< پادىشاھلار 2 9 >

ئېلىشا پەيغەمبەر پەيغەمبەرلەرنىڭ شاگىرتلىرىدىن بىرىنى چاقىرىپ، ئۇنىڭغا: ــ «بېلىڭنى باغلاپ بۇ ماي قاچىسىنى قولۇڭغا ئېلىپ، گىلېئادتىكى راموتقا بارغىن. 1
Elisha the prophet called one of the sons of the prophets, and said to him, “Put your belt on your waist, take this vial of oil in your hand, and go to Ramoth Gilead.
ئۇ يەرگە بارغاندا نىمشىنىڭ نەۋرىسى، يەھوشافاتنىڭ ئوغلى يەھۇنى تېپىپ، ئۆيىگە كىرىپ، ئۇنى ئۆز بۇرادەرلىرى ئارىسىدىن ئورنىدىن تۇرغۇزۇپ، ئىچكىرىكى ئۆيگە باشلاپ كىر. 2
When you come there, find Jehu the son of Jehoshaphat the son of Nimshi, and go in and make him rise up from amongst his brothers, and take him to an inner room.
ئاندىن قاچىدىكى ماينى بېشىغا قۇيۇپ: پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ مەن سېنى ئىسرائىلغا پادىشاھ بولۇشقا مەسىھ قىلدىم، دېگىن؛ شۇنى دەپ بولۇپلا ئىشىكنى ئېچىپ، قېچىپ چىققىن، ھايال بولما» ــ دېدى. 3
Then take the vial of oil, and pour it on his head, and say, ‘The LORD says, “I have anointed you king over Israel.”’ Then open the door, flee, and don’t wait.”
شۇنىڭ بىلەن شۇ ياش پەيغەمبەر يىگىت گىلېئادتىكى راموتقا باردى. 4
So the young man, the young prophet, went to Ramoth Gilead.
ئۇ يەرگە كەلگەندە، مانا، قوشۇننىڭ سەردارلىرى ئۇ يەردە ئولتۇراتتى. ئۇ: ــ ئى سەردار، ساڭا بىر سۆزۈم بار، دېدى. يەھۇ: ــ قايسىمىزغا؟ ــ دەپ سورىدى. ئۇ: ــ ساڭا، ئى سەردار، دېدى. 5
When he came, behold, the captains of the army were sitting. Then he said, “I have a message for you, captain.” Jehu said, “To which one of us?” He said, “To you, O captain.”
ئۇ قوپۇپ ئۆيگە كىردى. يىگىت بېشىغا ماينى قۇيۇپ ئۇنىڭغا مۇنداق دېدى: ئىسرائىلنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ مەن سېنى پەرۋەردىگارنىڭ خەلقىگە، يەنى ئىسرائىلغا پادىشاھ بولۇشقا مەسىھ قىلدىم. 6
He arose, and went into the house. Then he poured the oil on his head, and said to him, “The LORD, the God of Israel, says, ‘I have anointed you king over the people of the LORD, even over Israel.
سەن ئۆز غوجاڭ ئاھابنىڭ جەمەتىنى يوقىتىسەن؛ چۈنكى ئۆز قۇللىرىم پەيغەمبەرلەرنىڭ قېنى ئۈچۈن ۋە پەرۋەردىگارنىڭ ھەممە قۇللىرىنىڭ قېنى ئۈچۈن يىزەبەلدىن ئىنتىقام ئالاي. 7
You must strike your master Ahab’s house, that I may avenge the blood of my servants the prophets, and the blood of all the servants of the LORD, at the hand of Jezebel.
ئاھابنىڭ پۈتكۈل جەمەتى يوقىلىدۇ؛ ئاھابنىڭ جەمەتىدىن ئىسرائىلدىكى ھەممە ئەركەكلەرنى ھەتتا ئاجىز ياكى مېيىپ بولسۇن ھەممىسىنى ھالاك قىلىمەن. 8
For the whole house of Ahab will perish. I will cut off from Ahab everyone who urinates against a wall, both him who is shut up and him who is left at large in Israel.
مەن ئاھابنىڭ جەمەتىنى نىباتنىڭ ئوغلى يەروبوئامنىڭ جەمەتىدەك ۋە ئاخىياھنىڭ ئوغلى بائاشانىڭ جەمەتىدەك يوق قىلىمەن. 9
I will make Ahab’s house like the house of Jeroboam the son of Nebat, and like the house of Baasha the son of Ahijah.
