< يەرەمىيا 3 >

شۇنداق دېيىلىدۇكى، بىرسى ئايالىنى قويۇۋەتسە، ئايال ئۇنىڭدىن ئاجراشسا ۋە كېيىن ئۇ باشقا ئەرگە ياتلىق بولغان بولسا، بىرىنچى ئېرى ئۇنىڭ بىلەن قايتا يارىشىۋالسا بولامدۇ؟ بۇنداق ئىش بۇ زېمىننى مۇتلەق بۇلغىمامدۇ؟ لېكىن سەن شۇنچە كۆپ ئاشنىلىرىڭ بىلەن بۇزۇقلۇق قىلىپ تۇرۇپ يەنە يېنىمغا قايتاي دەۋاتامسەن تېخى؟ 1
If a man divorces his wife and she goes and marries someone else, could he ever go back to her? Wouldn't the country be made totally unclean by this? But you have done worse by prostituting yourselves with many lovers, and now you want to come back to me? declares the Lord.
بېشىڭنى كۆتۈرۈپ يۇقىرىغا قاراپ باق؛ ــ سەن زادى نەدە يات ئىلاھلار بىلەن بۇزۇقلۇق ئۆتكۈزمىگەنسەن؟! ــ سەن چۆل-باياۋاندا كۈتۈپ ئولتۇرغان ئەرەبدەك ئۇلارنى يوللار بويى كۈتۈپ ئولتۇرغانسەن؛ زېمىننى بۇزۇقلۇقلىرىڭ ۋە رەزىللىكىڭ بىلەن بۇلغىغانسەن. 2
Look up at the bare hilltops. Is there anywhere that you haven't had sex? You sat at the roadside like someone from the desert waiting for your lovers to pass by. You have made the land unclean with your prostitution and evil.
شۇنىڭ ئۈچۈن قاتتىق يامغۇرلار تۇتۇپ قېلىنىپ ساڭا بېرىلمىدى ھەمدە «كېيىنكى يامغۇرلار» ياغمىدى. لېكىن سەندە تېخى پاھىشە ئايالنىڭ قېلىن يۈزى بار، ئىزا تارتىشنى ھېچ بىلگۈڭ يوقتۇر. 3
That's why no showers have been sent, and no spring rains have fallen. But you just stare back shamelessly like a prostitute; you refuse to accept you've done anything wrong.
ھەتتا سەن باياتىن ماڭا: «ئى ئاتام، ياشلىقىمدىن باشلاپ ماڭا يېتەكچى ھەمراھ بولۇپ كەلدىڭ!» ــ دەيسەن، ۋە: ــ 4
Didn't you just tell me, “My father, you've been such a close friend to me since I was little.
«ئۇ ھەردائىم غەزىپىنى ساقلامدۇ؟ ئۇ غەزىپىنى ئاخىرغىچە تۇتامدۇ؟» ــ دەيسەن. مانا، سەن شۇنداق دېگىنىڭ بىلەن، لېكىن سەن قولۇڭدىن كېلىشىچە رەزىللىك قىلغانسەن. 5
You won't be angry with me for a long time, will you? You won't go on being like that forever?” This is what you've said, but you keep on sinning as much as you can.
يوسىيا پادىشاھنىڭ كۈنلىرىدە پەرۋەردىگار ماڭا: «ۋاپاسىز ئىسرائىلنىڭ نېمە قىلغانلىقىنى كۆردۈڭمۇ؟ ئۇ بارلىق ئېگىز تاغقا چىقىپ ھەم بارلىق يېشىل دەرەخ ئاستىغا كىرىپ شۇ يەرلەردە پاھىشىدەك بۇزۇقلۇق قىلغان» ــ دېدى. 6
During the reign of King Josiah, the Lord told me, Have you seen what unfaithful Israel has done? She has prostituted herself on every high hill and under every green tree.
ــ «مەن: ئۇ بۇلارنىڭ ھەممىسىنى قىلغاندىن كېيىن، چوقۇم يېنىمغا قايتىپ كېلىدۇ، ــ دېدىم؛ لېكىن ئۇ قايتىپ كەلمىدى. ئۇنىڭ ئاسىي سىڭلىسى، يەنى يەھۇدا بۇنى كۆردى؛ 7
I hoped that after she'd done all this she'd come back to me. But she didn't come back, and her unfaithful sister Judah saw what happened.
لېكىن ۋاپاسىز ئىسرائىلنىڭ بارلىق زىنا قىلغانلىرى تۈپەيلىدىن ئۇنىڭغا تالاق خېتىنى بېرىپ ئۇنى قويۇۋەتكىنىمنى كۆرۈپ، ئاسىي سىڭلىسى يەھۇدا قورقمىدى، بەلكى ئۆزىمۇ بېرىپ پاھىشىلىك قىلدى. 8
She saw that because of everything unfaithful Israel had done on committing adultery, I sent her away, giving her a certificate of divorce. But her unfaithful sister Judah wasn't afraid and prostituted herself too.
