< سامۇئىل 2 3 >

ھالبۇكى، سائۇلنىڭ جەمەتى بىلەن داۋۇتنىڭ جەمەتى ئوتتۇرسىدىكى جەڭ ئۇزۇن ۋاقىتقىچە داۋاملاشتى؛ داۋۇتنىڭ جەمەتى بارغانسېرى كۈچەيدى، لېكىن سائۇلنىڭ جەمەتى بارغانسېرى ئاجىزلاشماقتا ئىدى. 1
사울의 집과 다윗의 집 사이에 전쟁이 오래매 다윗은 점점 강하여 가고 사울의 집은 점점 약하여 가니라
ھېبروندا داۋۇت بىر قانچە ئوغۇللۇق بولدى، ئۇنىڭ تۇنجىسى ئامنون بولۇپ، يىزرەئەللىك ئاھىنوئامدىن تۇغۇلدى؛ 2
다윗이 헤브론에서 아들들을 낳았으되 맏아들은 암논이라 이스르엘여인 아히노암의 소생이요
ئىككىنچىسى كىلېئاب بولۇپ كارمەللىك نابالنىڭ ئايالى بولغان ئابىگائىلدىن تۇغۇلدى. ئۈچىنچىسى ئابشالوم ئىدى. ئۇ گەشورنىڭ پادىشاھى تالماينىڭ قىزى مائاكاھدىن تۇغۇلغانىدى، 3
둘째는 길르압이라 갈멜 사람 나발의 아내 되었던 아비가일의 소생이요 세째는 압살롬이라 그술 왕 달매의 딸 마아가의 아들이요
تۆتىنچىسى ئادونىيا بولۇپ ھاگگىتتىن تۇغۇلغان ئىدى. بەشىنچىسى شەفاتىيا بولۇپ ئابىتالدىن تۇغۇلغان ئىدى. 4
네째는 아도니야라 학깃의 아들이요 다섯째는 스바댜라 아비달의 아들이요
ئالتىنچىسى يىترىئام بولۇپ داۋۇتنىڭ ئايالى ئەگلاھدىن تۇغۇلدى. داۋۇتنىڭ بۇ ئالتە ئوغلىنىڭ ھەممىسى ھېبروندا تۇغۇلدى. 5
여섯째는 이드르암이라 다윗의 아내 에글라의 소생이니 이는 다윗이 헤브론에서 낳은 자들이더라
سائۇلنىڭ جەمەتى بىلەن داۋۇتنىڭ جەمەتى ئوتتۇرىسىدىكى جەڭ داۋامىدا، ئابنەر سائۇلنىڭ جەمەتىدە ئۆز ھوقۇقىنى كۈچەيتتى. 6
사울의 집과 다윗의 집 사이에 전쟁이 있는 동안에 아브넬이 사울의 집에서 점점 권세를 잡으니라
ئەمدى سائۇلنىڭ بىر كىنىزىكى بار ئىدى؛ ئۇ ئاياھنىڭ قىزى بولۇپ، ئىسمى رىزپاھ ئىدى. بىر كۈنى ئىشبوشەت ئابنەرگە: نېمىشقا ئاتامنىڭ كېنىزىكى بىلەن بىللە بولدۇڭ؟ ــ دېدى. 7
사울에게 첩이 있었으니 이름은 리스바요 아야의 딸이더라 이스보셋이 아브넬에게 이르되 `네가 어찌하여 내 아버지의 첩을 통간하였느냐?'
