< يەرەمىيا 5 >

[پەرۋەردىگار]: ــ يېرۇسالېمنىڭ رەستە-كوچىلىرىدا ئۇيان-بۇيان ئايلىنىپ يۈگۈرۈڭلار، ئوبدان كۆرۈپ بىلىۋېلىڭلار؛ مەيدانلىرىدىن ئىزدەپ كۆرۈڭلار؛ ئادالەت بىلەن ئىش كۆرىدىغان، ۋەدىسىدە تۇرۇشقا ئىنتىلىدىغان بىرلا ئادەمنى تاپساڭلار، شۇندا مەن بۇ [شەھەرنى] كەچۈرىمەن! 1
너희는 예루살렘 거리로 빨리 왕래하며 그 넓은 거리에서 찾아보고 알라 너희가 만일 공의를 행하며 진리를 구하는 자를 한 사람이라도 찾으면 내가 이 성을 사하리라
گەرچە ئۇلار: «پەرۋەردىگارنىڭ ھاياتى بىلەن!» دەپ قەسەم ئىچكەن بولسىمۇ، ئۇلار يالغاندىن سۆزلەيدۇ، [دېدى]. 2
그들이 여호와의 사심으로 맹세할지라도 실상은 거짓 맹세니라
ــ ئى پەرۋەردىگار، كۆزۈڭ ئادالەت-بىتەرەپلىكنى ئىزدەپ يۈرىدۇ ئەمەسمۇ؟ سەن بۇلارنى ئۇردۇڭ، لېكىن ئۇلار ئازابلانمايدۇ؛ سەن ئۇلارنى نابۇت قىلىپ تۈگەشتۈردۈڭ، لېكىن ئۇلار تەربىيە قوبۇل قىلىشنى رەت قىلىپ كەلدى؛ ئۇلار يۈزلىرىنى تاشتىن قاتتىق قىلدى، ئۇلار يولىدىن يېنىشنى رەت قىلىدۇ» 3
여호와여 주의 눈이 성실을 돌아보지 아니하시나이까 주께서 그들을 치셨을지라도 그들이 아픈줄을 알지 못하며 그들을 거진 멸하셨을지라도 그들이 징계를 받지 아니하고 그 얼굴을 반석보다 굳게하여 돌아오기를 싫어하므로
ــ مەن: «شۈبھىسىزكى، بۇنداق قىلغانلار پەقەت نامراتلار، ئۇلار نادانلار؛ چۈنكى ئۇلار پەرۋەردىگارنىڭ يولىنى، خۇداسىنىڭ ھۆكۈم-كۆرسەتمىلىرىنى بىلمەيدۇ» ــ دېدىم. 4
내가 말하기를 이 무리는 비천하고 우준한 것 뿐이라 여호와의 길, 자기 하나님의 법을 알지 못하니
ــ «مەن مۆتىۋەرلەرنىڭ يېنىغا بېرىپ ئۇلارغا سۆزلەيمەن؛ چۈنكى ئۇلار پەرۋەردىگارنىڭ يولىنى، خۇداسىنىڭ ھۆكۈم-كۆرسەتمىلىرىنى بىلىدۇ». بىراق ئۇلارمۇ بويۇنتۇرۇقنى ئۈزۈل-كېسىل بۇزۇپ، رىشتىلىرىنى ئۈزۈپ تاشلىغان. 5
내가 귀인들에게 가서 그들에게 말하리라 그들은 여호와의 길, 자기 하나님의 법을 안다 하였더니 그들도 일제히 그 멍에를 꺾고 결박을 끊은지라
ــ شۇڭا ئورماندىن چىققان بىر شىر ئۇلارنى ئۆلتۈرىدۇ، باياۋاندىن چىققان بىر بۆرە ئۇلارنى ۋەيران قىلىدۇ؛ يىلپىز شەھەرلەرگە قاراپ پايلايدۇ؛ شەھەرلەردىن چىققان ھەربىرى تىتما-تىتما قىلىنىدۇ؛ چۈنكى ئۇلارنىڭ ئاسىيلىقلىرى كۆپىيىپ، ۋاپاسىزلىقلىرى ئاۋۇيدۇ. 6
그러므로 수풀에서 나오는 사자가 그들을 죽이며 사막의 이리가 그들을 멸하며 표범이 성읍들을 엿보온즉 그리로 나오는 자마다 찢기오리니 이는 그들의 허물이 많고 패역이 심함이니이다
مەن زادى نېمىگە ئاساسەن سېنى كەچۈرىمەن؟ سېنىڭ بالىلىرىڭ مەندىن ۋاز كېچىپ، خۇدا ئەمەسلەرگە قەسەم ئىچمەكتە؛ مەن ھەممە ھاجەتلىرىدىن چىققان بولساممۇ، لېكىن ئۇلار زىناخورلۇق قىلىپ، پاھىشىلەرنىڭ ئۆيىگە توپ-توپ بولۇپ مېڭىۋاتىدۇ. 7
