< رىملىقلارغا 14 >

ئېتىقادى ئاجىزلارنى قوبۇل قىلىڭلار، لېكىن ئۇلار بىلەن پىكىردە تالاش-تارتىش قىلماڭلار. 1
بىرسى ھەرقانداق يېمەكلىكنى يېيىشكە بولىدىغىنىغا ئىشىنىدۇ؛ لېكىن يەنە ئېتىقادى ئاجىز بىرسى پەقەت كۆكتاتلارنىلا يەيدۇ. 2
ھەرقانداق يېمەكلىكلەرنى يەيدىغان كىشى يېمەيدىغان كىشىنى كەمسىتمىسۇن؛ ھەمدە [بەزى نەرسىنى] يېمەيدىغان كىشى ھەرقانداق يېمەكلىكلەرنى يەيدىغان كىشى ئۈستىدىن ھۆكۈم قىلمىسۇن. چۈنكى خۇدا ئۇنى قوبۇل قىلغان. 3
باشقا بىرسىنىڭ خىزمەتكارى ئۈستىدىن ھۆكۈم قىلغۇچى سەن كىم ئىدىڭ؟ خىزمەتكارنىڭ تىك تۇرۇشى ياكى يىقىلىپ كېتىشىگە پەقەتلا ئۆز خوجايىنى مەسئۇلدۇر. ھەمدە [شۇ خىزمەتكارمۇ] تىك تۇرىدىغان قىلىنىدۇ ــ چۈنكى [خۇجايىنى] رەب ئۇنى تىك تۇرغۇزۇشقا قادىردۇر. 4
مەلۇم بىرسى مەلۇم بىر كۈننى يەنە بىر كۈندىن ئۈستۈن كۆرىدۇ، يەنە بىرسى ھەممە كۈننى ئوخشاش دەپ قارايدۇ. ھەركىم ئۆزىنىڭ كۆزقارىشىغا تولۇق ئىشەنچى بولسۇن. 5
مەلۇم كۈننى قەدىرلەيدىغان كىشى بۇنىڭ بىلەن رەببىنىڭ ھۆرمىتىدە ئۇنى قەدىرلەيدۇ. بىر نەرسىنى يەيدىغان كىشىمۇ رەببىنىڭ ھۆرمىتىدە يەيدۇ، چۈنكى ئۇ ئۆز رىزقى ئۈچۈن خۇداغا تەشەككۈر ئېيتىدۇ. مەلۇم نەرسىنى يېمەيدىغان كىشى يېمەيدىغانلىقى بىلەن ئۆزىنىڭ رەببىنىڭ ھۆرمىتىدە يېمەيدۇ، ئۇمۇ شۇنداقلا خۇداغا تەشەككۈر ئېيتىدۇ. 6
چۈنكى ھېچقايسىمىز ئۆزىمىز ئۈچۈن ياشىمايمىز ۋە ھېچقايسىمىز ئۆزىمىز ئۈچۈن ئۆلمەيمىز؛ 7
بەلكى ئەگەر ياشىساق، رەببىمىز ئۈچۈن ياشايمىز؛ ئۆلسەك، رەببىمىز ئۈچۈن ئۆلىمىز. شۇنىڭ ئۈچۈن ياشىساقمۇ، ئۆلسەكمۇ رەببىمىزگە مەنسۇپتۇرمىز. 8
چۈنكى مەسىھنىڭ ئۆلۈشى ۋە تىرىلىشىدەل شۇ مەقسەت بىلەن بولدىكى، ئۇنىڭ ئۆلۈكلەرنىڭ ھەم تىرىكلەرنىڭ رەببى بولۇشى ئۈچۈندۇر. 9
ئۇنداقتا، سەن نېمە ئۈچۈن قېرىندىشىڭ ئۈستىدىن ھۆكۈم قىلىسەن؟ ياكى نېمە ئۈچۈن قېرىندىشىڭنى مەنسىتمەيسەن؟ چۈنكى ھەممىمىز خۇدانىڭ سوراق تەختى ئالدىدا تۇرىشىمىز كېرەك بولىدۇ. 10
چۈنكى [مۇقەددەس يازمىلاردا] ئېيتىلغىنىدەك: ــ «پەرۋەردىگار دەيدۇكى: ــ ئۆز ھاياتىم بىلەن قەسەم ئىچىمەنكى، ماڭا بارلىق تىزلار پۈكۈلىدۇ، بارلىق تىللار مېنى ئېتىراپ قىلىپ مەدھىيە ئوقۇيدۇ». 11
