< يەرەمىيا 26 >

يەھۇدا پادىشاھى يوسىيانىڭ ئوغلى يەھوئاكىم تەختكە ئولتۇرغان مەزگىلنىڭ بېشىدا شۇ سۆز پەرۋەردىگاردىن كېلىپ مۇنداق دېيىلدى: ــ 1
Na počátku kralování Joakima syna Joziášova, krále Judského, stalo se slovo toto od Hospodina, řkoucí:
پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ سەن پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىنىڭ ھويلىسىدا تۇرۇپ ئىبادەت قىلىش ئۈچۈن پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىگە كىرگەن يەھۇدانىڭ بارلىق شەھەرلىرىدىكىلەرگە مەن ساڭا بۇيرۇغان ھەربىر سۆزلەرنى جاكارلىغىن؛ ئەينەن ئېيتقىن! 2
Takto praví Hospodin: Postav se v síňci domu Hospodinova, a mluv ke všechněm městům Judským, přicházejícím klaněti se v domě Hospodinově, všecka slova, kteráž tobě přikazuji mluviti k nim, neujímejž slova,
ئۇلار بەلكىم ئاڭلاپ قويار، ھەربىرى ئۆز رەزىل يولىدىن يانار؛ شۇنداق قىلسا، مەن قىلمىشلىرىنىڭ رەزىللىكى تۈپەيلىدىن بېشىغا كۈلپەت چۈشۈرمەكچى بولغان نىيىتىمدىن يانىمەن. 3
Zdali by aspoň uposlechli, a odvrátili se jeden každý od cesty své zlé, abych litoval zlého kteréž myslím učiniti jim pro nešlechetnost předsevzetí jejich.
سەن ئۇلارغا مۇنداق دېگىن: ــ «پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ ماڭا قۇلاق سالماي، مەن سىلەرنىڭ ئالدىڭلارغا قويغان تەۋرات-قانۇنۇمدا ماڭمىساڭلار، 4
Rciž tedy jim: Takto praví Hospodin: Neuposlechnete-li mne, abyste chodili v zákoně mém, kterýž jsem předložil vám,
مەن تاڭ سەھەردە ئورنۇمدىن تۇرۇپ ئەۋەتكەن خىزمەتكارلىرىم بولغان پەيغەمبەرلەرنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلىمىساڭلار (سىلەر ئۇلارغا ھېچ قۇلاق سالماي كەلگەنسىلەر!)، 5
Poslouchajíce slov služebníků mých proroků, kteréž já posílám k vám, jakož jste, když jsem je, ráno přivstávaje posílal, neposlouchali:
ئۇنداقتا، مەن شىلوھنى قانداق قىلغان بولسام، ئەمدى بۇ ئۆينىمۇ شۇنىڭغا ئوخشاش قىلىمەن، بۇ شەھەرنى يەر يۈزىدىكى بارلىق ئەللەرگە لەنەت سۆزى قىلىمەن». 6
Jistě žeť naložím s domem tímto jako s Sílo, a město toto vydám v proklínání všechněm národům země.
شۇنىڭ بىلەن كاھىنلار، پەيغەمبەرلەر ۋە بارلىق خەلق يەرەمىيانىڭ بۇ سۆزلىرىنى پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىدە جاكارلىغانلىقىنى ئاڭلىدى. 7
Slyšeli pak kněží a proroci, i všecken lid Jeremiáše mluvícího slova ta v domu Hospodinovu.
شۇنداق بولدىكى، يەرەمىيا بارلىق خەلققە پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا تاپىلىغان بۇ سۆزلەرنىڭ ھەممىسىنى ئېيتىپ بەرگەندىن كېيىن، كاھىنلار ۋە پەيغەمبەرلەر ۋە بارلىق خەلق ئۇنى تۇتۇۋېلىپ: «سەن چوقۇم ئۆلۈشۈڭ كېرەك! 8
I stalo se, že hned, jakž přestal Jeremiáš mluviti všeho, cožkoli přikázal Hospodin mluviti ke všemu lidu, jali jej ti kněží a proroci i všecken lid ten, řkouce: Smrtí umřeš.
سەن نېمىشقا پەرۋەردىگارنىڭ نامىدا بېشارەت بېرىپ: «بۇ ئۆي شىلوھدەك بولىدۇ، بۇ شەھەر خارابە، ئادەمزاتسىز بولىدۇ!» ــ دېدىڭ؟» ــ دېدى. شۇنىڭ بىلەن پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىدىكى بارلىق خەلق يەرەمىياغا دوق قىلىپ ئۇنى ئورىۋېلىشتى. 9
Proč jsi prorokoval ve jménu Hospodinovu, řka: Stane se jako Sílo domu tomuto, a město toto tak spustne, že nebude v něm žádného obyvatele? Shromažďoval se pak všecken lid k Jeremiášovi do domu Hospodinova.
