ئالدى بىلەن يەھۇدىيلارغا، ئاندىن يەھۇدىي ئەمەسلەرگە شان-شەرەپ، ھۆرمەت-ئېھتىرام ۋە ئامان-خاتىرجەملىك تەقدىم قىلىنىدۇ. 10
چۈنكى خۇدادا ئادەمنىڭ يۈز-خاتىرىسىنى قىلىش يوقتۇر. 11
ــ چۈنكى تەۋرات قانۇنىنى بىلمەي گۇناھ سادىر قىلغانلارنىڭ ھەربىرى تەۋرات قانۇنىنىڭ ھۆكۈمىگە ئۇچرىمىسىمۇ، [ئەيىبكە ئۇچراپ] ھالاك بولىدۇ؛ تەۋرات قانۇنىنى بىلىپ تۇرۇپ گۇناھ سادىر قىلغانلارنىڭ ھەربىرى بۇ قانۇن بويىچە سوراققا تارتىلىدۇ 12
(چۈنكى خۇدانىڭ ئالدىدا قانۇننى ئاڭلىغانلار ئەمەس، بەلكى قانۇنغا ئەمەل قىلغۇچىلار ھەققانىي ھېسابلىنىدۇ. 13
چۈنكى تەۋرات قانۇنىنى بىلمەيدىغان ئەللىكلەر تەبىئىي ھالدا بۇ قانۇنغا ئۇيغۇن ئىشلارنى قىلسا، گەرچە بۇ قانۇندىن خەۋەرسىز بولسىمۇ، تەۋرات قانۇنى ئۇلاردا كۆرۈنگەن بولىدۇ. 14
ئۇلارنىڭ بۇ قىلغانلىرى ئۆز قەلبلىرىگە قانۇن تەلەپلىرىنىڭ پۈتۈكلۈك ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ؛ شۇنىڭدەك، ئۇلارنىڭ ۋىجدانلىرىمۇ ئۆزلىرىگە ھەقىقەتنىڭ گۇۋاھچىسى بولۇپ، ئوي-پىكىرلىرى ئۆزىنى ئەيىبلەيدۇ ياكى ئۆزىنى ئاقلايدۇ) 15
ــ مەن يەتكۈزۈپ كېلىۋاتقان بۇ خۇش خەۋەرگە ئاساسەن خۇدانىڭ ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق ئىنسانلارنىڭ قەلبىدە پۈككەن مەخپىي ئىشلار ئۈستىدىن ھۆكۈم چىقىرىدىغان كۈنىدە، [يۇقىرىدا ئېيتىلغان ئىشلار چوقۇم يۈز بېرىدۇ]. 16
سەنچۇ، ئەگەر ئۆزۈڭنى يەھۇدىي دەپ ئاتاپ، تەۋرات قانۇنىغا ئۈمىد باغلاپ، خۇداغا تەۋەمەن دەپ ماختانساڭ، 17
قانۇندىن ئۆگىنىپ ئۇنىڭ ئىرادىسىنى بىلىپ، ئېسىل بىلەن پەسنى پەرق ئەتكەن بولساڭ، 18
تەۋرات قانۇنىدىن بىلىم ۋە ھەقىقەتنىڭ جەۋھىرىگە ئىگە بولدۇم دەپ قاراپ، ئۆزۈڭنى كورلارغا يول باشلىغۇچى، قاراڭغۇدا قالغانلارغا ماياك، نادانلارغا ئۆگەتكۈچى، گۆدەكلەرگە ئۇستاز دەپ ئىشەنگەن بولساڭ ــ 19
20
ئەمدى سەن باشقىلارغا تەلىم بېرىسەنۇ، ئۆزۈڭگە بەرمەمسەن؟ ئوغرىلىق قىلماڭلار دەپ ۋەز ئېيتىسەنۇ، ئۆزۈڭ ئوغرىلىق قىلامسەن؟ 21
«زىنا قىلماڭلار» ــ دەپ ۋەز ئېيتىيسەنۇ، ئۆزۈڭ زىنا قىلامسەن؟ بۇتلاردىن نەپرەتلىنىسەنۇ، ئۆزۈڭ بۇتخانىلاردىكى نەرسىلەرنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلامسەن؟ 22
تەۋرات قانۇنى بىلەن ماختىنىسەنۇ، ئۆزۈڭ شۇ قانۇنغا خىلاپلىق قىلىپ، خۇداغا داغ كەلتۈرەمسەن؟! 23
خۇددى [مۇقەددەس يازمىلاردا] يېزىلغىنىدەك: «سىلەرنىڭ قىلمىشىڭلار تۈپەيلىدىن خۇدانىڭ نامى تائىپىلەر ئارىسىدا كۇپۇرلۇققا ئۇچرىماقتا». 24
تەۋرات قانۇنىغا ئەمەل قىلساڭ، خەتنە قىلىنغىنىڭنىڭ ئەھمىيىتى بولىدۇ، لېكىن ئۇنىڭغا خىلاپلىق قىلساڭ، خەتنە قىلىنغىنىڭ خەتنە قىلىنمىغاندەك ھېسابلىنىدۇ. 25
ئەمدى خەتنىسىزلەر قانۇننىڭ تەلەپلىگە ئەمەل قىلسا، گەرچە خەتنىسىز بولسىمۇ، خۇدا تەرىپىدىن خەتنىلىك ھېسابلانمامدۇ؟ 26
تەۋرات قانۇن دەستۇرىدىن خەۋەردار ۋە خەتنىلىك تۇرۇقلۇق قانۇنغا خىلاپلىق قىلغۇچى، ئى يەھۇدىي، قانۇنغا ئەمەل قىلىدىغان جىسمانىي خەتنىسىزلەر تەرىپىدىن سېنىڭ گۇناھىڭ ئۈستىدىن ھۆكۈم چىقىرىلىۋاتمامدۇ؟ 27
چۈنكى سىرتقى كۆرۈنۈشى يەھۇدىي بولسىلا ئۇنى [ھەقىقىي] يەھۇدىي دېگىلى بولمايدۇ، سىرتقى جەھەتتىكى جىسمانىي خەتنىنىمۇ [ھەقىقىي] خەتنە دېگىلى بولمايدۇ، 28
روھىدا يەھۇدىي بولغىنى [ھەقىقىي] يەھۇدىيدۇر؛ ئۇنىڭ خەتنە قىلىنغىنى خەتنە قانۇن دەستۇرى ئارقىلىق ئەمەس، بەلكى قەلبىدە، روھتىندۇر. بۇنداق كىشىنىڭ تەرىپلىنىشى ئىنسانلار تەرىپىدىن ئەمەس، بەلكى خۇدا تەرىپىدىن بولىدۇ. 29

< رىملىقلارغا 2 >