ئابنەر ئىشبوشەتنىڭ بۇ سۆزلىرىگە ئىنتايىن ئاچچىقلىنىپ مۇنداق دېدى: ــ «مەن بۈگۈنكى كۈندىمۇ ئاتاڭ سائۇلنىڭ جەمەتىگە، ئۇنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرىغا ۋە دوستلىرىغا مېھرىبانلىق كۆرسىتىپ، سېنى داۋۇتنىڭ قولىغا تاپشۇرمىغان تۇرسام، مېنى يەھۇداغا تەۋە بىر ئىتىنىڭ بېشىدەك كۆرۈپ، بۈگۈن بۇ خوتۇن ئۈچۈن مېنى گۇناھقا بۇيرۇماقچىمۇسەن؟ 8
아브넬이 이스보셋의 말을 매우 분히 여겨 가로되 `내가 유다의 개 대강이뇨 내가 오늘날 당신의 아버지 사울의 집과 그 형제와 그 친구에게 은혜를 베풀어서 당신을 다윗의 손에 내어주지 아니하였거늘 당신이 오늘날 이 여인에게 관한 허물을 내게 돌리는도다
مەن پەرۋەردىگارنىڭ داۋۇتقا قەسەم بىلەن ۋەدە قىلغىنىدەك قىلمىسام خۇدا مەنكى ئابنەرنى قاتتىق ئۇرسۇن ۋە ئۇنىڭدىن ئارتۇق ئۇرسۇن! 9
여호와께서 다윗에게 맹세하신 대로 내가 이루게 아니하면 하나님이 아브넬에게 벌 위에 벌을 내리심이 마땅하니라
ــ يەنى، پادىشاھلىقنى سائۇلنىڭ جەمەتىدىن يۆتكەپ، داۋۇتنىڭ تەختىنى داندىن بەئەر-شېباغىچە پۈتكۈل ئىسرائىل بىلەن يەھۇدانىڭ ئۈستىگە تىكلىمىسەم!». 10
그 맹세는 곧 이 나라를 사울의 집에서 다윗에게 옮겨서 그 위를 단에서 브엘세바까지 이스라엘과 유다에 세우리라 하신 것이니라' 하매
ئىشبوشەت ئابنەردىن قورقۇپ، ئۇنىڭغا جاۋابەن بىر ئېغىز سۆز قىلىشقىمۇ جۈرئەت قىلالمىدى. 11
이스보셋이 아브넬을 두려워하여 감히 한 말도 대답지 못하니라
ئابنەر بولسا ئۆزى ئۈچۈن ئەلچىلەرنى داۋۇتنىڭ قېشىغا ماڭدۇرۇپ ئۇنىڭغا: زېمىن كىمنىڭكى؟ مەن بىلەن ئەھدە تۈزگىن، مېنىڭ قولۇم سېنىڭ تەرىپىڭدە بولۇپ، پۈتكۈل ئىسرائىلنى ساڭا مايىل قىلىمەن ــ دېدى. 12
아브넬이 자기를 대신하여 사자들을 다윗에게 보내어 가로되 `이 땅이 뉘 것이니이까' 또 가로되 `당신은 나로 더불어 언약하사이다 내 손이 당신을 도와 온 이스라엘로 당신에게 돌아가게 하리이다'
داۋۇت جاۋاب بېرىپ: ــ بولىدۇ، مەن سەن بىلەن ئەھدە قىلاي. پەقەت بىرلا ئىشنى تەلەپ قىلاي؛ مېنىڭ قېشىمغا كەلگەندە سائۇلنىڭ قىزى مىقالنى ئېلىپ كەلمىسەڭ، يۈزۈمنى كۆرەلمەيسەن، دېدى. 13
다윗이 가로되 `좋다 내가 너와 언약하려니와 내가 네게 한가지 일을 요구하노니 나를 보러 올 때에 위선 사울의 딸 미갈을 데리고 오라 그렇지 않으면 내 얼굴을 보지 못하리라' 하고
