< يارىتىلىش 44 >

ئاندىن ئۇ ئۆز ئۆيىنى باشقۇرىدىغان غوجىدارىغا بۇيرۇپ: ــ بۇ كىشىلەرنىڭ تاغارلىرىنى ئېلىپ كۆتۈرەلىگۈدەك ئاشلىق قاچىلاپ، ھەربىرىنىڭ پۇلىنى تاغىرىنىڭ ئاغزىغا سېلىپ قويغىن؛ 1
Siden bød han den som forestod hans hus: Fyll mennenes sekker med korn så meget de kan føre, og legg enhvers penger øverst i hans sekk!
ئاندىن مېنىڭ جامىمنى، يەنى كۈمۈش جامنى ئاشلىقنىڭ پۇلى بىلەن بىللە ئەڭ كىچىكىنىڭ تاغىرىنىڭ ئاغزىغا سېلىپ قويغىن، ــ دېدى. ئۇ ئادەم يۈسۈپنىڭ دېگىنىدەك قىلدى. 2
Men mitt beger, sølvbegeret, skal du legge øverst i den yngstes sekk sammen med pengene for hans korn. Og han gjorde som Josef bød ham.
ئەتىسى تاڭ يورىغاندا، ئۇلار ئېشەكلىرى بىلەن بىللە يولغا سېلىپ قويۇلدى. 3
Om morgenen, da det blev lyst, lot de mennene med sine asener fare.
لېكىن ئۇلار شەھەردىن چىقىپ ئانچە ئۇزۇن ماڭمايلا، يۈسۈپ غوجىدارىغا: ــ ئورنۇڭدىن تۇر، بۇ ئادەملەرنىڭ كەينىدىن قوغلىغىن؛ ئۇلارغا يېتىشكىنىڭدە ئۇلارغا: «نېمىشقا ياخشىلىققا يامانلىق قايتۇردۇڭلار؟ 4
Da de hadde draget ut av byen og ennu ikke var langt kommet, sa Josef til den som forestod hans hus: Ta avsted, sett efter mennene, og når du når dem, skal du si til dem: Hvorfor har I gjengjeldt godt med ondt?
خوجام شۇ [جامدا] شاراب ئىچىدۇ ھەمدە ئۇنىڭدا پال ئاچىدۇ ئەمەسمۇ؟! مۇنداق قىلغىنىڭلار رەزىللىك قىلغىنىڭلار بولمامدۇ!» دېگىن، ــ دېدى. 5
Er det ikke det beger som min herre drikker av, og som han spår i? Dette var ille gjort av eder.
بۇ ئادەم ئۇلارنىڭ كەينىدىن يېتىشىپ بېرىپ، ئۇلارغا بۇ سۆزلەرنى قىلدى. 6
Og han innhentet dem og sa dette til dem.
ئۇلار ئۇنىڭغا جاۋابەن: ــ خوجىمىز نېمىشقا مۇنداق گەپ قىلىدۇ؟ مۇنداق ئىشنى قىلىش كەمىنىلىرىدىن نېرى بولسۇن! 7
Da sa de til ham: Hvorfor taler min herre således? Det være langt fra dine tjenere å gjøre noget slikt!
بىز ئەسلىدە تاغارلىرىمىزنىڭ ئاغزىدىن تاپقان پۇلنىمۇ قانائان زېمىنىدىن سىلىنىڭ قاشلىرىغا قايتۇرۇپ بېرىشكە ئەكەلگەنىدۇق. شۇنداق تۇرۇقلۇق قانداقمۇ خوجىلىرىنىڭ ئۆيىدىن ئالتۇن-كۈمۈشنى ئوغرىلايلى؟ 8
Se, de penger som vi fant øverst i våre sekker, hadde vi med oss tilbake til dig fra Kana'ans land; hvorledes skulde vi da stjele sølv eller gull fra din herres hus?