يەھۇدا ئەمىرلىرى بۇ ئىشلارنى ئاڭلىدى؛ ئۇلار پادىشاھلىق ئوردىسىدىن چىقىپ پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىگە كىردى، پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىدىكى «يېڭى دەرۋازا»دا سوتقا ئولتۇردى. 10
Tedy uslyšavše knížata Judská ty věci, přišli z domu královského do domu Hospodinova, a posadili se u dveří brány Hospodinovy nové.
كاھىنلار ۋە پەيغەمبەرلەر ئەمىرلەرگە ۋە خەلققە سۆزلەپ: «بۇ ئادەم ئۆلۈمگە لايىق، چۈنكى سىلەر ئۆز قۇلاقلىرىڭلار بىلەن ئاڭلىغاندەك ئۇ مۇشۇ شەھەرنى ئەيىبلەپ بېشارەت بەردى» ــ دېدى. 11
I řekli kněží a proroci těm knížatům a všemu lidu, řkouce: Hoden jest smrti muž tento; nebo prorokoval proti městu tomuto, jakž jste slyšeli v své uši.
ئاندىن يەرەمىيا بارلىق ئەمىرلەرگە ۋە بارلىق خەلققە سۆزلەپ مۇنداق دېدى: ــ «پەرۋەردىگار مېنى بۇ ئۆينى ئەيىبلەپ، بۇ شەھەرنى ئەيىبلەپ، سىلەر ئاڭلىغان بۇ بارلىق سۆزلەر بىلەن بېشارەت بېرىشكە ئەۋەتكەن. 12
Tedy promluvil Jeremiáš ke všechněm knížatům těm i ke všemu lidu, řka: Hospodin poslal mne, abych prorokoval o domu tomto i o městě tomto všecky ty věci, kteréž jste slyšeli.
ھازىر يوللىرىڭلارنى ۋە قىلمىشىڭلارنى تۈزىتىڭلار، پەرۋەردىگار خۇدايىڭلارنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاڭلار! شۇنداق بولغاندا، پەرۋەردىگار سىلەرگە جاكارلىغان كۈلپەتتىن يانىدۇ. 13
Protož nyní polepšte cest svých a předsevzetí svých, a poslouchejte hlasu Hospodina Boha svého, i bude litovati Hospodin toho zlého, kteréž vyřkl proti vám.
لېكىن مەن بولسام، مانا، قوللىرىڭلاردىمەن؛ ماڭا كۆزۈڭلەرگە نېمە ياخشى ۋە دۇرۇس كۆرۈلسە شۇنداق قىلىڭلار؛ 14
Já pak aj, v rukou vašich jsem, učiňte mi, což se vám za dobré a spravedlivé vidí.
پەقەت شۇنى بىلىپ قويۇڭلاركى، مېنى ئۆلتۈرۈۋەتسەڭلەر گۇناھسىز قاننىڭ جازاسىنى ئۆز بېشىڭلارغا، بۇ شەھەرگە ۋە ئۇنىڭدا تۇرۇۋاتقانلارنىڭ بېشىغا چۈشۈرىسىلەر؛ چۈنكى دېگىنىم ھەق، پەرۋەردىگار ھەقىقەتەن بۇ سۆزلەرنىڭ ھەممىسىنى قۇلاقلىرىڭلارغا دېيىشكە مېنى ئەۋەتكەن». 15
Ale však jistotně vězte, usmrtíte-li mne, že krev nevinnou na sebe uvedete, i na město toto, i na obyvatele jeho; nebo v pravdě poslal mne Hospodin k vám, abych mluvil v uši vaše všecka slova tato.
ئەمىرلەر ۋە بارلىق خەلق كاھىنلارغا ۋە پەيغەمبەرلەرگە: «بۇ ئادەم ئۆلۈمگە لايىق ئەمەس؛ چۈنكى ئۇ پەرۋەردىگار خۇدايىمىزنىڭ نامىدا بىزگە سۆزلىدى» ــ دېدى. 16
I řekli knížata i všecken lid kněžím a těm prorokům: Nemáť nikoli muž tento odsuzován býti na smrt, poněvadž ve jménu Hospodina Boha našeho mluvil nám.
