< يەشۇئا 15 >

يەھۇدالار قەبىلىسىنىڭ مىراسى بولسا جەمەت-ئائىلىلىرى بويىچە چەك تاشلىنىپ ئېرىشكەن زېمىن بولۇپ، جەنۇبىي تەرەپنىڭ ئۇچى ئېدومنىڭ چېگرىسىغا ۋە زىن چۆلىگە تۇتاشتى؛ 1
و قرعه به جهت سبط بنی یهودا، به حسب قبایل ایشان، به طرف جنوب به‌سر حد ادوم، یعنی صحرای صین به اقصای تیمان رسید.۱
جەنۇبىي چېگرىسى «شور دېڭىزى»نىڭ ئايىغىدىن، يەنى جەنۇبىي تەرەپكە چوقچىيىپ چىققان قولتۇقتىن باشلىنىپ، 2
و حد جنوبی ایشان از آخر بحرالملح، از خلیجی که متوجه به سمت جنوب است، بود.۲
«سېرىق ئېشەك داۋىنى»نىڭ جەنۇب تەرىپىدىن ئۆتۈپ، زىنغا تۇتاشتى؛ ئاندىن قادەش-بارنېئانىڭ جەنۇبىنى ياقىلاپ ھەزرونغا ئۆتۈپ، ئاددارغا بېرىپ، كاركائاھقا بۇرۇلۇپ، 3
و به طرف جنوب، فراز عکربیم بیرون آمده، به صین گذشت، و به جنوب قادش برنیع برآمده، به حصرون گذشت، و به اداربرآمده، به سوی قرقع برگشت.۳
ئازمونغا ئۆتۈپ مىسىر ئېقىنى بىلەن چىقىپ، ئۇچى دېڭىزغا تاقىشاتتى. بۇ ئۇلارنىڭ جەنۇبىي چېگرىسى ئىدى. 4
و از عصمون گذشته، به وادی مصر بیرون آمد، و انتهای این حدتا به دریا بود. این حد جنوبی شما خواهد بود.۴
شەرقىي چېگرىسى بولسا شور دېڭىزىدىن ئىئوردان دەرياسىنىڭ دېڭىزغا قۇيۇلىدىغان ئېغىزىغىچە ئىدى؛ شىمالىي چېگرىسى بولسا دېڭىزنىڭ ئىئوردان دەرياسىنىڭ دېڭىزغا قۇيۇلىدىغان ئېغىزىدىن باشلىنىپ، 5
وحد شرقی، بحرالملح تا آخر اردن بود، و حدطرف شمال، از خلیج دریا تا آخر اردن بود.۵
ئاندىن بەيت-ھوگلاھغا بېرىپ، بەيت-ئاراباھنىڭ شىمالىدىن ئۆتۈپ، رۇبەننىڭ ئوغلى بوھاننىڭ تېشىنىڭ قېشىغىچە ئىدى؛ 6
واین حد تا بیت حجله برآمده، به طرف شمالی بیت عربه گذشت، و این حد نزد سنگ بهن پسر روبین برآمد.۶
ئاندىن چېگرا ئاقور جىلغىسىدىن دەبىرگە قاراپ ئۆتۈپ، ئۇ يەردىن شىمال تەرىپىگە بۇرۇلۇپ، جىلغىنىڭ جەنۇب تەرىپىدىكى ئادۇممىمغا چىقىدىغان داۋاننىڭ ئۇدۇلىدىكى گىلگالغا يېتىپ بېرىپ، ئاندىن ئەن-شەمەش سۇلىرىدىن ئۆتۈپ، ئەن-روگەل بۇلىقىغا تۇتىشاتتى؛ 7
و این حد از وادی عخور نزد دبیر برآمد، و به طرف شمال به سوی جلجال که مقابل فرازادمیم است، که در جنوب وادی است، متوجه می‌شود، و این حد نزد آبهای عین شمس گذشت، و انتهایش نزد عین روجل بود.۷
ئۇ يەردىن «بەن-ھىننومنىڭ جىلغىسى»غا چىقىپ، يەبۇسىيلار ئېگىزلىكىدىن، يەنى يېرۇسالېمنىڭ جەنۇب تەرىپىدىكى داۋاندىن ئۆتۈپ، ئاندىن ھىننوم جىلغىسىنىڭ ئالدىغا، يەنى غەرب تەرەپكە، رەفايىيلارنىڭ جىلغىسىنىڭ شىمالىي بېشىدىكى تاغنىڭ چوققىسىغا چىقتى؛ 8
