< ماتتا 8 >

ئۇ تاغدىن چۈشكەندە، توپ-توپ كىشىلەر ئۇنىڭغا ئەگىشىپ ماڭدى. 1
ۋە مانا، ماخاۋ كېسىلى بار بولغان بىر كىشى ئۇنىڭ ئالدىغا كېلىپ، بېشىنى يەرگە ئۇرۇپ تىزلىنىپ: ــ تەقسىر، ئەگەر خالىسىڭىز، مېنى كېسىلىمدىن پاك قىلالايسىز! ــ دېدى. 2
ئەيسا ئۇنىڭغا قولىنى تەگكۈزۈپ تۇرۇپ: ــ خالايمەن، پاك بولغىن! ــ دېۋىدى، بۇ ئادەمنىڭ ماخاۋ كېسىلى شۇئان پاك بولۇپ ساقايدى. 3
ئەيسا ئۇنىڭغا: ــ ھازىر بۇ ئىشنى ھېچكىمگە ئېيتما، بەلكى ئۇدۇل بېرىپ كاھىنغا ئۆزۈڭنى كۆرسىتىپ، ئۇلاردا بىر گۇۋاھلىق بولۇش ئۈچۈن، مۇسا بۇ ئىشتا ئەمر قىلغان ھەدىيە-قۇربانلىقنى سۇنغىن، ــ دېدى. 4
ئۇ كەپەرناھۇم شەھىرىگە بارغاندا، [رىملىق] بىر يۈزبېشى ئۇنىڭ ئالدىغا كېلىپ، ئۇنىڭدىن يېلىنىپ: 5
ــ تەقسىر، چاكىرىم پالەچ بولۇپ قېلىپ، بەك ئازابلىنىپ ئۆيدە ياتىدۇ، ــ دېدى. 6
مەن بېرىپ ئۇنى ساقايتىپ قوياي، ــ دېدى ئەيسا. 7
يۈزبېشى جاۋابەن: ــ تەقسىر، تورۇسۇمنىڭ ئاستىغا كىرىشىڭىزگە لايىق ئەمەسمەن. پەقەت بىر ئېغىزلا سۆز قىلىپ قويسىڭىز، چاكىرىم ساقىيىپ كېتىدۇ. 8
چۈنكى مەنمۇ باشقا بىرسىنىڭ ھوقۇقى ئاستىدىكى ئادەممەن، مېنىڭ قول ئاستىمدا لەشكەرلىرىم بار. بىرىگە بار دېسەم بارىدۇ، بىرىگە كەل دېسەم، كېلىدۇ. قۇلۇمغا بۇ ئىشنى قىل دېسەم، ئۇ شۇ ئىشنى قىلىدۇ، ــ دېدى. 9
ئەيسا بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ، ھەيران بولدى. ئۆزى بىللە كەلگەنلەرگە: ــ مەن سىلەرگە شۇنى بەرھەق ئېيتىپ قويايكى، بۇنداق ئىشەنچنى ھەتتا ئىسرائىللار ئارىسىدىمۇ تاپالمىغانىدىم. 10
سىلەرگە شۇنى ئېيتايكى، نۇرغۇن كىشىلەر كۈنچىقىش ۋە كۈنپېتىشتىن كېلىپ، ئەرش پادىشاھلىقىدا ئىبراھىم، ئىسھاق ۋە ياقۇپلار بىلەن بىر داستىخاندا ئولتۇرىدۇ. 11
لېكىن بۇ پادىشاھلىقنىڭ ئۆز پەرزەنتلىرى بولسا، سىرتتا قاراڭغۇلۇققا تاشلىنىپ، ئۇ يەردە يىغا-زارلار كۆتۈرىدۇ، چىشلىرىنى غۇچۇرلىتىدۇ، ــ دېدى. 12
ئاندىن، ئەيسا يۈزبېشىغا: ــ ئۆيۈڭگە قايت، ئىشەنگىنىڭدەك سەن ئۈچۈن شۇنداق قىلىنىدۇ، دېدى. ھېلىقى چاكارنىڭ كېسىلى شۇ پەيتتە ساقايتىلدى. 13
ئەيسا پېترۇسنىڭ ئۆيىگە بارغاندا، پېترۇسنىڭ قېينئانىسىنىڭ قىزىپ ئورۇن تۇتۇپ يېتىپ قالغىنىنى كۆردى. 14
ئۇ ئۇنىڭ قولىنى تۇتىۋىدى، ئۇنىڭ قىزىتمىسى ياندى. [ئايال] دەرھال ئورنىدىن تۇرۇپ، ئەيسانى كۈتۈشكە باشلىدى. 15
كەچ كىرگەندە، كىشىلەر جىن چاپلاشقان نۇرغۇن ئادەملەرنى ئۇنىڭ ئالدىغا ئېلىپ كېلىشتى. ئۇ بىر ئېغىز سۆز بىلەنلا جىنلارنى ھەيدىۋەتتى ۋە بارلىق كېسەللەرنى ساقايتتى. 16
بۇنىڭ بىلەن، يەشايا پەيغەمبەر ئارقىلىق يەتكۈزۈلگەن: «ئۇ ئۆزى ئاغرىق-سىلاقلىرىمىزنى كۆتۈردى، كېسەللىرىمىزنى ئۈستىگە ئالدى» دېگەن سۆز ئەمەلگە ئاشۇرۇلدى. 17
