< مىسىردىن‭ ‬چىقىش‭ ‬ 3 >

مۇسا بولسا قېينئاتىسى مىدىياننىڭ كاھىنى يەترونىڭ قوي پادىسىنى باقاتتى. ئۇ قويلارنى باشلاپ چۆلنىڭ ئەڭ چېتىگە خۇدانىڭ تېغى، يەنى ھورەب تېغىنىڭ باغرىغا كەلدى. 1
Mojsije pasao ovce svoga tasta Jitra, midjanskoga svećenika. Goneći tako stado po pustari, dođe do Horeba, brda Božjega.
شۇ يەردە بىر ئازغانلىقتىن ئۆرلەپ چىقىۋاتقان ئوت يالقۇنى ئىچىدىن پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى ئۇنىڭغا كۆرۈندى. مانا، ئازغانلىق ئوتتا كۆيۈۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن ئازغان ئۆزى كۆيۈپ كەتمىگەنىدى. 2
Anđeo mu se Jahvin ukaže u rasplamtjeloj vatri iz jednog grma. On se zagleda: grm sav u plamenu, a ipak ne izgara.
مۇسا: ــ مەن بېرىپ، بۇ ئاجايىپ مەنزىرىنى كۆرۈپ باقاي؛ ئازغانلىق نېمىشقا كۆيۈپ كەتمەيدىغاندۇ؟ ــ دەپ ئويلىدى. 3
“Hajde da priđem, “reče Mojsije, “i promotrim ovaj čudni prizor: zašto grm ne sagorijeva.”
پەرۋەردىگار ئۇنىڭ بۇنى كۆرگىلى يولدىن چەتنەپ [ئازغانلىققا] كەلگىنىنى كۆردى؛ خۇدا ئازغانلىق ئىچىدىن ئۇنى: ــ مۇسا! مۇسا! ــ دەپ چاقىردى. ئۇ: مانا مەن! ــ دەپ جاۋاب بەردى. 4
Kad je Jahve vidio kako prilazi da razmotri, iz grma ga Bog zovne: “Mojsije! Mojsije!” “Evo me!” - javi se.
ئۇ ئۇنىڭغا: ــ بۇ يەرگە يېقىن كەلمە؛ پۇتلىرىڭدىن كەشىڭنى سالغىن؛ چۈنكى سەن تۇرغان بۇ يەر مۇقەددەس جايدۇر. 5
“Ne prilazi ovamo!” - reče. “Izuj obuću s nogu! Jer mjesto na kojem stojiš sveto je tlo.
مەن ئاتاڭنىڭ خۇداسى، ئىبراھىمنىڭ خۇداسى، ئىسھاقنىڭ خۇداسى ۋە ياقۇپنىڭ خۇداسىدۇرمەن، ــ دېدى. بۇنى ئاڭلاپ مۇسا خۇداغا قاراشتىن قورقۇپ، يۈزىنى ئېتىۋالدى. 6
Ja sam”, nastavi, “Bog tvoga oca; Bog Abrahamov, Bog Izakov, Bog Jakovljev.” Mojsije zakloni lice: bojao se u Boga gledati.
پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا مۇنداق دېدى: ــ بەرھەق، مەن مىسىردا تۇرۇۋاتقان قوۋمىمنىڭ تارتىۋاتقان ئازاب-ئوقۇبەتلىرىنى كۆردۇم، نازارەتچىلەرنىڭ ئۇلارنى [خارلاۋاتقانلىقىدىن] قىلغان پەريادىنى ئاڭلىدىم؛ چۈنكى مەن ئۇلارنىڭ دەردلىرىنى بىلىمەن. 7
“Vidio sam jade svoga naroda u Egiptu”, nastavi Jahve, “i čuo mu tužbu na tlačitelje njegove. Znane su mi muke njegove.
شۇڭا مەن ئۇلارنى مىسىرلىقلارنىڭ قولىدىن قۇتقۇزۇپ، شۇ زېمىندىن چىقىرىپ، ياخشى ھەم كەڭ بىر زېمىنغا، سۈت بىلەن ھەسەل ئېقىپ تۇرىدىغان بىر زېمىنغا، يەنى قانائانىي، ھىتتىي، ئامورىي، پەرىززىي، ھىۋىي ۋە يەبۇسىيلارنىڭ يۇرتىغا ئېلىپ بېرىشقا چۈشتۈم. 8
Zato sam sišao da ga izbavim iz šaka egipatskih i odvedem ga iz te zemlje u dobru i prostranu zemlju - u zemlju kojom teče med i mlijeko: u postojbinu Kanaanaca, Hetita, Amorejaca, Perižana, Hivijaca i Jebusejaca.
