< ئەزرا 7 >

شۇ ئىشلاردىن كېيىن پارس پادىشاھى ئارتاخشاشتا سەلتەنەت سۈرگەن مەزگىلدە ئەزرا دېگەن كىشى [بابىلدىن يېرۇسالېمغا چىقتى]. ئۇ سېرايانىڭ ئوغلى، سېرايا ئازارىيانىڭ ئوغلى، ئازارىيا ھىلقىيانىڭ ئوغلى، 1
ھىلقىيا شاللۇمنىڭ ئوغلى، شاللۇم زادوكنىڭ ئوغلى، زادوك ئاخىتۇبنىڭ ئوغلى، 2
ئاخىتۇب ئامارىيانىڭ ئوغلى، ئامارىيا ئازارىيانىڭ ئوغلى، ئازارىيا مېرايوتنىڭ ئوغلى، 3
مېرايوت زەراھىياھنىڭ ئوغلى، زەراھىياھ ئۇززىنىڭ ئوغلى، ئۇززى بۇككىنىڭ ئوغلى، 4
بۇككى ئابىشۇئانىڭ ئوغلى، ئابىشۇئا فىنىھاسنىڭ ئوغلى، فىنىھاس ئەلىئازارنىڭ ئوغلى، ئەلىئازار بولسا باش كاھىن ھارۇننىڭ ئوغلى ئىدى؛ 5
ــ ئەزرا دېگەن بۇ كىشى بابىلدىن قايتىپ چىقتى. ئۇ ئىسرائىلنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگار مۇساغا نازىل قىلغان تەۋرات قانۇنىغا پىشقان تەۋراتشۇناس ئىدى؛ ئۇنىڭ خۇداسى بولغان پەرۋەردىگارنىڭ قولى ئۇنىڭدا بولغاچقا، ئۇ نېمىنى تەلەپ قىلسا پادىشاھ شۇنى بەرگەنىدى. 6
پادىشاھ ئارتاخشاشتانىڭ يەتتىنچى يىلى بىر قىسىم ئىسرائىللار، كاھىنلار، لاۋىيلار، غەزەلكەشلەر، دەرۋازىۋەنلەر ۋە ئىبادەتخانا خىزمەتكارلىرى ئۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە يېرۇسالېمغا قايتىپ چىقتى. 7
[ئەزرا] ئەمدى پادىشاھنىڭ سەلتەنىتىنىڭ يەتتىنچى يىلى بەشىنچى ئايدا يېرۇسالېمغا يېتىپ كەلدى. 8
بىرىنچى ئاينىڭ بىرىنچى كۈنى ئۇ بابىلدىن چىقىشقا تەييارلاندى؛ خۇدانىڭ شەپقەتلىك قولى ئۇنىڭدا بولغاچقا، ئۇ بەشىنچى ئاينىڭ بىرىنچى كۈنى يېرۇسالېمغا يېتىپ كەلدى. 9
چۈنكى ئەزرا كۆڭۈل قويۇپ پەرۋەردىگارنىڭ تەۋرات-قانۇنىنى چۈشىنىپ تەھسىل قىلىشقا ھەم ئۇنىڭغا ئەمەل قىلىشقا ۋە شۇنىڭدەك ئىسرائىل ئىچىدە ئۇنىڭدىكى ھۆكۈم-بەلگىلىمىلەرنى ئۆگىتىشكە نىيەت قىلغانىدى. 10
مانا بۇ پادىشاھ ئارتاخشاشتا كاھىن ھەم تەۋراتشۇناس ئەزراغا تاپشۇرغان يارلىق خېتىنىڭ كۆچۈرۈلمىسى: ــ (ئەزرا پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرلىرىگە ئائىت ئىشلارغا ھەم ئۇنىڭ ئىسرائىللارغا تاپشۇرغان بەلگىلىمىلىرىگە پىشقان تەۋراتشۇناس ئىدى): ــ 11
