< زەبۇر 3 >
داۋۇت ئۆز ئوغلى ئابشالومدىن قېچىپ يۈرگەن كۈنلەردە يازغان كۈي: ــ ئى پەرۋەردىگار، مېنى قىستاۋاتقانلار نەقەدەر كۆپىيىپ كەتكەن، مەن بىلەن قارشىلىشىۋاتقانلار نېمىدېگەن كۆپ! | 1 |
Psalmus David, Cum fugeret a facie Absalom filii sui. Domine quid multiplicati sunt qui tribulant me? multi insurgunt adversum me.
نۇرغۇنلار مەن توغرۇلۇق: ــ «خۇدادىن ئۇنىڭغا ھېچ نىجات يوقتۇر!» دېيىشىۋاتىدۇ. سېلاھ! | 2 |
Multi dicunt animae meae: Non est salus ipsi in Deo eius.
بىراق سەن، ئى پەرۋەردىگار، ئەتراپىمدىكى قالقاندۇرسەن؛ شان-شەرىپىم ھەم بېشىمنى يۆلىگۈچىدۇرسەن! | 3 |
Tu autem Domine susceptor meus es, gloria mea, et exaltans caput meum.
ئاۋازىم بىلەن مەن پەرۋەردىگارغا نىدا قىلىمەن، ئۇ مۇقەددەس تېغىدىن ئىجابەت بېرىدۇ. سېلاھ. | 4 |
Voce mea ad Dominum clamavi: et exaudivit me de monte sancto suo.
مەن بولسام ياتتىم، ئۇخلىدىم؛ ئويغاندىم، چۈنكى پەرۋەردىگار ماڭا يار-يۆلەك بولىدۇ. | 5 |
Ego dormivi, et soporatus sum: et exurrexi, quia Dominus suscepit me.
مېنى قورشاپ سەپ تۈزگەن تۈمەنلىگەن ئادەملەر بولسىمۇ، مەن ئۇلاردىن قورقمايمەن! | 6 |
Non timebo millia populi circumdantis me: exurge Domine: salvum me fac Deus meus.
ئى پەرۋەردىگار، ئورنۇڭدىن تۇر! مېنى قۇتقۇز، ئى خۇدايىم! مېنىڭ بارلىق دۈشمەنلىرىمنىڭ تەستىكىگە سالغايسەن؛ رەزىللەرنىڭ چىشلىرىنى چېقىۋەتكەيسەن! | 7 |
Quoniam tu percussisti omnes adversantes mihi sine causa: dentes peccatorum contrivisti.
نىجاتلىق بولسا پەرۋەردىگاردىندۇر؛ بەرىكىتىڭ ئۆز خەلقىڭدە بولسۇن! سېلاھ! | 8 |
Domini est salus: et super populum tuum benedictio tua.