내가 어찌 너를 사하겠느냐 네 자녀가 나를 버리고 신이 아닌 것들로 맹세하였으며 내가 그들을 배불리 먹인즉 그들이 행음하며 창기의 집에 허다히 모이며
ئۇلار سەمرىگەن ئىشقۋاز ئايغىرلار، ئۇلار ھەربىرى ئۆز يېقىنىنىڭ ئايالىغا ھەۋەس قىلىپ كىشنەۋاتىدۇ. 8
그들은 살지고 두루 다니는 수 말 같이 각기 이웃의 아내를 따라 부르짖는도다
بۇ ئىشلار تۈپەيلىدىن ئۇلارنى جازالىماي قويامدىم؟ ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار، ــ مېنىڭ جېنىم مۇشۇنداق بىر ئەلدىن قىساس ئالماي قويامدۇ؟ 9
나 여호와가 이르노라 내가 어찌 이 일들을 인하여 벌하지 아니하겠으며 내 마음이 이런 나라에 보수하지 않겠느냐?
ئۇنىڭ ئۈزۈم چۈنەكلىرىدىن ئۆتۈپ، تاللىرىنى ۋەيران قىلىڭلار؛ لېكىن ئۇلارنى پۈتۈنلەي نابۇت قىلماڭلار؛ شاخلىرىنى قىرىپ تاشلاڭلار، چۈنكى ئۇلار پەرۋەردىگارغا تەۋە ئەمەستۇر؛ 10
너희는 그 성벽에 올라가 훼파하되 다 훼파하지 말고 그 가지만 꺾어버리라 여호와의 것이 아님이니라
چۈنكى ئىسرائىل جەمەتى ۋە يەھۇدا جەمەتى ماڭا مۇتلەق ۋاپاسىزلىق قىلدى، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار. 11
나 여호와가 말하노라 이스라엘 족속과 유다 족속이 내게 심히 패역하였느니라
ئۇلار: «ئۇ ھېچنېمە قىلمايدۇ! بىزگە ھېچ ئاپەت چۈشمەيدۇ؛ نە قىلىچ نە قەھەتچىلىكنى كۆرمەيمىز!» ــ دەپ پەرۋەردىگاردىن تېنىپ كەتتى. 12
그들이 여호와를 인정치 아니하며 말하기를 여호와는 계신 것이 아닌즉 재앙이 우리에게 임하지 않을 것이요 우리가 칼과 기근을 보지 아니할 것이며
پەيغەمبەرلەر بولسا پەقەت بىر شامالدىن ئىبارەت بولىدۇ، خالاس؛ [پەرۋەردىگارنىڭ] سۆز-كالامى ئۇلاردا يوقتۇر؛ ئۇلارنىڭ سۆزلىرى ئۆز بېشىغا يانسۇن! 13
선지자들은 바람이라 말씀이 그들의 속에 있지 아니한즉 그같이 그들이 당하리라 하느니라
شۇڭا پەرۋەردىگار، ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان خۇدا ماڭا مۇنداق دەيدۇ: ــ بۇ خەلق مۇشۇ سۆزنى قىلغىنى ئۈچۈن، مانا، مەن ئاغزىڭغا سالغان سۆزلىرىمنى ئوت، بۇ خەلقنى ئوتۇن قىلىمەنكى، ئوت ئۇلارنى كۆيدۈرۈپ تاشلايدۇ. 14
그러므로 만군의 하나님 여호와가 이같이 말하노라 그들이 이말을 하였은즉 볼지어다! 내가 네 입에 있는 나의 말로 불이 되게 하고 이 백성으로 나무가 되게 하리니 그 불이 그들을 사르리라
ــ مانا، مەن يىراقتىن بىر ئەلنى ئېلىپ كېلىمەن، ئى ئىسرائىل جەمەتى، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار، ــ ئۇ كۈچلۈك بىر ئەل، قەدىمىي بىر ئەل، تىلىنى سەن بىلمەيدىغان ۋە گەپلىرىنى سەن ھېچ چۈشەنمەيدىغان بىر ئەل بولىدۇ؛ 15
