< ماركۇس 8 >

شۇ كۈنلەردە، يەنە زور بىر توپ خالايىق يىغىلغانىدى. ئۇلارنىڭ يېگۈدەك ھېچنېمىسى بولمىغاچقا، ئۇ مۇخلىسلىرىنى يېنىغا چاقىرىپ: 1
ــ بۇ خالايىققا ئىچىم ئاغرىيدۇ. چۈنكى ئۇلار مېنىڭ يېنىمدا تۇرغىلى ئۈچ كۈن بولدى، ئۇلاردا يېگۈدەك ھېچنەرسىمۇ قالمىدى. 2
ئۇلارنى ئۆيلىرىگە ئاچ قورساق قايتۇرسام، يولدا ھالىدىن كېتىشى مۇمكىن. چۈنكى بەزىلىرى يىراقتىن كەلگەنىكەن، ــ دېدى. 3
مۇخلىسلىرى بۇنىڭغا جاۋابەن: ــ بۇنداق خىلۋەت بىر جايدا بۇ كىشىلەرنى تويدۇرغۇدەك ناننى نەدىن تاپقىلى بولسۇن؟ ــ دېيىشتى. 4
ــ قانچە نېنىڭلار بار؟ ــ دەپ سورىدى ئۇ. يەتتە، ــ دېيىشتى ئۇلار. 5
بۇنىڭ بىلەن ئۇ خەلقنى يەردە ئولتۇرۇشقا بۇيرۇدى. ئاندىن يەتتە ناننى قولىغا ئالدى ۋە [خۇداغا] تەشەككۈر-مەدھىيە ئېيتىپ ئوشتۇپ، كۆپچىلىككە تۇتۇشقا مۇخلىسلىرىغا بەردى. ئۇلار خالايىققا ئۈلەشتۈرۈپ بەردى. 6
[مۇخلىسلاردا] يەنە بىرقانچە كىچىك بېلىقمۇ بار ئىدى. ئۇ خۇداغا تەشەككۈر ئېيتىپ ئۇلارنى بەرىكەتلەپ، مۇخلىسلىرىغا ئۈلەشتۈرۈپ بېرىشنى ئېيتتى. 7
خالايىق تويغۇچە يېدى؛ ئۇلار ئېشىپ قالغان پارچىلارنى يەتتە سېۋەتكە تېرىۋالدى. 8
يېگەنلەر تۆت مىڭچە كىشى ئىدى. ئۇ ئۇلارنى يولغا سالدى، 9
ئاندىن مۇخلىسلىرى بىلەن بىللە دەرھال كېمىگە چۈشۈپ، دالمانۇتا تەرەپلىرىگە باردى. 10
پەرىسىيلەر چىقىپ، ئۇنى سىناش مەقسىتىدە ئۇنىڭدىن بىزگە ئاسماندىن بىر مۆجىزىلىك ئالامەت كۆرسەتسەڭ، دەپ تەلەپ قىلىشىپ، ئۇنىڭ بىلەن مۇنازىرىلەشكىلى تۇردى. 11
ئۇ ئىچىدە بىر ئۇلۇغ-كىچىك تىنىپ: ــ بۇ دەۋر نېمىشقا بىر «مۆجىزىلىك ئالامەت»نى ئىستەپ يۈرىدۇ؟ شۇنى سىلەرگە بەرھەق ئېيتىپ قويايكى، بۇ دەۋرگە ھېچقانداق مۆجىزىلىك ئالامەت كۆرسىتىلمەيدۇ، ــ دېدى. 12
ئاندىن ئۇلاردىن ئايرىلىپ، يەنە كېمىگە چىقىپ، دېڭىزنىڭ ئۇ چېتىگە ئۆتۈپ كەتتى. 13
مۇخلىسلار نان ئېلىپ كېلىشنى ئۇنتۇغان بولۇپ، كېمىدە بىر تال ناندىن باشقا يەيدىغىنى يوق ئىدى. 14
