< لۇقا 8 >

كېيىن، [ئەيسا] شۇ يۇرتلارنى كېزىپ، شەھەرمۇ-شەھەر، يېزىمۇ-يېزا خۇدانىڭ پادىشاھلىقىنىڭ خۇش خەۋىرىنى ئېلان قىلىپ جاكارلىدى؛ ئون ئىككىيلەنمۇ ئۇنىڭ بىلەن بىرگە باردى. 1
ئۇنىڭ بىلەن بىللە بارغانلاردىن يەنە يامان روھلاردىن ۋە ئاغرىق-سىلاقلاردىن ساقايتىلغان بەزى ئاياللارمۇ بار ئىدى؛ ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئۆزىدىن يەتتە جىن ھەيدەپ چىقىرىلغان مەريەم (ماگداللىق دەپ ئاتالغان)، 2
ھېرود [خان]نىڭ ساراي غوجىدارى خۇزانىڭ ئايالى يوئاننا، سۇزاننا ۋە باشقا نۇرغۇن ئاياللارمۇ بار ئىدى. بۇلار ئۆز مال-مۈلۈكلىرى بىلەن ئۇ [ۋە ئۇنىڭ مۇخلىسلىرىنىڭ] ھاجەتلىرىدىن چىقاتتى. 3
چوڭ بىر توپ ئادەملەر يىغىلغاندا، شۇنداقلا ھەرقايسى شەھەرلەردىن كىشىلەر ئۇنىڭ يېنىغا كەلگەندە، ئۇ ئۇلارغا بىر تەمسىل سۆزلەپ بەردى: 4
ــ «ئۇرۇق چاچقۇچى ئۇرۇق چاچقىلى [ئېتىزغا] چىقىپتۇ. ئۇرۇق چاچقاندا، ئۇرۇقلاردىن بەزىلىرى چىغىر يول ئۈستىگە چۈشۈپ، دەسسىلىپ كېتىپتۇ ۋە ئاسماندىكى ئۇچار-قاناتلار كېلىپ ئۇلارنى يەپ كېتىپتۇ. 5
باشقا بەزىلىرى تاشلىق يەرگە چۈشۈپتۇ. يەردە نەملىك بولمىغاچقا، ئۈنۈپ چىققىنى بىلەن قۇرۇپ كېتىپتۇ. 6
باشقا بەزىلىرى تىكەنلەرنىڭ ئارىسىغا چۈشۈپتۇ، تىكەنلەر مايسىلار بىلەن تەڭ ئۆسۈپ مايسىلارنى بوغۇۋاپتۇ. 7
باشقا بەزىلىرى بولسا ياخشى تۇپراققا چۈشۈپتۇ. ئۈنگەندىن كېيىن، يۈز ھەسسە ھوسۇل بېرىپتۇ». بۇلارنى دېگەندىن كېيىن ئۇ يۇقىرى ئاۋاز بىلەن: ــ ئاڭلىغۇدەك قۇلىقى بارلار بۇنى ئاڭلىسۇن! دەپ توۋلىدى. 8
كېيىن ئۇنىڭ مۇخلىسلىرى ئۇنىڭدىن: ــ بۇ تەمسىلنىڭ مەنىسى نېمە؟ ــ دەپ سورىدى. 9
ئۇ ئۇلارغا مۇنداق دېدى: ــ خۇدانىڭ پادىشاھلىقىنىڭ سىرلىرىنى بىلىش سىلەرگە نېسىپ قىلىندى. بىراق بۇ ئىشلار قالغان باشقىلارغا تەمسىللەر بىلەنلا ئېيتىلىدۇ. مەقسىتى شۇكى، «ئۇلار قارىسىمۇ كۆرمەيدۇ، ئاڭلىسىمۇ چۈشەنمەيدۇ». 10
ئەمدى تەمسىلنىڭ مەنىسى مۇنداق: ــ ئۇرۇق بولسا، خۇدانىڭ سۆز-كالامىدۇر. 11
