< چۆل‭-‬باياۋاندىكى‭ ‬سەپەر 23 >

بالائام بالاققا: — سىلى مۇشۇ يەرگە ماڭا يەتتە قۇربانگاھ ياسىتىپ بەرسىلە، مۇشۇ يەرگە يەنە يەتتە بۇقا بىلەن يەتتە قوشقارمۇ ھازىرلاپ بەرسىلە، — دېدى. 1
Dixitque Balaam ad Balac: Ædifica mihi hic septem aras, et para totidem vitulos, ejusdemque numeri arietes.
بالاق بالائامنىڭ دېگىنىدەك قىلىپ بەردى؛ بالاق بىلەن بالائام ئىككىسى ھەربىر قۇربانگاھقا قۇربانلىق قىلىشقا بىردىن بۇقا بىلەن بىردىن قوشقار سۇندى. 2
Cumque fecisset juxta sermonem Balaam, imposuerunt simul vitulum et arietem super aram.
بالائام بالاققا: — سىلى ئۆز كۆيدۈرمە قۇربانلىقلىرىنىڭ يېنىدا تۇرسىلا، مەن ئالدىغا بارىمەن، پەرۋەردىگار مېنىڭ بىلەن كۆرۈشۈشكە كېلەمدىكىن؟ ئۇ ماڭا نېمە دەپ كۆرسەتمە بەرسە، مەن ئۆزلىرىگە شۇنى دەپ بېرىمەن، — دېدى ۋە بىر دۆڭگە چىقتى. 3
Dixitque Balaam ad Balac: Sta paulisper juxta holocaustum tuum, donec vadam, si forte occurrat mihi Dominus, et quodcumque imperaverit, loquar tibi.
خۇدا بالائام بىلەن كۆرۈشتى؛ بالائام خۇداغا: — مەن يەتتە قۇربانگاھ ھازىرلاتتىم، ھەربىر قۇربانگاھقا قۇربانلىق سۈپىتىدە بىردىن بۇقا بىلەن بىردىن قوشقار سۇندۇم، — دېدى. 4
Cumque abiisset velociter, occurrit illi Deus. Locutusque ad eum Balaam: Septem, inquit, aras erexi, et imposui vitulum et arietem desuper.
پەرۋەردىگار بالائامنىڭ ئاغزىغا بىر سۆزنى سېلىپ: — بالاقنىڭ يېنىغا قايتىپ بېرىپ ئۇنىڭغا مۇنداق، مۇنداق دېگىن، — دېدى. 5
Dominus autem posuit verbum in ore ejus, et ait: Revertere ad Balac, et hæc loqueris.
شۇنىڭ بىلەن ئۇ بالاقنىڭ يېنىغا قايتىپ باردى. مانا، ئۇ ۋە موئابنىڭ بارلىق ئەمىرلىرى ئۇنىڭ كۆيدۈرمە قۇربانلىقىنىڭ يېنىدا تۇراتتى. 6
Reversus invenit stantem Balac juxta holocaustum suum, et omnes principes Moabitarum:
بالائام كالام سۆزىنى ئاغزىغا ئېلىپ مۇنداق دېدى: — بالاق مېنى ئارام دېگەن يۇرتتىن، موئاب شاھى بالاق مېنى مەشرىق تاغلىرىدىن ئېلىپ كېلىپ، مۇنداق دېدى: — كەل، مېنىڭ ئۈچۈن ياقۇپنى قارغىغىن. كەل، ئىسرائىلنى راسا بىر سۆكۈپ ئەيىبلىگىن. 7
assumptaque parabola sua, dixit: [De Aram adduxit me Balac rex Moabitarum, de montibus orientis: Veni, inquit, et maledic Jacob; propera, et detestare Israël.
تەڭرى ئۆزى قارغىمىغان بىراۋنى مەن قانداق قارغاي؟ پەرۋەردىگار ئۆزى سۆكۈپ ئەيىبلىمىگەن بىراۋنى مەن قانداق سۆكۈپ ئەيىبلەي؟ 8
Quomodo maledicam, cui non maledixit Deus? qua ratione detester, quem Dominus non detestatur?
مەن قورام تاشلارنىڭ چوققىلىرىدا تۇرۇپ ئۇنى كۆرمەكتىمەن، دۆڭلەردە تۇرۇپ ئۇنىڭغا نەزەر سالماقتىمەن؛ مانا، ئۇلار يەككە ياشايدىغان بىر قوۋم، ئۇلار باشقا قوۋملارنىڭ قاتارىدا سانالمايدۇ. 9
De summis silicibus videbo eum, et de collibus considerabo illum. Populus solus habitabit, et inter gentes non reputabitur.
