< ماتتا 5 >

مۇشۇ توپ-توپ ئادەملەرنى كۆرۈپ ئۇ بىر تاغقا چىقتى؛ ئۇ ئۇ يەردە ئولتۇرغىنىدا، مۇخلىسلىرى ئۇنىڭ يېنىغا كەلدى. 1
ئۇ ئاغزىنى ئېچىپ ئۇلارغا تەلىم بېرىشكە باشلىدى: ــ 2
مۇبارەك، روھتا نامرات بولغانلار! چۈنكى ئەرش پادىشاھلىقى ئۇلارغا تەۋەدۇر. 3
مۇبارەك، پىغان چەككەنلەر! چۈنكى ئۇلار تەسەللى تاپىدۇ. 4
مۇبارەك، ياۋاش-مۆمىنلەر! چۈنكى ئۇلار يەر يۈزىگە مىراسخوردۇر. 5
مۇبارەك، ھەققانىيلىققا ئاچ ۋە تەشنالار! چۈنكى ئۇلار تولۇق تويۇنىدۇ. 6
مۇبارەك، رەھىمدىللار! چۈنكى ئۇلار رەھىم كۆرىدۇ. 7
مۇبارەك، قەلبى پاك بولغانلار! چۈنكى ئۇلار خۇدانى كۆرىدۇ. 8
مۇبارەك، تىنچلىق تەرەپدارلىرى! چۈنكى ئۇلار خۇدانىڭ پەرزەنتلىرى دەپ ئاتىلىدۇ. 9
مۇبارەك، ھەققانىيلىق يولىدا زىيانكەشلىككە ئۇچرىغانلار! چۈنكى ئەرش پادىشاھلىقى ئۇلارغا تەۋەدۇر. 10
مۇبارەك، مەن ئۈچۈن باشقىلارنىڭ ھاقارەت، زىيانكەشلىك ۋە ھەرتۈرلۈك تۆھمىتىگە ئۇچرىساڭلار؛ 11
شاد-خۇرام بولۇپ يايراڭلار! چۈنكى ئەرشلەردە كاتتا ئىنئام سىلەر ئۈچۈن ساقلانماقتا؛ چۈنكى سىلەردىن ئىلگىرىكى پەيغەمبەرلەرگىمۇ ئۇلار مۇشۇنداق زىيانكەشلىكلەرنى قىلغان. 12
سىلەر يەر يۈزىدىكى تۇزدۇرسىلەر. ھالبۇكى، ئەگەر تۇز ئۆز تەمىنى يوقاتسا، ئۇنىڭغا قايتىدىن تۇز تەمىنى قانداقمۇ كىرگۈزگىلى بولىدۇ؟ ئۇ چاغدا، ئۇ ھېچنېمىگە يارىماس بولۇپ، تاشلىنىپ كىشىلەرنىڭ ئايىغى ئاستىدا دەسسىلىشتىن باشقا ھېچ ئىشقا يارىمايدۇ. 13
سىلەر دۇنيانىڭ نۇرىدۇرسىلەر. تاغ ئۈستىگە سېلىنغان شەھەر يوشۇرۇنالمايدۇ. 14
ھېچكىم چىراغنى يېقىپ قويۇپ، ئۈستىگە سېۋەتنى كۆمتۈرۈپ قويماس، بەلكى چىراغداننىڭ ئۈستىگە قويىدۇ؛ بۇنىڭ بىلەن، ئۇ ئۆي ئىچىدىكى ھەممە ئادەملەرگە يورۇقلۇق بېرىدۇ. 15
شۇ تەرىقىدە، سىلەر نۇرۇڭلارنى ئىنسانلار ئالدىدا شۇنداق چاقنىتىڭلاركى، ئۇلار ياخشى ئەمەللىرىڭلارنى كۆرۈپ، ئەرشتىكى ئاتاڭلارنى ئۇلۇغلىسۇن. 16
مېنى تەۋرات قانۇنىنى ياكى پەيغەمبەرلەرنىڭ يازغانلىرىنى بىكار قىلغىلى كەلدى، دەپ ئويلاپ قالماڭلار. مەن ئۇلارنى بىكار قىلغىلى ئەمەس، بەلكى ئەمەلگە ئاشۇرغىلى كەلدىم. 17
چۈنكى مەن سىلەرگە شۇنى بەرھەق ئېيتىپ قويايكى، ئاسمان-زېمىن يوقىمىغۇچە، ئۇنىڭدا پۈتۈلگەنلەر ئەمەلگە ئاشۇرۇلمىغۇچە تەۋراتتىكى «يود» بىر ھەرپ، ھەتتا بىرەر چېكىتمۇ بىكار قىلىنمايدۇ. 18
شۇ سەۋەبتىن، تەۋرات قانۇنىنىڭ ئەقىدىلىرىگە، ھەتتا ئۇنىڭ ئەڭ كىچىكلىرىدىن بىرىنى بىكار قىلىپ، ۋە باشقىلارغا شۇنداق قىلىشنى ئۆگىتىدىغان ھەركىم ئەرش پادىشاھلىقىدا ئەڭ كىچىك ھېسابلىنىدۇ. ئەمما ئەكسىچە، تەۋرات قانۇنى ئەقىدىلىرىگە ئەمەل قىلغانلار ۋە باشقىلارغا شۇنداق قىلىشنى ئۆگەتكۈچىلەر بولسا ئەرش پادىشاھلىقىدا ئۇلۇغ ھېسابلىنىدۇ. 19