و این حد ازوادی پسر هنوم به‌جانب یبوسی، به طرف جنوب که همان اورشلیم باشد، برآمد. پس این حد به سوی قله کوهی که به طرف مغرب مقابل وادی هنوم، و به طرف شمال به آخر وادی رفائیم است، گذشت.۸
چېگرا بۇ تاغنىڭ چوققىسىدىن نەفتوئاھ سۈيىنىڭ بۇلىقىغا بېرىپ، ئاندىن ئەفرون تېغىدىكى شەھەرلىرىنىڭ يېنى بىلەن چىقىپ، ئۇ يەردىن بائالاھ (يەنى كىرىئات-يېئارىم)غا يېتىپ بېرىپ، 9
و این حد از قله کوه به چشمه آبهای نفتوح کشیده شد، و نزد شهرهای کوه عفرون بیرون آمد، و تا بعله که قریه یعاریم باشد، کشیده شد.۹
ئاندىن بائالاھتىن ئۆتۈپ، غەرب تەرىپىگە قايرىلىپ سېئىر تېغىغا بېرىپ، يېئارىم تېغى (يەنى كېسالون)نىڭ شىمالىي باغرىدىن ئۆتۈپ، بەيت-شەمەشكە چۈشۈپ، تىمناھتىن ئۆتتى؛ 10
و این حد از بعله به طرف مغرب به کوه سعیر برگشت، و به طرف شمال از جانب کوه یعاریم که کسالون باشد گذشت، و نزد بیت شمس بزیر آمده، از تمنه گذشت.۱۰
ئاندىن شىمالغا قاراپ ئەكروننىڭ داۋىنى بىلەن چىقىپ شىكرونغا ئۆتۈپ، بائالاھ تېغىنىڭ يېنىغا تۇتىشىپ، يابنەئەلگە يېتىپ، ئاندىن ئۇچى دېڭىزغا تاقاشقانىدى. 11
و این حد به سوی شمال از جانب عقرون بیرون آمد، و تا شکرون کشیده شد، و از کوه بعله گذشته، نزد یبنئیل بیرون آمد، و انتهای این حد دریا بود.۱۱
غەرب تەرىپىدىكى چېگرىسى بولسا دېڭىز بويلىرى ئىدى. يەھۇدالارنىڭ جەمەت-ئائىلىلىرى بويىچە ئۇلارغا توختىتىلغان تۆت تەرىپىدىكى چېگرا مانا شۇ ئىدى. 12
و حد غربی دریای بزرگ و کناره آن بود، این است حدودبنی یهودا از هر طرف به حسب قبایل ایشان.۱۲
يەفۇننەھنىڭ ئوغلى كالەبگە بولسا، پەرۋەردىگارنىڭ يەشۇئاغا بەرگەن ئەمرى بويىچە، ئۇنىڭغا يەھۇدالارنىڭ ئارىسىدا بىر ئۈلۈش، يەنى ئاناكنىڭ ئاتىسى ئاربانىڭ شەھىرى بولغان ھېبرون ئاتا قىلىندى. 13
و به کالیب بن یفنه به حسب آنچه خداوند به یوشع فرموده بود، در میان بنی یهودا قسمتی داد، یعنی قریه اربع پدر عناق که حبرون باشد.۱۳
كالەب شۇ يەردىن شېشاي، ئاھىمان ۋە تالماي دېگەن ئۈچ ئاناكىينى قوغلىۋەتتى؛ ئۇلار ئۈچى ئاناكنىڭ ئەۋلادى ئىدى. 14
وکالیب سه پسر عناق یعنی شیشی و اخیمان وتلمی اولاد عناق را از آنجا بیرون کرد.۱۴
