< ماتتا 10 >

ئۇ ئون ئىككى مۇخلىسىنى يېنىغا چاقىرىپ، ئۇلارغا ناپاك روھلارنى قوغلاش ۋە ھەربىر كېسەللىكنى ھەم ھەربىر مېيىپ-ئاجىزنى ساقايتىش ھوقۇقىنى بەردى. 1
ئون ئىككى روسۇلنىڭ ئىسىملىرى تۆۋەندىكىچە: ئاۋۋال پېترۇس دەپمۇ ئاتىلىدىغان سىمون ۋە ئۇنىڭ ئىنىسى ئاندىرىياس، ئاندىن زەبەدىينىڭ ئوغلى ياقۇپ ۋە ئۇنىڭ ئىنىسى يۇھاننا، 2
فىلىپ ۋە بارتولوماي، توماس ۋە باجگىر ماتتا، ئالفاينىڭ ئوغلى ياقۇپ ۋە لەببائۇس دەپمۇ ئاتىلىدىغان تاداي، 3
مىللەتپەرۋەر دەپ ئاتالغان سىمون ۋە كېيىن ئەيساغا ساتقۇنلۇق قىلغان يەھۇدا ئىشقارىيوت. 4
ئەيسا بۇ ئون ئىككىسىنى [خەلقنىڭ ئارىسىغا] مۇنداق تاپىلاپ ئەۋەتتى: ــ يات ئەللىكلەرنىڭ يوللىرىغا چىقماڭلار، ياكى سامارىيەلىكلەرنىڭ شەھەرلىرىگىمۇ كىرمەڭلار، 5
بەلكى تېنىگەن قوي پادىلىرى بولغان ئىسرائىل جەمەتىدىكىلەر ئارىسىغا بېرىڭلار. 6
بارغان يېرىڭلاردا: «ئەرش پادىشاھلىقى يېقىنلىشىپ قالدى!» دەپ جاكارلاڭلار. 7
ئاغرىق-سىلاقلارنى ساقايتىڭلار، ئۆلۈكلەرنى تىرىلدۈرۈڭلار، ماخاۋ كېسەللىرىنى ساقايتىڭلار، جىنلارنى ھەيدىۋېتىڭلار. سىلەرگە شاپائەت خالىس بېرىلگەندۇر، سىلەرمۇ خالىس ئىلتىپات قىلىڭلار. 8
بەلۋېغىڭلارغا ئالتۇن، كۈمۈش ۋە مىس پۇللارنى باغلاپ ئېلىپ يۈرمەڭلار. 9
سەپەر ئۈچۈن بىرلا يەكتەكتىن باشقا نە خۇرجۇن، نە كەش، نە ھاسا ئېلىۋالماڭلار. چۈنكى خىزمەتكار ئۆز ئىش ھەققىنى ئېلىشقا ھەقلىقتۇر. 10
ھەرقايسى شەھەر ياكى يېزىغا بارغان ۋاقتىڭلاردا، ئالدى بىلەن شۇ يەردە كىمنىڭ ھۆرمەتكە لايىق مۆتىۋەر ئىكەنلىكىنى سوراڭلار؛ شۇنداق كىشىنى تاپقاندا، ئۇ يەردىن كەتكۈچە ئۇنىڭ ئۆيىدىلا تۇرۇڭلار. 11
بىرەر ئۆيگە كىرگىنىڭلاردا، ئۇلارغا سالام بېرىڭلار. 12
ئەگەر ئۇ ئائىلىدىكىلەر [ھۆرمەتكە] لايىق مۆتىۋەر كىشىلەر بولسا، تىلىگەن ئامانلىقىڭلار ئۇلارغا ئىجابەت بولسۇن؛ ئەگەر ئۇلار لايىق بولمىسا، تىلىگەن ئامانلىقىڭلار ئۆزۈڭلارغا قايتسۇن. 13
سىلەرنى قوبۇل قىلمىغان، سۆزلىرىڭلارنى ئاڭلىمىغان كىمدەكىم بولسا، ئۇلارنىڭ ئۆيىدىن ياكى شۇ شەھەردىن كەتكىنىڭلاردا، ئايىغىڭلاردىكى توپىنى قېقىۋېتىڭلار. 14