나 여호와가 말하노라 이스라엘 족속아! 보라 내가 한 나라를 원방에서 너희에게로 오게 하리니 곧 강하고 오랜 나라이라 그 방언을 네가 알지 못하며 그 말을 네가 깨닫지 못하느니라
ئۇلارنىڭ ئوقدېنى يوغان ئېچىلغان بىر گۆردۇر؛ ئۇلارنىڭ ھەممىسى باتۇر پالۋانلاردۇر. 16
그 전통은 열림 묘실이요 그 사람들은 다 용사라
ئۇلار ھوسۇلىڭنى ۋە نېنىڭنى يەپ كېتىدۇ، ئوغۇل-قىزلىرىڭنى يەپ كېتىدۇ، كالا-قوي پادىلىرىڭنى يەپ كېتىدۇ، ئۈزۈم تاللىرىڭنى ۋە ئەنجۇر دەرەخلىرىڭنى يەپ كېتىدۇ؛ ئۇلار سەن تايانغان مۇستەھكەم شەھەرلىرىڭنى قىلىچ بىلەن ۋەيران قىلىدۇ. 17
그들이 네 자녀들의 먹을 추수 곡물과 양식을 먹으며 네 양떼와 소떼를 먹으며 네 포도나무와 무화과나무 열매를 먹으며 네가 의뢰하는 견고한 성들을 칼로 파멸하리라
ھالبۇكى، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار، ــ شۇ كۈنلەردىمۇ سىلەرنى پۈتۈنلەي تۈگەشتۈرمەيمەن. 18
나 여호와가 말하노라 그 때에도 내가 너희를 진멸치는 아니하리라
شۇ چاغدا [خەلقىڭ]: «پەرۋەردىگار خۇدايىمىز نېمىشقا مۇشۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى بېشىمىزغا چۈشۈرگەن؟» ــ دەپ سورىسا، ئەمدى سەن [يەرەمىيا] ئۇلارغا: «سىلەر مەندىن يۈز ئۆرۈپ، ئۆز زېمىنىڭلاردا يات ئىلاھلارنىڭ قۇللۇقىدا بولغىنىڭلاردەك، سىلەر ئۆز ۋەتىنىڭلار بولمىغان بىر زېمىندا يات بولغانلارنىڭ قۇللۇقىدا بولىسىلەر» ــ دېگىن. 19
그들이 만일 이르기를 우리 하나님 여호와께서 어찌하여 이 모든 일을 우리에게 행하셨느뇨 하거든 너는 그들에게 이르기를 너희가 여호와를 버리고 너희 땅에서 이방 신들을 섬겼은즉 이와 같이 너희 것이 아닌 땅에서 이방인들을 섬기리라 하라
ــ ياقۇپنىڭ جەمەتىدە شۇنى جاكارلىغىنكى ۋە يەھۇدا ئارىسىدا شۇنى ئېلان قىلغىنكى، 20
너는 이를 야곱 집에 선포하며 유다에 공포하여 이르기를
«بۇنى ئاڭلاڭلار، ئى نادان ۋە ئەقلى يوق، كۆزى تۇرۇپ كۆرمەيدىغان، قۇلىقى تۇرۇپ ئاڭلىمايدىغان بىر خەلق: ــ 21
우준하여 지각이 없으며 눈이 있어도 보지 못하며 귀가 있어도 듣지 못하는 백성이여, 이를 들을지어다
مەندىن قورقمامسىلەر؟ ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار، ــ دېڭىز سۈيى ئۈچۈن ساھىلنى مەڭگۈلۈك چەكلىمە قىلىپ، «بۇ يەردىن ئۆتمە» دەپ بېكىتكەن مېنىڭ ئالدىمدا تەۋرىمەمسىلەر؟ مانا، دولقۇنلىرى ئۆركەشلىگىنى بىلەن ئۇلار ساھىل ئۈستىدىن ھېچ غەلىبە قىلمايدۇ؛ شاۋقۇنلىغىنى بىلەن بۇ چەكتىن ھەرگىز ھالقىپ ئۆتەلمەيدۇ. 22
여호와께서 말씀하시되 너희가 나를 두려워 아니하느냐? 내 앞에서 떨지 아니하겠느냐 내가 모래를 두어 바다의 계한을 삼되 그것으로 영원한 계한을 삼고 지나치지 못하게 하였으므로 파도가 흉용하나 그것을 이기지 못하며 뛰노나 그것을 넘지 못하느니라
