< تېسالونىكالىقلارغا 1 3 >

شۇنىڭ بىلەن بىز [سىلەردىن خەۋەرسىز] تاقىتىمىز تاق بولۇپ، ئۆزىمىز ئافىنا شەھىرىدە يالغۇز قېلىپ، 1
ئالدىڭلارغا قېرىندىشىمىز ھەم خۇدا يولىدا مەسىھنىڭ خۇش خەۋىرىدە بولۇۋاتقان خىزمەتدىشىمىز تىموتىينى سىلەرنى ئېتىقادتا مۇستەھكەملەش-كۈچەيتىش ۋە رىغبەتلەندۈرۈش ئۈچۈن ئەۋەتىشنى قارار قىلدۇق؛ 2
[بىزنىڭ ئۇنى ئەۋەتىشتىكى] مەقسىتىمىز، ھېچكىمنىڭ بېشىڭلارغا چۈشكەن مۇشۇ زەخمەت-قىيىنچىلىقلار سەۋەبىدىن [ئېتىقادتا] تەۋرىنىپ قالماسلىقى ئۈچۈندۇر. چۈنكى ئۆزۈڭلار بۇنداق ئىشلارغا ئۇچراشقا ئالدىنئالا بېكىتىلگەن، دەپ بىلىسىلەر. 3
چۈنكى بىز سىلەر بىلەن بىللە بولغان ۋاقتىمىزدا، سىلەرگە ھەممىمىز ئازاب-قىيىنچىلىققا ئۇچرىماي قالمايمىز دەپ ئالدىنئالا ئېيتقانىدۇق. ئەمەلىيەتتە ھازىر دېگىنىمىزدەك بولدى، دەپ بىلىسىلەر. 4
شۇ سەۋەبتىن تاقىتىم تاق بولۇپ، ئېتىقادىڭلارنىڭ زادى قانداق ئىكەنلىكىنى بىلىش ئۈچۈن، ئازدۇرغۇچى سىلەرنى ئازدۇرۇپ بىزنىڭ سىلەرگە سىڭدۈرگەن ئەجرىمىز بىكارغا كەتتىمىكىن دەپ ئەنسىرەپ، تىموتىينى يېنىڭلارغا ئەۋەتكەنىدىم. 5
لېكىن تىموتىي بايا يېنىڭلاردىن قايتىپ كەلگەندە، ئېتىقادىڭلار ۋە مېھىر-مۇھەببىتىڭلار توغرىسىدا بىزگە ياخشى خەۋەر ئېلىپ كېلىپ، سىلەرنىڭ بىزنى ھەردائىم سېغىنىپ تۇرغانلىقىڭلارنى ۋە خۇددى بىز سىلەر بىلەن دىدارلىشىشقا تەلپۈنگىنىمىزدەك، سىلەرنىڭمۇ بىزنى كۆرگۈڭلار كەلگەنلىكىنى ئېيتتى. 6
شۇنىڭدەك، ئەي قېرىنداشلار، بېشىمىزغا چۈشكەن مۇشۇنداق بارلىق ئازاب-ئوقۇبەت ۋە ئېغىرچىلىق ئىچىدە تۇرىۋاتقىنىمىزدا سىلەردىن، يەنى چىڭ ئېتىقادىڭلاردىن رىغبەت-تەسەللى تاپتۇق؛ 7
چۈنكى رەبدە چىڭ تۇرغان بولساڭلار، بىز [ئۆلمەي]، ھايات قالىمىز! 8
ئەمدى سىلەر ئۈچۈن، خۇدايىمىز ئالدىدا سىلەرنىڭ ۋەجىڭلاردىن تولىمۇ شادلاندۇق، بۇ زور شادلىقىمىزدىن سىلەر ئۈچۈن خۇداغا قانچىلىك دەرىجىدە تەشەككۈر ئېيتساق بولار؟! 9
سىلەر بىلەن دىدار كۆرۈشۈش ۋە ئېتىقادىڭلاردىكى يېتەرسىزلىكلەرنى مۇكەممەل قىلىشقا مۇيەسسەر بولۇش ئىمكانىيىتى ئۈچۈن، كېچە-كۈندۈز خۇداغا زور تەلمۈرۈپ يېلىنماقتىمىز. 10
ئەمدى بىزنىڭ خۇدائاتىمىزنىڭ ئۆزى ھەم رەببىمىز ئەيسا بىزنىڭ يولىمىزنى يېنىڭلارغا باشلىغاي؛ 11
ئەمدى مېھىر-مۇھەببەتىمىز سىلەرگە تولغاندەك، رەب سىلەرنىڭ بىر-بىرىڭلارغا ۋە ھەممە ئادەملەرگە بولغان مېھىر-مۇھەببىتىڭلارنى ئاشۇرۇپ، تولۇپ تاشتۇرغاي؛ 12
ھەم شۇنداق بولغاندا، رەببىمىز ئەيسا ئۆزىنىڭ بارلىق مۇقەددەس بەندىلىرى بىلەن بىللە قايتىپ كەلگەندە قەلبىڭلار بىزنىڭ خۇدائاتىمىز ئالدىدا پاك-مۇقەددەسلىكتە نۇقسانسىز بولۇشقا مۇستەھكەملىنىدۇ! 13

< تېسالونىكالىقلارغا 1 3 >