«مەنكى پادىشاھلارنىڭ پادىشاھى ئارتاخشاشتادىن ئاسمانلاردىكى خۇدانىڭ مۇكەممەل تەۋرات-قانۇنىغا پىشقان تەۋراتشۇناس كاھىن ئەزراغا سالام! 12
ئەمدى مەن شۇنداق يارلىق چۈشۈرىمەنكى، پادىشاھلىقىمدا تۇرۇۋاتقان ئىسرائىللاردىن، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ كاھىن ۋە لاۋىيلىرىدىن كىملەر يېرۇسالېمغا بېرىشنى خالىسا، ھەممىسى سېنىڭ بىلەن بىللە بارسا بولىدۇ. 13
چۈنكى سەن پادىشاھ ۋە ئۇنىڭ يەتتە مەسلىھەتچىسى تەرىپىدىن تەيىنلەنگەن ئىكەنسەن، قولۇڭدىكى خۇدانىڭ قانۇن كىتابىدا ئېيتىلغانلىرى بويىچە، يەھۇدىيە ۋە يېرۇسالېمغا تەكشۈرۈش-ھال سوراشقا ئەۋەتىلگەنسەن. 14
سەن پادىشاھ ۋە ئۇنىڭ مەسلىھەتچىلىرى ئۆز ئىختىيارى بىلەن ئىسرائىلنىڭ خۇداسىغا سۇنغان ئالتۇن-كۈمۈشلەرنى كۆتۈرۈپ بېرىپ ئۇنىڭغا تەقدىم قىل (ئۇنىڭ ماكانى يېرۇسالېمدىدۇر)؛ 15
شۇنىڭدەك قولۇڭ پۈتكۈل بابىل ئۆلكىسىدە قانچىلىك ئالتۇن-كۈمۈشلەرنى تاپالىسا، شۇنى خەلق ۋە كاھىنلار يېرۇسالېمدىكى خۇدانىڭ ئۆيىگە تەقدىم قىلىشقا ئۆز ئىختىيارى بىلەن بەرگەن سوۋغاتلارغا قوشۇپ ئاپارغىن. 16
سەن بۇ پۇللارغا ئېھتىياتچانلىق بىلەن قۇربانلىقلار ئۈچۈن تورپاق، قوچقار، قوزا ۋە قوشۇمچە ئاشلىق ھەدىيەلىرى ھەم شاراب ھەدىيەلىرى سېتىۋېلىپ، بۇلارنى يېرۇسالېمدىكى خۇدايىڭلارنىڭ ئۆيىدىكى قۇربانگاھقا سۇنغىن. 17
قالغان ئالتۇن-كۈمۈشلەرنى سەن ۋە جەمەتىڭدىكىلەرگە قانداق قىلىش مۇۋاپىق كۆرۈنسە، خۇدايىڭلارنىڭ ئىرادىسى بويىچە شۇنداق قىلىڭلار. 18
سېنىڭ خۇدايىڭنىڭ ئۆيىدىكى ئىشلارغا ئىشلىتىشكە ساڭا بەرگەن قاچا-قۇچىلارنى يېرۇسالېمدىكى خۇدانىڭ ئالدىغا قوي. 19
ئەگەر شۇنىڭدەك ساڭا خۇدايىڭنىڭ ئۆيىدىكى قالغان ئىشلارغا چىقىم قىلىدىغانغا نېمە خىراجەت كېرەك بولسا، سەن پادىشاھ خەزىنىسىدىن ئېلىپ ئىشلەتكىن. 20