ئاندىن زېمىندىكى بەزى ئاقساقاللار ئورنىدىن تۇرۇپ خەلق كېڭىشىگە مۇنداق دېدى: ــ 17
Tedy povstali někteří z starších té země, a promluvili ke všemu shromáždění lidu, řkouce:
«مورەشەتلىك مىكاھ يەھۇدا پادىشاھى ھەزەكىيانىڭ كۈنلىرىدە بارلىق يەھۇدا خەلقىگە بېشارەت بېرىپ: ــ «ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ زىئون تېغى ئېتىزدەك ئاغدۇرۇلىدۇ، يېرۇسالېم دۆڭ-تۆپىلەر بولۇپ قالىدۇ، «ئۆي جايلاشقان تاغ» بولسا، ئورمانلىقنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى يۇقىرى جايلارلا بولىدۇ، خالاس» ــ دېگەنىدى. 18
Micheáš Moraštický prorokoval za času Ezechiáše krále Judského, a pravil všemu lidu Judskému, řka: Takto praví Hospodin zástupů: Sion jako pole orán bude, a Jeruzalém jako hromady, hora pak domu tohoto jako lesové vysocí.
يەھۇدا پادىشاھى ھەزەكىيا ۋە بارلىق يەھۇدا خەلقى مىكاھنى ئۆلۈمگە مەھكۇم قىلغانمۇ؟ ھەزەكىيا پەرۋەردىگاردىن قورقۇپ، پەرۋەردىگاردىن ئۆتۈنگەن ئەمەسمۇ؟ ۋە پەرۋەردىگار ئۇلارغا قىلماقچى بولۇپ جاكارلىغان كۈلپەتتىن يانغان ئەمەسمۇ؟ بىز [بۇ يولدىن يانمىساق] ئۆز جېنىمىز ئۈستىگە زور بىر كۈلپەتنى چۈشۈرگەن بولمامدىمىز؟». 19
Zdaliž hned proto usmrtil jej Ezechiáš král Judský a všecken Juda? Zdaliž neulekl se Hospodina, a nemodlil se Hospodinu? I litoval Hospodin toho zlého, kteréž vyřkl proti nim. Protož my činíme velmi zlou věc proti dušem svým.
(پەرۋەردىگارنىڭ نامىدا يەرەمىيانىڭ بارلىق دېگەنلىرىدەك بۇ شەھەرنى ۋە بۇ زېمىننى ئەيىبلەپ بېشارەت بەرگەن، كىرىئات-يېئارىملىق شەمايانىڭ ئوغلى ئۇرىيا ئىسىملىك يەنە بىر ئادەم بار ئىدى. 20
A byl také muž prorokující ve jménu Hospodinovu, Uriáš syn Semaiášův z Kariatjeharim, kterýž prorokoval o městě tomto i o zemi této v táž všecka slova jako Jeremiáš.
پادىشاھ يەھوئاكىم ۋە بارلىق پالۋانلىرى، بارلىق ئەمىرلىرى ئۇنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلىغاندا، پادىشاھ ئۇنى ئۆلتۈرۈشكە ئىنتىلگەن؛ لېكىن ئۇرىيا بۇنى ئاڭلىغاندا قورقۇپ، مىسىرغا قاچتى. 21
A když uslyšel král Joakim a všickni udatní jeho, i všecka knížata slova jeho, hned usiloval král usmrtiti jej. O čemž uslyšev Uriáš, bál se, a utíkaje, přišel do Egypta.
لېكىن يەھوئاكىم چاپارمەنلەرنى، يەنى ئاكبورنىڭ ئوغلى ئەلناتان ۋە باشقىلارنى مىسىرغا ئەۋەتكەن؛ 22
Ale poslal král Joakim některé do Egypta, Elnatana syna Achborova i jiné s ním do Egypta.
ئۇلار ئۇرىيانى مىسىردىن ئېلىپ چىقىپ پادىشاھ يەھوئاكىمنىڭ ئالدىغا ئاپارغان؛ ئۇ ئۇنى قىلىچلاپ، جەسىتىنى پۇقرالارنىڭ گۆرلۈكىگە تاشلىۋەتكەن). 23
Kteříž vyvedše Uriáše z Egypta, přivedli jej k králi Joakimovi. I zabil jej mečem, a vhodil tělo jeho do hrobů lidu obecného.
ــ ھالبۇكى، شۇ چاغدا شافاننىڭ ئوغلى ئاھىكام ئۇلارنىڭ يەرەمىيانى ئۆلۈمگە مەھكۇم قىلىپ خەلقنىڭ قولىغا تاپشۇرماسلىقى ئۈچۈن، ئۇنى قوللىدى. 24
A však ruka Achikamova syna Safanova byla při Jeremiášovi, aby ho nevydával v ruku lidu k usmrcení jeho.

< يەرەمىيا 26 >