< تارىخ-تەزكىرە 1 9 >

پۈتكۈل ئىسرائىللار نەسەب بويىچە تىزىمغا ئېلىنغانىدى. مانا، ئۇلار «ئىسرائىل پادىشاھلىرىنىڭ خاتىرىسى» دېگەن كىتابغا پۈتۈلگەندۇر. 1
온 이스라엘이 그 보계대로 계수되고 이스라엘 열왕기에 기록되니라 유다가 범죄함을 인하여 바벨론으로 사로잡혀 갔더니
يەھۇدالار بولسا ئاسىيلىق قىلغانلىقىدىن بابىلغا سۈرگۈن قىلىنغان. ھەممىدىن ئاۋۋال قايتىپ كېلىپ ئۆز زېمىنى ۋە ئۆز شەھەرلىرىگە ماكانلاشقانلار بولسا بىر قىسىم ئىسرائىللار، كاھىنلار، لاۋىيلار ۋە ئىبادەتخانا خىزمەتكارلىرى ئىدى. 2
먼저 그 본성으로 돌아와서 그 기업에 거한 자는 이스라엘 제사장들과 레위 사람과 느디님 사람들이라
يېرۇسالېمغا ماكانلاشقانلار بولسا يەھۇدا قەبىلىسى، بىنيامىن قەبىلىسى، ئەفرائىم قەبىلىسى ۋە ماناسسەھ قەبىلىسىدىن بىر قىسىملىرى ئىدى. 3
유다 자손과 베냐민 자손과 에브라임과 므낫세 자손 중에서 예루살렘에 거한 자는
ئۇلارنىڭ ئىچىدە يەھۇدانىڭ ئوغلى پەرەزنىڭ ئەۋلادلىرىدىن ئۇتاي بار ئىدى؛ ئۇتاي ئاممىھۇدنىڭ ئوغلى، ئاممىھۇد ئومرىنىڭ ئوغلى، ئومرى ئىمرىنىڭ ئوغلى، ئىمرى بانىنىڭ ئوغلى ئىدى. 4
유다의 아들 베레스 자손 중에 우대니 저는 암미훗의 아들이요, 오므리의 손자요, 이므리의 증손이요, 바니의 현손이며
شىلوھنىڭ ئەۋلادلىرى ئىچىدە ئۇنىڭ تۇنجى ئوغلى ئاسايا ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرى بار ئىدى. 5
실로 사람 중에서는 장자 아사야와 그 아들들이요
زەراھنىڭ ئەۋلادلىرىدىن يەئۇئېل ۋە ئۇلارنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرى بولۇپ جەمئىي ئالتە يۈز توقسان ئادەم بار ئىدى. 6
세라 자손 중에서는 여우엘과 그 형제 육백 구십인이요
بىنيامىننىڭ ئەۋلادلىرى ئىچىدە ھاسسىنۇئاھنىڭ ئەۋرىسى، ھوداۋىيانىڭ نەۋرىسى، مەشۇللامنىڭ ئوغلى ساللۇ بار ئىدى؛ 7
베냐민 자손중에서는 핫스누아의 증손 호다위아의 손자 므술람의 아들 살루요,
يەنە يەروھامنىڭ ئوغلى يىبنىيا، مىكرىنىڭ نەۋرىسى، ئۇززىنىڭ ئوغلى ئېلاھ ۋە ئىبىنىيانىڭ ئەۋرىسى، رېئۇئەلنىڭ نەۋرىسى، شەفاتىيانىڭ ئوغلى مەشۇللام 8
여로함의 아들 이브느야와, 미그리의 손자 웃시의 아들 엘라요, 이브니야의 증손 르우엘의 손자 스바댜의 아들 무술람이요,
