کاش که مثل برادر من که پستانهای مادر مرامکید میبودی، تا چون تو را بیرون مییافتم تو را میبوسیدم و مرا رسوانمی ساختند. | ۱ 1 |
«ئاھ، ئاپامنىڭ كۆكسىنى شورىغان ئىنىمدەك بولساڭئىدى! سېنى تالادا ئۇچرىتار بولسام، سۆيەتتىم، ۋە ھېچكىم مېنى كەمسىتمەيتتى. |
تو را رهبری میکردم و به خانه مادرم در میآوردم تا مرا تعلیم میدادی تا شراب ممزوج و عصیر انار خود را به تو مینوشانیدم. | ۲ 2 |
مەن سېنى يېتەكلەيتتىم، ئاپاڭنىڭ ئۆيىگە ئېلىپ كىرەتتىم؛ سەن ماڭا تەلىم بېرەتتىڭ؛ مەن ساڭا تېتىتقۇ شارابىدىن ئىچكۈزەتتىم؛ ئانارلىرىمنىڭ شەربىتىدىن ئىچكۈزەتتىم. |
دست چپ او زیر سر من میبود و دست راستش مرا در آغوش میکشید. | ۳ 3 |
ئۇنىڭ سول قولى بېشىم ئاستىدا بولاتتى، ئۇنىڭ ئوڭ قولى مېنى سىلايتتى!». |
ای دختران اورشلیم شما را قسم میدهم که محبوب مرا تا خودش نخواهد بیدار نکنید و برنینگیزانید. | ۴ 4 |
«سىلەرگە تاپىلايمەنكى، ئى يېرۇسالېم قىزلىرى ــ «ئۇنىڭ ۋاقىت-سائىتى بولمىغۇچە، سىلەر مۇھەببەتنى ئويغاتماڭلار، قوزغىماڭلار!» |
این کیست که بر محبوب خود تکیه کرده، ازصحرا برمی آید؟ | ۵ 5 |
«دالادىن چىقىۋاتقان بۇ زادى كىم؟ ئۆز سۆيۈملۈكىگە يۆلىنىپ؟» «مەن ئالما دەرىخى ئاستىدا سېنى ئويغاتقانىدىم؛ ئاشۇ يەردە ئاپاڭ تولغاق يەپ سېنى دۇنياغا چىقارغانىدى؛ ئاشۇ يەردە سېنى تۇغقۇچى تولغاق يەپ سېنى چىقارغانىدى». |
مرا مثل خاتم بر دلت و مثل نگین بر بازویت بگذار، زیرا که محبت مثل موت زورآور است و غیرت مثل هاویه ستم کیش میباشد. شعله هایش شعله های آتش و لهیب یهوه است. (Sheol h7585) | ۶ 6 |
«مېنى كۆڭلۈڭگە مۆھۈردەك، بىلىكىڭگە مۆھۈردەك باسقايسەن؛ چۈنكى مۇھەببەت ئۆلۈمدەك كۈچلۈكتۇر؛ مۇھەببەتنىڭ قىزغىنىشى تەھتىسارادەك رەھىمسىز؛ ئۇنىڭدىن چىققان ئوت ئۇچقۇنلىرى، ــ ياھنىڭ دەھشەتلىك بىر يالقۇنىدۇر! (Sheol h7585) |
آبهای بسیار محبت را خاموش نتواند کرد و سیلها آن را نتواند فرو نشانید. اگر کسی تمامی اموال خانه خویش رابرای محبت بدهد آن را البته خوار خواهندشمرد. | ۷ 7 |
كۆپ سۇلار مۇھەببەتنى ئۆچۈرەلمەيدۇ؛ كەلكۈنلەر ئۇنى غەرق قىلالمايدۇ؛ بىرسى: «ئۆي-تەئەللۇقاتلىرىمنىڭ ھەممىسىنى بېرىپ مۇھەببەتكە ئېرىشىمەن» دېسە، ئۇنداقتا ئۇ ئادەم كىشىنىڭ نەزىرىدىن پۈتۈنلەي چۈشۈپ كېتىدۇ». |
ما را خواهری کوچک است که پستان ندارد. به جهت خواهر خود در روزی که او راخواستگاری کنند چه بکنیم؟ | ۸ 8 |
«بىزنىڭ كىچىك سىڭلىمىز باردۇر، بىراق ئۇنىڭ كۆكسى يوقتۇر؛ سىڭلىمىزغا ئەلچىلەر كەلگەن كۈنىدە بىز ئۇنىڭ ئۈچۈن نېمە قىلىمىز؟» |
اگر دیوار میبود، بر او برج نقرهای بنا میکردیم. و اگر دروازه میبود، او را به تخته های سرو آزادمی پوشانیدیم. | ۹ 9 |
«ئەگەر ئۇ سېپىل بولسا، بىز ئۇنىڭغا كۈمۈش مۇنار سالىمىز؛ ئەگەر ئۇ ئىشىك بولسا، بىز ئۇنى كېدىر تاختايلار بىلەن قاپلايمىز». |
من دیوار هستم و پستانهایم مثل برجهااست. لهذا در نظر او ازجمله یابندگان سلامتی شدهام. | ۱۰ 10 |
«ئۆزۈم بىر سېپىلدۇرمەن، ھەم مېنىڭ كۆكسىلىرىم مۇنارلاردەكتۇر؛ شۇڭا مەن ئۇنىڭ كۆز ئالدىدا خاتىرجەملىك تاپقان بىرسىدەك بولدۇم». |
سلیمان تاکستانی در بعل هامون داشت و تاکستان را به ناطوران سپرد، که هر کس برای میوهاش هزار نقره بدهد. | ۱۱ 11 |
«سۇلايماننىڭ بائال-ھاموندا ئۈزۈمزارى بار ئىدى، ئۈزۈمزارىنى باغۋەنلەرگە ئىجارىگە بەردى؛ ئۇلارنىڭ ھەممىسى مېۋىسى ئۈچۈن مىڭ تەڭگە ئاپىرىپ بېرىشى كېرەك ئىدى؛ |
تاکستانم که از آن من است پیش روی من میباشد. برای توای سلیمان هزار و برای ناطوران میوهاش، دویست خواهدبود. | ۱۲ 12 |
ئۆزۈمنىڭ ئۈزۈمزارىم مانا مېنىڭ ئالدىمدا تۇرىدۇ؛ ئۇنىڭ مىڭ تەڭگىسى ساڭا بولسۇن، ئى سۇلايمان، شۇنىڭدەك ئىككى يۈز تەڭگە مېۋىسىنى باققۇچىلارغا بولسۇن». |
ای (محبوبه ) که در باغات مینشینی، رفیقان آواز تو را میشنوند، مرا نیز بشنوان. | ۱۳ 13 |
«ھەي باغلاردا تۇرغۇچى، ھەمراھلار ئاۋازىڭنى ئاڭلىغۇسى بار؛ ماڭىمۇ ئۇنى ئاڭلاتقۇزغايسەن». |
ای محبوب من، فرار کن و مثل غزال یا بچه آهو بر کوههای عطریات باش. | ۱۴ 14 |
«ئى سۆيۈملۈكۈم، تېز بولە، جەرەن ياكى ياش بۇغىدەك بول، تېتىتقۇلار تاغلىرى ئۈستىدە يۈگۈرۈپ!» |