چۈنكى مەن سىلەرگە شۇنى ئېيتىپ قويايكى، ھەققانىيلىقىڭلار تەۋرات ئۇستازلىرى ۋە پەرىسىيلەرنىڭكىدىن ئاشمىسا، ئەرش پادىشاھلىقىغا ھېچقاچان كىرەلمەيسىلەر. 20
بۇرۇنقىلارغا «قاتىللىق قىلما، قاتىللىق قىلغان ھەرقانداق ئادەم سوراققا تارتىلىدۇ» دەپ بۇيرۇلغانلىقىنى ئاڭلىغانسىلەر. 21
بىراق مەن ئۆزۈم شۇنى سىلەرگە ئېيتىپ قويايكى، ئۆز قېرىندىشىغا بىكاردىن-بىكار ئاچچىقلانغانلارنىڭ ھەربىرىمۇ سوراققا تارتىلىدۇ. ئۆز قېرىندىشىنى «ئەخمەق» دەپ تىللىغان ھەركىم ئالىي كېڭەشمىدە سوراققا تارتىلىدۇ؛ ئەمما قېرىنداشلىرىنى «تەلۋە» دەپ ھاقارەتلىگەن ھەركىم دوزاخنىڭ ئوتىغا لايىق بولىدۇ. (Geenna g1067) 22
شۇنىڭ ئۈچۈن، سەن قۇربانگاھ ئالدىغا كېلىپ [خۇداغا] ھەدىيە ئاتىماقچى بولغىنىڭدا، قېرىندىشىڭنىڭ سېنىڭدىن ئاغرىنغان يېرى بارلىقى يادىڭغا كەلسە، 23
ھەدىيەڭنى قۇربانگاھ ئالدىغا قويۇپ تۇرۇپ، ئاۋۋال قېرىندىشىڭ بىلەن يارىشىۋال، ئاندىن كېلىپ ھەدىيەڭنى ئاتا. 24
ئەگەر ئۈستۈڭدىن دەۋا قىلماقچى بولغان بىرسى بولسا، ئۇنىڭ بىلەن بىرگە يولدا بولغىنىڭدا ئۇنىڭ بىلەن تېزدىن يارىشىپ، دوست بولغىن. بولمىسا، ئۇ سېنى سوراقچىغا، سوراقچى بولسا گۇندىپايغا تاپشۇرىدۇ، سەن زىندانغا سولىتىۋېتىلىسەن. 25
مەن ساڭا شۇنى بەرھەق ئېيتىپ قويايكى، [قەرزىڭنىڭ] ئەڭ ئاخىرقى بىر تىيىنىنىمۇ قويماي تۆلىمىگۈچە، شۇ يەردىن چىقالمايسەن. 26
سىلەر «زىنا قىلماڭلار» دەپ بۇيرۇلغانلىقىنى ئاڭلىغانسىلەر. 27
بىراق مەن ئۆزۈم شۇنى سىلەرگە ئېيتىپ قويايكى، بىرەر ئايالغا شەھۋانىي نىيەت بىلەن قارىغان كىشى كۆڭلىدە ئۇ ئايال بىلەن ئاللىقاچان زىنا قىلغان بولىدۇ. 28
ئەگەر ئەمدى ئوڭ كۆزۈڭ سېنى گۇناھقا ئازدۇرسا، ئۇنى ئويۇپ تاشلىۋەت. چۈنكى پۈتۈن بەدىنىڭنىڭ دوزاخقا تاشلانغىنىدىن كۆرە، بەدىنىڭدىكى بىر ئەزايىڭ يوق قىلىنغىنى كۆپ ئەۋزەل. (Geenna g1067) 29
ئەگەر ئوڭ قولۇڭ سېنى گۇناھقا ئازدۇرسا، ئۇنى كېسىپ تاشلىۋەت. چۈنكى پۈتۈن بەدىنىڭنىڭ دوزاخقا تاشلانغىنىدىن كۆرە، بەدىنىڭدىكى بىر ئەزايىڭ يوق قىلىنغىنى كۆپ ئەۋزەل. (Geenna g1067) 30
يەنە: ــ «كىمدىكىم ئايالىنى تالاق قىلسا، ئۇنىڭغا تالاق خېتىنى بەرسۇن» دەپمۇ بۇيرۇلغان. 31
بىراق مەن ئۆزۈم شۇنى سىلەرگە ئېيتىپ قويايكى، كىمدىكىم ئۆز ئايالىنىڭ بۇزۇقلۇق قىلمىشىدىن باشقا [ھەرقانداق ئىشنى باھانە قىلىپ] ئۇنى تالاق قىلسا، ئەمدى ئۇنى زىناغا تۇتۇپ بەرگەن بولىدۇ؛ تالاق قىلىنغان ئايالنى ئەمرىگە ئالغان كىشىمۇ زىنا قىلغان بولىدۇ. 32