ھەمدە ئۇلارنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرى بار ئىدى؛ ئۇلار نەسەبنامىسى بويىچە تىزىملانغاندا جەمئىي توققۇز يۈز ئەللىك ئالتە ئادەم ئىدى. يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغانلار ئۆز جەمەتىگە جەمەت بېشى ئىدى. 9
또 저의 형제들이라 그 보계대로 계수하면 구백 오십 륙인이니라 그 집의 족장된 자들이더라
كاھىنلار ئىچىدە يەدايا، يەھويارىب، ياقىن ۋە 10
제사장 중에서는 여다야와, 여호야립과, 야긴과,
ئازارىيا بار ئىدى. ئازارىيا خۇدانىڭ ئۆيىنى باشقۇرغۇچى بولۇپ، ھىلقىيانىڭ ئوغلى، ھىلقىيا مەشۇللامنىڭ ئوغلى، مەشۇللام زادوكنىڭ ئوغلى، زادوك مېرايوتنىڭ ئوغلى، مېرايوت ئاخىتۇبنىڭ ئوغلى ئىدى. 11
하나님의 전을 맡은 자 아사랴니 저는 힐기야의 아들이요, 므술람의 손자요, 사독의 증손이요, 므라욧의 현손이요, 아히둡의 오대손이며
يەنە مالكىيانىڭ ئەۋرىسى، پاشخۇرنىڭ نەۋرىسى، يەروھامنىڭ ئوغلى ئادايا ھەمدە ئادىيەلنىڭ ئوغلى مائاساي بار ئىدى؛ ئادىيەل ياھزەراھنىڭ ئوغلى، ياھزەراھ مەشۇللامنىڭ ئوغلى، مەشۇللام مەشىللېمىتنىڭ ئوغلى، مەشىللېمىت ئىممەرنىڭ ئوغلى ئىدى. 12
또 아다야니 저는 여로함의 아들이요, 바스훌의 손자요, 말기야의 증손이며, 또 마아새니 저는 아디엘의 아들이요, 야세라의 손자요, 므술람의 증손이요, 므실레밋의 현손이요, 임멜의 오대손이며
ئۇلارنىڭ قېرىنداشلىرى ھەممىسى جەمەت باشلىرى بولۇپ، جەمئىي بىر مىڭ يەتتە يۈز ئاتمىش ئادەم ئىدى؛ ئۇلارنىڭ ھەممىسى خۇدانىڭ ئۆيىدىكى خىزمەتلەرنى قىلىشقا بېكىتىلگەن ئىقتىدارلىق كىشىلەر ئىدى. 13
또 그 형제들이니 그 집의 족장이라 하나님의 전의 일에 수종 들재능이 있는 자가 모두 일천 칠백륙십인이더라
لاۋىي قەبىلىسىدىن مەرارىنىڭ ئەۋلادلىرى ئىچىدە ھاشابىيانىڭ ئەۋرىسى، ئازرىكامنىڭ نەۋرىسى، ھاششۇبنىڭ ئوغلى شېمايا بار ئىدى؛ 14
레위 사람 중에서는 므라리 자손 스마야니 저는 핫숩의 아들이요, 아스리감의 손자요, 하사뱌의 증손이며
يەنە باقباققار، ھەرەش، گالال ۋە ئاسافنىڭ ئەۋرىسى، زىكرىنىڭ نەۋرىسى، مىكانىڭ ئوغلى ماتتانىيا؛ 15
또 박박갈과 헤레스와 갈랄과 맛다냐니 저는 미가의 아들이요, 시그리의 손자요, 아삽의 증손이며
يەنە يەدۇتۇننىڭ ئەۋرىسى، گالالنىڭ نەۋرىسى، شېمايانىڭ ئوغلى ئوبادىيا ھەمدە ئەلكاناھنىڭ نەۋرىسى، ئاسانىڭ ئوغلى بەرەكىيا بار ئىدى؛ بۇلارنىڭ ھەممىسى نىتوفاتلىقلارنىڭ يېزا-كەنتلىرىگە ماكانلاشقانىدى. 16
