< يۇھاننا 1 5 >

ئەيسانىڭ مەسىھ ئىكەنلىكىگە ئىشەنگەن ھەربىر كىشى خۇدادىن تۇغۇلغان بولىدۇ؛ ۋە تۇغدۇرغۇچى [ئاتىنى] سۆيىدىغان ھەربىر كىشى ئۇنىڭدىن تۇغۇلغۇچىنىمۇ سۆيىدۇ. 1
Every one who is believing that Jesus is the Christ, of God he hath been begotten, and every one who is loving Him who did beget, doth love also him who is begotten of Him:
بىز ئۆزىمىزنىڭ خۇدانىڭ بالىلىرىنى سۆيىدىغانلىقىمىزنى شۇنىڭدىن بىلىمىزكى، خۇدانى سۆيۈپ، ئۇنىڭ ئەمرلىرىگە ئەمەل قىلىشىمىزدىندۇر. 2
in this we know that we love the children of God, when we may love God, and His commands may keep;
خۇدانى سۆيۈش ئۇنىڭ ئەمرلىرىگە ئەمەل قىلىش دېمەكتۇر؛ ۋە ئۇنىڭ ئەمرلىرىدە تۇرماق ئېغىر ئىش ئەمەستۇر. 3
for this is the love of God, that His commands we may keep, and His commands are not burdensome;
چۈنكى خۇدادىن تۇغۇلغانلارنىڭ ھەممىسى بۇ دۇنيا ئۈستىدىن غەلىبە قىلىدۇ؛ ۋە دۇنيانىڭ ئۈستىدىن غەلىبە قىلغۇچى كۈچ ــ دەل بىزنىڭ ئېتىقادىمىزدۇر. 4
because every one who is begotten of God doth overcome the world, and this is the victory that did overcome the world — our faith;
بۇ دۇنيانىڭ ئۈستىدىن غەلىبە قىلغۇچى زادى كىملەر؟ پەقەت ئەيسانى خۇدانىڭ ئوغلى دەپ ئېتىقاد قىلغۇچىلار ئەمەسمۇ؟ 5
who is he who is overcoming the world, if not he who is believing that Jesus is the Son of God?
ئۇ بولسا سۇ ۋە قان ئارقىلىق كەلگەن زات، يەنى ئەيسا مەسىھدۇر؛ ئۇنىڭ كېلىشى پەقەت سۇ بىلەنلا ئەمەس، بەلكى قان بىلەنمۇ ئىدى. ۋە بۇ ئىشلارغا گۇۋاھلىق بەرگۈچى بولسا روھتۇر، چۈنكى روھ ئۆزى ھەقىقەتتۇر. 6
This one is he who did come through water and blood — Jesus the Christ, not in the water only, but in the water and the blood; and the Spirit it is that is testifying, because the Spirit is the truth,
چۈنكى ئۇنىڭ توغرۇلۇق ئۈچ گۇۋاھلىق بەرگۈچى بار: ــ 7
because three are who are testifying [in the heaven, the Father, the Word, and the Holy Spirit, and these — the three — are one;
بۇلار روھ، سۇ ۋە قاندىن ئىبارەتتۇر. بۇ ئۈچىنىڭ [گۇۋاھلىقى] بىردۇر. 8
and three are who are testifying in the earth], the Spirit, and the water, and the blood, and the three are into the one.
ئەگەر بىز ئىنسانلارنىڭ گۇۋاھلىقىنى قوبۇل قىلساق، خۇدانىڭ گۇۋاھلىقى بۇلارنىڭكىدىن ئۈستۈندۇر. خۇدا ئۆز ئوغلى توغرىسىدا شۇنداق گۇۋاھلىق بەرگەن ــ 9
If the testimony of men we receive, the testimony of God is greater, because this is the testimony of God that He hath testified concerning His Son.
(خۇدانىڭ ئوغلىغا ئېتىقاد قىلغان كىشىنىڭ ئىچىدە شۇ گۇۋاھلىق باردۇر؛ بىراق خۇداغا ئىشەنمىگەن كىشى ئۇنى يالغانچى قىلغان بولىدۇ، چۈنكى ئۇ خۇدانىڭ ئۆز ئوغلىنى تەستىقلىغان گۇۋاھلىقىغا ئىشەنمىگەن) 10
He who is believing in the Son of God, hath the testimony in himself; he who is not believing God, a liar hath made Him, because he hath not believed in the testimony that God hath testified concerning His Son;
گۇۋاھلىق دەل شۇدۇركى، خۇدا بىزگە مەڭگۈلۈك ھاياتنى ئاتا قىلدى ۋە بۇ ھاياتلىق ئۇنىڭ ئوغلىدىدۇر. (aiōnios g166) 11
and this is the testimony, that life age-during did God give to us, and this — the life — is in His Son; (aiōnios g166)
شۇڭا ئوغۇلغا ئىگە بولغان كىشى ھاياتلىققا ئىگە بولغان بولىدۇ؛ خۇدانىڭ ئوغلىغا ئىگە بولمىغان كىشى ھاياتلىققا ئىگە بولمىغان بولىدۇ. 12
he who is having the Son, hath the life; he who is not having the Son of God — the life he hath not.