ئۇ ئۇلارنى ئاگاھلاندۇرۇپ: ــ ئېھتىيات قىلىڭلار، پەرىسىيلەرنىڭ ئېچىتقۇسى ۋە ھېرودنىڭ ئېچىتقۇسىدىن ھېزى بولۇڭلار، ــ دېدى. 15
مۇخلىسلار ئۆزئارا مۇلاھىزىلىشىپ: ــ ئۇنىڭ بۇنداق دېيىشى نان ئەكەلمىگەنلىكىمىزدىن بولسا كېرەك، ــ دېيىشتى. 16
ئەيسا ئۇلارنىڭ نېمە [دېيىشىۋاتقانلىقىنى] بىلىپ: ــ نېمىشقا نان يوقلۇقى توغرىسىدا مۇلاھىزە قىلىسىلەر؟ سىلەر تېخىچە پەم-پاراسەت ياكى چۈشەنچىگە ئىگە بولمىدىڭلارمۇ؟ قەلبلىرىڭلار تېخىمۇ بىخۇدلىشىپ كېتىۋاتامدۇ؟ 17
كۆزۈڭلار تۇرۇپ كۆرمەيۋاتامسىلەر؟ قۇلىقىڭلار تۇرۇپ ئاڭلىمايۋاتامسىلەر؟ ئېسىڭلاردا يوقمۇ؟ 18
بەش مىڭ كىشىگە بەش ناننى ئوشتۇغىنىمدا، پارچىلارغا لىق تولغان قانچە كىچىك سېۋەتنى يىغىۋالدىڭلار؟ ــ دېدى. ــ ئون ئىككىنى، ــ جاۋاب بەردى ئۇلار. 19
ــ يەتتە ناننى تۆت مىڭ كىشىگە ئوشتۇغىنىمدا، پارچىلارغا لىق تولغان قانچە سېۋەتنى يىغىۋالدىڭلار؟ ــ دېدى ئۇ. ــ يەتتىنى، ــ جاۋاب بەردى ئۇلار. 20
ئۇ ئۇلارغا: ــ ئۇنداقتا، قانداقسىگە سىلەر تېخى چۈشەنمەيسىلەر؟ ــ دېدى. 21
ئۇلار بەيت-سائىدا يېزىسىغا كەلدى؛ خالايىق بىر كور ئادەمنى ئۇنىڭ ئالدىغا ئېلىپ كېلىپ، ئۇنىڭغا قولۇڭنى تەگكۈزۈپ قويساڭ، دەپ ئۆتۈندى. 22
ئۇ كور ئادەمنىڭ قولىدىن تۇتۇپ يېزىنىڭ سىرتىغا يېتىلەپ باردى؛ ئۇنىڭ كۆزلىرىگە تۈكۈرۈپ، ئۈستىگە قوللىرىنى تەگكۈزۈپ: ــ بىرەر نەرسە كۆرۈۋاتامسەن؟ ــ دەپ سورىدى. 23
ئۇ بېشىنى كۆتۈرۈپ: ــ كىشىلەرنى كۆرۈۋاتىمەن؛ ئۇلار خۇددى مېڭىپ يۈرۈۋاتقان دەرەخلەردەك كۆرۈنۈۋاتىدۇ، ــ دېدى. 24
ئاندىن ئۇ قايتىدىن قوللىرىنى ئۇ ئادەمنىڭ كۆزلىرىگە تەگكۈزدى. ئۇ كۆزلىرىنى ئېچىۋىدى، كۆزلىرى ئەسلىگە كېلىپ، ھەممە نەرسىنى ئېنىق كۆردى. 25
ئەيسا ئۇنى ئۆيىگە قايتۇرۇپ: ــ يېزىغىمۇ كىرمە، ياكى يېزىدىكى ھېچكىمگە بۇ ئىشنى ئۇقتۇرما، ــ دەپ تاپىلىدى. 26
ئەيسا مۇخلىسلىرى بىلەن چىقىپ قەيسەرىيە-فىلىپپى رايونىغا قاراشلىق كەنت-يېزىلارغا باردى. يولدا ئۇ مۇخلىسلىرىدىن: ــ كىشىلەر مېنى كىم دەيدۇ؟ ــ دەپ سورىدى. 27
