< ئايۇپ 22 >

ئاندىن تېمانلىق ئېلىفاز مۇنداق دېدى: ــ 1
ئادەم خۇداغا قانداقمۇ پايدا كەلتۈرەلىسۇن؟ دانا ئادەملەرمۇ ئۇنىڭغا نېمە پايدا كەلتۈرەلىسۇن؟ 2
سەن ھەققانىي بولساڭمۇ، ھەممىگە قادىرغا نېمە بەھرە بېرەلەيتتىڭ؟ يوللىرىڭ ئەيىبسىز بولغان تەقدىردىمۇ، سەن ئۇنىڭغا نېمە غەنىيمەتلەرنى ئېلىپ كېلەلەيسەن؟ 3
ئۇنىڭ سېنى ئەيىبلەيدىغانلىقى، ۋە ئۇنىڭ ساڭا شىكايەتلەر يەتكۈزىدىغىنى سېنىڭ ئىخلاسمەن بولغىنىڭ ئۈچۈنمۇ-يا؟ 4
سېنىڭ رەزىللىكىڭ زور ئەمەسمۇ؟ سېنىڭ گۇناھلىرىڭ ھېسابسىز ئەمەسمۇ؟ 5
سەن قېرىنداشلىرىڭدىن سەۋەبسىز كېپىللىك ئالغانسەن؛ سەن يالاڭتۈشلەرنى كىيىم-كېچەكلىرىدىن مەھرۇم قىلىۋەتكەنسەن. 6
ھالسىزلانغانلارغا سۇ بەرمىدىڭ، ئاچ قالغانلارغا ئاشنىمۇ ئاياپ بەرمىدىڭ، 7
گەرچە سەن يەر-زېمىنلىك بولغان قولى ئۇزۇن ئادەم بولساڭمۇ، يەر-زېمىن تۇتۇپ ھۆرمەتلىنىپ كەلگەن ئادەم بولساڭمۇ، 8
سەن تۇل خوتۇنلارنىمۇ قۇرۇق قول ياندۇرغانسەن، يېتىم-يېسىرلارنىڭ قولىنىمۇ يانجىتىۋەتكەنسەن. 9
مانا شۇ سەۋەبتىن ئەتراپىڭدا تۇزاقلار ياتىدۇ، ئۇشتۇمتۇت پەيدا بولغان ۋەھىمىمۇ سېنى باسىدۇ. 10
شۇ سەۋەبتىنمۇ سېنى قاراڭغۇلۇق بېسىپ كۆرەلمەس قىلدى، بىر كەلكۈن كېلىپ سېنى غەرق قىلدى. 11
تەڭرى ئەرشئالانىڭ چوققىسىدا تۇرىدۇ ئەمەسمۇ؟ ئەڭ ئېگىز يۇلتۇزلارنىڭ نەقەدەر ئالىي ئىكەنلىكىگە قاراپ باق! 12
بىراق سەن: «تەڭرى نېمىنى بىلىدۇ؟ ئۇ راست شۇنچە زۇلمەت قاراڭغۇلۇقتا بىرنېمىنى پەرق ئېتەلەمدۇ؟!» دەۋاتىسەن. 13
يەنە: «قويۇق بۇلۇتلار ئۇنى توسىۋالىدۇ، شۇڭا ئۇ پەلەك ئۈستىدە ئايلىنىپ ماڭغىنىدا بىزنى كۆرمەيدۇ!» ــ دەيسەن. 14
يامان ئادەملەر ماڭغان كونا يولنى سەنمۇ تۇتىۋېرەمسەن؟ 15
ئۇلار ۋاقتى توشماي تۇرۇپلا ئېلىپ كېتىلگەن، ئۇلارنىڭ ئۇللىرى كەلكۈن تەرىپىدىن ئېقىتىلىپ كېتىلگەن. 16
ئۇلار تەڭرىگە: «بىزدىن نېرى بول!» ھەممىگە قادىر بىزنى نېمە قىلالىسۇن؟» ــ دەيتتى. 17
بىراق ئۇلارنىڭ ئۆيلىرىنى ئېسىل نەرسىلەر بىلەن تولدۇرغان دەل ئۇنىڭ ئۆزىدۇر، مەن بولسام يامانلارنىڭ نەسىھىتىدىن يىراقلاشقانمەن! 18
ھەققانىيلار ئۇلارنىڭ بەربات بولغانلىقىنى كۆرۈپ شادلىنىدۇ؛ بىگۇناھلار ئۇلارنى مازاق قىلىپ: ــ 19
«بىزگە قارشى چىققۇچىلار شۈبھىسىز ۋەيران بولىدۇ، ئوت ئۇلارنىڭ بايلىقلىرىنى يۇتۇۋەتمەمدۇ؟» ــ دەيدۇ. 20
[شۇڭا] خۇداغا بويسۇنۇپ ئۇنى تونۇساڭ، شۇ چاغدىلا سەن ئامان بولىسەن؛ شۇنىڭ بىلەن ساڭا ئامەت كېلىدۇ. 21
ئۇنىڭ ئاغزىدىن كەلگەن نەسىھەتنىمۇ قوبۇل قىل، ئۇنىڭ سۆزلىرىنى كۆڭلۈڭگە پۈكۈپ قوي. 22
سەن ھەممىگە قادىرنىڭ يېنىغا قايتىپ كەلسەڭ، مۇقەررەركى، قايتىدىن قۇرۇلۇپ چىقالايسەن؛ ئەگەر سەن قەبىھلىكنى چېدىرلىرىڭدىن يىراقلاشتۇرساڭ، 23
ئەگەر سەن ئالتۇنۇڭنى توپا-چاڭ ئۈستىگە تاشلىيالىساڭ، ئوفىردىكى ئالتۇنۇڭنى شىددەتلىك ئېقىننىڭ تاشلىرىغا قوشۇۋەتسەڭ، 24
ئۇنداقتا ھەممىگە قادىرنىڭ ئۆزى ساڭا ئالتۇن بولىدۇ. سېنىڭ ئۈچۈن سەرخىل كۈمۈشمۇ بولىدۇ. 25
ئۇ چاغدا سەن ھەممىگە قادىردىن سۆيۈنىسەن، يۈزۈڭنى تەڭرىگە قاراپ كۆتۈرەلەيسەن. 26
سەن ئۇنىڭغا دۇئا قىلساڭ، ئۇ قۇلاق سالىدۇ، شۇنداقلا سەنمۇ ئىچكەن قەسەملىرىڭگە ئەمەل قىلىسەن. 27
سەن قارار قىلغان ئىش ئەمەلگە ئاشىدۇ، يوللىرىڭ ئۈستىگە نۇر چۈشىدۇ. 28
ئادەملەر پەس قىلىنغاندا، سەن ئۇلارغا: «ئورنۇڭلاردىن تۇرۇڭلار!» دەيسەن، شۇنىڭ بىلەن [خۇدا] چىرايى سۇنغانلارنى قۇتقۇزىدۇ. 29
ئۇ ھەتتا گۇناھى بار ئادەمنىمۇ قۇتقۇزىدۇ، ئۇ قولۇڭدىكى ھالاللىقتىن قۇتقۇزۇلىدۇ. 30

< ئايۇپ 22 >