كەمىنىلىرىڭنىڭ ئارىسىدا كىمدىن بۇ [جام] تېپىلسا، شۇ ئۆلۈمگە مەھكۇم بولسۇن، بىزمۇ خوجىمىزنىڭ قۇللىرى بولايلى، ــ دېدى. 9
Den av dine tjenere som det finnes hos, han skal dø, og vi andre skal være min herres træler.
غوجىدار جاۋابەن: ــ ئېيتقان سۆزلىرىڭلاردەك بولسۇن؛ جام كىمنىڭ يېنىدىن تېپىلسا، شۇ كىشى قۇلۇم بولۇپ قېلىپ قالسۇن، قالغانلىرىڭلار بىگۇناھ بولىسىلەر، ــ دېدى. 10
Og han sa: Vel, la det være som I har sagt! Den som det finnes hos, skal være min træl, men I skal være uten skyld.
شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئالدىراپ-تېنەپ، تاغارلىرىنى يەرگە چۈشۈرۈپ، ھەربىرى ئۆز تاغىرىنى ئېچىپ بەردى. 11
Så skyndte de sig og løftet hver sin sekk ned på jorden, og enhver åpnet sin sekk.
غوجىدار چوڭىنىڭكىدىن باشلاپ كىچىكىنىڭكىگىچە ئاختۇردى، جام بىنيامىننىڭ تاغىرىدىن تېپىلدى. 12
Og han så efter; han begynte hos den eldste og endte hos den yngste, og begeret blev funnet i Benjamins sekk.
بۇنى كۆرۈپ ئۇلار كىيىملىرىنى يىرتىشىپ، ھەربىرى ئېشىكىگە قايتىدىن يۈكنى ئارتىپ، شەھەرگە قايتتى. 13
Da sønderrev de sine klær og lesste hver på sitt asen og vendte tilbake til byen.
شۇنداق قىلىپ يەھۇدا ۋە قېرىنداشلىرى يۈسۈپنىڭ ئۆيىگە كەلدى؛ ئۇ تېخى شۇ يەردە ئىدى. ئۇلار ئۇنىڭ ئالدىغا كېلىپ ئۆزلىرىنى يەرگە ئېتىشتى. 14
Og Juda og hans brødre kom til Josefs hus mens han ennu var der, og de kastet sig til jorden for ham.
يۈسۈپ ئۇلارغا: ــ بۇ سىلەرنىڭ زادى نېمە قىلغىنىڭلار؟ مېنىڭدەك ئادەمنىڭ چوقۇم پال ئاچالايدىغانلىقىنى بىلمەمتىڭلار؟ ــ دېدى. 15
Da sa Josef til dem: Hvad er det for noget I har gjort? Visste I ikke at en mann som jeg kan spå?
يەھۇدا جاۋابەن: ــ بىز خوجىمىزغا نېمىمۇ دېيەلەيمىز؟ نېمە گەپ قىلالايمىز، قانداق قىلىپ ئۆزىمىزنى ئاقلىيالايمىز؟ خۇدا كەمىنلىرىنىڭ قەبىھلىكىنى ئاشكارا قىلدى. مانا، بىز ۋە قولىدىن جاملىرى تېپىلغان كىشى ھەممىمىز خوجىمىزغا قۇل بولىدىغان بولدۇق، ــ دېدى. 16
Og Juda sa: Hvad skal vi svare min herre? Hvad skal vi si, og hvad skal vi rettferdiggjøre oss med? Gud har funnet dine tjeneres misgjerning; se, vi er min herres træler, både vi og den som begeret blev funnet hos.
لېكىن يۈسۈپ: ــ مۇنداق قىلىش مەندىن نېرى بولسۇن! بەلكى جام كىمنىڭ قولىدىن تېپىلغان بولسا پەقەت شۇ كىشى مېنىڭ قۇلۇم بولىدۇ. لېكىن قالغانلىرىڭلار ئامان-ئېسەن ئاتاڭلارنىڭ قېشىغا كېتىڭلار، ــ دېدى. 17
Men han sa: Det være langt fra mig å gjøre slikt! Den mann som begeret blev funnet hos, han skal være min træl, men dra I andre i fred op til eders far!