또 오바댜니 저는 스마야의 아들이요, 갈랄의 손자요, 여두둔의 증손이며 또 베레갸니 저는 아사의 아들이요, 엘가나의 손자라 느도바 사람의 향리에 거하였더라
دەرۋازىۋەنلەر شاللۇم، ئاققۇب، تالمون، ئاخىمان ۋە ئۇلارنىڭ قېرىنداشلىرى ئىدى؛ شاللۇم ئۇلارنىڭ بېشى ئىدى. 17
문지기는 살룸과, 악굽과, 달몬과, 아히만과, 그 형제들이니 살룸은 그 두목이라
ئۇلار تاكى ھازىرغىچە شەرق تەرەپتىكى «پادىشاھنىڭ دەرۋازىسى»دا [دەرۋازىۋەنلىك] قىلىپ كەلمەكتە؛ ئۇلار ئىلگىرى لاۋىيلارنىڭ چېدىرگاھىدا دەرۋازىۋەنلىك قىلغانىدى. 18
이 사람들은 전에 왕의 문 동편 곧 레위 자손의 영의 문지기며
كورەنىڭ ئەۋرىسى، ئېبىئاسافنىڭ نەۋرىسى، كوراھنىڭ ئوغلى شاللۇم ھەمدە ئۇنىڭ ئاتىسىنىڭ جەمەتىدىكى قېرىنداشلىرى بولغان كوراھىيلار [خۇدانىڭ ئۆيىنىڭ] خىزمىتىنى باشقۇراتتى، چېدىرنىڭ ئىشىكلىرىنى باقاتتى؛ ئۇلارنىڭ ئاتا-بوۋىلىرى ئەسلىدە پەرۋەردىگارنىڭ چېدىرگاھىنى باشقۇرۇشقا قويۇلغان، [ئىبادەت] چېدىرىنىڭ ئىشىكىنى باققانىدى. 19
고라의 증손 에비아삽의 손자 고레의 아들 살룸과 그 종족 형제 곧 고라의 자손이 수종드는 일을 맡아 성막 문들을 지켰으니 그 열조도 여호와의 영을 맡고 그 들어가는 곳을 지켰으며
ئىلگىرى ئەلىئازارنىڭ ئوغلى فىنىھاس ئۇلارنىڭ يولباشچىسى بولغان؛ پەرۋەردىگار ئۇنىڭ بىلەن بىللە بولغان. 20
여호와께서 함께하신 엘르아살의 아들 비느하스가 옛적에 그 무리를 거느렸고
مەشەلەمىيانىڭ ئوغلى زەكەرىيا بولسا جامائەت چېدىرىنىڭ دەرۋازىۋەنى بولغانىدى. 21
므셀레먀의 아들 스가랴는 회막 문지기가 되었더라
دەرۋازىۋەنلىككە تاللانغان بۇ كىشىلەر جەمئىي ئىككى يۈز ئون ئىككى كىشى ئىدى؛ ئۇلار ئۆز يېزا-كەنتلىرىدە، نەسەبلىرى بويىچە تىزىملانغان (ئەسلىدە داۋۇت ۋە ئالدىن كۆرگۈچى سامۇئىل ئۇلارنى ئامانەت قىلىنغان ۋەزىپىلىرىگە بېكىتكەنىدى. 22
택함을 입어 문지기 된 자가 모두 이백 열 둘이니 이는 그 향리에서 그 보계대로 계수된 자요 다윗과 선견자 사무엘이 전에 세워서 이 직분을 맡긴 자라
ئۇلار ۋە ئۇلارنىڭ ئەۋلادلىرى پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيى، يەنى مۇقەددەس چېدىرنىڭ ئىشىك-دەرۋازىلىرىنى بېقىشقا بېكىتىلگەنىدى). 23
저희와 그 자손이 그 반열을 좇아 여호와의 전 곧 성막문을 지켰는데