چىغىر يول بويىدىكىلەر بولسا مۇشۇلار: ئۇلار سۆز-كالامنى ئاڭلايدۇ؛ لېكىن ئىبلىس كېلىپ، ئۇلارنىڭ ئىشىنىپ قۇتقۇزۇلۇشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشى ئۈچۈن ئۇلارنىڭ قەلبىدىكى سۆزنى ئېلىپ كېتىدۇ. 12
تاشلىق يەرگە چۈشكەن ئۇرۇقلار سۆز-كالامنى ئاڭلىغان ھامان خۇشاللىق بىلەن قوبۇل قىلغانلارغا تەمسىل قىلىنغان. ئۇلاردا يىلتىز بولمىغاچقا، پەقەت بىر مەھەل ئىشىنىپ، ئاندىن سىناق-مۈشكۈللۈك ۋاقتى كەلگەندە، [ئېتىقادتىن] تېيىلىپ كېتىدۇ. 13
تىكەنلىككە چۈشكەن ئۇرۇقلار بولسا شۇنداق ئادەملەرنى كۆرسەتكەنكى، سۆزنى ئاڭلىغان بولسىمۇ، يولغا چىققاندىن كېيىن بۇ پانىي ھاياتتىكى ئەندىشىلەر، بايلىقلار ۋە ھالاۋەتلەرنىڭ ئېزىقتۇرۇشلىرى بىلەن بوغۇلۇپ، ئۇرۇق پىشماي ھوسۇل بەرمەيدۇ. 14
لېكىن ياخشى تۇپراققا چېچىلغان ئۇرۇقلار بولسا ــ سۆز-كالامنى ئاڭلاپ، سەمىمىي ۋە ياخشى قەلبى بىلەن ئۇنى تۇتىدىغانلارنى كۆرسىتىدۇ؛ بۇنداق ئادەملەر سەۋرچانلىق بىلەن ھوسۇل بېرىدۇ. 15
ھېچكىم چىراغنى يېقىپ قويۇپ ئۈستىگە ئىدىشنى كۆمتۈرۈپ قويماس ياكى كارىۋات ئاستىغا تۇرغۇزماس، بەلكى چىراغداننىڭ ئۈستىگە قويىدۇ؛ بۇنىڭ بىلەن ئۆيگە كىرگەنلەر يورۇقلۇقنى كۆرىدۇ. 16
چۈنكى يوشۇرۇلغان ھېچقانداق ئىش ئاشكارىلانماي قالمايدۇ، ۋە ھېچقانداق مەخپىي ئىش ئايان بولماي، يورۇقلۇققا چىقماي قالمايدۇ. 17
شۇنىڭ ئۈچۈن، ئاڭلىشىڭلارنىڭ قانداق ئىكەنلىكىگە كۆڭۈل قويۇڭلار! چۈنكى كىمدە بار بولسا، ئۇنىڭغا تېخىمۇ كۆپ بېرىلىدۇ؛ ئەمما كىمدە يوق بولسا، ھەتتا بار دەپ ھاسابلىغىنىمۇ ئۇنىڭدىن مەھرۇم قىلىنىدۇ. 18
ئەمدى ئۇنىڭ ئانىسى ۋە ئىنىلىرى ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشكىلى كەلدى. لېكىن ئادەم نۇرغۇن بولغاچقا، يېنىغا كېلەلمىگەنىدى. 19
شۇنىڭ بىلەن بىرسى ئۇنىڭغا: ــ ئانىڭىز ۋە ئىنىلىرىڭىز سىز بىلەن كۆرۈشىمىز دەپ، سىرتتا تۇرىدۇ، ــ دېدى. 20
لېكىن ئۇ جاۋابەن: ــ مېنىڭ ئانام ۋە ئاكا-ئۇكا قېرىنداشلىرىم بولسا خۇدانىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ، ئۇنىڭغا ئەمەل قىلغۇچىلاردۇر، دېدى. 21
