< مىسىردىن‭ ‬چىقىش‭ ‬ 32 >

خەلق مۇسانىڭ تاغدىن چۈشمەي ھايال بولۇپ قالغىنىنى كۆرۈپ، ھارۇننىڭ قېشىغا يىغىلىپ ئۇنىڭغا: ــ سەن قوپۇپ، بىزگە ئالدىمىزدا يول باشلاپ ماڭىدىغان بىر ئىلاھ ياساپ بەرگىن! چۈنكى بىزنى مىسىر زېمىنىدىن چىقىرىپ كەلگەن مۇسا دېگەن ھېلىقى كىشىگە نېمە بولۇپ كەتكەنلىكىنى بىلمەيمىز، ــ دېيىشتى. 1
When the people saw that Moses delayed in coming down the mountain, they gathered around Aaron and said to him, “Come, make us an idol that will go before us. As for this Moses, the man who brought us up out of the land of Egypt, we do not know what has happened to him.”
ھارۇن ئۇلارغا: ــ خوتۇنلىرىڭلار بىلەن ئوغۇل-قىزلىرىڭلارنىڭ قۇلاقلىرىدىكى ئالتۇن زىرە ھالقىلارنى چىقىرىپ، مېنىڭ قېشىمغا ئېلىپ كېلىڭلار، دېدى. 2
So Aaron said to them, “Take off the golden rings that are on your wives' ears, and the ears of your sons and daughters, and bring them to me.”
شۇنىڭ بىلەن پۈتكۈل خەلق ئۆز قۇلاقلىرىدىكى ئالتۇن زىرە ھالقىلارنى چىقىرىپ ھارۇننىڭ قېشىغا ئېلىپ كەلدى. 3
All the people took off the golden rings that were on their ears and brought them to Aaron.
ئۇ بۇلارنى ئۇلارنىڭ قولىدىن ئېلىپ، ئىسكىنە بىلەن قۇيما بىر موزاينى ياساتقۇزدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار: ــ ئەي ئىسرائىل، سېنى مىسىر زېمىنىدىن چىقىرىپ كەلگەن خۇدايىڭلار مانا بۇدۇر! ــ دېيىشتى. 4
He received the gold from them, fashioned it in a mold, and made it into a molded calf. Then the people said, “Israel, this is your god who brought you up out of the land of Egypt.”
ھارۇن ئۇنى كۆرۈپ ئۇنىڭ ئالدىدا بىر قۇربانگاھنى ياسىتىپ ئاندىن: «ئەتە پەرۋەردىگار ئۈچۈن بىر ھېيت ئۆتكۈزۈلىدۇ»، دەپ ئېلان قىلدى. 5
When Aaron saw this, he built an altar before the calf and made a proclamation; he said, “Tomorrow will be a festival in Yahweh's honor.”
ئەتىسى ئۇلار سەھەر قوپۇپ، كۆيدۈرمە قۇربانلىقلارنى سۇنۇپ، ئىناقلىق قۇربانلىقلىرىنىمۇ كەلتۈردى؛ ئاندىن خالايىق ئولتۇرۇپ يەپ-ئىچىشتى، قوپۇپ ئەيش-ئىشرەت قىلىشتى. 6
The people arose early the next day and offered burnt offerings and brought fellowship offerings. Then they sat down to eat and to drink, and then got up to carouse in wild celebration.
شۇ چاغدا پەرۋەردىگار مۇساغا: ــ ئورنۇڭدىن تۇر، تېزدىن پەسكە چۈشكىن! چۈنكى سەن مىسىر زېمىنىدىن چىقىرىپ كەلگەن خەلقىڭ بۇزۇقچىلىققا بېرىلىپ كەتتى. 7
Then Yahweh spoke to Moses, “Go quickly, for your people, whom you brought up out of the land of Egypt, have corrupted themselves.
مەن ئۇلارغا بۇيرۇغان يولدىن شۇنچە تېزلا چەتنەپ، ئۆزلىرى ئۈچۈن بىر قۇيما موزاينى ياساپ، ئۇنىڭغا چوقۇنۇپ قۇربانلىق كەلتۈرۈشتى ھەمدە: «ئەي ئىسرائىل، سېنى مىسىر زېمىنىدىن چىقىرىپ كەلگەن خۇدايىڭ مانا شۇدۇر!»، دېيىشتى، ــ دېدى. 8
They have quickly left the way that I commanded them. They have molded for themselves a calf and have worshiped it and sacrificed to it. They have said, 'Israel, this is your god who brought you up out of the land of Egypt.'”
