< روسۇللارنىڭ پائالىيەتلىرى 12 >

شۇ چاغلاردا، ھېرود پادىشاھ جامائەتتىكىلەردىن بەزىلىرىگە زىيانكەشلىك قىلماقچى بولۇپ ئۇلارغا قول سالدى. 1
ئۇ يۇھاننانىڭ ئاكىسى ياقۇپنى قىلىچلاپ ئۆلتۈردى. 2
ئۆزىنىڭ بۇ قىلغان ئىشىنىڭ يەھۇدىيلارغا ياققانلىقىنى كۆرۈپ، ئۇ پېترۇسنىمۇ تۇتقۇن قىلدۇرۇدى (شۇ چاغدا «پېتىر نان ھېيتى» مەزگىلى ئىدى). 3
پېترۇسنى تۇتقاندىن كېيىن، ئۇنى زىندانغا تاشلاپ، تۆت لەشكەر بىر گۇرۇپپا قىلىنغان تۆت قاراۋۋۇل توپىغا تاپشۇردى. پاسخا ھېيتتىن كېيىن، ھېرود ئۇنى خالايىق ئالدىدا سوراق قىلماقچى ئىدى. 4
شۇڭا پېترۇس زىنداندا تۇتۇپ قېلىندى. لېكىن جامائەت خۇداغا جان-دىل بىلەن ئۇنىڭ ئۈچۈن دۇئا قىلىشىۋاتاتتى. 5
ئەمدى ھېرود ئۇنى ئېلىپ چىقىپ سوت قىلىشنىڭ ئالدىنقى كېچىسى، پېترۇس ئىككى زەنجىر بىلەن باغلاقلىق پېتى، ئىككى قاراۋۇلنىڭ ئوتتۇرىسىدا ئۇخلاۋاتاتتى؛ ئىشىكنىڭ سىرتىدىمۇ بىرنەچچە قاراۋۇل زىنداننى كۆزەت قىلىۋاتاتتى. 6
ۋە تۇيۇقسىز رەبنىڭ بىر پەرىشتىسى كۆرۈنۈپ، بىر نۇر كامېرنى يورۇتتى. پەرىشتە پېترۇسنىڭ بىقىنىغا نوقۇپ: ــ تېز تۇر! ــ دەپ ئويغاتتى. ئۇنىڭ قوللىرىدىكى زەنجىر شۇ ھامان بوشاپ چۈشۈپ كەتتى. 7
پەرىشتە ئۇنىڭغا: ــ بېلىڭنى باغلىۋال! كەشىڭنىمۇ كىي! ــ دېدى. پېترۇس ئۇنىڭ دېگىنىنى قىلدى. ئاندىن ئۇ: ــ چاپىنىڭنى يېپىنچاقلاپ كەينىمدىن ماڭ! ــ دېدى. 8
پېترۇس ئۇنىڭغا ئەگىشىپ [كامېردىن] چىقتى. بىراق ئۇ پەرىشتىنىڭ ۋاسىتىسى بىلەن بولۇۋاتقان بۇ ئىشلارنىڭ راستلىقىنى بىلمەي، بەلكى بىر غايىبانە كۆرۈنۈش كۆرۈپتىمەن، دەپ ئويلاۋاتاتتى. 9
ئۇلار بىرىنچى ۋە ئىككىنچى كۆزەتتىن ئۆتۈپ، زىنداننىڭ شەھەرگە چىقىدىغان تۆمۈر دەرۋازىسىغا بارغاندا، دەرۋازا ئۇلار ئۈچۈن ئۆزلۈكىدىن ئېچىلىپ كەتتى. ئۇلار چىقىپ، بىر كوچىدىن ئۆتكەندە، پەرىشتە تۇيۇقسىز ئۇنىڭ يېنىدىن كەتتى. 10
شۇ چاغدا، پېترۇس ئېسىگە كېلىپ، ئۆز-ئۆزىگە: «دەرۋەقە ئەمدى رەب ئۆز پەرىشتىسىنى ئەۋەتىپ، مېنى ھېرودنىڭ قولىدىن ۋە يەھۇدىي خەلقىنىڭ كۈتكەنلىرىنىڭ ھەممىسىدىن قۇتقۇزۇپتۇ، دەپ بىلدىم» ــ دېدى. 11
ھەقىقىي ئەھۋالنى چۈشىنىپ يەتكەندە، ئۇ ماركۇس دەپمۇ ئاتىلىدىغان يۇھاننانىڭ ئانىسى مەريەمنىڭ ئۆيىگە باردى. ئۇ يەردە نۇرغۇن كىشىلەر يىغىلىپ دۇئا-تىلاۋەت قىلىۋاتاتتى. 12
