< زەبۇر 90 >

خۇدانىڭ ئادىمى بولغان مۇسانىڭ دۇئاسى: ــ يا رەببىم، سەن بارلىق دەۋردە بىزگە ماكان بولۇپ كېلىۋاتىسەن؛ 1
تاغلار ۋۇجۇدقا كەلمەستىن بۇرۇن، سەن يەر ۋە ئالەمنى شەكىللەندۈرمەستىن بۇرۇن، ئەزەلدىن ئەبەدگىچە تەڭرىدۇرسەن. 2
سەن ئىنساننى تۇپراققا ئايلاندۇرۇپ: ــ «ھەي، ئىنسان بالىلىرى، قايتىڭلار!» ــ دەيسەن. 3
مانا، سېنىڭ نەزىرىڭدە مىڭ يىل ــ ئۆتۈپ كەتكەن تۈنۈگۈنكى بىر كۈن، تۈندىكى بىر جېسەكتۇر، خالاس. 4
سەن ئادەملەرنى سۇ تاشقىنىدەك ئېلىپ كېتىسەن، ئۇلار ئۆتۈپ كەتكەن بىر ئۇيقۇدەك، تاڭ سەھەردە ئۈنۈپ چىققان ئوت-چۆپكە ئوخشايدۇ ــ 5
ئەتىگەندە ئۇلار كۆكىرىپ ئۈنىدۇ، كېچىسى بولسا كېسىلىپ، سولىشىپ كېتەر. 6
چۈنكى بىز غەزىپىڭ بىلەن يوقايمىز، قەھرىڭ بىلەن دەككە-دۈككىدە قالىمىز. 7
سەن قەبىھلىكلىرىمىزنى كۆز ئالدىڭغا، يوشۇرۇن قىلمىشلىرىمىزنى جامالىڭنىڭ نۇرى ئالدىغا قويدۇڭ. 8
بارلىق كۈنلىرىمىز دەرغەزىپىڭ ئاستىدا ئۆتۈپ كېتىدۇ، يىللىرىمىزنى بىر ئۇھ تارتىش بىلەنلا تۈگىتىمىز. 9
ئۆمرىمىزنىڭ يىللىرى يەتمىش يىل، ماغدۇرىمىز بار بولسا سەكسەن يىل؛ بىراق ئۇلارنىڭ پەخرى جاپا ۋە بىھۇدىلىكتۇر؛ ھايات تېزلىك بىلەن ئۈزەر، مانا، بىز ئۇچۇپ كەتتۇق. 10
ساڭا بولغان ھۆرمەت-ئەيمىنىشنىڭ ئاز-كۆپلۈكىگە قاراپ ھېسابلىنىدىغان، ئاچچىقىڭنىڭ شىددىتىنى كىم بىلسۇن؟ 11
شۇڭا كۆڭلىمىزنى دانالىققا قويۇشىمىز ئۈچۈن، كۈنلىرىمىزنى ساناشنى بىزگە ئۆگەتكەيسەن! 12
يېنىمىزغا قايتقايسەن، ئى پەرۋەردىگار، سېنى قاچانغىچە...؟! قۇللىرىڭغا رەھىم قىلغايسەن! 13
بىزنى ئەتىگەندە ئۆزگەرمەس مۇھەببىتىڭ بىلەن قاندۇرغايسەن؛ ئۇنداقتا بارلىق كۈنلىرىمىزدە كۈيلەرنى ياڭرىتىپ شادلىنىمىز. 14
سەن بىزنى جاپاغا چۆمگەن كۈنلەرگە ئاساسەن، كۈلپەتنى كۆرگەن يىللىرىمىزغا ئاساسەن يەنە خۇرسەن قىلغىن! 15
ئۇلۇغ ئىشلىرىڭ قۇللىرىڭغا كۆرۈنگەي، شانۇ-شەۋكىتىڭ ئۇلارنىڭ ئوغۇللىرىغىمۇ ئاشكارا بولغاي! 16
پەرۋەردىگار خۇدايىمىزنىڭ شېرىن مەرھەمىتى ئۈستىمىزدە بولغاي، قولىمىزنىڭ ئىشلىرىنى ئۈستىمىزگە بەرىكەتلىك قىلغايسەن، بەرھەق، قولىمىزنىڭ ئىشلىرىنى بەرىكەتلىك قىلغايسەن! 17

< زەبۇر 90 >