شۇنداق بولدىكى، ئۆز بۇزۇقچىلىقىنى شۇنچە كىچىك ئىش دەپ قارىغاچقا، ئۇ ھەتتا ياغاچ ۋە تاش بىلەن زىنا قىلىپ زېمىننى بۇلغىۋەتتى. 9
Israel didn't care about the immorality, as she made herself and the land unclean, committing adultery by worshiping stones and trees.
بۇلارنىڭ ھەممىسىگە قارىماي ئىسرائىلنىڭ ئاسىي سىڭلىسى يەھۇدا تېخى پۈتۈن كۆڭلى بىلەن ئەمەس، پەقەت ساختىلىق بىلەن يېنىمغا قايتىپ كەلگەندەك بولۇۋالدى، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار. 10
Despite all this, her unfaithful sister Judah didn't come back to me in sincerity. She only pretended to do so, declares the Lord.
پەرۋەردىگار ماڭا مۇنداق دېدى: ــ «ۋاپاسىز ئىسرائىل ئۆزىنى ئاسىي يەھۇدادىن ھەققانىي كۆرسەتتى. 11
The Lord told me, Unfaithful Israel showed that she wasn't as guilty as unfaithful Judah.
بارغىن، شىمالغا قاراپ بۇ سۆزلەرنى جاكارلاپ مۇنداق دېگىن: ــ «قايتىپ كەل، ئى يولدىن چىققۇچى ئىسرائىل، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار ــ ۋە مەن ساڭا قاپىقىمنى قايتا تۈرمەيمەن؛ چۈنكى مەن رەھىمدىل، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار ــ مەن غەزىپىمنى مەڭگۈگە ساقلاپ تۇرمايمەن. 12
Now go and announce this message to the north: Come back, unfaithful Israel, declares the Lord. I won't be angry with you anymore, because I am merciful, declares the Lord. I won't be angry forever.
پەقەت سېنىڭ قەبىھلىكىڭنى، ــ پەرۋەردىگار خۇدايىڭغا ئاسىيلىق قىلغانلىقىڭنى، ئۇيان-بۇيان قاتراپ يۈرۈپ ئۆزۈڭنى ھەربىر يېشىل دەرەخ ئاستىدا يات ئىلاھلارغا بېغىشلىغانلىقىڭنى، شۇنىڭدەك ئاۋازىمغا ھېچ قۇلاق سالمىغانلىقىڭنى ئىقرار قىلساڭلا [مەندىن رەھىم-شەپقەت كۆرىسەن] ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار. 13
Just admit you did wrong, that you rebelled against the Lord your God. You spread yourself around, committing adultery by worshiping foreign gods under every green tree, refusing to do what I told you, declares the Lord.
قايتىپ كېلىڭلار، ئى يولدىن چىققۇچى بالىلار، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار ــ چۈنكى مەن سىلەرنى ھەقىقىي سۆيگۈچىدۇرمەن؛ [سىلەر شۇنداق قىلساڭلارلا] مەن سىلەردىن تاللىغانلارنى، يەنى ھەرقايسى شەھەردىن بىردىن، ھەرقايسى جەمەتتىن ئىككىدىن پۇقرانى زىئونغا قايتۇرۇپ كېلىمەن. 14
Come back, unfaithful children, declares the Lord, because I am married to you. I will take you, one from a town and two from a family, and bring you to Zion.
مەن سىلەرگە كۆڭلۈمدىكىدەك خەلق پادىچىلىرىنى تەقسىم قىلىمەن؛ ئۇلار سىلەرنى دانالىق-بىلىم، ئەقىل-پاراسەت بىلەن بېقىپ ئوزۇقلاندۇرىدۇ. 15
I will give you shepherds who are like me who will feed you wisely and with understanding.
شۇنداق بولىدۇكى، شۇ كۈنلەردە سىلەر زېمىندا كۆپىيىپ، كۆپ پەرزەنتلىك بولغىنىڭلاردا، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار، ــ سىلەر: «پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقى!» دەپ يەنە تىلغا ئالمايسىلەر؛ ئۇ ھېچ ئېسىڭلارغا كەلمەيدۇ، ئۇنى ھېچ ئەسلىمەيسىلەر ۋە ئۇنى ھېچ سېغىنىمايسىلەر؛ سىلەر باشقا بىر ساندۇقمۇ ياسىمايسىلەر. 16
At that time as you increase in number in the country, declares the Lord, no one will be talking about the Ark of the Lord's Agreement anymore. People won't need to think about it or remember it or wonder what happened to it; and certainly won't need to make a new one.
