< ۋەھىي 11 >

ماڭا ئۆلچىگۈچ ھاسىدەك بىر قومۇش بېرىلىپ، مۇنداق دېيىلدى: «بارغىن، خۇدانىڭ ئىبادەتخانىسى، قۇربانگاھى ۋە ئۇ يەردە ئىبادەت قىلىۋاتقانلارنى ئۆلچىگىن. 1
لېكىن ئىبادەتخانىنىڭ تاشقىرىقى ھويلىسىنى ئۆلچىمەي قوي، چۈنكى ئۇ يەر يات تائىپىلەرگە بېرىلدى، شۇنىڭ بىلەن مۇقەددەس شەھەر قىرىق ئىككى ئاي دەپسەندە قىلىنىدۇ. 2
مەن ئىككى گۇۋاھچىمغا قۇدرەت بېرىمەن، شۇنىڭ بىلەن ئۇلار بۆز كىيىم كىيىپ، ۋەھىي-بېشارەتلەرنى بىر مىڭ ئىككى يۈز ئاتمىش كۈن يەتكۈزىدۇ» 3
(بۇلار يەر-زېمىننىڭ رەببى ئالدىدا تۇرغان ئىككى تۈپ زەيتۇن دەرىخى ۋە ئىككى چىراغداندۇر). 4
بىرەرسى ئۇلارنى زەخىملەندۈرمەكچى بولسا، ئېغىزلىرىدىن ئوت پۈركۈلۈپ چىقىپ، دۈشمەنلىرىنى يەپ تۈگىتىدۇ. ئۇلارنى زەخىملەندۈرمەكچى بولغانلار مانا شۇنداق ئۆلتۈرۈلىدۇ. 5
ئۇلار بېشارەت-ۋەھىينى يەتكۈزگەن كۈنلەردە يامغۇر ياغدۇرماسلىققا ئاسماننى ئېتىۋېتىش قۇدرىتىكە ئىگە؛ سۇلارنى قانغا ئايلاندۇرۇش ۋە ھەرخىل بالا-ۋابا بىلەن يەر-زېمىننى خالىغان ۋاقىتتا ئۇرۇش قۇدرىتىگىمۇ ئىگە. 6
ئۇلارنىڭ گۇۋاھلىق ۋەزىپىسى ئاياغلىشىشى بىلەن، تېگى يوق ھاڭدىن چىقىدىغان دىۋە ئۇلار بىلەن ئېلىشىدۇ ۋە ئۇلارنى يېڭىپ ئۆلتۈرىدۇ. (Abyssos g12) 7
جەسەتلىرى روھىي جەھەتتىن سودوم ۋە مىسىر دەپ ئاتىلىدىغان شۇ كاتتا شەھەرنىڭ غول كوچىسىدا ياتىدۇ؛ شۇ يەردە ئۇلارنىڭ رەببىمۇ كرېستلەنگەنىدى. 8
ھەر مىللەتتىن، ھەر قەبىلىدىن ۋە ھەر خىل تىلدا سۆزلىشىدىغانلاردىن، ھەر ئەلدىن بولغان ئادەملەر ئۇلارنىڭ جەسەتلىرىگە ئۈچ يېرىم كۈن تىكىلىپ قارايدۇ ۋە جەسەتلەرنىڭ يەرلىككە قويۇلۇشىغا يول قويمايدۇ. 9
يەر يۈزىدە تۇرۇۋاتقانلار ئۇلارنىڭ بۇ ھالىدىن خۇشاللىنىپ، تەبرىكلىشىپ، بىر-بىرىگە ھەدىيەلەر ئەۋەتىشىدۇ؛ چۈنكى بۇ ئىككى پەيغەمبەر يەر يۈزىدىكىلەرنى قىينايتتى. 10
لېكىن ئۈچ يېرىم كۈندىن كېيىن، خۇدادىن كەلگەن ھاياتلىق نەپىسى ئىككىيلەنگە كىردى، ئۇلار ئورنىدىن پۇت تىرەپ تۇردى؛ ئۇلارغا قاراۋاتقانلارنىڭ ئۈستىگە چوڭ بىر قورقۇنچ چۈشتى. 11
ئاندىن ئۇلار ئىككەيلەنگە ئەرشتىن كەلگەن: ــ «بۇ ياققا چىق!» دېگەن يۇقىرى بىر ئاۋازنى ئاڭلىدى؛ شۇنىڭ بىلەن ئۇلار دۈشمەنلىرىنىڭ كۆز ئالدىدا بىر بۇلۇت ئىچىدە ئاسمانغا كۆتۈرۈلدى. 12
دەل شۇ سائەت ئىچىدە شىددەتلىك يەر تەۋرەش يۈز بەردى، شەھەرنىڭ ئوندىن بىرى گۇمران بولۇپ، يەتتە مىڭ كىشى ھالاك بولدى. قالغانلىرى دەككە-دۈككىگە چۆمۈپ، ئەرشتىكى خۇدانى ئۇلۇغلاشتى. 13
ئىككىنچى «ۋاي» ئۆتۈپ كەتتى؛ مانا، ئۈچىنچى «ۋاي» كېلىشكە ئاز قالدى. 14
ئاندىن يەتتىنچى پەرىشتە كانىيىنى چالدى؛ ئەرشتە يۇقىرى ئاۋازلار ئاڭلىنىپ مۇنداق دېيىلدى: ــ «دۇنيانىڭ پادىشاھلىقى پەرۋەردىگارىمىز ۋە ئۇنىڭ مەسىھىنىڭ پادىشاھلىقى بولدى، ئۇ ئەبەدىلئەبەدگىچە ھۆكۈم سۈرىدۇ». (aiōn g165) 15
خۇدانىڭ ئالدىدا ئۆز تەختلىرىدە ئولتۇرغان يىگىرمە تۆت ئاقساقال يەرگە يىقىلىپ باش قويۇپ، خۇداغا سەجدە قىلىپ مۇنداق دېيىشتى: ــ 16
«شۈكۈرلەر ئېيتىمىز ساڭا، ئى بار بولغۇچى ۋە بار بولغان ھەممىگە قادىر پەرۋەردىگار خۇدا، چۈنكى ئۇلۇغ قۇدرىتىڭنى قولۇڭغا ئېلىپ، ھۆكۈمۈڭنى يۈرگۈزۈشكە باشلىدىڭ. 17
ئەللەر غەزەپلەنگەنىدى، ئەمدى سېنىڭ غەزىپىڭ يېتىپ كەلدى! ئۆلگەنلەرنى سوراق قىلىش، قۇل-خىزمەتكارلىرىڭ بولغان پەيغەمبەرلەرنى، مۇقەددەس بەندىلەرنى، تۆۋەن ياكى كاتتا بولسۇن نامىڭدىن قورققانلارنى ئىنئامىغا ئىگە قىلىش، يەر يۈزىنى ھالاك قىلغانلارنى ھالاك قىلىش ۋاقتى كەلدى». 18
ئاندىن خۇدانىڭ ئەرشتىكى ئىبادەتخانىسى ئېچىلدى ۋە ئۇنىڭ ئەھدە ساندۇقى ئىبادەتخانىدا كۆرۈندى؛ چاقماقلار، تۈرلۈك ئاۋازلار، گۈلدۈرمامىلار ، يەر تەۋرەش ۋە دەھشەتلىك مۆلدۈر بولدى. 19

< ۋەھىي 11 >