سىلەر يەنە بۇرۇنقىلارغا «قەسىمىڭدىن يانما، پەرۋەردىگارغا قىلغان قەسىمىڭگە ئەمەل قىل» دەپ بۇيرۇلغانلىقىنى ئاڭلىغانسىلەر. 33
بىراق مەن ئۆزۈم شۇنى سىلەرگە ئېيتىپ قويايكى، قەتئىي قەسەم قىلماڭلار؛ ئەرشنى تىلغا ئېلىپ قەسەم قىلماڭلار، چۈنكى ئەرش خۇدانىڭ تەختىدۇر؛ 34
ياكى يەرنى تىلغا ئېلىپ قەسەم قىلماڭلار، چۈنكى يەر يۈزى خۇدانىڭ تەختىپەرىدۇر. يېرۇسالېمنى تىلغا ئېلىپمۇ قەسەم قىلماڭلار، چۈنكى ئۇ يەر ئۇلۇغ پادىشاھنىڭ شەھىرىدۇر. 35
ھەتتا ئۆز بېشىڭلارنى تىلغا ئېلىپمۇ قەسەم قىلماڭلار، چۈنكى سىلەرنىڭ چېچىڭلارنىڭ بىر تېلىنىمۇ ئاق ياكى قارا رەڭگە ئۆزگەرتىش قولۇڭلاردىن كەلمەيدۇ. 36
پەقەت دېگىنىڭلار «بولىدۇ»، «بولىدۇ»، ياكى «ياق، ياق، بولمايدۇ» بولسۇن. بۇنىڭدىن زىيادىسى رەزىل بولغۇچىدىن كېلىدۇ. 37
سىلەر «كۆزگە كۆز، چىشقا چىش» دەپ بۇيرۇلغىنىنى ئاڭلىغانسىلەر. 38
بىراق مەن ئۆزۈم شۇنى سىلەرگە ئېيتىپ قويايكى، ئەسكى بىلەن تەڭ بولماڭلار. كىمدەكىم ئوڭ مەڭزىڭگە ئۇرسا، سول مەڭزىڭنىمۇ تۇتۇپ بەر؛ 39
ۋە بىرسى ئۈستۈڭدىن دەۋا قىلىپ، كۆڭلىكىڭنى ئالماقچى بولسا، چاپىنىڭنىمۇ بەر. 40
بىرسى ساڭا [يۈك-تاقىنى يۈدكۈزۈپ] مىڭ قەدەم يول يۈرۈشكە زورلىسا، ئۇنىڭ بىلەن ئىككى مىڭ قەدەم ماڭ. 41
بىرسى سەندىن تىلىسە، ئۇنىڭغا بەر. بىرسى سەندىن ئۆتنە-يېرىم قىلماقچى بولسا، ئۇنىڭغا بوينۇڭنى تولغىما. 42
سىلەر «قوشناڭنى سۆيگىن، دۈشمىنىڭگە نەپرەتلەن» دەپ ئېيتىلغاننى ئاڭلىغان. 43
بىراق مەن ئۆزۈم شۇنى سىلەرگە ئېيتىپ قويايكى، سىلەرگە دۈشمەنلىك بولغانلارغا مېھىر-مۇھەببەت كۆرسىتىڭلار، سىلەردىن نەپرەتلەنگەنلەرگە ياخشىلىق قىلىڭلار، سىلەرگە زىيانكەشلىك قىلغانلارغا دۇئا قىلىڭلار. 44
شۇنداق قىلغاندا، ئەرشتىكى ئاتاڭلارنىڭ پەرزەنتلىرىدىن بولىسىلەر. چۈنكى ئۇ قۇياشىنىڭ نۇرىنى ياخشىلارغىمۇ ۋە يامانلارغىمۇ چۈشۈرىدۇ، يامغۇرنىمۇ ھەققانىيلارغىمۇ، ھەققانىيەتسىزلەرگىمۇ ياغدۇرىدۇ. 45
ئەگەر سىلەر ئۆزۈڭلارغا مۇھەببەت كۆرسەتكەنلەرگىلا مېھىر-مۇھەببەت كۆرسەتسەڭلار، بۇنىڭ قانداقمۇ ئىنئامغا ئېرىشكۈچىلىكى بولسۇن؟ ھەتتا باجگىرلارمۇ شۇنداق قىلىۋاتمامدۇ؟ 46
ئەگەر سىلەر پەقەت قېرىنداشلىرىڭلار بىلەنلا سالام-سەھەت قىلىشساڭلار، بۇنىڭ نېمە پەزىلىتى بار؟ ھەتتا يات ئەللىكلەرمۇ شۇنداق قىلىدىغۇ! 47
شۇڭا، ئەرشتىكى ئاتاڭلار مۇكەممەل بولغىنىدەك، سىلەرمۇ مۇكەممەل بولۇڭلار. 48

< ماتتا 5 >