ۋە شۇنداق بولدىكى، شۇ كۈنلەردىن بىرى، ئۇ مۇخلىسلىرى بىلەن بىر كېمىگە چۈشۈپ، ئۇلارغا: ــ كۆلنىڭ ئۇ قېتىغا بارايلى، ــ دېدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار يولغا چىقتى. 22
كېمە كېتىۋاتقاندا ئۇ ئۇيقۇغا كەتكەنىدى. كۆلگە تۇيۇقسىز قارا بوران كېلىپ، كېمىگە سۇ توشۇپ كېتىپ، ئۇلار خەۋپتە قالدى. 23
مۇخلىسلار كېلىپ ئۇنى ئويغىتىپ: ــ ئۇستاز، ئۇستاز، تۈگىشىدىغان بولدۇق! ــ دېدى. لېكىن ئۇ ئورنىدىن تۇرۇپ، بورانغا ۋە داۋالغۇغان دولقۇنلارغا تەنبىھ بەردى؛ ھەممىسى توختاپ، تىنچ بولدى. 24
ئۇ مۇخلىسلىرىغا قاراپ: ــ ئىشەنچىڭلار نەگە كەتتى؟ ــ دېدى. ئۇلار ھەم قورقۇشۇپ، ھەم بەكمۇ ھەيران بولۇپ، بىر-بىرىگە: ــ بۇ ئادەم زادى كىمدۇ، بۇيرۇق قىلسا، ھەتتا شاماللار ۋە دولقۇنلارمۇ ئۇنىڭغا بويسۇنىدىكەن-ھە! ــ دەپ كېتىشتى. 25
شۇنىڭ بىلەن ئۇلار گالىلىيەنىڭ ئۇدۇلىدىكى گېراسالىقلارنىڭ يۇرتىغا يېتىپ باردى. 26
ئۇ قىرغاققا چىقىشى بىلەنلا، ئۇزۇندىن بېرى جىنلار چاپلاشقان، شەھەردىن كەلگەن مەلۇم ئادەم ئۇنىڭ ئالدىغا كەلدى. بۇ ئادەم كىيىم كىيمەي، ھېچ ئۆيدە تۇرماي، گۆرلەر ئارىسىدا ياشايتتى. 27
لېكىن ئۇ ئەيسانى كۆرۈپلا ۋارقىراپ، ئۇنىڭ ئايىغىغا يىقىلىپ قاتتىق ئاۋاز بىلەن: ــ ھەممىدىن ئالىي خۇدانىڭ ئوغلى ئەيسا، سېنىڭ مەن بىلەن نېمە كارىڭ! سەندىن ئۆتۈنىمەنكى، مېنى قىينىما! ــ دەپ توۋلاپ كەتتى. 28
چۈنكى ئەيسا ناپاك روھنىڭ ئۇنىڭدىن چىقىشىنى بۇيرۇۋاتاتتى (چۈنكى جىن نۇرغۇن قېتىم ئۇنى تۇتۇۋالغانىدى؛ ئۇ چاغلاردا كىشىلەر ئۇنىڭ پۇت-قوللىرىنى كىشەن-زەنجىرلەر بىلەن باغلاپ ئۇنى قاماپ قويغان بولسىمۇ، ئۇ زەنجىرلەرنى ئۈزۈپ قېچىپ چىققان ۋە جىن تەرىپىدىن چۆل-باياۋانلارغا ھەيدىۋېتىلگەنىدى). 29
ئەيسا بۇ ئادەمدىن: ــ ئىسمىڭ نېمە؟ ــ دەپ سورىۋىدى، ئۇ: ــ ئىسمىم «قوشۇن»، ــ دېدى. چۈنكى نۇرغۇن جىنلار ئۇنىڭ ئىچىگە كىرىپ چاپلىشىۋالغانىدى. 30
ئەمدى ئۇلار ئەيسادىن ئۆزلىرىنى تېگى يوق ھاڭغا كەتكۈزمەسلىكنى ئۆتۈنۈپ يالۋۇردى. (Abyssos g12) 31