لېكىن بۇ خەلقنىڭ جاھىل ۋە ئاسىيلىق كۆڭلى باردۇر؛ ئۇلار يولدىن چىقىپ ئۆز بېشىمچىلىق قىلىپ كەتتى. 23
그러나 너희 백성은 배반하며 패역하는 마음이 있어서 이미 배반하고 갔으며
ئۇلار كۆڭلىدە: «ئۆز ۋاقتىدا يامغۇرلارنى، يەنى ئاۋۋالقى ھەم كېيىنكى يامغۇرلارنى بەرگۈچى، بىزگە ھوسۇل پەسلىنى بېكىتىپ ئامان-ئېسەن ساقلىغۇچى پەرۋەردىگار خۇدايىمىزدىن ئەيمىنەيلى» دېگەننى ھېچ دېمەيدۇ. 24
또 너희 마음으로 우리에게 이른 비와 늦은 비를 때를 따라 주시며 우리를 위하여 추수 기한을 정하시는 우리 하나님 여호와를 경외하자 말하지도 아니하니
سىلەرنىڭ قەبىھلىكلىرىڭلار مۇشۇ ئىشلارنى سىلەرگە نېسىپ قىلمىغان؛ سىلەرنىڭ گۇناھلىرىڭلار سىلەردىن بەرىكەتنى مەھرۇم قىلغان. 25
너희 허물이 이러한 일들을 물리쳤고 너희 죄가 너희에게 오는 좋은것을 막았느니라
چۈنكى خەلقىم ئارىسىدا رەزىللەر باردۇر؛ ئۇلار پىستىرمىدا ياتقان قىلتاقچىلاردەك پايلاپ يۈرىدۇ؛ ئۇلار تۇزاق سېلىپ، ئادەملەرنى تۇتۇۋالىدۇ. 26
내 백성 너희 중에 악인이 있어서 새 사냥군의 매복함같이 지키며 덫을 놓아 사람을 잡으며
تۇتقان قۇشلارغا تولغان قەپەستەك، ئۇلارنىڭ ئۆيلىرى ئالدامچىلىقتىن ئېرىشكەن ماللار بىلەن تولغان؛ ئۇلار شۇ يول بىلەن بۈيۈك ھەم باي بولۇپ كەتتى. 27
조롱에 새들이 가득함같이 너희 집들에 속임이 가득하도다 그러므로 너희가 창대하고 거부가 되어
ئۇلار سەمرىپ، پارقىراپ كەتتى؛ بەرھەق، ئۇلار رەزىل ئىشلارنى قىلىشقا ماھىر بولۇپ كەتتى؛ ئۇلار ئۆز مەنپەئەتىنى كۆزلەپ خەقلەرنىڭ دەۋاسىنى، يېتىم-يېسىرلەرنىڭ دەۋاسىنى سورىمايدۇ؛ نامراتلارنىڭ ھوقۇقىنى قوغدايدىغان ھۆكۈمنى ئۇلار چىقارمايدۇ. 28
살지고 윤택하며 또 행위가 심히 악하여 자기 이익을 얻으려고 송사 곧 고아의 송사를 공정히 하지 아니하며 빈민의 송사를 공평히 판결치 아니하니
بۇ ئىشلار تۈپەيلىدىن ئۇلارنى جازالىماي قويامدىم؟! ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار، ــ مېنىڭ جېنىم مۇشۇنداق بىر ئەلدىن قىساس ئالماي قويامدۇ؟ 29
내가 이 일들을 인하여 벌하지 아니하겠으며 내 마음이 이같은 나라에 보수하지 않겠느냐 여호와의 말이니라
زېمىندا ئىنتايىن قورقۇنچلۇق ۋە يىرگىنچلىق بىر ئىش سادىر قىلىنغانكى ــ 30
이 땅에 기괴하고 놀라운 일이 있도다
پەيغەمبەرلەر يالغان-ساختا بېشارەتلەرنى بەرمەكتە؛ كاھىنلار بولسا ئۆز ھوقۇق دائىرىسىنى كېڭەيتىپ ھۆكۈمرانلىق قىلماقتا؛ مېنىڭ خەلقىممۇ بۇ ئىشلارنى ياقتۇرىدۇ. لېكىن بۇلارنىڭ ئاقىۋىتىدە قانداق قىلىسىلەر؟ 31
선지자들은 거짓을 예언하며 제사장들은 자기 권력으로 다스리며 내 백성은 그것을 좋게 여기니 그 결국에는 너희가 어찌 하려느냐

< يەرەمىيا 5 >