ئىتلار يىزەبەلنى يىزرەئەلدىكى شۇ پارچە يەردە يەيدۇ. ھېچكىم ئۇنى دەپنە قىلمايدۇ». شۇنى دەپ بولۇپلا يىگىت ئىشىكنى ئېچىپ قېچىپ كەتتى. 10
The dogs will eat Jezebel on the plot of ground of Jezreel, and there shall be no one to bury her.’” Then he opened the door and fled.
يەھۇ ئۆز غوجىسىنىڭ خىزمەتكارلىرىنىڭ قېشىغا يېنىپ چىققاندا، ئۇلار ئۇنىڭدىن: ــ ھەممە ئىش تىنچلىقمۇ؟ بۇ تەلۋە سېنى نېمە ئىش بىلەن ئىزدەپ كەپتۇ؟ ــ دەپ سورىدى. ئۇ ئۇلارغا: سىلەر شۇ كىشى ۋە ئۇنىڭ سەپسەتەلىرىنى بىلىسىلەر، ــ دېدى. 11
When Jehu came out to the servants of his lord and one said to him, “Is all well? Why did this madman come to you?” He said to them, “You know the man and how he talks.”
ئۇلار: يالغان ئېيتما! بىزگە دەپ بەرگىنە! دېۋىدى، ئۇ: ــ ئۇ ماڭا مۇنداق-مۇنداق دەپ، پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ «سېنى ئىسرائىلنىڭ ئۈستىدە پادىشاھ بولۇشقا مەسىھ قىلدىم» دەپ ئېيتتى ــ دېدى. 12
They said, “That is a lie. Tell us now.” He said, “He said to me, ‘The LORD says, I have anointed you king over Israel.’”
شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ ھەممىسى تونلىرىنى سېلىپ، پەلەمپەيدە يېيىپ ئۇنىڭغا پايانداز قىلدى. ئۇلار كاناي چېلىپ: «يەھۇ پادىشاھ بولدى!» دەپ جاكارلاشتى. 13
Then they hurried, and each man took his cloak, and put it under him on the top of the stairs, and blew the trumpet, saying, “Jehu is king.”
شۇنىڭ بىلەن نىمشىنىڭ نەۋرىسى، يەھوشافاتنىڭ ئوغلى يەھۇ يورامنى قەستلىمەكچى بولدى. ئۇ ۋاقىتتا يورام بىلەن بارلىق ئىسرائىللار گىلېئادتىكى راموتتا تۇرۇپ، ئۇ جاينى سۇرىيەنىڭ پادىشاھى ھازائەلنىڭ ھۇجۇمىدىن مۇھاپىزەت قىلىۋاتاتتى. 14
So Jehu the son of Jehoshaphat the son of Nimshi conspired against Joram. (Now Joram was defending Ramoth Gilead, he and all Israel, because of Hazael king of Syria;
ئەمدى يورام پادىشاھ سۇرىيەنىڭ پادىشاھى ھازائەل بىلەن سوقۇشقاندا سۇرىيلەردىن يېگەن زەخمىدىن ساقىيىش ئۈچۈن يىزرەئەلگە يېنىپ كەلگەنىدى. يەھۇ بولسا [ئۆزىگە ئەگەشكەنلەرگە]: سىلەرگە لايىق كۆرۈنسە، يىزرەئەلگە بېرىپ خەۋەر بەرگۈدەك ھېچكىمنى شەھەردىن قاچۇرماڭلار، دېگەنىدى. 15
but King Joram had returned to be healed in Jezreel of the wounds which the Syrians had given him when he fought with Hazael king of Syria.) Jehu said, “If this is your thinking, then let no one escape and go out of the city to go to tell it in Jezreel.”
يەھۇ بىر جەڭ ھارۋىسىنى ھەيدەپ يىزرەئەلگە باردى، چۈنكى يورام ئۇ يەردە كېسەل بىلەن ياتقانىدى (يەھۇدانىڭ پادىشاھى ئاھازىيا يورامنى يوقلىغىلى چۈشۈپ كەلگەنىدى). 16
So Jehu rode in a chariot and went to Jezreel, for Joram lay there. Ahaziah king of Judah had come down to see Joram.