ئاندىن شۇ يەردىن چىقىپ، دەبىردە تۇرۇۋاتقانلارغا ھۇجۇم قىلدى (ئىلگىرى دەبىرنىڭ نامى كىرىئات-سەفەر ئىدى). 15
و ازآنجا به ساکنان دبیر برآمد و اسم دبیر قبل از آن قریه سفر بود.۱۵
كالەب: ــ كىمكى كىرىئات-سەفەرگە ھۇجۇم قىلىپ ئۇنى ئالسا، ئۇنىڭغا قىزىم ئاكساھنى خوتۇنلۇققا بېرىمەن، دېگەنىدى. 16
و کالیب گفت: «هر‌که قریه سفررا بزند و آن را بگیرد، دختر خود عکسه را به زنی به او خواهم داد.۱۶
كالەبنىڭ ئۇكىسى كېنازنىڭ ئوغلى ئوتنىيەل ئۇنى ئىشغال قىلدى، كالەب ئۇنىڭغا قىزى ئاكساھنى خوتۇنلۇققا بەردى. 17
و عتنئیل پسر قناز برادرکالیب آن را گرفت، و دختر خود عکسه را به او به زنی داد.۱۷
شۇنداق بولدىكى، قىز ياتلىق بولۇپ ئۇنىڭ قېشىغا بارار چاغدا، ئېرىنى ئاتىسىدىن بىر پارچە يەر سوراشقا ئۈندىدى. ئاكساھ ئېشەكتىن چۈشۈشىگە كالەب ئۇنىڭدىن: ــ سېنىڭ نېمە تەلىپىڭ بار؟ ــ دەپ سورىدى. 18
و چون او نزد وی آمد او را ترغیب کرد که از پدر خود زمینی طلب نماید، و دختر ازالاغ خود پایین آمد، و کالیب وی را گفت: «چه می‌خواهی؟»۱۸
ئۇ جاۋاب بېرىپ: ــ مېنى ئالاھىدە بىر بەرىكەتلىگەيسەن؛ سەن ماڭا نەگەۋدىن [قاغجىراق] يەر بەرگەنىكەنسەن، ماڭا بىرنەچچە بۇلاقنىمۇ بەرگەيسەن، ــ دېدى. شۇنى دېۋىدى، كالەب ئۇنىڭغا ئۈستۈن بۇلاقلار بىلەن ئاستىن بۇلاقلارنى بەردى. 19
گفت: «مرا برکت ده. چونکه زمین جنوبی را به من داده‌ای، چشمه های آب نیزبه من بده. پس چشمه های بالا و چشمه های پایین را به او بخشید.۱۹
تۆۋەندىكىلەر يەھۇدا قەبىلىسىگە ئۇلارنىڭ جەمەت-ئائىلىلىرى بويىچە تەگكەن مىراس ئۈلۈشلەردۇر: ــ 20
این است ملک سبط بنی یهودا به حسب قبایل ایشان.۲۰
يەھۇدا قەبىلىسىنىڭ ئەڭ جەنۇبىغا جايلاشقان، ئېدوم چېگرىسى تەرەپتىكى شەھەرلەر: ــ كابزەئەل، ئېدەر، ياگۇر، 21
و شهرهای انتهایی سبطبنی یهودا به سمت جنوب بر سرحد ادوم قبصئیل و عیدر و یاجور بود،۲۱
كىناھ، دىموناھ، ئاداداھ، 22
و قینه و دیمونه وعدعده،۲۲
كەدەش، ھازور، يىتنان، 23
و قادش و حاصور و یتنان،۲۳
زىف، تەلەم، بېئالوت، 24
و زیف و طالم و بعلوت،۲۴
ھازور-ھاداتتاھ، كېرىئوت-ھەزرون (يەنى ھازور)، 25
و حاصور حدته و قریوت حصرون که حاصور باشد.۲۵
ئامام، سېما، مولاداھ، 26
امام و شماع ومولاده،۲۶
ھازار-گادداھ، ھەشمون، بەيت-پەلەت، 27
و حصرجده و حشمون و بیت فالط،۲۷
ھازار-شۇئال، بەئەر-شېبا، بىزىئوتىيا، 28
و حصر شوعال و بیرشبع و بزیوتیه،۲۸