مەن سىلەرگە شۇنى بەرھەق ئېيتىپ قويايكى، قىيامەت كۈنىدە سودوم ۋە گوموررا زېمىنىدىكىلەرنىڭ ھالى شۇ شەھەردىكىلەرنىڭكىدىن يېنىك بولىدۇ. 15
مانا، مەن سىلەرنى قويلارنى بۆرىلەرنىڭ ئارىسىغا ئەۋەتكەندەك ئەۋەتىمەن. شۇڭا، يىلاندەك سەزگۈر، پاختەكتەك ساپ دىللىق بولۇڭلار. 16
ئىنسانلاردىن پەخەس بولۇڭلار؛ چۈنكى ئۇلار سىلەرنى تۇتۇۋېلىپ سوت مەھكىمىلىرىگە تاپشۇرۇپ بېرىدۇ، سىناگوگلىرىدا قامچىلايدۇ. 17
ئۇلار ۋە شۇنداقلا يات ئەللىكلەر ئۈچۈن بىر گۇۋاھلىق بولۇشقا، سىلەر مېنىڭ سەۋەبىمدىن ئەمىرلەر ۋە پادىشاھلار ئالدىغا ئېلىپ بېرىلىپ سوراققا تارتىلىسىلەر. 18
لېكىن ئۇلار سىلەرنى سوراققا تارتقان ۋاقتىدا، قانداق جاۋاب بېرىش ياكى نېمە جاۋاب بېرىشتىن ئەنسىرەپ كەتمەڭلار. چۈنكى شۇ ۋاقتى-سائىتىدە ئېيتىش تېگىشلىك سۆزلەر سىلەرگە تەمىنلىنىدۇ. 19
چۈنكى سۆزلىگۈچى ئۆزۈڭلار ئەمەس، بەلكى ئاتاڭلارنىڭ روھى سىلەر ئارقىلىق سۆزلەيدۇ. 20
قېرىنداش قېرىندىشىغا، ئاتا بالىسىغا خائىنلىق قىلىپ، ئۆلۈمگە تۇتۇپ بېرىدۇ. بالىلارمۇ ئاتا-ئانىسىغا قارشى چىقىپ، ئۇلارنى ئۆلۈمگە مەھكۇم قىلدۇرىدۇ. 21
شۇنداقلا سىلەر مېنىڭ نامىم تۈپەيلىدىن ھەممە ئادەمنىڭ نەپرىتىگە ئۇچرايسىلەر. لېكىن ئاخىرغىچە بەرداشلىق بەرگەنلەر بولسا قۇتقۇزۇلىدۇ. 22
ئۇلار سىلەرگە بۇ شەھەردە زىيانكەشلىك قىلسا، يەنە بىر شەھەرگە قېچىپ بېرىڭلار. چۈنكى مەن سىلەرگە شۇنى بەرھەق ئېيتىپ قويايكى، ئىنسانئوغلى قايتىپ كەلگۈچە سىلەر ئىسرائىلنىڭ بارلىق شەھەرلىرىنى ئارىلاش [ۋەزىپىڭلار] تۈگىمەيدۇ. 23
مۇخلىس ئۇستازىدىن، قۇل خوجايىنىدىن ئۈستۈن تۇرمايدۇ. 24
مۇخلىس ئۇستازىغا ئوخشاش بولسا، قۇل خوجايىنىغا ئوخشاش بولسا رازى بولسۇن. ئۇلار ئۆينىڭ ئىگىسىنى «بەئەلزىبۇل» دەپ تىللىغان يەردە، ئۇنىڭ ئۆيىدىكىلىرىنى تېخىمۇ قاتتىق ھاقارەتلىمەمدۇ؟ 25
شۇڭا ئۇلاردىن قورقماڭلار؛ چۈنكى ھېچقانداق يېپىق قويۇلغان ئىش ئاشكارىلانماي قالمايدۇ، ۋە ھېچقانداق مەخپىي ئىش ئايان بولماي قالمايدۇ. 26
مېنىڭ سىلەرگە قاراڭغۇدا ئېيتىدىغانلىرىمنى يورۇقتا ئېيتىۋېرىڭلار. قۇلىقىڭلارغا پىچىرلاپ ئېيتىلغانلارنى ئۆگزىلەردە جاكارلاڭلار. 27