شەرقىي، غەربىي، شىمالىي ۋە جەنۇبىي ئىشىك-دەرۋازىلىرىدا دەرۋازىۋەنلەر بېكىتىلگەنىدى. 24
이 문지기가 동서 남북 사방에 섰고
ئۇلارنىڭ يېزا-كەنتلەردە ئولتۇرۇشلۇق قېرىنداشلىرى بولسا ھەر يەتتە كۈندە نۆۋەت بويىچە كېلىپ ئۇلار بىلەن بىرگە خىزمەتتە بولاتتى. 25
그 향리에 있는 형제들은 이레마다 와서 함께하니
تۆت دەرۋازىۋەن بېگى لاۋىيلاردىن ئىدى؛ ئۇلارغا تاپشۇرۇلغىنى پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىدىكى ئامبار-خەزىنىلەرنى بېقىش ئىدى. 26
이는 문지기의 두목 된 레위 사람 넷이 긴요한 직분을 맡아 하나님의 전 모든 방과 곳간을 지켰음이라
بېقىش مەسئۇلىيىتى ئۇلارنىڭ ئۈستىدە بولغاچقا، ئۇلار كېچىدە پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىنىڭ ئەتراپىدىكى ئورۇنلىرىدا تۇراتتى ھەمدە ھەر كۈنى ئەتىگەندە ئىشىك-دەرۋازىلارنى ئېچىشقا مەسئۇل ئىدى. 27
저희는 하나님의 전을 맡은 직분이 있으므로 전 사면에 유하며 아침마다 문을 여는 책임이 있었더라
ئۇلاردىن بىر قىسمى [ئىبادەتخانا] خىزمىتىدە ئىشلىتىلىدىغان ئەسۋاب-ئۈسكۈنىلەرگە مەسئۇل ئىدى؛ ئۇلار ساناپ ئەپچىقىپ، ساناپ ئەپكىرىپ قوياتتى. 28
그 중에 어떤 자는 섬기는데 쓰는 기명을 맡아서 그 수효대로 들여가고 수효대로 내어오며
ئۇلارنىڭ يەنە بىر قىسمى تاپشۇرۇلغىنى بويىچە قاچا-قۇچىلار ۋە مۇقەددەس جايدىكى بارلىق ئەسۋاب-ئۈسكۈنىلەر، شۇنداقلا ئاق ئۇن، شاراب، زەيتۇن مېيى، مەستىكى ۋە خۇشبۇي بۇيۇملارغا مەسئۇل ئىدى. 29
또 어떤 자는 성소의 기구와 모든 기명과 고운 가루와 포도주와 기름과 유향과 향품을 맡았으며
كاھىنلارنىڭ ئوغۇللىرىدىن بەزىلەر خۇشبۇي بۇيۇملاردىن ئەتىر ياسايتتى. 30
또 제사장의 아들 중에 어떤 자는 향품으로 향기름을 만들었으며
لاۋىيلاردىن ماتتىتىياھ، يەنى كوراھىيلاردىن شاللۇمنىڭ تۇنجى ئوغلىنىڭ ۋەزىپىسى قازان نېنى ئېتىشكە مەسئۇل ئىدى. 31
고라 자손 살룸의 장자 맛디댜라 하는 레위 사람은 남비에 지지는 것을 맡았으며
ئۇلارنىڭ قېرىنداشلىرى، كوھاتنىڭ ئەۋلادلىرى ئىچىدە «تەقدىم نان»غا مەسئۇل بولۇپ، ھەر شابات كۈنى تىزىدىغانغا نانلارنى تەييارلايتتى. 32
또 그 형제 그핫 자손중에 어떤 자는 진설하는 떡을 맡아 안식일마다 준비하였더라
لاۋىيلارنىڭ جەمەت باشلىرى بولغان نەغمىچىلەر ئىبادەتخانىدىكى ئۆيلەردە تۇرۇپ، باشقا خىزمەتلەرنى قىلماي، كېچە-كۈندۈز ئۆز ئىشلىرى بىلەنلا بولاتتى. 33