ئەمدى كۆزەتچى يىزرەئەلنىڭ مۇنارىدا تۇرۇپ، يەھۇ قاتارلىق بىر توپ ئادەملەرنى كۆردى. ئۇ: «بىر توپ ئادەملەرنى كۆردۇم» دېدى. يورام: بىر ئاتلىق كىشىنى ئۇلارنىڭ ئالدىغا ئەۋەتىڭلار، ئۇ ئۇلاردىن: ــ ھەممە ئىش تىنچلىقمۇ؟ ــ دەپ سورىسۇن، دېدى. 17
Now the watchman was standing on the tower in Jezreel, and he spied the company of Jehu as he came, and said, “I see a company.” Joram said, “Take a horseman, and send to meet them, and let him say, ‘Is it peace?’”
شۇنىڭ بىلەن ئاتلىق بىر كىشى ئۇلارنىڭ ئالدىغا بېرىپ: ــ پادىشاھ، ھەممە ئىش تىنچلىقمۇ، دەپ سورىدى، دېدى. يەھۇ: ــ تىنچلىقمۇ، ئەمەسمۇ، بۇنىڭ بىلەن نېمە كارىڭ؟ بۇرۇلۇپ مېنىڭ كەينىمدىن ماڭ، ــ دېدى. كۆزەتچى [پادىشاھقا] خەۋەر بېرىپ: ــ خەۋەرچى ئۇلارنىڭ قېشىغا باردى، لېكىن قايتىپ كەلمىدى» ــ دېدى. 18
So one went on horseback to meet him, and said, “the king says, ‘Is it peace?’” Jehu said, “What do you have to do with peace? Fall in behind me!” The watchman said, “The messenger came to them, but he isn’t coming back.”
شۇنىڭ بىلەن ئۇ يەنە بىر ئاتلىق كىشىنى ماڭدۇردى. ئۇ ئۇلارنىڭ ئالدىغا بېرىپ: ــ پادىشاھ، ھەممە ئىش تىنچلىقمۇ، دەپ سورىدى، دېدى. يەھۇ: ــ تىنچلىقمۇ، ئەمەسمۇ، بۇنىڭ بىلەن نېمە كارىڭ؟ بۇرۇلۇپ مېنىڭ كەينىمدىن ماڭ، دېدى. 19
Then he sent out a second on horseback, who came to them and said, “The king says, ‘Is it peace?’” Jehu answered, “What do you have to do with peace? Fall in behind me!”
كۆزەتچى [پادىشاھقا] خەۋەر بېرىپ: ــ خەۋەرچى ئۇلارنىڭ قېشىغا باردى، لېكىن قايتىپ كەلمىدى. ئەمدى ئۇلارنىڭ ھارۋا ھەيدىشى نىمشىنىڭ ئوغلى يەھۇنىڭ ھەيدىشىدەك ئىكەن، چۈنكى ئۇ تەلۋىلەرچە ھەيدەيدۇ، دېدى. 20
The watchman said, “He came to them, and isn’t coming back. The driving is like the driving of Jehu the son of Nimshi, for he drives furiously.”
يورام: ــ ھارۋىنى قېتىڭلار، دەپ بۇيرۇۋىدى، ئۇنىڭ جەڭ ھارۋىسىنى قېتىپ تەييارلىدى. ئاندىن ئىسرائىلنىڭ پادىشاھى يورام بىلەن يەھۇدانىڭ پادىشاھى ئاھازىيا، ھەربىرى ئۆز جەڭ ھارۋىسىغا ئولتۇرۇپ، يەھۇنىڭ ئالدىغا بېرىشقا چىقتى؛ ئۇلار ئۇنىڭ بىلەن يىزرەئەللىك نابوتنىڭ ئېتىزلىقىدا ئۇچراشتى. 21
Joram said, “Get ready!” They got his chariot ready. Then Joram king of Israel and Ahaziah king of Judah went out, each in his chariot; and they went out to meet Jehu, and found him on Naboth the Jezreelite’s land.