شۇ يەردە تاغ باغرىدا چوڭ بىر توپ توڭگۇز پادىسى ئوزۇقلىنىۋاتاتتى. جىنلار ئەيساغا يالۋۇرۇپ، توڭگۇزلارنىڭ تېنىگە كىرىشكە ئىجازەت بېرىشىنى ئۆتۈندى. ئۇ ئۇلارغا ئىجازەت بەردى. 32
جىنلار شۇ ئادەمدىن چىقىپ، توڭگۇزلارنىڭ تېنىگە كىرىۋالدى؛ شۇنىڭ بىلەن پۈتكۈل توڭگۇز پادىسى تىك ياردىن ئېتىلىپ چۈشۈپ، كۆلگە غەرق بولدى. 33
توڭگۇزلارنى باققۇچىلارمۇ بۇ ۋەقەنى كۆرۈپ ئۇ يەردىن قېچىپ، شەھەر-يېزىلاردا بۇ خەۋەرنى تارقاتتى. 34
خالايىق زادى نېمە ئىش بولغانلىقىنى كۆرگىلى چىقتى؛ ئەيسانىڭ ئالدىغا كەلگەندە، شۇ يەردە ئۆزىدىن جىنلار چىققان ھېلىقى ئادەمنىڭ كىيىم-كېچەكنى كىيىپ، ئەس-ھوشى جايىدا ھالدا ئەيسانىڭ ئايىغى ئالدىدا ئولتۇرغىنىنى كۆردى؛ ئۇلار قورقۇپ كېتىشتى. 35
بۇ ۋەقەنى كۆرگەنلەرمۇ جىنلار چاپلاشقان ئادەمنىڭ قانداق ساقايتىلغىنىنى كۆپچىلىككە تەسۋىرلەپ بەردى. 36
ئاندىن گېراسالىقلارنىڭ يۇرتىدىكىلەر ۋە ئەتراپىدىكى بارلىق كىشىلەر ئۇنىڭ ئۇلارنىڭ ئارىسىدىن كېتىشىنى ئۆتۈنۈشتى. چۈنكى دەھشەتلىك قورقۇنچ ئۇلارنى باسقانىدى. شۇڭا ئۇ كېمىگە چۈشۈپ، قايتىشقا يول ئالدى. 37
ئەمما جىنلار ئۆزىدىن چىقىپ كەتكەن ھېلىقى ئادەم ئۇنىڭغا، مەن سەن بىلەن بىللە كېتەي، ــ دەپ يالۋۇردى. لېكىن ئۇ ئۇنى يولغا سېلىپ: 38
ــ ئۆيۈڭگە قايتىپ بېرىپ، خۇدانىڭ ساڭا شۇنچە چوڭ ئىشلارنى قىلىپ بەرگەنلىكىنى يەتكۈزگىن، ــ دېدى. ئۇ ئادەم قايتىپ بېرىپ، پۈتكۈل شەھەرنى ئارىلاپ، ئەيسانىڭ ئۆزىگە شۇنچە چوڭ ئىشلارنى قىلىپ بەرگەنلىكىنى ئېلان قىلدى. 39
ئەيسا قايتىپ كەلگىنىدە، شۇنداق بولدىكى، خالايىق ئۇنى خۇشاللىق بىلەن قارشى ئېلىشتى؛ چۈنكى ھەممەيلەن ئۇنىڭ قايتىپ كېلىشىنى كۈتۈپ تۇراتتى. 40
ۋە مانا، بىر كىشى، سىناگوگنىڭ چوڭى بولغان يائىرۇس ئىسىملىك كىشىمۇ ئەيسانىڭ ئالدىغا كېلىپ ئايىغىغا ئۆزىنى ئېتىپ، ئۇنىڭ ئۆيىگە بېرىشىنى ئۆتۈندى. 41
چۈنكى ئۇنىڭ ئون ئىككى ياشلىق يالغۇز قىزى سەكراتتا ئىدى. ئەيسا ئۇ يەرگە بارغىنىدا، توپ-توپ كىشىلەر ئۇنىڭ ئەتراپىغا زىچ ئولىشىپ ئۇنى قىستىشاتتى. 42
ئارىسىدا خۇن تەۋرەش كېسىلىگە گىرىپتار بولغىنىغا ئون ئىككى يىل بولغان بىر ئايال بار ئىدى؛ ئۇ بار-يوقىنى تېۋىپلارغا خەجلەپ تۈگەتكەن بولسىمۇ، ھېچقايسىسىدىن شىپا تاپمىغانىكەن. 43
