< ماركۇس 2 >

بىرنەچچە كۈندىن كېيىن ئۇ قايتىدىن كەپەرناھۇمغا كىردى. ئۇ ئۆيدىكەن، دېگەن خەۋەر تارقىلىۋىدى، 1
شۇنچە كۆپ ئادەم ئۇ يەرگە يىغىلدىكى، ھەتتا ئىشىك ئالدىدىمۇ پۇت دەسسىگۈدەك يەر قالمىغانىدى. ئۇ ئۇلارغا سۆز-كالام يەتكۈزۈۋاتاتتى. 2
مانا شۇ ئەسنادا، بىرنەچچە ئادەم ئۇنىڭ ئالدىغا بىر پالەچنى ئېلىپ كەلدى؛ ئۇنى ئۇلاردىن تۆتى كۆتۈرۈپ ئەكەلگەنىدى. 3
ئادەمنىڭ كۆپلۈكىدىن ئۇنىڭغا يېقىنلىشالماي، ئۇلار ئۇنىڭ ئۈستىدىن ئۆگزىنى تېشىپ، تۆشۈك ئاچقاندىن كېيىن پالەچنى زەمبىل بىلەن [ئەيسانىڭ ئالدىغا] چۈشۈردى. 4
ئەمدى ئەيسا ئۇلارنىڭ ئىشەنچىنى كۆرۈپ پالەچكە: ــ بالام، گۇناھلىرىڭ كەچۈرۈم قىلىندى، ــ دېدى. 5
لېكىن ئۇ يەردە ئولتۇرغان بەزى تەۋرات ئۇستازلىرى كۆڭلىدە گۇمانىي سوئاللارنى قويۇپ: 6
«بۇ ئادەم نېمە ئۈچۈن مۇنداق دەيدۇ؟ ئۇ كۇپۇرلۇق قىلىۋاتىدىغۇ! خۇدادىن باشقا كىممۇ گۇناھلارنى كەچۈرۈم قىلالىسۇن؟» دېيىشتى. 7
ئەيسا شۇئان روھىدا ئۇلارنىڭ كۆڭۈللىرىدە شۇنداق گۇمانىي سوئاللارنى قويۇۋاتقانلىقىنى بىلىپ يېتىپ، ئۇلارغا مۇنداق دېدى: ــ سىلەر كۆڭۈلدە نېمىشقا شۇنداق سوئاللارنى قويىسىلەر؟ 8
مۇشۇ پالەچكە: «گۇناھلىرىڭ كەچۈرۈم قىلىندى!» دېيىش ئاسانمۇ، ياكى «ئورنۇڭدىن تۇر، زەمبىل-كۆرپەڭنى يىغىشتۇرۇپ ماڭ!» دېيىش ئاسانمۇ؟ 9
ئەمما ھازىر سىلەرنىڭ ئىنسانئوغلىنىڭ يەر يۈزىدە گۇناھلارنى كەچۈرۈم قىلىش ھوقۇقىغا ئىگە ئىكەنلىكىنى بىلىشىڭلار ئۈچۈن، ــ ئۇ پالەچ كېسەلگە: 10
ــ ساڭا ئېيتايكى، ئورنۇڭدىن تۇر، زەمبىل-كۆرپەڭنى يىغىشتۇرۇپ ئۆيۈڭگە قايت! ــ دېدى. 11
ئۇ دەرھال ئورنىدىن دەس تۇرۇپ، زەمبىل-كۆرپىسىنى يىغىشتۇردى ۋە ھەممەيلەننىڭ كۆز ئالدىدا [ئۆيدىن] چىقىپ كەتتى. ھەممەيلەن قاتتىق ھەيران قېلىپ خۇدانى ئۇلۇغلىشىپ: ــ مۇشۇنداق ئىشنى ئەزەلدىن كۆرۈپ باقمىغانىدۇق، ــ دېيىشتى. 12
ئۇ يەنە دېڭىز بويىغا قاراپ ماڭدى. كىشىلەر توپى ئۇنىڭ ئەتراپىغا ئولىشىۋالدى. ئۇ ئۇلارغا تەلىم بەردى. 13
ئۇ يولدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقاندا، باج ئالىدىغان ئورۇندا ئولتۇرغان ئالفاينىڭ ئوغلى لاۋىينى كۆرۈپ، ئۇنىڭغا: ــ ماڭا ئەگەشكىن، ــ دېدى. ئۇ ئورنىدىن تۇرۇپ، ئۇنىڭغا ئەگەشتى. 14
ۋە شۇنداق بولدىكى، ئۇ [لاۋىينىڭ] ئۆيىدە داستىخاندا ئولتۇرغاندا، نۇرغۇن باجگىرلار ۋە گۇناھكارلار ئەيسا ۋە ئۇنىڭ مۇخلىسلىرى بىلەن ھەمداستىخان بولدى. بۇنداق كىشىلەر خېلى كۆپ ئىدى، ئۇلارمۇ ئۇنىڭغا ئەگەشكەنىدى. 15
