< مىسىردىن‭ ‬چىقىش‭ ‬ 34 >

پەرۋەردىگار مۇساغا: ــ سەن ئاۋۋالقىغا ئوخشاش ئۆزۈڭ ئۈچۈن تاشتىن ئىككى تاختاينى يونۇپ كەل؛ مەن بۇ تاختايلارغا سەن ئىلگىرى چېقىۋەتكەن تاختايلاردىكى سۆزلەرنى يېزىپ قويىمەن. 1
And the LORD said to Moses, Hew you two tables of stone like to the first: and I will write on these tables the words that were in the first tables, which you brake.
سەن ئەتە ئەتىگەنگىچە تەييار بولۇپ، سەھەردە سىناي تېغىغا چىقىپ، شۇ يەردە تاغنىڭ چوققىسىدا مېنىڭ ئالدىمدا ھازىر بولغىن. 2
And be ready in the morning, and come up in the morning to mount Sinai, and present yourself there to me in the top of the mount.
لېكىن ھېچ كىشى سەن بىلەن بىللە چىقمىسۇن ۋە ياكى تاغنىڭ ھېچ يېرىدە باشقا ئادەم كۆرۈنمىسۇن، قوي-كالىلارمۇ تاغنىڭ تۈۋىدە ئوتلىمىسۇن، ــ دېدى. 3
And no man shall come up with you, neither let any man be seen throughout all the mount; neither let the flocks nor herds feed before that mount.
مۇسا ئاۋۋالقىغا ئوخشاش تاشتىن ئىككى تاختاينى يونۇپ، ئەتىسى تاڭ سەھەر قوپۇپ، بۇ ئىككى تاش تاختاينى قولىدا ئېلىپ، پەرۋەردىگارنىڭ بۇيرۇغىنى بويىچە سىناي تېغىغا چىقتى. 4
And he hewed two tables of stone like to the first; and Moses rose up early in the morning, and went up to mount Sinai, as the LORD had commanded him, and took in his hand the two tables of stone.
شۇنىڭ بىلەن پەرۋەردىگار بۇلۇتتا چۈشۈپ، شۇ يەردە مۇسانىڭ قېشىدا تۇرۇپ، «ياھۋەھ» دېگەن نامىنى جاكارلىدى. 5
And the LORD descended in the cloud, and stood with him there, and proclaimed the name of the LORD.
پەرۋەردىگار ئۇنىڭ كۆز ئالدىدىن ئۆتۈپ: ــ «پەرۋەردىگار، پەرۋەردىگار، رەھىمدىل ۋە مېھىر-شەپقەتلىكتۇر، ئاسان غەزەپلەنمەيدىغان، شاپائەت بىلەن ۋاپاسى كەڭ تەڭرىدۇر، 6
And the LORD passed by before him, and proclaimed, The LORD, The LORD God, merciful and gracious, long-suffering, and abundant in goodness and truth,
مىڭلىغان-ئون مىڭلىغانلارغا رەھىم-شاپائەت كۆرسىتىپ، قەبىھلىك، ئاسىيلىق ۋە گۇناھنى كەچۈرگۈچىدۇر؛ لېكىن ئۇ گۇناھكارلارنى ھەرگىز گۇناھسىز دەپ قارىمايدىغان، بەلكى ئاتىلارنىڭ قەبىھلىكىنىڭ جازاسىنى بالىلىرى ۋە نەۋرلىرىگىچە، شۇنداقلا ئۈچىنچى ۋە تۆتىنچى ئەۋلادىغىچە يۈكلەيدىغان [تەڭرىدۇر]» ــ دەپ جاكارلىدى. 7
Keeping mercy for thousands, forgiving iniquity and transgression and sin, and that will by no means clear the guilty; visiting the iniquity of the fathers on the children, and on the children’s children, to the third and to the fourth generation.
شۇنىڭ بىلەن مۇسا دەرھال يەرگە باش قويۇپ سەجدە قىلىپ: ــ 8
And Moses made haste, and bowed his head toward the earth, and worshipped.
ــ ئەي رەب، ئەگەر مەن راستتىنلا نەزىرىڭدە ئىلتىپات تاپقان بولسام، ئۇنداقتا ئى رەب، ئارىمىزدا بىز بىلەن ماڭغايسەن؛ چۈنكى بۇ خەلق دەرۋەقە بوينى قاتتىق بىر خەلقتۇر؛ بىزنىڭ قەبىھلىكىمىزنى ۋە گۇناھىمىزنى كەچۈرگەيسەن، بىزنى ئۆز مىراسىڭ بولۇشقا قوبۇل قىلغايسەن! ــ دېدى. 9
And he said, If now I have found grace in your sight, O LORD, let my LORD, I pray you, go among us; for it is a stiff necked people; and pardon our iniquity and our sin, and take us for your inheritance.
