< زکریا 8 >

و کلام یهوه صبایوت بر من نازل شده، گفت: ۱ 1
ۋە ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى ماڭا كېلىپ مۇنداق دېيىلدى: ــ
«یهوه صبایوت چنین می‌فرماید: برای صهیون غیرت عظیمی دارم و با غضب سخت برایش غیور هستم. ۲ 2
«ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «مېنىڭ زىئونغا باغلىغان ئوتلۇق مۇھەببىتىم قايناپ تاشتى؛ مېنىڭ ئۇنىڭغا باغلىغان ئوتلۇق مۇھەببىتىم تۈپەيلىدىن [ئۇنىڭ دۈشمەنلىرىگە] غەزىپىم قايناپ تاشتى.
خداوند چنین می‌گوید: به صهیون مراجعت نموده‌ام و در میان اورشلیم ساکن خواهم شد و اورشلیم به شهر حق و کوه یهوه صبایوت به کوه مقدس مسمی خواهدشد. ۳ 3
پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «مەن زىئونغا قايتىپ كەلدىم، يېرۇسالېمنىڭ ئوتتۇرىسىدا ماكانلىشىمەن؛ يېرۇسالېم «ھەقىقەت شەھىرى» دەپ ئاتىلىدۇ، ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگارنىڭ تېغى «مۇقەددەس تاغ» دەپ ئاتىلىدۇ.
یهوه صبایوت چنین می‌گوید: مردان پیر وزنان پیر باز در کوچه های اورشلیم خواهندنشست و هر یکی از ایشان به‌سبب زیادتی عمرعصای خود را در دست خود خواهد داشت. ۴ 4
ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «قېرى بوۋاي-مومايلار يەنە يېرۇسالېمنىڭ كوچىلىرىدا ئولتۇرىدىغان بولىدۇ؛ كۈنلىرى ئۇزۇن بولۇپ، ھەربىرى ھاسىسىنى قولىدا تۇتۇپ ئولتۇرىدۇ؛
وکوچه های شهر از پسران و دختران که درکوچه هایش بازی می‌کنند پر خواهد شد. ۵ 5
شەھەرنىڭ كوچىلىرى ئويناۋاتقان ئوغۇل-قىز بالىلار بىلەن لىق تولىدۇ.
یهوه صبایوت چنین می‌گوید: اگر این امر در این‌روزها به نظر بقیه این قوم عجیب نماید آیا در نظر من عجیب خواهد نمود؟ قول یهوه صبایوت این است. ۶ 6
ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ «بۇ ئىش شۇ كۈنلەردە بۇ خەلقنىڭ قالدىسىنىڭ كۆزىگە ئاجايىب كارامەت كۆرۈنىدىغىنى بىلەن، ئۇ مېنىڭ كۆزۈمگە كارامەت كۆرۈنەمدۇ؟» ــ دەيدۇ ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار.
«یهوه صبایوت چنین می‌گوید: اینک من قوم خود را از زمین مشرق و از زمین مغرب آفتاب خواهم رهانید. ۷ 7
ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ «مانا، مەن ئۆز خەلقىمنى شەرقىي زېمىنلاردىن، غەربىي زېمىنلاردىن قۇتقۇزىمەن؛
و ایشان را خواهم آورد که دراورشلیم سکونت نمایند و ایشان قوم من خواهندبود و من براستی و عدالت خدای ایشان خواهم بود. ۸ 8
مەن ئۇلارنى ئېلىپ كېلىمەن، ئۇلار يېرۇسالېمدا ماكانلىشىدۇ؛ ئۇلار مېنىڭ خەلقىم، مەن ھەقىقەت ۋە ھەققانىيلىقتا ئۇلارنىڭ خۇداسى بولىمەن».
یهوه صبایوت چنین می‌گوید: دستهای شما قوی شود‌ای کسانی که در این ایام این کلام را از زبان انبیا شنیدید که آن در روزی که بنیادخانه یهوه صبایوت را برای بنا نمودن هیکل نهادند واقع شد. ۹ 9
ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ «ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىنىڭ ئۇلى سېلىنغان كۈنىدە ھازىر بولغان پەيغەمبەرلەرنىڭ ئاغزىدىن مۇشۇ كۈنلەردە بايان قىلىنىۋاتقان مۇنۇ سۆزلەرنى ئىشىتىۋاتىسىلەر، مۇقەددەس ئىبادەتخانىنىڭ قۇرۇلۇشىغا قولۇڭلار كۈچلۈك قىلىنسۇن!