مەن بۇلارنى خۇدانىڭ ئوغلىنىڭ نامىغا ئېتىقاد قىلغان سىلەرگە سىلەرنىڭ مەڭگۈلۈك ھاياتقا ئىگە بولغانلىقىڭلارنى بىلىشىڭلار ئۈچۈن يازدىم. (aiōnios g166) 13
These things I did write to you who are believing in the name of the Son of God, that ye may know that life ye have age-during, and that ye may believe in the name of the Son of God. (aiōnios g166)
ۋە بىزنىڭ ئۇنىڭغا بولغان تولۇق ئىشەنچ-خاتىرجەملىكىمىز شۇنداقكى، ئۇنىڭ ئىرادىسىگە مۇۋاپىق ھەرقانداق بىر ئىشنى تىلىسەك، ئۇ بىزنى ئاڭلايدۇ. 14
And this is the boldness that we have toward Him, that if anything we may ask according to his will, He doth hear us,
ئۇنى ھەرنېمە تىلىگىنىمىزنى ئاڭلايدۇ دەپ بىلگەنىكەنمىز، دۇئايىمىزدا ئۇنىڭدىن تىلىگىنىمىزگە ئېرىشتۇق، دەپ بىلىمىز. 15
and if we have known that He doth hear us, whatever we may ask, we have known that we have the requests that we have requested from Him.
بىرسى قېرىندىشىنىڭ ئۆلۈمگە مەھكۇم قىلمايدىغان بىر گۇناھ سادىر قىلغانلىقىنى كۆرسە، ئۇنىڭ ئۈچۈن دۇئا قىلسۇن؛ ۋە خۇدا ئۆلۈمگە مەھكۇم قىلمايدىغان گۇناھ سادىر قىلغانلار ئۈچۈن ئۇنىڭغا ھاياتلىق ئاتا قىلىدۇ. ئۆلۈمگە مەھكۇم گۇناھمۇ باردۇر. ئۇنىڭ توغرىسىدىن تىلىسۇن، دېمەيمەن. 16
If any one may see his brother sinning a sin not unto death, he shall ask, and He shall give to him life to those sinning not unto death; there is sin to death, not concerning it do I speak that he may beseech;
ھەممە ھەققانىيەتسىزلىك گۇناھتۇر؛ ۋە ئۆلۈمگە مەھكۇم قىلمايدىغان گۇناھمۇ بار. 17
all unrighteousness is sin, and there is sin not unto death.
خۇدادىن تۇغۇلغۇچىنىڭ گۇناھ سادىر قىلمايدىغانلىقىنى بىلىمىز؛ چۈنكى ئەسلىدە خۇدادىن تۇغۇلغان زات بۇنداق كىشىنى قوغداپ قالىدۇ ۋە ئاشۇ رەزىل ئۇنىڭغا تېگەلمەيدۇ. 18
We have known that every one who hath been begotten of God doth not sin, but he who was begotten of God doth keep himself, and the evil one doth not touch him;
ئەمدى ئۆزىمىزنىڭ خۇدادىن بولغانلىقىمىز ئۆزىمىزگە مەلۇم؛ ئەمما پۈتكۈل دۇنيا بولسا ئۇ رەزىلنىڭ ئىلكىدىدۇر. 19
we have known that of God we are, and the whole world in the evil doth lie;
يەنە بىزگە مەلۇمكى، خۇدانىڭ ئوغلى دۇنياغا كەلدى ۋە ھەقىقىي بولغۇچىنى تونۇشىمىز ئۈچۈن كۆڭلىمىزنى يورۇتتى؛ ۋە بىز ھەقىقىي بولغۇچىنىڭ ئۆزىدە، يەنى ئۇنىڭ ئوغلى ئەيسا مەسىھدە ياشاۋاتىمىز. ئۇ بولسا ھەقىقىي خۇدا ۋە مەڭگۈلۈك ھاياتلىقتۇر! (aiōnios g166) 20
and we have known that the Son of God is come, and hath given us a mind, that we may know Him who is true, and we are in Him who is true, in His Son Jesus Christ; this one is the true God and the life age-during! (aiōnios g166)
ئەزىز بالىلىرىم، ئۆزۈڭلارنى ھەرقانداق بۇتلاردىن ساقلاڭلار. 21
Little children, guard yourselves from the idols! Amen.

< يۇھاننا 1 5 >