ئۇلار ئۇنىڭغا: ــ بەزىلەر سېنى چۆمۈلدۈرگۈچى يەھيا، بەزىلەر ئىلياس [پەيغەمبەر] ۋە يەنە بەزىلەر ئىلگىرىكى پەيغەمبەرلەردىن بىرى دەپ قارايدىكەن، ــ دەپ جاۋاب بېرىشتى. 28
ئۇ ئۇلاردىن: ــ ئەمدى سىلەرچۇ، سىلەر مېنى كىم دەپ بىلىسىلەر؟ ــ دەپ سورىدى. پېترۇس جاۋابەن: ــ سەن مەسىھدۇرسەن، ــ دېدى. 29
ئۇ ئۇلارغا ئۆزى توغرۇلۇق ھېچكىمگە تىنماسلىقنى جىددىي تاپىلىدى. 30
شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئىنسانئوغلىنىڭ نۇرغۇن ئازاب-ئوقۇبەت تارتىشى، ئاقساقاللار، باش كاھىنلار ۋە تەۋرات ئۇستازلىرى تەرىپىدىن چەتكە قېقىلىشى، ئۆلتۈرۈلۈشى ۋە ئۈچ كۈندىن كېيىن تىرىلدۈرۈلۈشى مۇقەررەر ئىكەنلىكىنى [مۇخلىسلىرىغا] ئۆگىتىشكە باشلىدى. 31
ئۇ بۇ ئىشنى ئوچۇق-ئاشكارا سۆزلەپ بەردى. بۇنىڭ بىلەن پېترۇس ئۇنى بىر چەتكە تارتىپ، ئۇنى ئەيىبلەشكە باشلىدى. 32
لېكىن ئۇ بۇرۇلۇپ مۇخلىسلىرىغا قاراپ، پېترۇسنى ئەيىبلەپ: ــ ئارقامغا ئۆت، شەيتان! سېنىڭ ئويلىغانلىرىڭ خۇدانىڭ ئىشلىرى ئەمەس، ئىنساننىڭ ئىشلىرىدۇر، ــ دېدى. 33
ئاندىن مۇخلىسلىرى بىلەن خالايىقنىمۇ چاقىرىپ مۇنداق دېدى: ــ كىمدەكىم ماڭا ئەگىشىشنى نىيەت قىلسا، ئۆزىدىن كېچىپ، ئۆزىنىڭ كرېستىنى كۆتۈرۈپ ماڭا ئەگەشسۇن! 34
چۈنكى كىمدەكىم ئۆز جېنىنى قۇتقۇزاي دېسە، چوقۇم ئۇنىڭدىن مەھرۇم بولىدۇ؛ لېكىن كىمدەكىم مەن ئۈچۈن ۋە خۇش خەۋەر ئۈچۈن ئۆز جېنىدىن مەھرۇم بولسا، ئۇنى قۇتقۇزىدۇ. 35
چۈنكى بىر ئادەم پۈتكۈل دۇنياغا ئىگە بولۇپ، جېنىدىن مەھرۇم قالسا، بۇنىڭ نېمە پايدىسى بولسۇن؟! 36
ئۇ نېمىسىنى جېنىغا تېگىشسۇن؟! 37
چۈنكى كىمدەكىم زىناخور ۋە گۇناھكار بۇ دەۋر ئالدىدا مەندىن ۋە مېنىڭ سۆزلىرىمدىن نومۇس قىلسا، ئىنسانئوغلىمۇ ئاتىسىنىڭ شان-شەرىپى ئىچىدە مۇقەددەس پەرىشتىلەر بىلەن بىللە كەلگىنىدە، ئۇنىڭدىن نومۇس قىلىدۇ. 38

< ماركۇس 8 >