< زەبۇر 104 >
پەرۋەردىگارغا تەشەككۈر-مەدھىيە قايتۇر، ئى جېنىم! ئى پەرۋەردىگار خۇدايىم، ئىنتايىن ئۇلۇغسەن؛ شانۇ-شەۋكەت ۋە ھەيۋەت بىلەن كىيىنگەنسەن؛ | 1 |
Ipsi David. Benedic, anima mea, Domino: Domine Deus meus, magnificatus es vehementer. Confessionem et decorem induisti,
لىباس بىلەن پۈركەنگەندەك يورۇقلۇققا پۈركەنگەنسەن، ئاسمانلارنى چېدىر پەردىسى كەبى يايغانسەن. | 2 |
amictus lumine sicut vestimento. Extendens cælum sicut pellem,
ئۇ يۇقىرىقى راۋاقلىرىنىڭ لىملىرىنى سۇلارغا ئورناتقان، بۇلۇتلارنى جەڭ ھارۋىسى قىلىپ، شامال قاناتلىرى ئۈستىدە ماڭىدۇ؛ | 3 |
qui tegis aquis superiora ejus: qui ponis nubem ascensum tuum; qui ambulas super pennas ventorum:
ئۇ پەرىشتىلىرىنى شاماللار، خىزمەتكارلىرىنى ئوت يالقۇنى قىلىدۇ. | 4 |
qui facis angelos tuos spiritus, et ministros tuos ignem urentem.
يەرنى ئۇ ئۇللىرى ئۈستىگە ئورناتقان؛ ئۇ ئەسلا تەۋرىنىپ كەتمەيدۇ. | 5 |
Qui fundasti terram super stabilitatem suam: non inclinabitur in sæculum sæculi.
لىباس بىلەن ئورالغاندەك، ئۇنى چوڭقۇر دېڭىزلار بىلەن ئورىغانسەن، سۇلار تاغلار چوققىلىرى ئۈستىدە تۇردى. | 6 |
Abyssus sicut vestimentum amictus ejus; super montes stabunt aquæ.
سېنىڭ تەنبىھىڭ بىلەن سۇلار بەدەر قاچتى، گۈلدۈرماماڭنىڭ ساداسىدىن ئۇلار تېزدىن ياندى؛ | 7 |
Ab increpatione tua fugient; a voce tonitrui tui formidabunt.
تاغلار ئۆرلەپ چىقتى، ۋادىلار چۈشۈپ كەتتى، [سۇلار] سەن بېكىتكەن جايغا چۈشۈپ كەتتى. | 8 |
Ascendunt montes, et descendunt campi, in locum quem fundasti eis.
ئۇلار تېشىپ، يەرنى يەنە قاپلىمىسۇن دەپ، سەن ئۇلارغا چەكلىمە قويغانسەن. | 9 |
Terminum posuisti quem non transgredientur, neque convertentur operire terram.
[تەڭرى] ۋادىلاردا بۇلاقلارنى ئېچىپ ئۇرغۇتىدۇ، سۇلىرى تاغلار ئارىسىدا ئاقىدۇ. | 10 |
Qui emittis fontes in convallibus; inter medium montium pertransibunt aquæ.
دالادىكى ھەربىر جانىۋارغا ئۇسسۇلۇق بېرىدۇ، ياۋايى ئېشەكلەر ئۇسسۇزلۇقىنى قاندۇرىدۇ. | 11 |
Potabunt omnes bestiæ agri; expectabunt onagri in siti sua.
كۆكتىكى قۇشلار ئۇلارنىڭ بويىدا قونىدۇ، دەرەخ شاخلىرى ئارىسىدا سايرايدۇ. | 12 |
Super ea volucres cæli habitabunt; de medio petrarum dabunt voces.
ئۇ يۇقىرىدىكى راۋاقلىرىدىن تاغلارنى سۇغىرىدۇ؛ يەر سېنىڭ ياسىغانلىرىڭنىڭ مېۋىلىرىدىن قاندۇرۇلىدۇ! | 13 |
Rigans montes de superioribus suis; de fructu operum tuorum satiabitur terra:
ئۇ ماللار ئۈچۈن ئوت-چۆپلەرنى، ئىنسانلار ئۈچۈن كۆكتاتلارنى ئۆستۈرىدۇ، شۇنداقلا ناننى يەردىن چىقىرىدۇ؛ | 14 |
producens fœnum jumentis, et herbam servituti hominum, ut educas panem de terra,
ئادەمنىڭ كۆڭلىنى خۇش قىلىدىغان شارابنى، ئىنسان يۈزىنى پارقىرىتىدىغان ماينى چىقىرىدۇ؛ ئىنساننىڭ يۈرىكىگە نان بىلەن قۇۋۋەت بېرىدۇ؛ | 15 |
et vinum lætificet cor hominis: ut exhilaret faciem in oleo, et panis cor hominis confirmet.
پەرۋەردىگارنىڭ دەرەخلىرى، يەنى ئۆزى تىككەن لىۋان كېدىر دەرەخلىرى [سۇ ئىچىپ] قانائەتلىنىدۇ. | 16 |
Saturabuntur ligna campi, et cedri Libani quas plantavit:
ئەنە ئاشۇلار ئارىسىغا قۇشلار ئۇۋا ياسايدۇ، لەيلەك بولسا، ئارچا دەرەخلىرىنى ماكان قىلىدۇ. | 17 |
illic passeres nidificabunt: herodii domus dux est eorum.