يورام يەھۇنى كۆرگەندە، «ئى يەھۇ، ھەممە ئىش تىنچلىقمۇ؟ دەپ سورىدى. ئۇ: ــ ئاناڭ يىزەبەلنىڭ قىلغان بۇزۇقچىلىقلىرى ۋە جادۇگەرلىكى شۇنچە جىق تۇرسا، قانداقمۇ تىنچلىق بولىدۇ؟! ــ دېدى. 22
When Joram saw Jehu, he said, “Is it peace, Jehu?” He answered, “What peace, so long as the prostitution of your mother Jezebel and her witchcraft abound?”
شۇنىڭ بىلەن يورام ھارۋىنى ياندۇرۇپ ئاھازىياغا: «ئى ئاھازىيا، ئاسىيلىق!» دەپ ۋارقىراپ بەدەر قاچتى. 23
Joram turned his hands and fled, and said to Ahaziah, “This is treason, Ahaziah!”
يەھۇ ئوقياسىنى قولىغا ئېلىپ، ئوق سېلىپ يورامنىڭ [كەينى تەرىپىدىن] ئۇنىڭ ئىككى مۈرىسىنىڭ ئارىلىقىدىن ئاتتى. يا ئوقى ئۇنىڭ يۈرىكىدىن تېشىپ چىقتى ۋە ئۇ ئۆز ھارۋىسىغا يىقىلىپ چۈشتى. 24
Jehu drew his bow with his full strength, and struck Joram between his arms; and the arrow went out at his heart, and he sunk down in his chariot.
يەھۇ ئۆز يېنىدىكى ئەمەلدارى بىدكارغا: ئۇنى ئېلىپ يىزرەئەللىك نابوتنىڭ ئېتىزلىقىغا تاشلىغىن. يادىڭدا بولسۇنكى، مەن بىلەن سەن ئۇنىڭ ئاتىسى ئاھابنىڭ كەينىدىن بىللە ماڭغاندا، پەرۋەردىگار ئۇنىڭ توغرىسىدا مۇنداق بىر ھۆكۈم-ۋەھىينى ئېيتقان: ــ 25
Then Jehu said to Bidkar his captain, “Pick him up, and throw him in the plot of the field of Naboth the Jezreelite; for remember how, when you and I rode together after Ahab his father, the LORD laid this burden on him:
«مەن تۈنۈگۈن نابوتنىڭ قېنى بىلەن ئۇنىڭ ئوغۇللىرىنىڭ قېنىنى كۆردۈم، دەيدۇ پەرۋەردىگار: مانا بۇ [قان قەرزىنى] دەل بۇ ئېتىزلىقتا ساڭا ياندۇرىمەن، دەيدۇ پەرۋەردىگار». ئەمدى پەرۋەردىگارنىڭ شۇ سۆزى بويىچە، ئۇنى ئېلىپ شۇ يەرگە تاشلىغىن، ــ دېدى. 26
‘Surely I have seen yesterday the blood of Naboth, and the blood of his sons,’ says the LORD; ‘and I will repay you in this plot of ground,’ says the LORD. Now therefore take and cast him onto the plot of ground, according to the LORD’s word.”
يەھۇدانىڭ پادىشاھى ئاھازىيا بۇنى كۆرگەندە «باغدىكى راۋاق يولى» بىلەن قاچتى. لېكىن يەھۇ ئۇنىڭ كەينىدىن قوغلاپ: «ئۇنى ئېتىڭلار!» دەپ بۇيرۇۋىدى، ئۇلار ئۇنى ئىبلېئامنىڭ يېنىدا، گۇر ئېگىزلىكىگە چىققان يولدا ئاتتى. ئۇ مەگىددوغىچە قېچىپ ئۇ يەردە ئۆلدى. 27
But when Ahaziah the king of Judah saw this, he fled by the way of the garden house. Jehu followed after him, and said, “Strike him also in the chariot!” They struck him at the ascent of Gur, which is by Ibleam. He fled to Megiddo, and died there.
شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ خىزمەتكارلىرى ئۇنىڭ جەسىتىنى جەڭ ھارۋىسىغا سېلىپ، يېرۇسالېمغا ئېلىپ بېرىپ، «داۋۇتنىڭ شەھىرى»دە ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ يېنىغا ئۆز قەبرىسىدە دەپنە قىلدى 28
His servants carried him in a chariot to Jerusalem, and buried him in his tomb with his fathers in David’s city.