ئاندىن يەھۇدا ئۇنىڭغا يېقىن بېرىپ مۇنداق دېدى: ــ ئەي خوجام، كەمىنىلىرىگە قۇلاق سېلىپ خوجامنىڭ قۇلىقىغا بىر ئېغىز گەپ قىلىشقا ئىجازەت بەرگەيلا. غەزەپلىرى كەمىنىلىرىگە تۇتاشمىغاي؛ چۈنكى ئۆزلىرى پىرەۋنگە ئوخشاش ئىكەنلا. 18
Da gikk Juda frem til ham og sa: Hør mig, herre! La din tjener få tale et ord for min herres ører, og la ikke din vrede optendes mot din tjener; for du er som Farao selv.
ئەسلىدە خوجام كەمىنىلىرىدىن: «ئاتاڭلار يا ئىنىڭلار بارمۇ؟» دەپ سورىۋىدىلا، 19
Min herre spurte sine tjenere: Har I far eller bror?
بىز خوجىمىزغا جاۋابەن: «بىزنىڭ بىر قېرى ئاتىمىز بار ۋە ئۇ قېرىغاندا تاپقان، ياش بىر بالىسىمۇ بار. بۇ بالىنىڭ بىر ئانىسىدىن بولغان ئاكىسى ئۆلۈپ كېتىپ، ئۇ ئۆزى يالغۇز قالدى؛ ئۇنىڭ ئاتىسى ئۇنى ئىنتايىن سۆيىدۇ» دېسەك، 20
Da sa vi til min herre: Vi har en gammel far, og han har en ung sønn, som er født i hans alderdom; hans bror er død, og han er alene igjen efter sin mor, og hans far har ham så kjær.
سىلى كەمىنىلىرىگە: «ئۇنىڭ ئۆزىنى قېشىمغا ئېلىپ كېلىڭلار، مەن ئۇنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرەي» دېدىلە. 21
Og du sa til dine tjenere: Før ham ned til mig, så jeg kan få se ham med mine egne øine!
بىز خوجىمىزغا جاۋاب بېرىپ: «يىگىت ئاتىسىدىن ئايرىلالمايدۇ؛ ئەگەر ئاتىسىدىن ئايرىلسا، ئاتىسى ئۆلۈپ كېتىدۇ» دېسەك، 22
Da sa vi til min herre: Gutten kan ikke forlate sin far; for hvis han forlater sin far, da vil hans far dø.
سىلى يەنىلا كەمىنىلىرىگە: «ئەگەر كىچىك ئىنىڭلار سىلەر بىلەن بىللە كەلمىسە، يۈزۈمنى يەنە كۆرىمىز دەپ خىيال قىلماڭلار» دېگەنىدىلا. 23
Men du sa til dine tjenere: Dersom ikke eders yngste bror kommer ned med eder, skal I ikke mere komme for mine øine.
شۇنىڭ بىلەن بىز كەمىنىلىرى ئاتىمىزنىڭ قېشىغا بارغاندا خوجامنىڭ سۆزلىرىنى ئۇنىڭغا ئېيتتۇق؛ 24
Da vi så kom hjem til din tjener min far, fortalte vi ham hvad min herre hadde sagt
ئاندىن ئاتىمىز يەنە: «يەنە بېرىپ، بىزگە ئازراق ئاشلىق ئېلىپ كېلىڭلار» دېۋىدى، 25
Og vår far sa: dra avsted igjen og kjøp litt korn til oss!
بىز جاۋابەن: «بىز شۇ يەرگە قايتىدىن چۈشەلمەيمىز؛ ئەگەر كىچىك ئىنىمىز بىز بىلەن بىللە بولسا، ئۇنداقتا بارىمىز؛ چۈنكى كىچىك ئىنىمىز بىز بىلەن بىللە بولمىسا، ئۇ زاتنىڭ يۈزى ئالدىدا تۇرالمايمىز»، دېدۇق. 26
Da sa vi: Vi kan ikke dra ned, men dersom vår yngste bror er med oss, da vil vi dra ned; for vi kan ikke komme mannen for øie uten at vår yngste bror er med.