بائالاھ، ئىجىم، ئېزەم، 29
و بعاله و عییم و عاصم،۲۹
ئەلتولاد، كېسىل، خورماھ، 30
و التولد و کسیل و حرمه،۳۰
زىكلاگ، مادمانناھ، سانسانناھ، 31
وصقلج و مدمنه و سنسنه،۳۱
لىبائوت، شىلھىم، ئايىن ۋە رىممون قاتارلىقلار جەمئىي يىگىرمە توققۇز شەھەر ۋە ئۇلارغا قاراشلىق كەنت-قىشلاقلار ئىدى. 32
و لباوت و سلخیم و عین و رمون، جمیع این شهرها با دهات آنهابیست و نه می‌باشد.۳۲
شەفەلاھ ئويمانلىقىدىكى شەھەرلەر بولسا ئەشتائول، زورېئاھ، ئاشناھ، 33
و در هامون اشتاول وصرعه و اشنه،۳۳
زانوئاھ، ئەن-گاننىم، تاپپۇئاھ، ئەنام، 34
و زانوح و عین جنیم و تفوح وعینام،۳۴
يارمۇت، ئادۇللام، سوكوھ، ئازىكاھ، 35
و یرموت و عدلام و سوکوه و عزیقه،۳۵
شائارايىم، ئادىتائىم، گەدەراھ ۋە گەدەروتائىم بولۇپ، جەمئىي ئون تۆت شەھەر ۋە ئۇلارغا قاراشلىق كەنت-قىشلاقلار ئىدى. 36
و شعرایم و عدیتایم و الجدیره و جدیرتایم، چهارده شهر با دهات آنها.۳۶
بۇلاردىن باشقا يەنە زىنان، ھاداشاھ، مىگدال-گاد، 37
صنان و حداشاه و مجدل جاد.۳۷
دىلېئان، مىزپاھ، يوقتەئەل، 38
و دلعان و المصفه و یقتئیل.۳۸
لاقىش، بوزكات، ئەگلون، 39
و لاخیش و بصقه وعجلون.۳۹
كاببون، لاھماس، قىتلىش، 40
و کبون و لحمان و کتلیش.۴۰
گەدەروت، بەيت-داگون، نائاماھ ۋە ماككەداھ بولۇپ، جەمئىي ئون ئالتە شەھەر ۋە ئۇلارغا قاراشلىق كەنت-قىشلاقلار ئىدى. 41
وجدیروت و بیت داجون و نعمه و مقیده. شانزده شهر با دهات آنها.۴۱
بۇنىڭدىن باشقا يەنە لىبناھ، ئېتەر، ئاشان، 42
و لبنه و عاتر و عاشان.۴۲
يەفتاھ، ئاشناھ، نەزىب، 43
و یفتاح و اشنه و نصیب.۴۳
كېئىلاھ، ئاقزىب ۋە مارەشاھ بولۇپ، جەمئىي توققۇز شەھەر ۋە يەنە ئۇلارغا قاراشلىق كەنت-قىشلاقلارمۇ بار ئىدى؛ 44
و قعیله واکزیب و مریشه. نه شهر با دهات آنها.۴۴
يەنە ئەكرون بىلەن ئۇنىڭغا قاراشلىق يېزا-كەنتلەر، 45
وعقرون و قصبه‌ها و دهات آن.۴۵
شۇنداقلا ئەكروننىڭ غەرب تەرىپىدىن تارتىپ ئاشدودنىڭ يېنىدىكى ھەممە شەھەرلەر بىلەن ئۇلارنىڭ كەنت-قىشلاقلىرى قوشۇلۇپ، 46
از عقرون تادریا، همه که به اطراف اشدود بود با دهات آنها.۴۶
ئاشدود ۋە ئۇنىڭغا قاراشلىق يېزىلار ۋە كەنت-قىشلاقلار، گازا شەھىرى ۋە شۇنداقلا مىسىر ئېقىنىغىچە ۋە ئۇلۇغ دېڭىزنىڭ قىرغىقىغىچە، ئۇنىڭغا قاراشلىق يېزىلار ۋە كەنت-قىشلاقلار بار ئىدى. 47
و اشدود و قصبه‌ها و دهات آن. و غزا وقصبه‌ها و دهات آن تا وادی مصر، و تا دریای بزرگ و کنار آن.۴۷