ئاندىن پەرۋەردىگار مۇساغا: ــ مانا، بۇ خەلقنى كۆرۈپ قويدۇم؛ مانا، ئۇلار دەرۋەقە بوينى قاتتىق بىر خەلقتۇر. 9
Then Yahweh said to Moses, “I have seen this people. Look, they are a stiff-necked people.
ئەمدى مېنى توسما، مەن غەزەپ ئوتۇمنى ئۇلارنىڭ ئۈستىگە چۈشۈرۈپ، ئۇلارنى يۇتۇۋېتىمەن؛ ئاندىن سېنى ئۇلۇغ بىر ئەل قىلىمەن، ــ دېدى. 10
Now then, do not try to stop me. My anger will burn hot against them, so I will destroy them. Then I will make a great nation from you.”
لېكىن مۇسا خۇداسى پەرۋەردىگاردىن ئۆتۈنۈپ ئىلتىجا قىلىپ مۇنداق دېدى: ــ ئەي پەرۋەردىگار، نېمىشقا سەن غەزەپ ئوتۇڭنى ئۆزۈڭ زور قۇدرەت ۋە كۈچلۈك قول بىلەن مىسىر زېمىنىدىن چىقىرىپ كەلگەن خەلقىڭنىڭ ئۈستىگە چۈشۈرىسەن؟ 11
But Moses tried to calm down Yahweh his God. He said, “Yahweh, why does your anger burn against your people, whom you have brought out of the land of Egypt with great power and with a mighty hand?
مىسىرلىقلار مازاق قىلىپ: ــ ئۇلارنىڭ بېشىغا بالا چۈشۈرۈش ئۈچۈن، ئۇلارنى تاغلارنىڭ ئۈستىدە ئۆلتۈرۈپ يەر يۈزىدىن يوقىتىش ئۈچۈن، [ئۇلارنىڭ خۇداسى] ئۇلارنى ئېلىپ كەتتى، ــ دېيىشسۇنمۇ؟ ئۆز ئوتلۇق غەزىپىڭدىن يېنىپ، ئۆز خەلقىڭگە بالايىئاپەت كەلتۈرۈش نىيىتىڭدىن يانغايسەن! 12
Why should the Egyptians say, 'He led them out with evil intent, to kill them in the mountains and to destroy them from the face of the earth?' Turn from your burning anger and relent from this punishment on your people.
ئۆز قۇللىرىڭ ئىبراھىم، ئىسھاق ۋە ئىسرائىلنى ياد قىلغىن؛ سەن ئۇلارغا قەسەم بىلەن ۋەدە قىلىپ: «نەسلىڭلارنى ئاسماندىكى يۇلتۇزلاردەك ئاۋۇتىمەن، ئۆزۈم ئۇنىڭ توغرىسىدا سۆزلىگەن مۇشۇ زېمىننىڭ ھەممىسىنى نەسلىڭلارغا بېرىمەن، ئۇلار ئۇنىڭغا مەڭگۈ ئىگىدارچىلىق قىلىدىغان بولىدۇ» دېگەنىدىڭغۇ، ــ دېدى. 13
Call to mind Abraham and Isaac and Israel, your servants, to whom you swore by your own self and said to them, 'I will make your descendants as many as the stars in the heavens, and I will give to your descendants all this land of which I have spoken. They will inherit it forever.'”
شۇنىڭ بىلەن پەرۋەردىگار ئۆز خەلقىنىڭ ئۈستىگە: «بالايىئاپەت چۈشۈرىمەن» دېگەن نىيىتىدىن ياندى. 14
Then Yahweh relented from the punishment that he had said he would inflict on his people.
مۇسا كەينىگە بۇرۇلۇپ، ئىككى ھۆكۈم-گۇۋاھلىق تاختىيىنى قولىغا ئېلىپ تاغدىن چۈشتى. تاختايلارنىڭ ئىككى تەرىپىگە سۆزلەر پۈتۈلگەنىدى؛ ئۇ يۈزىگىمۇ، بۇ يۈزىگىمۇ پۈتۈكلۈك ئىدى. 15
Then Moses turned around and went down the mountain, carrying the two tablets of the covenant decrees in his hand. The tablets were written on both their sides, on both the front and the back.
بۇ تاختايلار بولسا خۇدانىڭ ئۆزىنىڭ ياسىغىنى، پۈتۈلگەنلىرى بولسا خۇدانىڭ ئۆزىنىڭ پۈتكىنى ئىدى، ئۇ تاختايلارغا ئويۇلغانىدى. 16
The tablets were God's own work, and the writing was God's own writing, engraved on the tablets.