سىلىنىڭ قۇللىرى بىزنىڭ ئاتىمىز بىزگە يەنە: «سىلەرگە مەلۇمكى، ئايالىم ماڭا ئىككى ئوغۇل تۇغۇپ بەرگەنىدى. 27
Men din tjener min far sa til - oss: I vet at min hustru fødte mig to sønner,
بىرى مېنىڭ يېنىمدىن چىقىپ، يوق بولۇپ كەتتى؛ مەن: ئۇ جەزمەن تىتما-تىتما قىلىۋېتىلىپتۇ، دەپ ئويلىدىم، شۇنداقلا ئۇنى بۈگۈنگىچە كۆرمىدىم. 28
og den ene gikk bort fra mig, og jeg sa: han er visselig revet ihjel; og jeg har aldri sett ham siden.
ئەمدى سىلەر بۇنىمۇ مېنىڭ قېشىمدىن ئېلىپ كېتىپ، ئۇنىڭغا بىر كېلىشمەسلىك كېلىپ قالسا، سىلەر مەندەك بىر ئاق چاچلىق ئادەمنى دەرد-ئەلەم بىلەن تەختىساراغا چۈشۈرىۋېتىسىلەر»، دېگەنىدى. (Sheol h7585) 29
Tar I nu også denne fra mig, og det møter ham nogen ulykke, så sender I mine grå hår med sorg ned i dødsriket. (Sheol h7585)
ئەمدى مەن سىلىنىڭ قۇللىرى مېنىڭ ئاتامنىڭ قېشىغا بارغاندا، شۇ بالا بىز بىلەن بولمىسا ئۇنىڭ جېنى بالىنىڭ جېنىغا باغلانغان بولغاچقا، 30
Skal jeg nu komme hjem til din tjener min far, og gutten, som han henger ved med hele sin sjel, ikke er med oss,
شۇنداق بولىدۇكى، ئۇ بالىنىڭ يوقلۇقىنى كۆرسە، جەزمەن ئۆلۈپ كېتىدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن سىلىنىڭ قۇللىرى بىزنىڭ ئاتىمىز بولغان بۇ ئاق چاچنى دەرد-ئەلەم ئىچىدە تەھتىساراغا چۈشۈرۈۋەتكەن بولىمىز. (Sheol h7585) 31
så blir det hans død med det samme han ser at gutten ikke er med, og vi må sende din tjener vår fars grå hår med sorg ned i dødsriket. (Sheol h7585)
چۈنكى مەنكى كەمىنىلىرى ئاتامغا بۇ يىگىت ئۈچۈن كېپىل بولۇپ: «ئەگەر مەن ئۇنى قېشىڭغا قايتۇرۇپ كەلمىسەم پۈتكۈل ئۆمرۈمدە ئاتامنىڭ ئالدىدا گۇناھكار بولاي» دېگەنىدىم. 32
For din tjener tok på sig å svare for gutten hos min far og sa: dersom jeg ikke har ham med tilbake til dig, vil jeg være min fars skyldner alle mine dager.
شۇڭا ھازىر ئۆتۈنۈپ قالاي، مەنكى كەمىنىلىرى ئۇ يىگىتنىڭ ئورنىدا خوجامنىڭ قېشىدا قۇل بولۇپ تۇرسام، ئۇ يىگىت قېرىنداشلىرى بىلەن بىللە قايتىپ كەتسە! 33
La derfor din tjener bli i guttens sted som træl hos min herre, men la gutten dra hjem med sine brødre!
چۈنكى يىگىت مەن بىلەن بولمىسا، مەن قانداقمۇ ئاتامنىڭ قېشىغا بارالايمەن؟ ئاتامغا شۇنداق ئازاب-ئوقۇبەتنىڭ چۈشۈشىنى كۆزۈم كۆرگۈچى بولمىسۇن! ــ دېدى. 34
For hvorledes skulde jeg dra hjem til min far uten at gutten var med mig? Jeg kunde ikke se på den sorg som vilde komme over min far.

< يارىتىلىش 44 >