< Псалтирь 44 >

1 Начальнику хора. Учение. Сынов Кореевых. Боже, мы слышали ушами своими, отцы наши рассказывали нам о деле, какое Ты соделал во дни их, во дни древние:
نەغمىچىلەرنىڭ بېشىغا تاپشۇرۇلۇپ ئوقۇلسۇن دەپ، كوراھنىڭ ئوغۇللىرى ئۈچۈن يېزىلغان «ماسقىل»: ــ ئى خۇدا، ئۆز قۇلاقلىرىمىز بىلەن ئاڭلىدۇق، ئاتىلىرىمىز بىزگە بايان قىلىپ، ئۆز كۈنلىرىدە، يەنى قەدىمكى زامانلاردا سېنىڭ قىلغان زور ئىشلىرىڭنى ئۇقتۇرغانىدى؛
2 Ты рукою Твоею истребил народы, а их насадил; поразил племена и изгнал их;
سەن [ئاتا-بوۋىلىرىمىزنىڭ ئالدىدا] ئۆز قولۇڭ بىلەن يات ئەللەرنى قوغلىۋېتىپ، ئۇلارنىڭ [زېمىنىغا ئاتا-بوۋىلىرىمىزنى] ئورۇنلاشتۇردۇڭ؛ يات قوۋملارغا ئاپەت چۈشۈرۈپ، ئۇلارنى تارقىتىۋەتتىڭ.
3 ибо они не мечом своим приобрели землю, и не их мышца спасла их, но Твоя десница и Твоя мышца и свет лица Твоего, ибо Ты благоволил к ним.
بەرھەق، بوۋىلىرىمىز زېمىننى ئۆز قىلىچى بىلەن ئالغىنى يوق، ئۆز بىلىكى بىلەن ئۆزلىرىنى قۇتقۇزغىنىمۇ يوق؛ بۇ بەلكى سېنىڭ ئوڭ قولۇڭ، سېنىڭ بىلىكىڭ ۋە جامالىڭنىڭ نۇرىنىڭ قىلغىنىدۇر؛ چۈنكى سەن ئۇلاردىن خۇرسەنلىك تاپتىڭ.
4 Боже, Царь мой! Ты - тот же; даруй спасение Иакову.
سەن ئۆزۈڭ مېنىڭ پادىشاھىمدۇرسەن، ئى خۇدا، سەن ياقۇپ ئۈچۈن غەلىبىلەر بۇيرۇغۇچىدۇرسەن.
5 С Тобою избодаем рогами врагов наших; во имя Твое попрем ногами восстающих на нас:
سەن ئارقىلىق بىز رەقىبلىرىمىزنى ھەيدىۋېتىمىز؛ نامىڭ بىلەن ئۆزىمىزگە قارشى تۇرغانلارنى چەيلەيمىز؛
6 ибо не на лук мой уповаю, и не меч мой спасет меня;
چۈنكى ئۆز ئوقيايىمغا تايانمايمەن، قىلىچىممۇ مېنى قۇتقۇزالمايدۇ.
7 но Ты спасешь нас от врагов наших, и посрамишь ненавидящих нас.
چۈنكى سەن بىزنى رەقىبلىرىمىزدىن قۇتقۇزدۇڭ، بىزگە ئۆچ بولغانلارنى يەرگە قاراتتىڭ.
8 О Боге похвалимся всякий день, и имя Твое будем прославлять вовек.
خۇدانى كۈن بويى ئىپتىخارلىنىپ ماختايمىز؛ نامىڭنى ئەبەدىلئەبەدگىچە مەدھىيىلەيمىز. سېلاھ!
9 Но ныне Ты отринул и посрамил нас, и не выходишь с войсками нашими;
بىراق سەن [ھازىر] بىزنى تاشلاۋېتىپ ئاھانەتكە قالدۇردۇڭ؛ قوشۇنلىرىمىز بىلەن جەڭگە بىللە چىقمايسەن.
10 обратил нас в бегство от врага, и ненавидящие нас грабят нас;
سەن رەقىبلىرىمىز ئالدىدا بىزنى چېكىندۈردۈڭ؛ بىزنى ئۆچمەنلەرگە خالىغانچە تالان-تاراج قىلدۇردۇڭ.
11 Ты отдал нас, как овец, на съедение и рассеял нас между народами;
سويۇشقا تاپشۇرۇلغان قويلاردەك، بىزنى ئۇلارغا تاپشۇردۇڭ، ئەللەر ئارىسىغا بىزنى تارقىتىۋەتتىڭ.