مانا ئەمدى ئىسرائىللارنىڭ نالە-پەريادى ماڭا يەتتى، مىسىرلىقلارنىڭ ئۇلارغا قانداق زۇلۇم قىلغانلىقىنىمۇ كۆردۈم. 9
Vapaji sinova Izraelovih dopriješe do mene. I sam vidjeh kako ih Egipćani tlače.
ئەمدى سەن كەل، مەن سېنى خەلقىم ئىسرائىللارنى مىسىردىن ئېلىپ چىقىرىش ئۈچۈن پىرەۋننىڭ ئالدىغا ئەۋەتىمەن، ــ دېدى. 10
Zato, hajde! Ja te šaljem faraonu da izbaviš narod moj, Izraelce, iz Egipta.”
لېكىن مۇسا خۇداغا: ــ مەن كىم ئىدىم، پىرەۋننىڭ ئالدىغا بېرىپ ئىسرائىللارنى مىسىردىن چىقىرالىغۇدەك؟ ــ دېدى. 11
“Tko sam ja da se uputim faraonu”, odgovori Mojsije Bogu, “i izvedem Izraelce iz Egipta!”
ئۇ جاۋاب بېرىپ: ــ بەرھەق، مەن سەن بىلەن بىللە بولىمەن؛ سەن قوۋمنى مىسىردىن ئېلىپ چىققاندىن كېيىن بۇ تاغدا خۇداغا ئىبادەت قىلىسىلەر؛ بۇ ئىش مانا ئۆزۈڭگە مېنىڭ سېنى ئەۋەتكىنىمنىڭ ئىسپات-بەلگىسى بولىدۇ، ــ دېدى. ۈ 12
“Ja ću biti s tobom”, nastavi. “I ovo će ti biti znak da sam te ja poslao: kad izvedeš narod iz Egipta, Bogu ćete iskazati štovanje na ovome brdu.”
شۇنىڭ بىلەن مۇسا خۇداغا: ــ مەن ئىسرائىللارنىڭ قېشىغا بېرىپ ئۇلارغا: «ئاتا-بوۋىلىرىڭلارنىڭ خۇداسى مېنى قېشىڭلارغا ئەۋەتتى» دېسەم، ئۇلار مەندىن: «ئۇنىڭ نامى نېمە؟» ــ دەپ سورىسا، ئۇلارغا نېمە دەپ جاۋاب بېرىمەن؟ ــ دېدى. 13
Nato Mojsije reče Bogu: “Ako dođem k Izraelcima pa im kažem: 'Bog otaca vaših poslao me k vama', i oni me zapitaju: 'Kako mu je ime?' - što ću im odgovoriti?”
خۇدا مۇساغا: ــ مەن «ئەزەلدىن بار بولغۇچى»دۇرمەن ــ دېدى. ئاندىن ئۇ: ــ بېرىپ، ئىسرائىللارغا: ««ئەزەلدىن بار بولغۇچى» مېنى قېشىڭلارغا ئەۋەتتى» دەپ ئېيتقىن، دېدى. 14
“Ja sam koji jesam”, reče Bog Mojsiju. Onda nastavi: “Ovako kaži Izraelcima: 'Ja jesam' posla me k vama.”
خۇدا مۇساغا يەنە: ــ ئىسرائىللارغا: ــ «ئاتا-بوۋىلىرىڭلارنىڭ خۇداسى، ئىبراھىمنىڭ خۇداسى، ئىسھاقنىڭ خۇداسى ۋە ياقۇپنىڭ خۇداسى بولغان «ياھۋەھ» مېنى قېشىڭلارغا ئەۋەتتى؛ ئۇ: [ياھۋەھ دېگەن] بۇ نام ئەبەدگىچە مېنىڭ نامىم بولىدۇ، دەۋردىن-دەۋرگىچە مەن شۇ نام بىلەن ئەسكە ئېلىنىمەن، دەيدۇ» ــ دېگىن. 15
Dalje je Bog Mojsiju rekao: “Kaži Izraelcima ovako: 'Jahve, Bog vaših otaca, Bog Abrahamov, Bog Izakov i Bog Jakovljev, poslao me k vama.' To mi je ime dovijeka, tako će me zvati od koljena do koljena.”
ــ بېرىپ، ئىسرائىلنىڭ ئاقساقاللىرىنى يىغىپ ئۇلارغا: ــ «ئاتا-بوۋىلىرىڭلارنىڭ خۇداسى، يەنى ئىبراھىم، ئىسھاق ۋە ياقۇپنىڭ خۇداسى بولغان پەرۋەردىگار ماڭا كۆرۈنۈپ: ــ مەن سىلەرنى يوقلاپ كەلدىم، مىسىردا سىلەرگە قانداق مۇئامىلە قىلىنىۋاتقانلىقىنى كۆردۈم؛ 16
“Idi, skupi starješine Izraelaca pa im kaži: 'Jahve, Bog otaca - Bog Abrahamov, Izakov i Jakovljev - objavio mi se i rekao mi: Pohodio sam vas i razabrao što vam se čini u Egiptu.