يەشۇئا خەلقنىڭ كۆتۈرگەن چۇقان-سۈرەنلىرىنى، ۋارقىراشلىرىنى ئاڭلاپ مۇساغا: ــ چېدىرگاھدىن جەڭنىڭ خىتابى چىقىۋاتىدۇ، دېدى. 17
When Joshua heard the noise of the people as they shouted, he said to Moses, “There is the noise of combat in the camp.”
لېكىن ئۇ جاۋاب بېرىپ: ــ ئاڭلىنىۋاتقان ئاۋاز نە نۇسرەت تەنتەنىسى ئەمەس، نە مەغلۇبىيەتنىڭ پەريادى ئەمەس، بەلكى ناخشا-كۈي ساداسى! ــ دېدى. 18
But Moses said, “It is not the sound of a victor, and not the sound of defeated people, but the sound of singing that I hear.”
مۇسا چېدىرگاھغا يېقىن كېلىپ، موزاينى ۋە جامائەتنىڭ ئۇسسۇلغا چۈشۈپ كەتكەنلىكىنى كۆرۈپ شۇنداق دەرغەزەپ بولدىكى، تاختايلارنى قولىدىن تاشلاپ تاغنىڭ تۈۋىدە چېقىۋەتتى. 19
When Moses approached the camp, he saw the calf and the people dancing. He became very angry. He threw the tablets out of his hands and broke them at the bottom of the mountain.
ئاندىن ئۇلار ياسىغان موزاينى ئوتقا سېلىپ كۆيدۈرۈپ، ئۇنى يانجىپ كۇكۇم-تالقان قىلىپ، سۇ ئۈستىگە چېچىپ ئىسرائىللارنى ئىچىشكە مەجبۇرلىدى. 20
He took the calf that the people had made, burned it, ground it to powder, and poured it into the water. Then he made the people of Israel drink it.
ئاندىن مۇسا ھارۇنغا: سەن ئۇلارنى شۇنچە ئېغىر گۇناھقا پاتقۇزغۇدەك، مۇشۇ خەلق ساڭا نېمە قىلدى؟ ــ دېدى. 21
Then Moses said to Aaron, “What did this people do to you, that you have brought such a great sin on them?”
ھارۇن جاۋاب بېرىپ: ــ خوجامنىڭ غەزەپ-ئاچچىقى تۇتاشمىغاي! بۇ خەلقنىڭ قانداق ئىكەنلىكىنى، ئۇلارنىڭ زەزىللىككە مايىل ئىكەنلىكىنى ئوبدان بىلىسەن. 22
Aaron said, “Do not let your anger burn hot, my master. You know these people, how they are set on doing evil.
ئۇلار ماڭا: ــ «بىزگە ئالدىمىزدا يول باشلاپ ماڭىدىغان بىر ئىلاھنى ياساپ بەرگىن؛ چۈنكى بىزنى مىسىر زېمىنىدىن چىقىرىپ كەلگەن مۇسا دېگەن شۇ ئادەمگە نېمە بولغىنىنى بىلمەيمىز»، دېدى. 23
They said to me, 'Make us a god who will go before us. As for this Moses, the man who brought us up out of the land of Egypt, we do not know what has happened to him.'
مەن ئۇلارغا: «كىمدە ئالتۇن بولسا شۇنى چىقىرىپ بەرسۇن» دېسەم، ئۇلار ماڭا تاپشۇرۇپ بەردى؛ مەن ئۇنى ئوتقا تاشلىۋىدىم، مانا، بۇ موزاي چىقتى، ــ دېدى. 24
So I said to them, 'Whoever has any gold, let him take it off.' They gave me the gold and I threw it into the fire, and out came this calf.”
مۇسا خەلقنىڭ قانداقسىگە تىزگىنسىز بولۇپ كەتكەنلىكىنى كۆردى؛ چۈنكى ھارۇن ئۇلارنى دۈشمەنلىرىنىڭ ئالدىدا مەسخىرە ئوبيېكتى بولۇشقا ئۆز مەيلىگە قويۇۋەتكەنىدى. 25
Moses saw that the people were running wild (for Aaron had let them get out of control, causing their enemies to mock them).
مۇسا چېدىرگاھنىڭ كىرىش ئېغىزىغا بېرىپ، شۇ يەردە تۇرۇپ: ــ كىمكى پەرۋەردىگارنىڭ تەرىپىدە بولسا مېنىڭ يېنىمغا كەلسۇن! ــ دېدى. شۇنى دېۋىدى، لاۋىيلارنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭ قېشىغا يىغىلدى. 26
Then Moses stood at the entrance to the camp and said, “Whoever is on Yahweh's side, come to me.” All the Levites gathered around him.