شۇنىڭ بىلەن مەنكى پادىشاھ ئارتاخشاشتادىن دەريانىڭ شۇ غەرب تەرىپىدىكى بارلىق خەزىنە بەگلىرىگە شۇنداق بۇيرۇق چۈشۈرىمەنكى، ئاسماندىكى خۇدانىڭ تەۋرات-قانۇنىنىڭ ئالىمى بولغان كاھىن ئەزرا سىلەردىن نېمىنى تەلەپ قىلسا، سىلەر ئەستايىدىللىق بىلەن ئۇنىڭ دېگىنىدەك بېجىرىڭلار. 21
ئۇنىڭ ئالىدىغىنى كۈمۈش يۈز تالانتقىچە، بۇغداي يۈز كورغىچە، شاراب يۈز باتقىچە، زەيتۇن مېيى يۈز باتقىچە بولسۇن، تۇزغا چەك قويۇلمىسۇن. 22
ئاسمانلاردىكى خۇدا نېمىنى ئەمر قىلسا، شۇ ئاسمانلاردىكى خۇدانىڭ ئۆيى ئۈچۈن ئەستايىدىللىق بىلەن بېجىرىلسۇن؛ نېمىشقا [خۇدانىڭ] غەزىپىنى پادىشاھ ۋە ئوغۇللىرىنىڭ پادىشاھلىقىغا چۈشۈرگۈدەكمىز؟ 23
بىز شۇنىمۇ سىلەرگە مەلۇم قىلىمىزكى، ئومۇمەن كاھىنلار، لاۋىيلار، غەزەلكەشلەر، دەرۋازىۋەنلەر، ئىبادەتخانا خىزمەتكارلىرى ۋە خۇدانىڭ بۇ ئۆيىدە خىزمەت قىلىدىغانلارنىڭ ھېچقايسىسىدىن باج، ئولپان ۋە پاراق ئېلىشقا بولمايدۇ. 24
ئەمدى سەن ئەي ئەزرا، خۇدايىڭنىڭ سەندە بولغان ھېكمىتىگە ئاساسەن، دەريانىڭ شۇ غەرب تەرىپىدە خۇدايىڭنىڭ تەۋرات-قانۇنىنى بىلگەن، بارلىق خەلقنىڭ دەۋاسىنى سورايدىغان، ئۇلارنى ئىدارە قىلىدىغان سوراقچى ۋە ھاكىملارنى تەيىنلىگىن؛ ۋە تەۋرات-قانۇنىنى بىلمەيدىغانلارغا بولسا، ئۇلارغا بۇلارنى ئۆگىتىڭلار. 25
خۇدايىڭنىڭ قانۇنىغا ۋە پادىشاھلىقنىڭ قانۇنىغا رىئايە قىلمايدىغانلار بولسا، ئۇنىڭ ئۈستىدىن ئادالەتلىك بىلەن ھۆكۈم چىقىرىلسۇن؛ ئۇ ئۆلۈمگە، ياكى سۈرگۈنگە ياكى مال-مۈلكىنى مۇسادىرە قىلىشقا ۋە ياكى زىندانغا تاشلاشقا ھۆكۈم قىلىنسۇن». 26
[ئەزرا مۇنداق دېدى] ــ ئاتا-بوۋىلىرىمىزنىڭ خۇداسى بولغان پەرۋەردىگارغا ھەمدۇسانا بولغاي! چۈنكى ئۇ پادىشاھنىڭ كۆڭلىگە، يېرۇسالېمدىكى پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىنى شۇنداق كۆركەم بېزەش نىيىتىنى سالدى، 27
يەنە مېنى پادىشاھ ۋە مەسلىھەتچىلىرى ئالدىدا ھەم پادىشاھنىڭ مۆھتەرەم ئەمىرلىرى ئالدىدا ئىلتىپاتقا ئېرىشتۈردى. پەرۋەردىگار خۇدايىمنىڭ قولى مەندە بولۇپ، ئۇ مېنى غەيرەتلەندۈرگەچكە، ئۆزۈم بىلەن بىللە [يېرۇسالېمغا] چىقىشقا ئىسرائىللار ئىچىدىن بىرنەچچە مۆتىۋەرلەرنى يىغدىم. 28

< ئەزرا 7 >