ياقۇپنىڭ توپىلىرىنى كىم ھېسابلاپ چىقالايدۇ؟ ھەتتا ئىسرائىلنىڭ تۆتتىن بىرىنىمۇ كىم ساناپ چىقالايدۇ؟ مېنىڭ جېنىم ھەققانىينىڭ ئۆلۈمىدەك ئۆلسۇن، مېنىڭ ئاخىرىم ئۇنىڭكىدەك بولغاي! 10
Quis dinumerare possit pulverem Jacob, et nosse numerum stirpis Israël? Moriatur anima mea morte justorum, et fiant novissima mea horum similia.]
بالاق بالائامغا قاراپ: — سەن ماڭا نېمە قىلىۋاتىسەن؟! مەن سېنى دۈشمەنلىرىمنى قارغاپ بېرىشكە چاقىرىتقان تۇرسام، مانا سەن ئەكسىچە پۈتۈنلەي ئۇلارغا ئامەت تىلىدىڭ! — دېدى. 11
Dixitque Balac ad Balaam: Quid est hoc quod agis? ut malediceres inimicis meis vocavi te, et tu e contrario benedicis eis.
— پەرۋەردىگارنىڭ ئاغزىمغا سالغىنىنى يەتكۈزۈشكە كۆڭۈل قويمىسام بولامتى؟ — دەپ جاۋاپ بەردى بالائام. 12
Cui ille respondit: Num aliud possum loqui, nisi quod jusserit Dominus?
بالاق بالائامغا: — مېنىڭ بىلەن بىللە باشقا بىر يەرگە بارسىلا، ئۇلارنى شۇ يەردىن كۆرەلەيلا؛ بىراق ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى ئەمەس، ئۇلارنىڭ چېگرىدىكى بىر قىسمىنىلا كۆرەلەيلا؛ سىلى شۇ يەردە تۇرۇپ ئۇلارنى مەن ئۈچۈن قارغاپ بەرسىلە، — دېدى. 13
Dixit ergo Balac: Veni mecum in alterum locum unde partem Israël videas, et totum videre non possis: inde maledicito ei.
شۇنىڭ بىلەن بالاق بالائامنى «زوفىمنىڭ دالاسى»غا، پىسگاھ تېغىنىڭ چوققىسىغا باشلاپ بېرىپ، شۇ يەردە يەتتە قۇربانگاھ سالدۇرۇپ، ھەربىر قۇربانگاھقا قۇربانلىق سۈپىتىدە بىردىن بۇقا، بىردىن قوشقار سۇندى. 14
Cumque duxisset eum in locum sublimem, super verticem montis Phasga, ædificavit Balaam septem aras, et impositis supra vitulo atque ariete,
بالائام بالاققا: — سىلى مۇشۇ يەردە ئۆزلىرىنىڭ كۆيدۈرمە قۇربانلىقلىرىنىڭ يېنىدا تۇرۇپ تۇرسىلا، مەن ئاۋۇ ياققا بېرىپ كۆرۈشۈپ كېلەي، — دېدى. 15
dixit ad Balac: Sta hic juxta holocaustum tuum, donec ego obvius pergam.
پەرۋەردىگار بالائام بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۇنىڭ ئاغزىغا بىر سۆزنى سېلىپ: — سەن بالاقنىڭ يېنىغا قايتىپ ئۇنىڭغا مۇنداق، مۇنداق دېگىن، — دېدى. 16
Cui cum Dominus occurrisset, posuissetque verbum in ore ejus, ait: Revertere ad Balac, et hæc loqueris ei.
بالائام بالاقنىڭ يېنىغا قايتىپ كەلگەندە، مانا، ئۇ ۋە موئابنىڭ بارلىق ئەمىرلىرى ئۇنىڭ كۆيدۈرمە قۇربانلىقىنىڭ يېنىدا تۇراتتى. — پەرۋەردىگار نېمە دېدى؟ — دەپ سورىدى بالاق. 17
Reversus invenit eum stantem juxta holocaustum suum, et principes Moabitarum cum eo. Ad quem Balac: Quid, inquit, locutus est Dominus?
بالائام كالام سۆزىنى ئاغزىغا ئېلىپ مۇنداق دېدى: — «ھەي بالاق، سەن قوپۇپ ئاڭلىغىن، ئاھ ، زىپپورنىڭ ئوغلى، ماڭا قۇلاق سالغىن. 18
At ille, assumpta parabola sua, ait: [Sta, Balac, et ausculta; audi, fili Sephor:
تەڭرى ئىنسان ئەمەستۇر، ئۇ يالغان ئېيتمايدۇ، ياكى ئادەم بالىسىمۇ ئەمەستۇر، ئۇ پۇشايمان قىلمايدۇ. ئۇ دېگەنىكەن، ئىشقا ئاشۇرماي قالامدۇ؟ ئۇ سۆز قىلغانىكەن، ۋۇجۇدقا چىقارماي قالامدۇ؟ 19
non est Deus quasi homo, ut mentiatur, nec ut filius hominis, ut mutetur. Dixit ergo, et non faciet? locutus est, et non implebit?