زیرا قبل از این ایام مزدی برای انسان نبود و نه مزدی به جهت حیوان؛ و به‌سبب دشمن برای هر‌که خروج و دخول می‌کردهیچ سلامتی نبود و من همه کسان را به ضدیکدیگر واداشتم. ۱۰ 10
چۈنكى شۇ كۈنلەردىن ئىلگىرى ئىنسان ئۈچۈن ئىش ھەققى يوق، ئات-ئۇلاغ ئۈچۈنمۇ ئىش ھەققى يوق ئىدى؛ جەبىر-زۇلۇم تۈپەيلىدىن چىققۇچى ياكى كىرگۈچى ئۈچۈن ئامان-ئېسەنلىك يوق ئىدى؛ چۈنكى مەن ھەربىر ئادەمنى ئۆز يېقىنىغا دۈشمەنلەشتۈردۈم؛
اما الان یهوه صبایوت می‌گوید: من برای بقیه این قوم مثل ایام سابق نخواهم بود. ۱۱ 11
بىراق مەن بۇ خەلقنىڭ قالدىسىغا بۇرۇنقى كۈنلەردىكىدەك بولمايمەن، دەيدۇ ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار؛
زیرا که زرع سلامتی خواهد بودو مو میوه خود را خواهد داد و زمین محصول خود را خواهد آورد و آسمان شبنم خویش راخواهد بخشید و من بقیه این قوم را مالک جمیع این چیزها خواهم گردانید. ۱۲ 12
چۈنكى ئۇرۇق ھوسۇللۇق بولىدۇ، ئۈزۈم تېلى مېۋىلەيدۇ، تۇپراق ئۈندۈرمىلىرىنى بېرىدۇ، ئاسمانلار شەبنەملىرىنى بېرىدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن مەن بۇ خەلقنىڭ قالدىسىغا مۇشۇلارنىڭ ھەممىسىنى ئىگە قىلدۇرىمەن.
و واقع خواهد شد چنانکه شما‌ای خاندان یهودا وای خاندان اسرائیل در میان امت‌ها (مورد)لعنت شده‌اید، همچنان شما را نجات خواهم داد تا (مورد) برکت بشوید؛ پس مترسید ودستهای شما قوی باشد. ۱۳ 13
شۇنداق ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدۇكى، سىلەر ئەللەر ئارىسىدا لەنەت بولۇپ قالغىنىڭلارنىڭ ئەكسىچە، ئى يەھۇدا جەمەتى ۋە ئىسرائىل جەمەتى، مەن سىلەرنى قۇتقۇزىمەن، سىلەر [ئۇلارغا] بەخت-بەرىكەت بولىسىلەر؛ قورقماڭلار، قوللىرىڭلار كۈچلۈك قىلىنسۇن!
زیرا که یهوه صبایوت چنین می‌گوید: چنانکه قصد نمودم که به شما بدی برسانم حینی که پدران شماخشم مرا به هیجان آوردند و یهوه صبایوت می‌گوید که از آن پشیمان نشدم. ۱۴ 14
چۈنكى ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ سىلەرنىڭ ئاتا-بوۋىلىرىڭلار مېنىڭ غەزىپىمنى قوزغىغاندا مېنىڭ سىلەرگە يامانلىق يەتكۈزۈش ئويىدا بولغىنىم ۋە شۇ [جازا] يولىدىن يانمىغىنىمدەك ــ دەيدۇ ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار ــ
همچنین در این‌روزها رجوع نموده، قصد خواهم نمود که به اورشلیم و خاندان یهودا احسان نمایم. پس ترسان مباشید. ۱۵ 15
مەن ھازىر، مۇشۇ كۈنلەردە يەنە يېرۇسالېم ۋە يەھۇدا جەمەتىگە ياخشىلىق يەتكۈزۈش ئويىدا بولدۇم؛ قورقماڭلار.