ئۇ دەرۋازىنىڭ ئىشىكىنى قاققاندا، رودا ئىسىملىك بىر دېدەك ئاۋازنى ئاڭلاپ چىقتى. 13
ئۇ پېترۇسنىڭ ئاۋازىنى تونۇپ، خۇشاللىقىدىن ئىشىكنى ئېچىشقىمۇ ئۈلگۈرمەي يۈگۈرۈپ كېلىپ، ھەممەيلەنگە: ــ پېترۇس دەرۋازا ئالدىدا تۇرىدۇ! ــ دەپ خەۋەر قىلدى. 14
لېكىن ئۇلار: ــ ساراڭ بولۇپ قالدىڭغۇ! ــ دېيىشتى. بىراق ئۇ: ــ راست شۇنداق، دەپ تۇرۇۋالدى. ئۇلار: ــ ئۇ ئۇنىڭ پەرىشتىسى بولسا كېرەك! ــ دېيىشتى. 15
بىراق پېترۇس دەرۋازىنى قېقىۋەردى. ئۇلار چىقىپ دەرۋازىنى ئېچىپ، ئۇنىڭ ئۆزىنى كۆرگەندە ھەممەيلەن ھاڭ-تاڭ بولۇشتى. 16
پېترۇس ئۇلارغا ئۈن چىقارماسلىققا قول ئىشارىتى قىلىپ، ئۇلارغا رەبنىڭ ئۆزىنى زىنداندىن قانداق ئېلىپ چىققانلىقىنى ئېيتىپ بەردى. ئاندىن كېيىن، ئۇ: ــ بۇ خەۋەرنى ياقۇپقا ۋە قېرىنداشلارغا يەتكۈزۈپ قويۇڭلار، ــ دەپ، ئۆزى ئۇ يەردىن باشقا يەرگە كەتتى. 17
تاڭ ئاتقاندا، قاراۋۇللار پېترۇس زادى نېمە بولدى دەپ سارىسىمىگە چۈشتى. 18
ھېرود ئۇنى ئىزدەپ ئۇنىڭ ئىز-دېرىكىنى تاپالمىغاچقا، قاراۋۇللارنى سوراق قىلىپ، ئۇلارنى ئۆلۈمگە مەھكۇم قىلىشنى بۇيرۇدى. بۇ ئىشتىن كېيىن، ئۇ يەھۇدىيەدىن چۈشۈپ قەيسەرىيە شەھىرىگە بېرىپ شۇ يەردە تۇردى. 19
ئەسلىدە ھېرود [خان] بىلەن تۇر ۋە زىدوندىكىلەر ئارىسىدا قاتتىق جېدەل بار ئىدى. ھالبۇكى، تۇر ۋە زىدوندىكىلەر بىرلىشىپ، ھېرودنىڭ ئالدىغا كەلدى. ئۇنىڭ بىلەن يارىشىۋېلىش ئۈچۈن ئۇلار ئالدى بىلەن خاننىڭ بىلاستۇس ئىسىملىك شەخسىي غوجىدارىنى ئۆزلىرىگە يار-يۆلەك بولۇشقا قايىل قىلغانىدى. چۈنكى بۇ يۇرتتىكىلەر ئاشلىقنى خاننىڭ ئىلكىدىكى جايلاردىن ئالاتتى. 20
بەلگىلەنگەن كۆرۈشۈش كۈنىدە ھېرود شاھانە تونلىرىنى كىيىپ، سوراق تەختىدە ئولتۇرۇپ، ئۇلارغا نۇتۇق سۆزلىدى. 21
ئاڭلىغان خەلق: ــ بۇ ئادەمنىڭ ئاۋازى ئەمەس، بەلكى بىر ئىلاھنىڭ ئاۋازىدۇر! ــ دەپ ۋارقىراشتى. 22
شۇئان پەرۋەردىگارنىڭ بىر پەرىشتىسى خاننى ئۇردى؛ چۈنكى ئۇ شان-شەرەپنى خۇداغا بېغىشلىمىدى. نەتىجىدە، ئۇ قۇرتقا يەم بولۇپ ئۆلدى. 23
ئەمما خۇدانىڭ سۆز-كالامى داۋاملىق بەرق ئۇرۇپ كېڭەيدى. 24
بارناباس بىلەن سائۇل يېرۇسالېمدا ئىئانىلىرىنى تاپشۇرۇش خىزمىتىنى ئادا قىلغاندىن كېيىن، ئانتاكياغا قايتىپ كەتتى. ئۇلار ماركۇس دەپمۇ ئاتىلىدىغان يۇھاننانى بىللە ئېلىپ باردى. 25

< روسۇللارنىڭ پائالىيەتلىرى 12 >