شۇنىڭ بىلەن ئۇ مۇساغا: ــ مانا، مەن بىر ئەھدە تۈزىمەن؛ سېنىڭ بارلىق خەلقىڭ ئالدىدا پۈتكۈل يەر يۈزىنىڭ ھېچبىر جايىدا ياكى ھېچبىر ئەل ئارىسىدا قىلىنىپ باقمىغان مۆجىزىلەرنى يارىتىمەن. شۇنىڭ بىلەن سەن ئارىسىدا بولغان خەلقىڭنىڭ ھەممىسى پەرۋەردىگارنىڭ [كارامەت] ئەمەلىنى كۆرىدۇ؛ چۈنكى مېنىڭ سىلەرگە قىلىدىغان ئەمەلىم دەرۋەقە دەھشەتلىك ئىش بولىدۇ. 10
And he said, Behold, I make a covenant: before all your people I will do marvels, such as have not been done in all the earth, nor in any nation: and all the people among which you are shall see the work of the LORD: for it is a terrible thing that I will do with you.
مەن بۈگۈن ساڭا تاپىلايدىغان ئەمرلىرىمنى تۇتقىن؛ مانا، مەن سىلەرنىڭ ئالدىڭلاردىن ئامورىي، قانائانىي، ھىتتىي، پەرىززىي، ھىۋىي ۋە يەبۇسىيلارنى ھەيدەپ چىقىرىمەن. 11
Observe you that which I command you this day: behold, I drive out before you the Amorite, and the Canaanite, and the Hittite, and the Perizzite, and the Hivite, and the Jebusite.
ئەمدى ھېزى بولغىنكى، سەن بارىدىغان زېمىندا تۇرۇۋاتقانلار بىلەن ھېچ ئەھدە باغلاشمىغىن؛ بولمىسا، بۇ ئىش سىلەرگە تۇزاق بولىدۇ؛ 12
Take heed to yourself, lest you make a covenant with the inhabitants of the land where you go, lest it be for a snare in the middle of you:
بەلكى سىلەر ئۇلارنىڭ قۇربانگاھلىرىنى چۆۋۈپ، بۇت تۈۋرۈكلىرىنى سۇندۇرۇپ، «ئاشەراھ» بۇتلىرىنى كېسىپ تاشلاڭلار. 13
But you shall destroy their altars, break their images, and cut down their groves:
چۈنكى سەن ھېچقانداق باشقا ئىلاھقا ئىبادەت قىلماسلىقىڭ كېرەك ــ چۈنكى مەنكى پەرۋەردىگارنىڭ نامى «ۋاپاسىزلىققا ھەسەت قىلغۇچى» بولۇپ، ھەسەت قىلغۇچى بىر ئىلاھدۇرمەن. 14
For you shall worship no other god: for the LORD, whose name is Jealous, is a jealous God:
بولمىسا، شۇ زېمىندا تۇرۇۋاتقانلار بىلەن ئەھدە تۈزۈشۈڭ مۇمكىن؛ ئاندىن ئۇلار ئىلاھلىرىنىڭ كەينىدىن يۈرۈپ بۇزۇقچىلىق قىلىپ، ئىلاھلىرىغا قۇربانلىقلار ئۆتكۈزگىنىدە، سىلەرنى چاقىرسا ئۇلارنىڭ قۇربانلىقلىرىدىن يەپ كېتىشىڭلار مۇمكىن؛ 15
Lest you make a covenant with the inhabitants of the land, and they go a whoring after their gods, and do sacrifice to their gods, and one call you, and you eat of his sacrifice;
سەن شۇنداقلا يەنە ئۇلارنىڭ قىزلىرىنى ئوغۇللىرىڭغا خوتۇنلۇققا ئېلىپ بېرىشىڭ مۇمكىن؛ ئۇ قىزلار ئۆز ئىلاھلىرىنىڭ كەينىدىن يۈرۈپ بۇزۇقچىلىق قىلغىنىدا، ئۇلار ئوغۇللىرىڭنىمۇ ئۆز ئىلاھلىرىنىڭ ئارقىسىدىن ماڭغۇزۇپ، بۇزۇقچىلىق قىلدۇرۇشى مۇمكىن. 16
And you take of their daughters to your sons, and their daughters go a whoring after their gods, and make your sons go a whoring after their gods.
ئۆزۈڭ ئۈچۈن ھېچقانداق قۇيما بۇتلارنى ياساتمىغىن. 17
You shall make you no molten gods.