ئەيسا ئۆزىنى ئورىۋالغان توپ-توپ كىشىلەرنى كۆرۈپ، [مۇخلىسلىرىغا] دېڭىزنىڭ ئۇ قېتىغا ئۆتۈپ كېتىشنى ئەمر قىلدى. 18
شۇ چاغدا، تەۋرات ئۇستازلىرىدىن بىرى كېلىپ، ئۇنىڭغا: ــ ئۇستاز، سەن قەيەرگە بارساڭ، مەنمۇ ساڭا ئەگىشىپ شۇ يەرگە بارىمەن، ــ دېدى. 19
ئەيسا ئۇنىڭغا: ــ تۈلكىلەرنىڭ ئۆڭكۈرلىرى، ئاسماندىكى قۇشلارنىڭ ئۇۋىلىرى بار؛ بىراق ئىنسانئوغلىنىڭ بېشىنى قويغۇدەك يېرىمۇ يوق، ــ دېدى. 20
مۇخلىسلىرىدىن يەنە بىرى ئۇنىڭغا: ــ رەب، مېنىڭ ئاۋۋال بېرىپ ئاتامنى يەرلىككە قويۇشۇمغا ئىجازەت بەرگەيسەن، ــ دېدى. 21
بىراق ئەيسا ئۇنىڭغا: ــ ماڭا ئەگەشكىن، ۋە ئۆلۈكلەر ئۆز ئۆلۈكلىرىنى يەرلىككە قويسۇن، ــ دېدى. 22
ئۇ كېمىگە چۈشتى، مۇخلىسلىرىمۇ چۈشۈپ بىللە ماڭدى. 23
ۋە مانا، دېڭىز ئۈستىدە قاتتىق بوران چىقىپ كەتتى؛ شۇنىڭ بىلەن دولقۇنلار كېمىدىن ھالقىپ كېمىنى غەرق قىلىۋېتەي دەپ قالدى. لېكىن ئۇ ئۇخلاۋاتاتتى. 24
مۇخلىسلار كېلىپ ئۇنى ئويغىتىپ: ــ ئى ئۇستاز، بىزنى قۇتۇلدۇرغايسەن! بىز ھالاكەت ئالدىدا تۇرىمىز ــ دېدى. 25
ــ نېمىشقا قورقىسىلەر، ئى ئىشەنچى ئاجىزلار! ــ دېدى ئۇ ۋە ئورنىدىن تۇرۇپ، بوران-چاپقۇنغا ۋە دېڭىزغا تەنبىھ بېرىۋىدى، ھەممىسى بىردىنلا تىنچىدى. 26
مۇخلىسلار ئىنتايىن ھەيران بولۇپ، بىر-بىرىگە: ــ بۇ زادى قانداق ئادەمدۇ؟ ھەتتا بوران-چاپقۇنلار ۋە دېڭىزمۇ ئۇنىڭغا بويسۇنىدىكەن-ھە! ــ دەپ كېتىشتى. 27
ئەيسا دېڭىزنىڭ ئۇ قېتىدىكى گادارالىقلارنىڭ يۇرتىغا بارغىنىدا، جىن چاپلاشقان ئىككى كىشى گۆرلىرىدىن چىقىپ ئۇنىڭغا ئالدىغا كەلدى. ئۇلار شۇنچە ۋەھشىي ئىدىكى، ھېچكىم بۇ يەردىن ئۆتۈشكە جۈرئەت قىلالمايتتى. 28
ئۇنى كۆرگەندە ئۇلار: ــ ئى خۇدانىڭ ئوغلى، سېنىڭ بىز بىلەن نېمە كارىڭ! سەن ۋاقىت-سائىتى كەلمەيلا بىزنى قىينىغىلى كەلدىڭمۇ؟ ــ دەپ توۋلىدى. 29
شۇ يەردىن خېلى يىراقتا چوڭ بىر توپ توڭگۇز پادىسى ئوتلاپ يۈرەتتى. 30
جىنلار ئەمدى ئۇنىڭغا: ــ ئەگەر سەن بىزنى قوغلىۋەتمەكچى بولساڭ، بىزنى توڭگۇز پادىسى ئىچىگە كىرگۈزۈۋەتكەيسەن، ــ دەپ يالۋۇرۇشتى. 31
ئۇ ئۇلارغا: ــ چىقىڭلار! ــ دېۋىدى، جىنلار چىقىپ، توڭگۇزلارنىڭ تېنىگە كىرىۋالدى. مانا، پۈتكۈل توڭگۇز پادىسى تىك ياردىن ئېتىلىپ چۈشۈپ، سۇلاردا غەرق بولدى. 32
لېكىن توڭگۇز باققۇچىلار بەدەر قېچىپ، شەھەرگە كىرىپ، بۇ ئىشنىڭ باش-ئاخىرىنى، جۈملىدىن جىن چاپلاشقان كىشىلەرنىڭ كەچۈرمىشلىرىنى خالايىققا ئېيتىپ بېرىشتى. 33
ۋە مانا، پۈتۈن شەھەردىكىلەر ئەيسا بىلەن كۆرۈشكىلى چىقتى. ئۇلار ئۇنى كۆرگەندە، ئۇنىڭ ئۆزلىرىنىڭ شۇ رايونىدىن ئايرىلىپ كېتىشىنى ئۆتۈندى. 34

< ماتتا 8 >