شۇڭا، ھەربىرىمىز خۇدا ئالدىدا ئۆزىمىز توغرۇلۇق ھېساب بېرىمىز. 12
شۇنىڭ ئۈچۈن، بىر-بىرىمىزنىڭ ئۈستىدىن ھۆكۈم قىلغۇچى ئىككىنچى بىرى بولمايلى. بۇنىڭ ئورنىغا شۇنداق ھۆكۈم-قارارغا كېلىڭلاركى، ھەرقانداق قېرىنداشقا گۇناھقا يىقىتىدىغان بىر نەرسىنى ياكى تۇزاقنى قويماسلىق كېرەك. 13
رەببىمىز ئەيسادا بولغانلىقىمدىن شۇنىڭغا قەتئىي ئىشەندۈرۈلۈپ بىلىمەنكى، ھەرقانداق نەرسە ئۆزلىكىدىن ھارام ئەمەستۇر؛ لېكىن بىر نەرسىنى ھارام دەپ قارىغان كىشى ئۈچۈن، ئۇ ئۇنىڭغا ھارامدۇر. 14
ئەگەر يېمەكلىكىڭ تۈپەيلىدىن قېرىندىشىڭنى ئازابقا قويغان بولساڭ، مېھىر-مۇھەببەت يولىدا ماڭمىغان بولىسەن. مەسىھ ئۇنىڭ ئۈچۈن ئۆز جېنىنى پىدا قىلىپ ئۆلگەن، بۇ [قېرىندىشىڭنى] يېمەكلىكىڭ بىلەن نابۇت قىلما! 15
ئەمدى سىلەر ياخشى دەپ قارىغان ئىشلارنىڭ يامان دېيىلىشىگە سەۋەبچى بولۇپ قالماڭلار. 16
چۈنكى خۇدانىڭ پادىشاھلىقى يېمەك-ئىچمەكتە ئەمەس، بەلكى مۇقەددەس روھتا بولغان ھەققانىيلىق، ئىناقلىق-خاتىرجەملىك ۋە شادلىقتىدۇر. 17
بۇلاردا ياشاپ مەسىھكە خىزمەت قىلغۇچى كىشى خۇدانى خۇرسەن قىلىدۇ ۋە ئىنسانلارنىڭ تەرىپلىشىگە سازاۋەر بولىدۇ. 18
شۇنىڭ ئۈچۈن ئۆزىمىزنى ئىناقلىقنى ئىلگىرى سۈرىدىغان ۋە بىر-بىرىمىزنىڭ ئېتىقادىنى قۇرۇپ چىقىدىغان ئىشلارغا ئاتايلى. 19
يېمەكلىكنى دەپ خۇدانىڭ ئەجرىنى نابۇت قىلماڭلار. ھەممە نەرسە دەرۋەقە ھالالدۇر؛ بىراق بىرسى يېگىنى بىلەن [ئېتىقادىدا] پۇتلاشسا، ئۇ ئۇنىڭغا يامان ھېسابلىنىدۇ. 20
شۇنىڭ ئۈچۈن گۆش يېيىش، شاراب ئىچىش، شۇنداقلا باشقا ھەرقانداق ئىشلارنى قىلىشىڭ قېرىندىشىڭنى گۇناھقا تېيىلدۇرىدىغان، ئازابقا قويىدىغان ياكى ئۇنى ئاجىزلاشتۇرىدىغان بولسا، بۇلارنى قىلمىغىنىڭ تۈزۈك. 21
سېنىڭ [مەلۇم بىر ئىشنى قىلىشقا] ئىشەنچىڭ بارمۇ؟ ئەمدى بۇ ئىشەنچ خۇدا بىلەن سېنىڭ ئاراڭدىكى ئىشتۇر. ئۆزى قىلىۋاتقان ئىشنى توغرا دەپ قارىغان، شۇنىڭدىن ۋىجدانىمۇ ئەيىبكە بۇيرۇلمىغان كىشى نېمىدېگەن بەختلىك-ھە! 22
لېكىن [يېمەكلىكتىن] گۇمانلىنىپ تۇرۇپ يەنە شۇنى يېگەن كىشى ئەيىبكە بۇيرۇلىدۇ، چۈنكى بۇنى ئىشەنچ بىلەن يېمىگەن. ئىشەنچتىن بولمىغان ھەرقانداق ئىش گۇناھتۇر. 23

< رىملىقلارغا 14 >