پېتىر نان ھېيتىنى تۇتۇڭلار؛ مېنىڭ ئەمر قىلغىنىمدەك ئابىب ئېيىدا، بېكىتىلگەن ۋاقىتتا يەتتە كۈن پېتىر نان يەڭلار. چۈنكى سىلەر ئابىب ئېيىدا مىسىردىن چىققانسىلەر. 18
The feast of unleavened bread shall you keep. Seven days you shall eat unleavened bread, as I commanded you, in the time of the month Abib: for in the month Abib you came out from Egypt.
بالىياتقۇنىڭ تۇنجى مېۋىسى مېنىڭكى بولىدۇ؛ چارپاي ماللىرىڭنىڭ ئىچىدىن دەسلەپ تۇغۇلغان ئەركەكلەر، كالا بولسۇن، قوي بولسۇن ئۇلارنىڭ تۇنجىلىرىنىڭ ھەممىسى مېنىڭكى بولسۇن. 19
All that opens the matrix is mine; and every firstling among your cattle, whether ox or sheep, that is male.
لېكىن ئېشەكلەرنىڭ تۇنجى تەخەيلىرىنىڭ ئورنىغا قوزا بىلەن بەدەل تۆلىشىڭ لازىم بولىدۇ. ئەگەر ئورنىغا [قوزا] بەرمىسەڭ، تەخەينىڭ بوينىنى سۇندۇرۇۋەتكىن. تۇنجى ئوغۇللىرىڭنى بولسا، ئۇلارغا بەدەل تۆلەپ قايتۇرۇۋال. ھېچكىم مېنىڭ ھۇزۇرۇمغا قۇرۇق قول كەلمىسۇن. 20
But the firstling of an ass you shall redeem with a lamb: and if you redeem him not, then shall you break his neck. All the firstborn of your sons you shall redeem. And none shall appear before me empty.
سەن ئالتە كۈن ئىچىدە ئىش-ئەمەلىڭنى قىلىپ، يەتتىنچى كۈنى ئارام ئېلىشىڭ زۆرۈر؛ يەر ھەيدەش ۋاقتى بولسۇن، ئورما ۋاقتى بولسۇن، ئارام ئېلىشىڭ زۆرۈر. 21
Six days you shall work, but on the seventh day you shall rest: in ripening time and in harvest you shall rest.
يېڭى بۇغداينىڭ تۇنجى ھوسۇلىنى تەبرىكلەيدىغان «ھەپتىلەر ھېيتى»نى ئۆتكۈزۈڭلار؛ يىلنىڭ ئاخىرىدا «ھوسۇل يىغىش ھېيتى»نى ئۆتكۈزۈڭلار. 22
And you shall observe the feast of weeks, of the first fruits of wheat harvest, and the feast of ingathering at the year’s end.
سېنىڭ ھەربىر ئەركەك كىشىلىرىڭ يىلدا ئۈچ قېتىم ئىسرائىلنىڭ خۇداسى بولغان رەب پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىغا ھازىر بولسۇن. 23
Thrice in the year shall all your male children appear before the LORD God, the God of Israel.
چۈنكى مەن تائىپىلەرنى ئالدىڭدىن ھەيدىۋېتىپ، چېگرالىرىڭنى كېڭەيتىمەن؛ شۇنىڭدەك سەن يىلدا ئۈچ قېتىم پەرۋەردىگار خۇدايىڭنىڭ ئالدىغا ھازىر بولۇشقا چىقىپ بارساڭ، ھېچكىم يېرىڭگە كۆز قىرىنى سالمايدۇ. 24
For I will cast out the nations before you, and enlarge your borders: neither shall any man desire your land, when you shall go up to appear before the LORD your God thrice in the year.
ماڭا سۇنۇلىدىغان قۇربانلىقنىڭ قېنىنى بولدۇرۇلغان نان بىلەن بىللە سۇنمىغىن؛ ياكى ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىنىڭ قۇربانلىقىنىڭ گۆشىنى ئەتىگە قالدۇرما. 25
You shall not offer the blood of my sacrifice with leaven; neither shall the sacrifice of the feast of the passover be left to the morning.
زېمىنىڭنىڭ دەسلەپكى ھوسۇلىدىن تۇنجى مەھسۇلاتلارنى پەرۋەردىگار خۇدايىڭنىڭ ئۆيىگە كەلتۈرۈپ ئاتا. ئوغلاقنى ئانىسىنىڭ سۈتىدە قاينىتىپ پىشۇرما. 26
The first of the first fruits of your land you shall bring to the house of the LORD your God. You shall not seethe a kid in his mother’s milk.