تاغلىق رايوندىكى شەھەرلەر: ــ شامىر، ياتتىر، سوكوھ، 48
و در کوهستان شامیر و یتیر و سوکوه.۴۸
دانناھ، كىرىئات-سانناھ (يەنى دەبىر)، 49
ودنه و قریه سنه که دبیر باشد.۴۹
ئاناب، ئەشتەموھ، ئانىم، 50
و عناب و اشتموه و عانیم.۵۰
گوشەن، ھولون ۋە گىلوھ بولۇپ، جەمئىي ئون بىر شەھەر ۋە ئۇلارغا قاراشلىق كەنت-قىشلاقلار ئىدى. 51
و جوشن و حولون و جیلوه، یازده شهر با دهات آنها.۵۱
بۇنىڭدىن باشقا يەنە ئاراب، دۇماھ، ئېشان، 52
و اراب و دومه و اشعان.۵۲
يانىم، بەيت-تاپپۇئاھ، ئافىكاھ، 53
و یانوم و بیت تفوح و افیقه.۵۳
ھۇمتاھ، كىرىئات-ئاربا (يەنى ھېبرون) ۋە زىئور بولۇپ، جەمئىي توققۇز شەھەر ۋە ئۇلارغا قاراشلىق كەنت-قىشلاقلار بار ئىدى. 54
و حمطه و قریه اربع که حبرون باشد، و صیعور، نه شهر با دهات آنها.۵۴
بۇنىڭدىن باشقا يەنە مائون، كارمەل، زىف، يۇتتاھ، 55
و معون و کرمل و زیف و یوطه.۵۵
يىزرەئەل، يوكدېئام، زانوئاھ، 56
ویزرعیل و یقدعام و زانوح.۵۶
كايىن، گىبېئاھ ۋە تىمناھ بولۇپ، جەمئىي ئون شەھەر ۋە ئۇلارغا قاراشلىق كەنت-قىشلاقلار بار ئىدى. 57
و القاین و جبعه وتمنه، ده شهر با دهات آنها.۵۷
بۇنىڭدىن باشقا يەنە ھالھۇل، بەيت-زۇر، گەدور، 58
و حلحول و بیت صور و جدور.۵۸
مائارات، بەيت-ئانوت ۋە ئەلتەكون بولۇپ، جەمئىي ئالتە شەھەر ۋە ئۇلارغا قاراشلىق كەنت-قىشلاقلار بار ئىدى. 59
ومعارات و بیت عنوت و التقون، شش شهر با دهات آنها.۵۹
بۇنىڭدىن باشقا يەنە كىرىئات-بائال (يەنى كىرىئات-يېئارىم) ۋە رابباھ دېگەن ئىككى شەھەر ۋە ئۇلارغا قاراشلىق كەنت-قىشلاقلار بار ئىدى. 60
و قریه بعل که قریه یعاریم باشد و الربه، دوشهر با دهات آنها.۶۰
چۆلدىكى شەھەرلەر بولسا: ــ بەيت-ئاراباھ، مىددىن، سەكاكاھ، 61
و در بیابان بیت عربه و مدین و سکاکه.۶۱
نىبشان، «شور شەھىرى» ۋە ئەن-گەدى، جەمئىي ئالتە شەھەر ۋە ئۇلارغا قاراشلىق كەنت-قىشلاقلار ئىدى. 62
والنبشان و مدینه الملح و عین جدی، شش شهر بادهات آنها.۶۲
لېكىن يېرۇسالېمدا ئولتۇرۇقلۇق يەبۇسىيلارنى بولسا يەھۇدالار قوغلىۋېتەلمىگەن؛ شۇڭا تا بۈگۈنگىچە يەبۇسىيلار يەھۇدالار بىلەن يېرۇسالېمدا بىللە تۇرماقتا. 63
و اما یبوسیان که ساکن اورشلیم بودند، بنی یهودا نتوانستند ایشان را بیرون کنند. پس یبوسیان با بنی یهودا تا امروز در اورشلیم ساکنند.۶۳

< يەشۇئا 15 >