(ئاھابنىڭ ئوغلى يورامنىڭ سەلتەنىتىنىڭ ئون بىرىنچى يىلىدا ئاھازىيا يەھۇداغا پادىشاھ بولغانىدى). 29
In the eleventh year of Joram the son of Ahab, Ahaziah began to reign over Judah.
يەھۇ ئەمدى يىزرەئەلگە كەلدى، يىزەبەل شۇنى ئاڭلاپ كۆزلىرىگە سۈرمە سۈرۈپ، چاچلىرىنى تاراپ، دېرىزىدىن قاراپ تۇراتتى. 30
When Jehu had come to Jezreel, Jezebel heard of it; and she painted her eyes, and adorned her head, and looked out at the window.
يەھۇ دەرۋازىدىن كىرگەندە ئۇ ئۇنىڭغا: ئى زىمرى، ئۆز غوجاڭنىڭ قاتىلى، ھەممە ئىش تىنچلىقمۇ؟ ــ دەپ سورىدى. 31
As Jehu entered in at the gate, she said, “Do you come in peace, Zimri, you murderer of your master?”
يەھۇ بېشىنى كۆتۈرۈپ، دېرىزىگە قاراپ تۇرۇپ: ــ مەن تەرەپتە تۇرىدىغان كىم بار؟ دەپ سورىۋىدى، ئىككى-ئۈچ ئاغۋات دېرىزىدىن ئۇنىڭغا قارىدى. 32
He lifted up his face to the window, and said, “Who is on my side? Who?” Two or three eunuchs looked out at him.
ئۇ: شۇ ئايالنى تۆۋەنگە تاشلاڭلار، دېيىشىگىلا، ئۇلار ئۇنى تۆۋەنگە تاشلىدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ قېنى ھەم تامغا ھەم ئاتلارغا چېچىلدى. ئۇ ئۇنى ئاتلىرىغا دەسسىتىپ ئۈستىدىن ئۆتۈپ كەتتى. 33
He said, “Throw her down!” So they threw her down; and some of her blood was sprinkled on the wall, and on the horses. Then he trampled her under foot.
ئاندىن ئۇ ئۆيگە كىرىپ يەپ-ئىچكەندىن كېيىن: بۇ لەنىتى ئايالنىڭ جەسىتىنى تەكشۈرۈپ، ئۇنى دەپنە قىلىڭلار. چۈنكى نېمىلا بولمىسۇن ئۇ پادىشاھنىڭ مەلىكىسىدۇر، دېدى. 34
When he had come in, he ate and drank. Then he said, “See now to this cursed woman, and bury her; for she is a king’s daughter.”
لېكىن ئۇلار ئۇنى دەپنە قىلىۋېتەيلى دەپ بېرىۋىدى، ئۇنىڭ باش سۆڭىكى، ئاياغلىرى ۋە قولىنىڭ ئالقىنىدىن باشقا ھېچ يېرىنى تاپالمىدى. 35
They went to bury her, but they found no more of her than the skull, the feet, and the palms of her hands.
ئۇلار يېنىپ كېلىپ بۇ خەۋەرنى ئۇنىڭغا دېگەندە ئۇ: ــ بۇ ئىش پەرۋەردىگار ئۆز قۇلى تىشبىلىق ئىلىياس ئارقىلىق ئېيتقان مۇنۇ سۆزىنىڭ ئەمەلگە ئاشۇرۇلۇشىدۇر: ــ «ئىتلار يىزرەئەلدىكى شۇ پارچە يەردە يىزەبەلنىڭ گۆشىنى يەيدۇ. 36
Therefore they came back, and told him. He said, “This is the LORD’s word, which he spoke by his servant Elijah the Tishbite, saying, ‘The dogs will eat the flesh of Jezebel on the plot of Jezreel,
يىزەبەلنىڭ ئۆلۈكى سىرتتا، يىزرەئەلدىكى شۇ پارچە يەردە قىغدەك يېيىلىپ كېتىدۇ ۋە شۇنىڭ بىلەن ھېچكىم: «ئۇ يىزەبەل ئىكەن» دېيەلمەيدۇ» ــ دېدى. 37
and the body of Jezebel will be as dung on the surface of the field on Jezreel’s land, so that they won’t say, “This is Jezebel.”’”

< پادىشاھلار 2 9 >