شۇنىڭ ئۈچۈن سۆزۈم شۇدۇركى، مەن سىلەرنى مىسىرنىڭ زۇلۇمىدىن چىقىرىپ، قانائانىيلار، ھىتتىيلار، ئامورىيلار، پەرىززىيلەر، ھىۋىيلار ۋە يەبۇسىيلارنىڭ زېمىنى، يەنى سۈت بىلەن ھەسەل ئېقىپ تۇرىدىغان زېمىنغا ئېلىپ بارىمەن، دېدى، ــ دېگىن، دېدى. 17
Odlučio sam vas izvesti iz egipatske bijede u zemlju Kanaanaca, Hetita, Amorejaca, Perižana, Hivijaca i Jebusejaca - u zemlju kojom teče med i mlijeko!'
ــ شۇنىڭ بىلەن ئۇلار سېنىڭ سۆزۈڭگە قۇلاق سالىدىغان بولىدۇ. ئۇ ۋاقىتتا سەن، ئۆزۈڭ ۋە ئىسرائىلنىڭ ئاقساقاللىرى بىلەن بىرگە مىسىر پادىشاھىنىڭ ئالدىغا بېرىپ، ئۇنىڭغا: «ئىبرانىيلارنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگار بىز بىلەن كۆرۈشتى. ئەمدى سىزدىن ئۆتۈنىمىزكى، بىزگە ئۈچ كۈنلۈك يولنى بېسىپ، چۆلگە بېرىپ، خۇدايىمىز پەرۋەردىگارغا قۇربانلىق قىلىشقا ئىجازەت بەرگەيسىز» ــ دەڭلار. 18
Oni će te poslušati. Onda pođi sa starješinama Izraelaca k egipatskom kralju i reci mu: 'Objavio nam se Jahve, Bog Hebreja. Pusti nas da odemo tri dana hoda u pustinju, da ondje prinesemo žrtvu Jahvi, Bogu svojemu.'
لېكىن مىسىر پادىشاھىنىڭ ھەتتا قۇدرەتلىك بىر قولنىڭ ئاستىدا تۇرۇپمۇ، سىلەرنى يەنىلا قويۇپ بەرمەيدىغىنىنى بىلىمەن. 19
Znam ja da vas egipatski kralj neće pustiti ako ne bude natjeran teškom šakom.
شۇڭا قولۇمنى ئۇزىتىپ، مىسىرلىقلارنى مەن ئۆز زېمىنى ئىچىدە كۆرسەتمەكچى بولغان ھەرخىل كارامەت-مۆجىزىلىرىم بىلەن ئۇرىمەن؛ ئاندىن [پىرەۋن] سىلەرنى قويۇپ بېرىدۇ. 20
Zato ću ja pružiti svoju šaku i pritisnuti Egipat svakovrsnim čudesima što ću ih u njemu izvesti. Poslije će vas pustiti.
بۇ قوۋمنى مىسىرلىقلارنىڭ ئالدىدا ئىلتىپات تاپتۇرىمەن ۋە شۇنىڭ بىلەن شۇنداق بولىدۇكى، سىلەر شۇ يەردىن چىققىنىڭلاردا، قۇرۇق قول چىقمايسىلەر. 21
Dobro ću raspoložiti Egipćane prema ovome narodu, pa kad pođete, nećete poći praznih ruku.
بەلكى ھەربىر ئايال كىشى ئۆز قوشنىسىدىن ۋە ئۆز ئۆيىدە ئولتۇرۇشلۇق يات ئايالدىن كۈمۈش زىننەت بۇيۇملىرى، ئالتۇن زىننەت بۇيۇملىرى ۋە كىيىم-كېچەكلەرنى تەلەپ قىلىدۇ. بۇ نەرسىلەرنى ئوغۇل-قىزلىرىڭلارغا تاقايسىلەر، كىيدۈرىسىلەر؛ شۇ تەرىقىدە مىسىرلىقلاردىن ئولجا ئالغان بولىسىلەر، ــ دېدى. 22
Svaka će žena zatražiti od svoje susjede i stanarke u svojoj kući nakita srebrnog i zlatnog i odjeće. To stavite na svoje sinove i kćeri. Tako ćete oplijeniti Egipćane.”

< مىسىردىن‭ ‬چىقىش‭ ‬ 3 >