شۇ تاپتا ئۇلار يېرۇسالېمنى «پەرۋەردىگارنىڭ تەختى» دەپ ئاتايدۇ؛ بارلىق ئەللەر ئۇنىڭغا يىغىلىدۇ، ــ يەنى پەرۋەردىگارنىڭ نامىغا، يېرۇسالېمغا يىغىلىدۇ؛ ئۇلار قەلبىدىكى رەزىل جاھىللىقىغا قايتىدىن ھېچ ئەگىشىپ ماڭمايدۇ. 17
When that time comes Jerusalem will be called the Throne of the Lord, and all the nations will come together in Jerusalem to honor the Lord. They won't be stubborn or wicked anymore.
شۇ كۈنلەردە يەھۇدا جەمەتى ئىسرائىل جەمەتى بىلەن بىرلىكتە ماڭىدۇ؛ ئۇلار شىمال زېمىنىدىن بىللە چىقىپ مەن ئاتا-بوۋىلىرىغا مىراس بولۇشقا تەقدىم قىلغان زېمىنغا كېلىدۇ. 18
At that time the people of Judah will join with the people of Israel, and they will return from the land of the north to the country I gave to your forefathers to own.
مەن: «مەن سېنى بالىلىرىم قاتىرىغا قويۇپ، ساڭا گۈزەل زېمىننى، يەنى كۆپلىگەن ئەللەرنىڭ زېمىنلىرى ئارىسىدىكى ئەڭ كۆركەم جاينى مىراس قىلىپ ئاتا قىلىشنى شۇنچىلىك خالايتتىم!» ــ دېدىم، ۋە: «سەن مېنى «مېنىڭ ئاتام» دەيسەن، ۋە مەندىن يۈز ئۆرۈمەيسەن!» ــ دېدىم. 19
I said to myself, I really want you to be my children, and to give you the best country, the most beautiful place of any nation. I hoped you would call me “Father,” and never give up following me.
لېكىن بەرھەق، ئاسىيلىق قىلغان ئايال ئۆز جۆرىسىدىن ئايرىلغاندەك، سىلەر ماڭا ئاسىيلىق قىلغانسىلەر، ئى ئىسرائىل جەمەتى، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار. 20
But just like a wife might betray her husband, you have betrayed me, people of Israel, declares the Lord.
يۇقىرى جايلاردىن بىر ئاۋاز ئاڭلىنىدۇ! ئۇ بولسا ئىسرائىل جەمەتىدىكىلەرنىڭ يىغا-پەريادلىرى؛ چۈنكى ئۇلار ئۆز يولىنى بۇرمىلىغان، پەرۋەردىگار خۇداسىنى ئۇنتۇغان. 21
Voices are crying on bare hilltops—the Israelites weeping and pleading for mercy, because they have gone astray and forgotten the Lord their God.
ــ قايتىپ كېلىڭلار، ئەي يولدىن چىققۇچى بالىلار؛ مەن سىلەرنىڭ يولدىن چىقىپ كېتىشىڭلارغا شىپا بولىمەن. ــ «مانا، بىز يېنىڭغا بارىمىز؛ چۈنكى سەن پەرۋەردىگار خۇدايىمىزدۇرسەن» ــ دەڭلار! 22
Come back, unfaithful children, and I will heal your unfaithfulness. “We're here! Yes, we're coming back to you, because you are the Lord our God.”
ــ بەرھەق، ئېگىزلىكلەردە ھەم تاغلاردا ئاڭلىتىلغان [بۇتپەرەسلىكنىڭ] قىيقاس-سۈرەنلىرى بىھۇدە ئىشتۇر! بەرھەق، ئىسرائىلنىڭ قۇتقۇزۇش-نىجاتى پەرۋەردىگار خۇدايىمىزدىنلادۇر. 23
There's no doubt that pagan worship from the hills is pure lies; the idolatry that comes from the mountains is just noise. Israel's salvation is in the Lord our God alone.
لېكىن ياشلىقىمىزدىن تارتىپلا، ئاتا-بوۋىلىرىمىزنىڭ ئەجرىنى، يەنى ئۇلارنىڭ كالا-قوي پادىلىرىنى، قىز-ئوغۇللىرىنى ئاشۇ ئۇيات-نومۇس يەپ كەتكەن؛ 24
All our lives pagan idolatry has destroyed what our fathers worked so hard for: their flocks and herds, their sons and daughters.
نەتىجىدە بىز ئۇيات-خىجىللىق ئىچىدە ياتتۇق، قالايمىقانچىلىق ۋە ئالاقزادىلىك بىزنى قاپلىۋالدى؛ چۈنكى ياشلىقىمىزدىن تارتىپ بۈگۈنكى كۈنگە قەدەر بىز ۋە ئاتا-بوۋىلىرىمىز ھەممىمىز پەرۋەردىگار خۇدايىمىز ئالدىدا گۇناھ سادىر قىلىپ كەلدۇق، پەرۋەردىگار خۇدايىمىزنىڭ ئاۋازىغا ھېچ قۇلاق سالمىدۇق. 25
We should lie down in shame, and have our disgrace bury us. We have sinned against the Lord our God, us and our fathers. From when we were young right up to now we have not obeyed what the Lord our God told us to do.

< يەرەمىيا 3 >