ئەمدى تەۋرات ئۇستازلىرى ۋە پەرىسىيلەر ئۇنىڭ گۇناھكارلار ۋە باجگىرلار بىلەن بىر داستىخاندا ئولتۇرغانلىقىنى كۆرۈپ، مۇخلىسلىرىغا: ــ ئۇ نېمىشقا باجگىر ۋە گۇناھكارلار بىلەن بىر داستىخاندا يەپ-ئىچىپ ئولتۇرىدۇ؟! ــ دېيىشتى. 16
بۇنى ئاڭلىغان ئەيسا ئۇلارغا: ــ ساغلام ئادەم ئەمەس، بەلكى بىمارلار تېۋىپقا موھتاجدۇر. مەن ھەققانىيلارنى ئەمەس، بەلكى گۇناھكارلارنى چاقىرغىلى كەلدىم، ــ دېدى. 17
ئەمدى يەھيانىڭ مۇخلىسلىرى بىلەن پەرىسىيلەر روزا تۇتۇۋاتاتتى. بەزىلەر ئۇنىڭ ئالدىغا كېلىپ: ــ نېمىشقا يەھيانىڭ مۇخلىسلىرى ۋە پەرىسىيلەرنىڭ مۇخلىسلىرى روزا تۇتىدۇ، لېكىن سېنىڭ مۇخلىسلىرىڭ تۇتمايدۇ؟ ــ دەپ سوراشتى. 18
ئەيسا جاۋابەن مۇنداق دېدى: ــ تويى بولۇۋاتقان يىگىت تېخى تويدا ھەمداستىخان ئولتۇرغان چاغدا، مېھمانلىرى روزا تۇتۇپ ئولتۇرسا قانداق بولىدۇ!؟ تويى بولۇۋاتقان يىگىت تويدا بولسىلا، ئۇلار ھېچقانداق روزا تۇتالمايدۇ. 19
ئەمما شۇ كۈنلەر كېلىدۇكى، يىگىت ئۇلاردىن ئېلىپ كېتىلىدۇ، ئۇلار شۇ كۈندە روزا تۇتىدۇ. 20
ھېچكىم كونا كۆڭلەككە يېڭى رەختتىن ياماق سالمايدۇ. ئۇنداق قىلسا، يېڭى ياماق [كىرىشىپ]، كونا كىيىمنى تارتىشتۇرۇپ يىرتىۋېتىدۇ. نەتىجىدە، يىرتىق تېخىمۇ يوغىناپ كېتىدۇ. 21
ھېچكىم يېڭى شارابنى كونا تۇلۇملارغا قاچىلىمايدۇ. ئەگەر ئۇنداق قىلسا، شارابنىڭ [ئېچىشى بىلەن] تۇلۇملار يېرىلىپ كېتىدۇ-دە، شارابمۇ تۆكۈلۈپ كېتىدۇ ھەم تۇلۇملارمۇ كاردىن چىقىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن يېڭى شاراب يېڭى تۇلۇملارغا قاچىلىنىشى كېرەك. 22
بىر شابات كۈنى شۇنداق بولدىكى، ئۇ بۇغدايلىقلاردىن ئۆتۈپ كېتىۋاتاتتى. ئۇنىڭ مۇخلىسلىرى يولدا مېڭىۋاتقاندا باشاقلارنى ئۈزۈشكە باشلىدى. 23
پەرىسىيلەر ئۇنىڭغا: ــ قارا، ئۇلار نېمىشقا شابات كۈنى [تەۋراتتا] چەكلەنگەن ئىشنى قىلىدۇ؟ ــ دېيىشتى. 24
ئۇ ئۇلارغا: ــ [پادىشاھ] داۋۇتنىڭ ئۆزى ۋە ھەمراھلىرى ھاجەتمەن بولغاندا، يەنى ئاچ قالغاندا نېمە قىلغانلىقىنى [مۇقەددەس يازمىلاردىن] ئوقۇمىغانمۇسىلەر؟ 25
ــ دېمەك، ئابىياتار باش كاھىن بولغان ۋاقتىدا، ئۇ خۇدانىڭ ئۆيىگە كىرىپ، خۇداغا ئاتالغان، تەۋراتتا پەقەت كاھىنلارنىڭ يېيىشىگىلا بولىدىغان نانلارنى [سوراپ] يېگەن، شۇنداقلا ھەمراھلىرىغىمۇ بەرگەن؟ ــ دېدى. 26
ئۇ ئۇلارغا يەنە: ــ ئىنسان شابات كۈنى ئۈچۈن ئەمەس، شابات كۈنى ئىنسان ئۈچۈن يارىتىلدى. 27
شۇنىڭ ئۈچۈن، ئىنسانئوغلى شابات كۈنىنىڭمۇ ئىگىسىدۇر، ــ دېدى. 28

< ماركۇس 2 >