پەرۋەردىگار مۇساغا: ــ بۇ سۆزلەرنى ئۆزۈڭ ئۈچۈن يېزىۋالغىن؛ چۈنكى مەن مۇشۇ سۆزلەرنى ئاساس قىلىپ سەن بىلەن ۋە ئىسرائىل بىلەن ئەھدە باغلىدىم، دېدى. 27
And the LORD said to Moses, Write you these words: for after the tenor of these words I have made a covenant with you and with Israel.
ئۇ ۋاقىتتا مۇسا شۇ يەردە پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىدا قىرىق كېچە-كۈندۈز تۇردى؛ ئۇ ھېچنەرسە يېمىدى، ھېچ سۇ ئىچمىدى. ئۇ يەردە [پەرۋەردىگار] تاختايلارغا ئەھدىنىڭ سۆزلىرى بولغان ئون ئەمرنى پۈتتى. 28
And he was there with the LORD forty days and forty nights; he did neither eat bread, nor drink water. And he wrote on the tables the words of the covenant, the ten commandments.
مۇسا سىناي تېغىدىن چۈشكەندە شۇنداق بولدىكى (ئۇ تاغدىن چۈشكەندە ئىككى ھۆكۈم-گۇۋاھلىق تاختىيى ئۇنىڭ قولىدا ئىدى)، ئۆزىنىڭ [پەرۋەردىگار] بىلەن سۆزلەشكىنى ئۈچۈن يۈزىنىڭ پارقىراپ كەتكىنىنى بىلمەيتتى. 29
And it came to pass, when Moses came down from mount Sinai with the two tables of testimony in Moses’ hand, when he came down from the mount, that Moses knew not that the skin of his face shone while he talked with him.
ئەمدى ھارۇن ۋە بارلىق ئىسرائىللار مۇسانى كۆردى، مانا، ئۇنىڭ يۈز تېرىسى پارقىراپ تۇراتتى؛ ئۇلار ئۇنىڭغا يېقىن بېرىشتىن قورقۇشتى. 30
And when Aaron and all the children of Israel saw Moses, behold, the skin of his face shone; and they were afraid to come near him.
لېكىن مۇسا ئۇلارنى چاقىرىۋىدى، ھارۇن ۋە جامائەتنىڭ بارلىق باشلىرى يېنىپ، ئۇنىڭ قېشىغا كەلدى؛ مۇسا ئۇلار بىلەن سۆزلەشتى. 31
And Moses called to them; and Aaron and all the rulers of the congregation returned to him: and Moses talked with them.
شۇنىڭدىن كېيىن، بارلىق ئىسرائىللار ئۇنىڭ يېنىغا كەلدى؛ ئۇ ۋاقىتتا مۇسا پەرۋەردىگار ئۆزىگە سىناي تېغىدا سۆز قىلغىنىدا تاپشۇرغان بارلىق ئەمرلەرنى ئۇلارغا تاپىلىدى. 32
And afterward all the children of Israel came near: and he gave them in commandment all that the LORD had spoken with him in mount Sinai.
مۇسا ئۇلارغا دەيدىغىنىنى دەپ تۈگەتتى. ئۇ [سۆزلىگەندە] يۈزىگە بىر چۈمپەردە تارتىۋالغانىدى؛ 33
And till Moses had done speaking with them, he put a veil on his face.
قاچانكى مۇسا پەرۋەردىگار بىلەن سۆزلىشىشكە ئۇنىڭ ھۇزۇرىغا كىرسە، چۈمپەردىنى ئېلىۋېتەتتى، تاكى ئۇ يېنىپ چىققۇچە شۇنداق بولاتتى؛ يېنىپ چىققاندا ئۆزىگە نېمە تاپىلانغان بولسا، شۇنى ئىسرائىللارغا ئېيتىپ بېرەتتى. 34
But when Moses went in before the LORD to speak with him, he took the veil off, until he came out. And he came out, and spoke to the children of Israel that which he was commanded.
ئىسرائىللار مۇسانىڭ يۈز تېرىسىنىڭ پارقىراپ تۇرغىنىنى كۆرەتتى؛ شۇڭا مۇسا يەنە تاكى پەرۋەردىگار بىلەن سۆزلەشكىلى ئۇنىڭ ھۇزۇرىغا كىرگۈچە يۈزىگە چۈمپەردە تارتىۋالاتتى. 35
And the children of Israel saw the face of Moses, that the skin of Moses’ face shone: and Moses put the veil on his face again, until he went in to speak with him.

< مىسىردىن‭ ‬چىقىش‭ ‬ 34 >