مانا، ماڭا «بەرىكەتلە» دەپ تاپشۇرۇلدى، ئۇ بەرىكەتلىگەنىكەن، بۇنى مەن ياندۇرالمايمەن. 20
Ad benedicendum adductus sum: benedictionem prohibere non valeo.
ئۇ ياقۇپتا ھېچ گۇناھ كۆرمىگەن، ئىسرائىلدا ناھەقلىقنى ئۇچراتمىغان. خۇداسى پەرۋەردىگار ئۇنىڭ بىلەن بىللە، پادىشاھنىڭ تەنتەنە ئاۋازى ئۇنىڭ ئارىسىدىدۇر. 21
Non est idolum in Jacob, nec videtur simulacrum in Israël. Dominus Deus ejus cum eo est, et clangor victoriæ regis in illo.
تەڭرى ئۇنى مىسىردىن ئېلىپ چىققان؛ ئۇنىڭدا ياۋا كالىنىڭكىدەك كۈچ باردۇر. 22
Deus eduxit illum de Ægypto, cujus fortitudo similis est rhinocerotis.
چۈنكى ياقۇپلارغا ئەپسۇن كارغا كەلمەيدۇ، ئىسرائىللارغىمۇ پال كارغا كەلمەيدۇ. ۋاقتى-سائىتى كەلگەندە، ياقۇپ بىلەن ئىسرائىل توغرىسىدا: — «تەڭرى نەقەدەر كارامەت ئىش قىلىپ بەرگەن-ھە!» دەپ جاكارلانماي قالمايدۇ! 23
Non est augurium in Jacob, nec divinatio in Israël: temporibus suis dicetur Jacob et Israëli quid operatus sit Deus.
مانا، بۇ قوۋم چىشى شىردەك قوپىدۇ، ئەركەك شىردەك قەددىنى رۇسلايدۇ؛ ئۆزى ئوۋلىغان ئوۋنى يېمىگۈچە، ئۆلتۈرگەنلەرنىڭ قېنىنى ئىچمىگۈچە، ھەرگىز ياتمايدۇ!». 24
Ecce populus ut leæna consurget, et quasi leo erigetur: non accubabit donec devoret prædam, et occisorum sanguinem bibat.]
بالاق بالائامغا: — بولدى، سىلى ئۇلارنى ئازراقمۇ قارغىمىسىلا، ئۇلارغا ئامەتمۇ تىلىمىسىلە! — دېدى. 25
Dixitque Balac ad Balaam: Nec maledicas ei, nec benedicas.
بالائام بالاققا جاۋاب قىلىپ: — مەن سىلىگە: — «پەرۋەردىگارنىڭ ماڭا ئېيتقانلىرىنىڭ ھەممىسىگە ئەمەل قىلمىسام بولمايدۇ» دېگەن ئەمەسمىدىم؟ — دېدى. 26
Et ille ait: Nonne dixi tibi quod quidquid mihi Deus imperaret, hoc facerem?
بالاق بالائامغا: — كەلسىلە، مەن سىلىنى باشقا بىر يەرگە ئاپىراي، خۇدانىڭ نەزىرىدە سىلى شۇ يەردە تۇرۇپ ئۇلارنى قارغاشلىرى مۇۋاپىق تېپىلارمىكىن؟ — دېدى. 27
Et ait Balac ad eum: Veni, et ducam te ad alium locum: si forte placeat Deo ut inde maledicas eis.
شۇنىڭ بىلەن بالاق بالائامنى باشلاپ، چۆل-باياۋانغا قارايدىغان پېئور تېغىنىڭ چوققىسىغا كەلدى. 28
Cumque duxisset eum super verticem montis Phogor, qui respicit solitudinem,
بالائام بالاققا: — سىلى بۇ يەردە ماڭا يەتتە قۇربانگاھ سالدۇرۇپ بەرسىلە، يەتتە بۇقا بىلەن يەتتە قوشقارمۇ تەييارلاپ بەرسىلە، — دېدى. 29
dixit ei Balaam: Ædifica mihi hic septem aras, et para totidem vitulos, ejusdemque numeri arietes.
بالاق بالائامنىڭ دېگىنىدەك قىلدى، ھەربىر قۇربانگاھقا بىردىن بۇقا بىلەن بىردىن قوچقار سۇندى. 30
Fecit Balac ut Balaam dixerat: imposuitque vitulos et arietes per singulas aras.

< چۆل‭-‬باياۋاندىكى‭ ‬سەپەر 23 >