ئاندىن داۋۇت ئىشبوشەتنىڭ قېشىغا ئەلچىلەرنى ماڭدۇرۇپ: مەن بىر يۈز فىلىستىينىڭ خەتنىلىكى بەدىلى بىلەن ئالغان ئايالىم مىقالنى ماڭا قايتۇرۇپ بەرگىن ــ دېدى. 14
사울의 아들 이스보셋에게 사자들을 보내어 이르되 `내 처 미갈을 내게로 돌리라 저는 내가 전에 블레셋 사람의 양피 일백으로 정혼한 자니라'
ئىشبوشەت ئادەم ئەۋەتىپ مىقالنى ئۇنىڭ ئېرىدىن، يەنى لائىشنىڭ ئوغلى پالتىيەلدىن ئېلىپ كەلدى. 15
이스보셋이 보내어 그 남편 라이스의 아들 발디엘에게서 취하매
لېكىن ئۇنىڭ ئېرى باخۇرىمغىچە ئۇنىڭ كەينىدىن يىغلىغان پېتى ئەگىشىپ ماڭدى. ئاخىر بېرىپ ئابنەر ئۇنىڭغا: ــ يېنىپ كەتكىن، دېۋىدى، ئۇ قايتىپ كەتتى. 16
그 남편이 저와 함께 오되 울며 바후림까지 따라 왔더니 아브넬이 저에게 돌아가라 하매 돌아가니라
ئەمدى ئابنەر ئىسرائىلنىڭ ئاقساقاللىرىغا: سىلەر بۇرۇن داۋۇت ئۈستىمىزگە پادىشاھ بولسۇن، دېگەن ئارزۇ-ئىستەكتە بولدۇڭلار. 17
아브넬이 이스라엘 장로들에게 말하여 가로되 `너희가 여러번 다윗으로 너희 임금 삼기를 구하였으니
ئەمدى ھازىر ھەرىكەت قىلىڭلار؛ چۈنكى پەرۋەردىگار داۋۇت توغرىسىدا: ــ قۇل-بەندەم داۋۇتنىڭ قولى بىلەن ئىسرائىل خەلقىمنى فىلىستىيلەرنىڭ قولىدىن، شۇنداقلا بارلىق دۈشمەنلىرىنىڭ قولىدىن قۇتقۇزىمەن، ــ دېگەنىدى. 18
이제 그대로 하라 여호와께서 이미 다윗에 대하여 말씀하시기를 내가 내 종 다윗의 손으로 내 백성 이스라엘을 구원하여 블레셋 사람의 손과 모든 대적의 손에서 벗어나게 하리라 하셨음이니라' 하고
ئابنەر يەنە بىنيامىنلارنىڭ قۇلىقىغىمۇ مۇشۇ سۆزلەرنى ئېيتتى. ئاندىن ئىسرائىل بىلەن بىنيامىننىڭ پۈتكۈل جەمەتىنىڭ ئارزۇ-ئىستەكلىرىنى داۋۇتنىڭ قۇلىقىغا ئېيتىشقا ھېبرونغا باردى. 19
아브넬이 또 베냐민 사람의 귀에 말하고 이스라엘과 베냐민의 온 집이 선히 여기는 모든 것을 다윗의 귀에 고하려고 헤브론으로 가니라
شۇنداق قىلىپ ئابنەر يىگىرمە ئادەمنىڭ ھەمراھلىقىدا ھېبرونغا داۋۇتنىڭ قېشىغا كەلگەندە داۋۇت ئابنەر ۋە ئۇنىڭ ئادەملىرىگە بىر زىياپەت تەييارلىدى. 20
아브넬이 종자 이십인으로 더불어 헤브론에 이르러 다윗에게 나아가니 다윗이 아브넬과 그 함께 한 사람을 위하여 잔치를 배설하였더라