12 без выгоды Ты продал народ Твой и не возвысил цены его;
سەن ئۆز خەلقىڭنى بىكارغا سېتىۋەتتىڭ، ئۇنىڭ قىممىتىدىن ئۆزۈڭ ھېچ بېيىپ كەتمىدىڭ؛
13 отдал нас на поношение соседям нашим, на посмеяние и поругание живущим вокруг нас;
سەن بىزنى قوشنا ئەللەرنىڭ مەسخىرىسىگە قالدۇرغانسەن؛ ئەتراپىمىزدىكىلەرگە ئاھانەت، زاڭلىق ئوبيېكتى قىلدىڭسەن.
14 Ты сделал нас притчею между народами, покиванием головы между иноплеменниками.
سەن بىزنى ئەللەر ئارىسىدا سۆز-چۆچەككە قويدۇڭسەن، يات قوۋملار بىزگە باش چايقىشىپ قاراشماقتا.
15 Всякий день посрамление мое предо мною, и стыд покрывает лице мое
مەسخىرە ھەم كۇپۇرلۇق ئېيتقۇچىلارنىڭ ئاۋازى تۈپەيلىدىن، دۈشمەنلەر ۋە ئۆچ ئالغۇچىلار تۈپەيلىدىن، كۈن بويى ئۇياتىم ئالدىمدىن كەتمەيدۇ، يۈزۈمنىڭ نومۇسى مېنى چىرمىۋالدى.
16 от голоса поносителя и клеветника, от взоров врага и мстителя:
17 все это пришло на нас, но мы не забыли Тебя и не нарушили завета Твоего.
مانا بۇلارنىڭ ھەممىسى بېشىمىزغا چۈشتى؛ بىراق بىز سېنى ئۇنتۇمىدۇق، ياكى ئەھدەڭگە ھېچ ئاسىيلىق قىلمىدۇق؛
18 Не отступило назад сердце наше, и стопы наши не уклонились от пути Твоего,
قەلبىمىز ھېچ يانمىدى، ساڭا ساداقەتسىزلىك قىلمىدۇق، قەدەملىرىمىز يولۇڭدىن ھېچ ئېزىپ كەتمىدى.
19 когда Ты сокрушил нас в земле драконов и покрыл нас тенью смертною.
بىراق سەن بىزنى چىلبۆرىلەر ماكانىدا ئەزدىڭ، بىزگە ئۆلۈم سايىسىنى چاپلاشتۇردۇڭ.
20 Если бы мы забыли имя Бога нашего и простерли руки наши к богу чужому,
ئەگەر بىز خۇدايىمىزنىڭ نامىنى ئۇنتۇغان بولساق، ياكى يات بىر ئىلاھقا قول كۆتۈرگەن بولساق،
21 то не взыскал ли бы сего Бог? Ибо Он знает тайны сердца.
خۇدا سەن چوقۇم بۇنى سۈرۈشتە قىلماس ئىدىڭمۇ، قەلبتىكى سىرلارنى بىلىپ تۇرىدىغان تۇرساڭ؟
22 Но за Тебя умерщвляют нас всякий день, считают нас за овец, обреченных на заклание.
بىراق سەن تۈپەيلى بىز كۈن بويى قىرىلماقتىمىز؛ بوغۇزلىنىشنى كۈتۈپ تۇرغان قويلار كەبى ھېسابلانماقتىمىز.
23 Восстань, что спишь, Господи! пробудись, не отринь навсегда.
ئويغان، ئى رەب! نېمىشقا ئۇخلاپ ياتىسەن؟ ئورنۇڭدىن تۇر، بىزنى مەڭگۈگە تاشلاۋەتمىگەيسەن!
24 Для чего скрываешь лице Твое, забываешь скорбь нашу и угнетение наше?
نېمىشقا يۈزۈڭنى بىزدىن يوشۇرىسەن؟ نېمىشقا كۈلپەتلىرىمىزگە، ئۇچرىغان زۇلۇملىرىمىزغا پىسەنت قىلمايسەن؟
25 ибо душа наша унижена до праха, утроба наша прильнула к земле.
قارىغىنا، جېنىمىز تۇپراقتا بېغىرلاپ يۈرىدۇ؛ تېنىمىز يەرگە چاپلاشتى؛
26 Восстань на помощь нам и избавь нас ради милости Твоей.
ئورنۇڭدىن تۇرۇپ بىزگە ياردەمدە بولغايسەن! ئۆزۈڭنىڭ ئۆزگەرمەس مۇھەببىتىڭ سەۋەبىدىن، بىزلەرنى ھۆرلۈككە چىقارغايسەن!

< Псалтирь 44 >