تەننى ئۆلتۈرسىمۇ، لېكىن ئادەمنىڭ جان-روھىنى ئۆلتۈرەلمەيدىغانلاردىن قورقماڭلار؛ ئەكسىچە، تەن ۋە جان-روھنى دوزاختا ھالاك قىلىشقا قادىر بولغۇچىدىن قورقۇڭلار. (Geenna g1067) 28
ئىككى قۇشقاچنى بىر تىيىنگە سېتىۋالغىلى بولىدۇغۇ؟ لېكىن ئۇلاردىن بىرىمۇ ئاتاڭلارسىز يەرگە چۈشمەيدۇ. 29
ئەمما سىلەر بولساڭلار، ھەتتا ھەربىر تال چېچىڭلارمۇ سانالغاندۇر. 30
شۇڭا، قورقماڭلار. سىلەر نۇرغۇنلىغان قۇشقاچتىنمۇ قىممەتلىكتۇرسىلەر! 31
شۇڭا، مېنى ئىنسانلارنىڭ ئالدىدا ئېتىراپ قىلغانلارنىڭ ھەربىرىنى مەنمۇ ئەرشتىكى ئاتامنىڭ ئالدىدا ئېتىراپ قىلىمەن؛ 32
بىراق ئىنسانلارنىڭ ئالدىدا مەندىن تانغانلارنىڭ ھەربىرىدىن مەنمۇ ئەرشتىكى ئاتام ئالدىدا تانىمەن. 33
مېنىڭ دۇنياغا كېلىشىمنى تىنچلىق ئېلىپ كېلىش ئۈچۈندۇر، دەپ ئويلاپ قالماڭلار. مەن تىنچلىق ئەمەس، بەلكى قىلىچنى يۈرگۈرۈشكە كەلدىم. 34
چۈنكى مېنىڭ كېلىشىم «ئوغۇلنى ئاتىسىغا، قىزنى ئانىسىغا، كېلىننى قېينئانىسىغا قارشى چىقىرىش» ئۈچۈن بولىدۇ. 35
شۇنىڭ بىلەن «ئادەمنىڭ دۈشمەنلىرى ئۆز ئائىلىسىدىكى كىشىلەر بولىدۇ». 36
ئاتا-ئانىسىنى مەندىنمۇ ئەزىز كۆرىدىغانلار ماڭا مۇناسىپ ئەمەستۇر. ئۆز ئوغۇل-قىزىنى مەندىنمۇ ئەزىز كۆرىدىغانلارمۇ ماڭا مۇناسىپ ئەمەس. 37
ئۆزىنىڭ كرېستىنى كۆتۈرۈپ، ماڭا ئەگەشمىگەنلەرمۇ ماڭا مۇناسىپ ئەمەس. 38
ئۆز ھاياتىنى ئايايدىغان كىشى ئۇنىڭدىن مەھرۇم بولىدۇ؛ مەن ئۈچۈن ئۆز ھاياتىدىن مەھرۇم بولغان كىشى ئۇنىڭغا ئېرىشىدۇ. 39
سىلەرنى قوبۇل قىلغانلار مېنىمۇ قوبۇل قىلغان بولىدۇ؛ مېنى قوبۇل قىلغانلار بولسا مېنى ئەۋەتكۈچىنىمۇ قوبۇل قىلغان بولىدۇ. 40
بىر پەيغەمبەرنى پەيغەمبەرلىك سالاھىيىتىدە قوبۇل قىلغان كىشى پەيغەمبەرگە خاس بولغان ئىنئامغا ئېرىشىدۇ. ھەققانىي ئادەمنى ئۇ ھەققانىي ئىكەن دەپ بىلىپ قوبۇل قىلغانلار ھەققانىي ئادەمگە خاس بولغان ئىنئامغا ئېرىشىدۇ. 41
مەن سىلەرگە شۇنى بەرھەق ئېيتىپ قويايكى، مېنىڭ بۇ شاكىچىكلىرىمدىن ئەڭ كىچىكى بىرىنى مېنىڭ مۇخلىسىم دەپ بىلىپ ئۇنىڭغا ھەتتا پەقەت بىرەر چىنە سوغۇق سۇ بەرگەن كىشىمۇ جەزمەن ئۆزىگە لايىق ئىنئامدىن مەھرۇم بولمايدۇ. 42

< ماتتا 10 >