ئۇ ئۇلارغا: ــ ئىسرائىلنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ «ھەربىر كىشى ئۆز قىلىچىنى يانپىشىغا ئېسىپ، چېدىرگاھنىڭ ئىچىگە كىرىپ، بۇ چېتىدىن ئۇ چېتىگىچە كېزىپ يۈرۈپ، ھەربىرى ئۆز قېرىندىشىنى، ئۆز دوست-بۇرادىرىنى، ئۆز قوشنىسىنى ئۆلتۈرسۇن!» ــ دېدى. 27
He said to them, “Yahweh, the God of Israel, says this: 'Let each man fasten his sword on his side and go back and forth from entrance to entrance throughout the camp, and kill his brother, his companion, and his neighbor.'”
شۇنىڭ بىلەن لاۋىيلار مۇسانىڭ بۇيرۇغىنى بويىچە ئىش كۆردى؛ شۇ كۈنى خەلقنىڭ ئىچىدىن ئۈچ مىڭ كىشى ئۆلتۈرۈلدى. 28
The Levites did what Moses ordered. That day about three thousand of the people died.
ئاندىن مۇسا: ــ ھەربىرىڭلار بۈگۈن ئۆزۈڭلارنى پەرۋەردىگارغا خاس بولۇشقا ئاتىدىڭلار؛ چۈنكى ھەربىرىڭلار ھەتتا ئۆز ئوغلۇڭلار ھەم قېرىندىشىڭلارنىمۇ ئايىمىدىڭلار؛ شۇنىڭ بىلەن بۈگۈن بەخت-بەرىكەتنى ئۈستۈڭلارغا چۈشۈردۇڭلار، دېدى. 29
Moses said to the Levites, “You have been placed into Yahweh's service today, for each of you has taken action against his son and his brother, so Yahweh might give you a blessing today.”
ئەتىسى مۇسا خەلققە سۆز قىلىپ: ــ سىلەر دەرۋەقە ناھايىتى ئېغىر بىر گۇناھ سادىر قىلدىڭلار. ئەمدى مانا، مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىغا چىقىمەن؛ گۇناھىڭلار ئۈچۈن كافارەت كەلتۈرەلەيمەنمىكىن، ــ دېدى. 30
The next day Moses said to the people, “You have committed a very great sin. Now I will go up to Yahweh. Perhaps I can make atonement for your sin.”
شۇنىڭ بىلەن مۇسا پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىغا يېنىپ بېرىپ: ــ ھەي...! بۇ خەلق دەرۋەقە ئېغىر بىر گۇناھ سادىر قىلىپ، ئۆزلىرىگە ئالتۇندىن ئىلاھلارنى ياساپتۇ! 31
Moses returned to Yahweh and said, “Oh, these people have committed a great sin and made themselves an idol of gold.
لېكىن ئەمدى سەن ئۇلارنىڭ گۇناھىنى ئەپۇ قىلىشقا ئۇنىغايسەن...، ئۇنىمىساڭ، ئىسمىمنى ئۆزۈڭ يازغان دەپتىرىڭدىن ئۆچۈرۈۋەتكىن! ــ دېدى. 32
But now, please forgive their sin; but if you do not, blot me out of the book that you have written.”
پەرۋەردىگار مۇساغا جاۋاب بېرىپ: ــ كىمكى مېنىڭ ئالدىمدا گۇناھ قىلغان بولسا، ئۇنىڭ ئېتىنى ئۆز دەپتىرىمدىن ئۆچۈرۈۋېتىمەن. 33
Yahweh said to Moses, “Whoever has sinned against me, that person I will blot out of my book.
ئەمدى سەن بېرىپ، مەن ساڭا ئېيتقان جايغا خەلقنى باشلاپ بارغىن. مانا، مېنىڭ پەرىشتەم ئالدىڭدا ماڭىدۇ. لېكىن ئۇلارغا جازا بېرىدىغان كۈنۈم كەلگەندە، ئۇلارغا گۇناھى ئۈچۈن جازا بېرىمەن، دېدى. 34
So now go, lead the people to the place of which I have spoken to you. See, my angel will go before you. But on the day that I punish them, I will punish them for their sin.”
بۇ سۆزدىن كېيىن پەرۋەردىگار خەلقنىڭ ھارۇننىڭ قولى بىلەن موزاينى قۇيدۇرۇپ ياساتقىنى ئۈچۈن ئۇلارنى ۋابا بىلەن جازالىدى. 35
Yahweh sent a plague on the people because they had made the calf, the one that Aaron made.

< مىسىردىن‭ ‬چىقىش‭ ‬ 32 >