و این است کارهایی که بایدبکنید: با یکدیگر راست گویید و در دروازه های خود انصاف و داوری سلامتی را اجرا دارید. ۱۶ 16
مۇشۇ ئىشلارغا ئەمەل قىلىڭلار: ــ ھەربىرىڭلار ئۆز يېقىنىڭلارغا ھەقىقەتنى سۆزلەڭلار؛ دەرۋازىلىرىڭلاردا ھەقىقەتكە، ئامان-تىنچلىققا ئۇيغۇن ھۆكۈملەرنى يۈرگۈزۈڭلار؛
و در دلهای خود برای یکدیگر بدی میندیشید و قسم دروغ را دوست مدارید، زیراخداوند می‌گوید از همه این کارها نفرت دارم.» ۱۷ 17
ھېچكىم كۆڭلىدە ئۆز يېقىنىغا يامانلىق ئويلىمىسۇن؛ ھېچقانداق يالغان قەسەمگە شېرىك بولماڭلار؛ چۈنكى مەن دەل بۇلارنىڭ ھەممىسىگە نەپرەتلىنىمەن، دەيدۇ پەرۋەردىگار.
و کلام یهوه صبایوت بر من نازل شده، گفت: ۱۸ 18
ۋە ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى ماڭا كېلىپ مۇنداق دېيىلدى: ــ
«یهوه صبایوت چنین می‌گوید: روزه ماه چهارم و روزه ماه پنجم و روزه ماه هفتم و روزه ماه دهم برای خاندان یهودا به شادمانی و سرور وعیدهای خوش مبدل خواهد شد پس راستی وسلامتی را دوست بدارید. ۱۹ 19
ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ «تۆتىنچى ئايدىكى روزا، بەشىنچى ئايدىكى روزا، يەتتىنچى ئايدىكى روزا ۋە ئونىنچى ئايدىكى روزا يەھۇدا جەمەتىگە خۇشاللىق ۋە شاد-خۇراملىق، بەختلىك ئىبادەت سورۇنلىرى بولىدۇ؛ شۇڭا ھەقىقەت ۋە خاتىرجەملىك-تىنچلىقنى سۆيۈڭلار.
یهوه صبایوت چنین می‌گوید: بار دیگر واقع خواهد شد که قوم‌ها و ساکنان شهرهای بسیار خواهند آمد. ۲۰ 20
ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ «نۇرغۇن قوۋملار ۋە كۆپ شەھەرلەرنىڭ ئاھالىسى يەنە مۇشۇ يەرگە كېلىدۇ؛
و ساکنان یک شهر به شهر دیگر رفته، خواهندگفت: بیایید برویم تا از خداوند مسالت نماییم ویهوه صبایوت را بطلبیم و من نیز خواهم آمد. ۲۱ 21
بىر شەھەردە تۇرۇۋاتقانلار باشقا بىر شەھەرگە بېرىپ ئۇلارغا: «پەرۋەردىگاردىن ئىلتىپات تىلەشكە، ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگارنى ئىزدەشكە تېز بارايلى؛ مەنمۇ بارىمەن!» ــ دەيدىغان بولىدۇ.
و قوم های بسیار و امت های عظیم خواهندآمد تا یهوه صبایوت را در اورشلیم بطلبند و ازخداوند مسالت نمایند. ۲۲ 22
كۆپ قوۋملار ۋە كۈچلۈك ئەللەر پەرۋەردىگاردىن ئىلتىپات تىلەشكە، ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگارنى ئىزدەشكە يېرۇسالېمغا كېلىدۇ.
یهوه صبایوت چنین می‌گوید در آن روزها ده نفر از همه زبانهای امت‌ها به دامن شخص یهودی چنگ زده، متمسک خواهند شد و خواهند گفت همراه شما می‌آییم زیرا شنیده‌ایم که خدا با شمااست.» ۲۳ 23
ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ «شۇ كۈنلەردە ھەرخىل تىلدا سۆزلەيدىغان ئەللەردىن ئون نەپەر ئادەم چىقىپ يەھۇدىي بىر ئادەمنىڭ تونىنىڭ ئېتىكىنى تۇتۇۋېلىپ ئۇنىڭغا: «بىز سەن بىلەن بارايلى؛ چۈنكى خۇدانى سەن بىلەن بىللىدۇر، دەپ ئاڭلىدۇق» ــ دەيدۇ.

< زکریا 8 >