ئۇ [ئەيسانىڭ] ئارقىسىدىن كېلىپ، ئۇنىڭ تونىنىڭ پېشىنى سىلىۋىدى، شۇئان خۇن توختىدى. 44
ئەيسا: ــ ماڭا قول تەگكۈزگەن كىم؟ ــ دەپ سورىدى. ھەممەيلەن ئىنكار قىلغاندا، پېترۇسمۇ ۋە ئۇنىڭ بىلەن بولغانلارمۇ: ــ ئۇستاز، خالايىق توپ-توپ بولۇپ تۆت ئەتراپىڭنى ئولىشىپ، سېنى قىستىشىۋاتقان يەردە، سەن «ماڭا تەگكەن كىم؟»، دەپ سورايسەنغۇ؟ ــ دېدى. 45
لېكىن ئەيسا: ــ ياق! بىرسى ماڭا تەگدى؛ چۈنكى ۋۇجۇدۇمدىن قۇدرەتنىڭ چىقىپ كېتىۋاتقىنىنى سەزدىم، ــ دېدى. 46
ھېلىقى ئايال ئۆزىنىڭ يوشۇرۇپ قالالمايدىغانلىقىنى بىلىپ، تىترىگەن ھالدا ئۇنىڭ ئالدىغا يىقىلدى ۋە كۆپچىلىك ئالدىدا ئۆزىنىڭ نېمە سەۋەبتىن ئەيساغا قول تەگكۈزگەنلىكىنى، شۇنداقلا شۇئان قانداق ساقايغانلىقىنى ئېيتتى. 47
ئەيسا ئۇنىڭغا: ــ يۈرەكلىك بول، قىزىم، ئىشەنچىڭ سېنى ساقايتتى! ئامان-خاتىرجەملىك بىلەن ماڭغىن! ــ دېدى. 48
ئۇ سۆز قىلىۋاتقاندا، سىناگوگ چوڭىنىڭ ئۆيىدىن چىققان بىرەيلەن كېلىپ سىناگوگ چوڭىغا: ــ قىزىڭىز جان ئۈزدى. ئەمدى ئۇستازنى كايىتمىغىن، ــ دېدى. 49
لېكىن ئەيسا بۇنى ئاڭلاپ ئۇنىڭغا: ــ قورقمىغىن! پەقەت ئىشەنچتە بول، ئۇ ساقىيىپ كېتىدۇ، ــ دېدى. 50
ئۇ ئۆيگە بارغاندا پېترۇس، يۇھاننا، ياقۇپ ۋە قىزنىڭ ئاتا-ئانىسىدىن باشقا ھېچكىمنىڭ ئۆزى بىلەن بىللە ئۆيگە كىرىشىگە رۇخسەت قىلمىدى. 51
ئۇ يەردىكىلەر ھەممىسى قىزغا ماتەم تۇتۇپ يىغا-زار كۆتۈرۈۋاتاتتى. لېكىن ئۇ: ــ بولدى، يىغلىماڭلار! چۈنكى قىز ئۆلمىدى، پەقەت ئۇخلاپ قاپتۇ! ــ دېدى. 52
ئۇلار بولسا قىزنىڭ ئاللىقاچان جان ئۈزدى دەپ بىلگەچكە، ئۇنى مەسخىرە قىلدى. 53
لېكىن ئۇ ئۇلارنى چىقىرىۋېتىپ، قىزنىڭ قولىدىن تارتىپ: ــ بالام، ئورنۇڭدىن تۇر، ــ دەپ چاقىردى. 54
[قىزنىڭ] روھى قايتىپ كېلىپ، ئۇ دەرھال ئورنىدىن تۇردى. ئۇ قىزغا يېگۈدەك بىرنېمە بېرىشنى ئېيتتى. 55
قىزنىڭ ئاتا-ئانىسى ئىنتايىن ھەيران قېلىشتى. لېكىن ئۇ ئۇلارغا بۇ ئىشنى ھېچكىمگە ئېيتماسلىقنى تاپىلىدى. 56

< لۇقا 8 >