ئابنەر داۋۇتقا: مەن قوزغىلىپ پۈتكۈل ئىسرائىلنى غوجام پادىشاھنىڭ ئالدىغا جەم قىلاي، ئۇلار سېنىڭ بىلەن ئەھدە قىلىشسۇن، ئاندىن سەن ئۆز كۆڭلۈڭ خالىغاننىڭ بارلىقى ئۈستىدىن سەلتەنەت قىلالايدىغان بولىسەن، دېدى. شۇنىڭ بىلەن داۋۇت ئابنەرنى يولغا سېلىپ قويدى، ئۇ ئامان-ئېسەن قايتىپ كەتتى. 21
아브넬이 다윗에게 고하되 `내가 일어나 가서 온 이스라엘 무리를 내 주 왕의 앞에 모아 더불어 언약하게 하고 마음의 원하시는 대로 모든 것을 다스리시게 하리이다' 이에 다윗이 아브넬을 보내매 저가 평안히 가니라
مانا، شۇ ئەسنادا داۋۇتنىڭ ئادەملىرى بىلەن يوئاب بىر يەرگە ھۇجۇم قىلىپ نۇرغۇن ئولجا ئېلىپ قايتىپ كەلدى. لېكىن ئابنەر شۇ چاغدا ھېبروندا داۋۇتنىڭ قېشىدا يوق ئىدى؛ چۈنكى داۋۇتنىڭ ئۇزىتىپ قويۇشى بىلەن ئامان-ئېسەن قايتىپ كەتكەنىدى. 22
다윗의 신복들과 요압이 적군을 치고 크게 노략한 물건을 가지고 돌아오니 아브넬은 이미 보냄을 받아 평안히 갔고 다윗과 함께 헤브론에 있지 아니한 때라
يوئاب ۋە ئۇنىڭ بىلەن بولغان پۈتكۈل قوشۇن يېتىپ كەلگەندە، خەلق ئۇنىڭغا: نەرنىڭ ئوغلى ئابنەر پادىشاھنىڭ قېشىغا كەلدى، پادىشاھ ئۇنى يولغا سېلىپ قويۇشى بىلەن ئۇ ئامان-ئېسەن قايتىپ كەتتى ــ دېدى. 23
요압과 그 함께 한 모든 군사가 돌아오매 혹이 요압에게 고하여 가로되 `넬의 아들 아브넬이 왕에게 왔더니 왕이 보내매 저가 평안히 갔나이다'
ئاندىن يوئاب پادىشاھنىڭ قېشىغا بېرىپ: بۇ سېنىڭ نېمە قىلغىنىڭ؟! مانا، ئابنەر قېشىڭغا كەپتۇ! نېمىشقا ئۇنى يولغا سېلىپ قويدۇڭ؟ ئۇ ھازىر كېتىپتۇ! 24
요압이 왕에게 나아가 가로되 `어찌 하심이니이까? 아브넬이 왕에게 나아왔거늘 어찌하여 저를 보내어 잘 가게 하셨나이까?
سەن نەرنىڭ ئوغلى ئابنەرنى بىلىسەنغۇ! ئۇنىڭ كېلىشى جەزمەن سېنى ئالداش ئۈچۈن، سېنىڭ چىقىپ-كىرىدىغان يولۇڭنى، شۇنداقلا بارلىق ئىش-پائالىيىتىڭنى بىلىۋېلىش ئۈچۈندۇر، ــ دېدى. 25
왕도 아시려니와 넬의 아들 아브넬의 온 것은 왕을 속임이라 왕의 출입하는 것을 알고 모든 하시는 것을 알려 함이니이다' 하고
يوئاب داۋۇتنىڭ قېشىدىن چىقىشى بىلەن ئۇ خەۋەرچىلەرنى ئابنەرنىڭ كەينىدىن ماڭدۇردى. ئۇلار ئۇنى سىراھ قۇدۇقىنىڭ يېنىدىن ياندۇرۇپ ئېلىپ كەلدى؛ لېكىن داۋۇت بۇ ئىشتىن بىخەۋەر ئىدى. 26
이에 다윗에게서 나와서 사자들을 보내어 아브넬을 쫓아가게 하였더니 시라 우물가에서 저를 데리고 돌아왔으나 다윗은 알지 못하였더라