ئېگىز چوققىلار تاغ ئۆچكىلىرىنىڭ، تىك يارلار سۇغۇرلارنىڭ پاناھى بولىدۇ. | 18 |
Montes excelsi cervis; petra refugium herinaciis.
پەسىللەرنى بېكىتمەك ئۈچۈن ئۇ ئاينى ياراتتى، قۇياش بولسا پېتىشىنى بىلىدۇ. | 19 |
Fecit lunam in tempora; sol cognovit occasum suum.
سەن قاراڭغۇلۇق چۈشۈرىسەن، تۈن بولىدۇ؛ ئورماندىكى جانىۋارلارنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭدا شىپىر-شىپىر كېزىپ يۈرىدۇ. | 20 |
Posuisti tenebras, et facta est nox; in ipsa pertransibunt omnes bestiæ silvæ:
ئارسلانلار ئولجا ئىزدەپ ھۆركىرەيدۇ، تەڭرىدىن ئوزۇق-تۈلۈك سورىشىدۇ؛ | 21 |
catuli leonum rugientes ut rapiant, et quærant a Deo escam sibi.
قۇياش چىقىپلا، ئۇلار چېكىنىدۇ، قايتىپ كىرىپ ئۇۋىلىرىدا ياتىدۇ. | 22 |
Ortus est sol, et congregati sunt, et in cubilibus suis collocabuntur.
ئىنسان بولسا ئۆز ئىشىغا چىقىدۇ، تا كەچكىچە مېھنەتتە بولىدۇ. | 23 |
Exibit homo ad opus suum, et ad operationem suam usque ad vesperum.
ئى پەرۋەردىگار، ياسىغان ھەرخىل نەرسىلىرىڭ نەقەدەر كۆپتۇر! ھەممىسىنى ھېكمەت بىلەن ياراتقانسەن، يەر يۈزى ئىجات-بايلىقلىرىڭ بىلەن تولدى. | 24 |
Quam magnificata sunt opera tua, Domine! omnia in sapientia fecisti; impleta est terra possessione tua.
ئەنە بۈيۈك بىپايان دېڭىز تۇرىدۇ! ئۇنىڭدا سان-ساناقسىز غۇژ-غۇژ جانىۋارلار، چوڭ ۋە كىچىك ھايۋانلار بار. | 25 |
Hoc mare magnum et spatiosum manibus; illic reptilia quorum non est numerus: animalia pusilla cum magnis.
شۇ يەردە كېمىلەر قاتنايدۇ، ئۇنىڭدا ئويناقلىسۇن دەپ سەن ياسىغان لېۋىئاتانمۇ بار؛ | 26 |
Illic naves pertransibunt; draco iste quem formasti ad illudendum ei.
ۋاقتىدا ئوزۇق-تۈلۈك بەرگىن دەپ، بۇلارنىڭ ھەممىسى ساڭا قارايدۇ. | 27 |
Omnia a te expectant ut des illis escam in tempore.
ئۇلارغا بەرگىنىڭدە، تېرىۋالىدۇ، قولۇڭنى ئاچقىنىڭدىلا، ئۇلار نازۇنېمەتلەرگە تويىدۇ. | 28 |
Dante te illis, colligent; aperiente te manum tuam, omnia implebuntur bonitate.
يۈزۈڭنى يوشۇرساڭ، ئۇلار دەككە-دۈككىگە چۈشىدۇ، روھلىرىنى ئالساڭ، ئۇلار جان ئۈزۈپ، يەنە تۇپراققا قايتىدۇ. | 29 |
Avertente autem te faciem, turbabuntur; auferes spiritum eorum, et deficient, et in pulverem suum revertentur.
روھىڭنى ئەۋەتكىنىڭدە، ئۇلار يارىتىلىدۇ، يەر-يۈزى يېڭى [بىر دەۋر بىلەن] ئالمىشىدۇ. | 30 |
Emittes spiritum tuum, et creabuntur, et renovabis faciem terræ.
پەرۋەردىگارنىڭ شان-شۆھرىتى ئەبەدىيدۇر، پەرۋەردىگار ئۆز ياراتقانلىرىدىن خۇرسەن بولىدۇ. | 31 |
Sit gloria Domini in sæculum; lætabitur Dominus in operibus suis.
ئۇ يەرگە باققىنىدا، يەر تىترەيدۇ، تاغلارغا تەگكىنىدە، ئۇلار تۈتۈن چىقىرىدۇ. | 32 |
Qui respicit terram, et facit eam tremere; qui tangit montes, et fumigant.
ھاياتلا بولىدىكەنمەن، پەرۋەردىگارغا ناخشا ئېيتىمەن؛ ۋۇجۇدۇم بولسىلا خۇدايىمنى كۈيلەيمەن. | 33 |
Cantabo Domino in vita mea; psallam Deo meo quamdiu sum.
ئۇ سۈرگەن ئوي-خىياللىرىمدىن سۆيۈنسە! پەرۋەردىگاردا خۇشاللىنىمەن! | 34 |
Jucundum sit ei eloquium meum; ego vero delectabor in Domino.
گۇناھكارلار يەر يۈزىدىن تۈگىتىلىدۇ، رەزىللەر يوق بولىدۇ. ئى جېنىم، پەرۋەردىگارغا تەشەككۈر-مەدھىيە قايتۇر! ھەمدۇسانا! | 35 |
Deficiant peccatores a terra, et iniqui, ita ut non sint. Benedic, anima mea, Domino.