또 찬송하는 자가 있으니 곧 레위 족장이라 저희가 골방에 거하여 주야로 자기 직분에 골몰하므로 다른 일은 하지 아니하였더라
يۇقىرىدىكى كىشىلەرنىڭ ھەممىسى لاۋىيلار ئىچىدىكى يولباشچىلار بولۇپ، ھەممىسى ئۆز نەسەبى بويىچە جەمەت بېشى ئىدى؛ بۇلارنىڭ ھەممىسى يېرۇسالېمدا تۇراتتى. 34
이상은 대대로 레위의 족장이요 으뜸이라 예루살렘에 거하였더라
گىبېئوننىڭ ئاتىسى جەئىيەل گىبېئونغا ماكانلاشقانىدى. ئۇنىڭ ئايالىنىڭ ئىسمى مائاكاھ ئىدى. 35
기브온의 조상 여이엘은 기브온에 거하였으니 그 아내의 이름은 마아가라
ئۇنىڭ تۇنجى ئوغلى ئابدون، قالغان ئوغۇللىرى زۇر، كىش، بائال، نەر، ناداب، 36
그 장자는 압돈이요 다음은 술과 기스와 바알과 넬과 나답과
گېدور، ئاخىيو، زەكەرىيا ۋە مىكلوت ئىدى. 37
그돌과 아히오와 스가랴와 미글롯이며
مىكلوتتىن شىمېيام تۆرەلگەن. بۇلارمۇ ئۆزلىرىنىڭ قېرىنداشلىرىنىڭ يېنىدا يېرۇسالېمدا قوشنا ئولتۇرۇشاتتى. 38
미글롯은 시므암을 낳았으니 이 무리도 그 형제로 더불어 서로 대하여 예루살렘에 거하였더라
نەردىن كىش تۆرەلگەن، كىشتىن سائۇل تۆرەلگەن، سائۇلدىن يوناتان، مالكىشۇيا، ئابىناداب ۋە ئېش-بائال تۆرەلگەن. 39
넬은 기스를 낳았고 기스는 사울을 낳았고 사울은 요나단과 말기수아와 아비나답과 에스바알을 낳았으며
مېرىب-بائال يوناتاننىڭ ئوغلى ئىدى؛ مېرىب-بائالدىن مىكاھ تۆرەلگەن. 40
요나단의 아들은 므립바알이라 므립바알이 미가를 낳았고
مىكاھنىڭ ئوغۇللىرى پىتون، مەلەك، تاھرىيا ۋە ئاھاز ئىدى. 41
미가의 아들들은 비돈과 멜렉과 다레아와 아하스며
ئاھازدىن ياراھ تۆرەلدى؛ ياراھدىن ئالەمەت، ئازماۋەت ۋە زىمرى تۆرەلگەن. زىمرىدىن موزا تۆرەلگەن؛ 42
아하스는 야라를 낳았고 야라는 알레멧과 아스마웹과 시므리를 낳았고 시므리는 모사를 낳았고
موزادىن بىنېئا تۆرەلگەن؛ بىنېئانىڭ ئوغلى رېفايا، رېفايانىڭ ئوغلى ئېلىئاساھ، ئېلىئاساھنىڭ ئوغلى ئازەل ئىدى. 43
모사는 비느아를 낳았으며 비느아의 아들은 르바야요 그 아들은 엘르아사요 그 아들은 아셀이며
ئازەلنىڭ ئالتە ئوغلى بار ئىدى، ئۇلارنىڭ ئىسمى ئازرىكام، بوكېرۇ، ئىشمائىل، شېئارىيا، ئوبادىيا ۋە ھانان ئىدى؛ بۇلارنىڭ ھەممىسى ئازەلنىڭ ئوغۇللىرى. 44
아셀이 여섯 아들이 있으니 그 이름은 아스리감과 보그루와 이스마엘과 스아랴와 오바댜와 하난이라 아셀의 아들들이 이러하였더라

< تارىخ-تەزكىرە 1 9 >