ئابنەر ھېبرونغا يېنىپ كەلگەندە يوئاب ئۇنى شەھەر قوۋۇقىدا ئۇچرىتىپ، «ساڭا دەيدىغان مەخپىي سۆزۈم بار ئىدى» دەپ ئۇنى بىر چەتكە ئەكىلىپ ئۇ يەردە ئىنىسى ئاساھەلنىڭ قان قىساسىنى ئېلىش ئۈچۈن قورسىقىغا پىچاق سالدى، شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئۆلدى. 27
아브넬이 헤브론으로 돌아오매 요압이 더불어 종용히 말하려는 듯이 저를 데리고 성문으로 들어가서 거기서 배를 찔러 죽이니 이는 자기의 동생 아사헬의 피를 인함이더라
كېيىن، داۋۇت بۇ ئىشنى ئاڭلاپ: مەن ۋە پادىشاھلىقىم پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا نەرنىڭ ئوغلى ئابنەرنىڭ ئاققان قېنى ئۈچۈن مەڭگۈ بىگۇناھدۇرمىز؛ 28
그 후에 다윗이 듣고 이르되 `넬의 아들 아브넬의 피에 대하여 나와 내 나라는 여호와 앞에 영원히 무죄하니
[ئۇنىڭ قېنىنى ئاققۇزۇش] گۇناھى يوئابنىڭ بېشىغا ۋە ئاتىسىنىڭ جەمەتىنىڭ بېشىغا قاينام بولۇپ چۈشسۇن؛ يوئابنىڭ ئائىلىسىدىن ئاقما يارا كېسىلى، ياكى ماخاۋ كېسىلى، ياكى ھاسىغا تايانغۇچى، قىلىچتىن ئۆلگۈچى ياكى ئاش-تۈلۈكسىزلەر ئۆكسۈمىسۇن! ــ دېدى. 29
그 죄가 요압의 머리와 그 아비의 온 집으로 돌아갈지어다 또 요압의 집에서 백탁병자나 문둥병자나 지팡이를 의지하는 자나 칼에 죽는 자나 양식이 핍절한 자가 끊어지지 아니할지로다' 하니라
شۇنداق قىلىپ، ئابنەر گىبېئوندىكى جەڭدە ئۇلارنىڭ ئىنىسى ئاساھەلنى ئۆلتۈرگىنى ئۈچۈن، يوئاب بىلەن ئىنىسى ئابىشاي ئۇنى ئۆلتۈردى. 30
요압과 그 동생 아비새가 아브넬을 죽인 것은 저가 기브온 전쟁에서 자기 동생 아사헬을 죽인 까닭이었더라
داۋۇت يوئابقا ۋە ئۇنىڭغا ئەگەشكەن بارلىق خەلققە: كىيىملىرىڭلارنى يىرتىڭلار! بۆز كىيىم كىيىڭلار! ئابنەرنىڭ [مېيىتى] ئالدىدا ماتەم تۇتۇڭلار! دېدى. داۋۇت پادىشاھ [ئابنەرنىڭ] جىنازىسىنىڭ كەينىدىن ماڭدى. 31
다윗이 요압과 및 자기와 함께 있는 모든 백성에게 이르되 `너희는 옷을 찢고 굵은 베를 띠고 아브넬 앞에서 애통하라' 하니라 다윗 왕이 상여를 따라 가서
ئۇلار ئابنەرنى ھېبروندا دەپنە قىلدى، پادىشاھ ئابنەرنىڭ قەبرىسىنىڭ يېنىدا ئاۋازىنى كۆتۈرۈپ يىغلىدى؛ خەلقنىڭ ھەممىسىمۇ يىغلاشتى. 32
아브넬을 헤브론에 장사하고 아브넬의 무덤에서 소리를 높여 울고 백성도 다 우니라
پادىشاھ ئابنەر ئۈچۈن مەرسىيە ئوقۇپ: ــ «ئابنەرنىڭ ئەخمەقتەك ئۆلگىنى توغرىمۇ؟ 33
왕이 아브넬을 위하여 애가를 지어 가로되 `아브넬의 죽음이 어찌하여 미련한 자의 죽음 같은고
قوللىرىڭ باغلاغلىق بولمىسىمۇ، پۇتلۇرۇڭ ئىشكەللىك بولمىسىمۇ، لېكىن سەن كىشىلەرنىڭ رەزىللەرنىڭ قولىدا يىقىلغىنىدەك، يىقىلىپ ئۆلگەنسەن!» ــ دېدى. شۇنىڭ بىلەن خەلقنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭ ئۈچۈن يەنە يىغلاشتى. 34
네 손이 결박되지 아니하였고 네 발이 착고에 채이지 아니하였거늘 불의한 자식의 앞에 엎드러짐 같이 네가 엎드러졌도다' 하매 온 백성이 다시 그를 슬퍼하여 우니라
ئاندىن بارلىق خەلق داۋۇتنىڭ يېنىغا كېلىپ، ئۇنىڭغا كۈن پاتقۇچە تاماق يېيىشنى ئۆتۈندى. ئەمما داۋۇت قەسەم ئىچىپ: مەن كۈن پاتماستا يا نان يا باشقا ھەرقانداق نەرسىنى تېتىسام، خۇدا مېنى ئۇرسۇن ياكى ئۇنىڭدىن ئارتۇق جازالىسۇن، ــ دېدى. 35
석양에 뭇 백성이 나아와 다윗에게 음식을 권하니 다윗이 맹세하여 가로되 `내가 해지기 전에 떡이나 다른 것을 맛보면 하나님이 내게 벌 위에 벌을 내리심이 마땅하니라' 하매
بارلىق خەلق بۇنى بايقاپ، بۇ ئىشتىن رازى بولدى؛ ئەمەلىيەتتە پادىشاھ قىلغان ھەربىر ئىش بارلىق خەلقنى رازى قىلاتتى. 36
온 백성이 보고 기뻐하며 왕이 무슨 일을 하든지 무리가 다 기뻐하므로
شۇنىڭ بىلەن بارلىق خەلق، شۇنداقلا پۈتكۈل ئىسرائىل شۇ كۈنى نەرنىڭ ئوغلى ئابنەرنىڭ ئۆلتۈرۈلىشىنىڭ پادىشاھنىڭ كۆرسەتمىسى ئەمەسلىكىنى بىلىپ يەتتى. 37
이 날에야 온 백성과 온 이스라엘이 넬의 아들 아브넬을 죽인 것이 왕의 한 바가 아닌 줄을 아니라
پادىشاھ ئۆز خىزمەتكارلىرىغا: بىلەمسىلەر؟ بۈگۈن ئىسرائىلدا بىر سەردار، ئۇلۇغ بىر زات يىقىلدى! 38
왕이 그 신복에게 이르되 `오늘 이스라엘의 방백이요 또는 대인이 죽은 것을 알지 못하느냐?
گەرچە مەن مەسىھ قىلىنىپ پادىشاھ تىكلەنگەن بولساممۇ، مەن ئاجىز بىر بەندىمەن. بۇ ئادەملەر، يەنى زەرۇئىيانىڭ ئوغۇللىرىنىڭ ۋەھشىيىلىكىنى مەن كۆتۈرەلمىگۈدەكمەن؛ پەرۋەردىگار رەزىللىك قىلغۇچىنىڭ رەزىللىكىنى ئۆز بېشىغا قايتۇرسۇن! ــ دېدى. 39
내가 기름 부음을 받은 왕이 되었으나 오늘날 약하여서 스루야의 아들인 이 사람들을 제어하기가 너무 어려우니 여호와는 악행한 자에게 그 악한대로 갚으실지로다' 하니라

< سامۇئىل 2 3 >