سرود و مزمور بنی قورح برای سالار مغنیان برمحلت لعنوت. قصیده هیمان ازراحی ای یهوه خدای نجات من، شب و روزنزد تو فریاد کردهام. | ۱ 1 |
كوراھنىڭ ئوغۇللىرى ئۈچۈن يېزىلغان كۈي-ناخشا: ــ نەغمىچىلەرنىڭ بېشىغا تاپشۇرۇلۇپ، «ماخالات-لېئانوت» ئاھاڭىدا ئوقۇلسۇن دەپ، ئەزرالىق ھېمان يازغان «ماسقىل»: ــ ئى پەرۋەردىگار، نىجاتلىقىم بولغان خۇدا، كېچە-كۈندۈز ساڭا نالە قىلىپ كەلدىم. |
دعای من به حضور تو برسد، به ناله من گوش خود را فراگیر. | ۲ 2 |
دۇئايىم سېنىڭ ئالدىڭغا كىرىپ ئىجابەت بولسۇن؛ نىدايىمغا قۇلاق سالغايسەن؛ |
زیرا که جان من از بلایا پر شده است وزندگانیام به قبر نزدیک گردیده. (Sheol h7585) | ۳ 3 |
چۈنكى دەردلەردىن جېنىم تويغان، ھاياتىم تەھتىساراغا يېقىنلاشقان، (Sheol h7585) |
از فروروندگان به هاویه شمرده شدهام و مثل مرد بیقوت گشتهام. | ۴ 4 |
ھاڭغا چۈشۈۋاتقانلار قاتارىدا ھېسابلىنىمەن؛ كۈچ-مادارى قۇرۇغان ئادەمدەك بولۇپ قالدىم. |
در میان مردگان منفرد شده، مثل کشتگان که در قبر خوابیدهاند، که ایشان را دیگربه یاد نخواهی آورد و از دست تو منقطع شدهاند. | ۵ 5 |
ئۆلۈكلەر ئارىسىغا تاشلانغانمەن، قىرىلىپ قەبرىدە ياتقانلاردەك؛ سەن ئۇلارنى يەنە ئەسلىمەيسەن، ئۇلار قولۇڭدىن ئۈزۈپ ئېلىنىپ يىراق قىلىنغان. |
مرا در هاویه اسفل گذاشتهای، در ظلمت درژرفیها. | ۶ 6 |
سەن مېنى ھاڭنىڭ ئەڭ تېگىگە، زۇلمەتلىك جايلارغا، دېڭىزنىڭ چوڭقۇر يەرلىرىگە چۆمدۈردۈڭ. |
خشم تو بر من سنگین شده است و به همه امواج خود مرا مبتلا ساختهای، سلاه. | ۷ 7 |
قەھرىڭ ئۈستۈمگە ئېغىر يۈكتەك باستى، بارلىق دولقۇنلىرىڭ بىلەن مېنى قىينىدىڭ. |
آشنایانم را از من دور کرده، و مرا مکروه ایشان گردانیدهای محبوس شده، بیرون نمی توانم آمد. | ۸ 8 |
مەندىن دوست-بۇرادەرلىرىمنى يىراقلاشتۇردۇڭ؛ ئۇلارنى مەندىن يىرگەندۈردۈڭ؛ مەن قامالغانمەن، ھېچ چىقالمايمەن. |
چشمانم از مذلت کاهیده شد. ای خداوند، نزدتو فریاد کردهام تمامی روز. دستهای خود را به تودراز کردهام. | ۹ 9 |
كۆزلىرىم ئازاب-ئوقۇبەتتىن خىرەلەشتى؛ ھەر كۈنى ساڭا نىدا قىلىمەن، ئى پەرۋەردىگار، قوللىرىمنى ساڭا كۆتۈرۈپ كەلدىم. |
آیا برای مردگان کاری عجیب خواهی کرد؟ مگر مردگان برخاسته، تو را حمد خواهندگفت؟ سلاه. | ۱۰ 10 |
ئۆلۈكلەرگە مۆجىزە كۆرسىتەرسەنمۇ؟ مەرھۇملار ئورنىدىن تۇرۇپ ساڭا تەشەككۈر ئېيتارمۇ؟ |
آیا رحمت تو در قبر مذکورخواهد شد؟ و امانت تو در هلاکت؟ | ۱۱ 11 |
ئۆزگەرمەس مۇھەببىتىڭ قەبرىدە بايان قىلىنارمۇ؟ ھالاكەت دىيارىدا سادىقلىق-ھەقىقىتىڭ ماختىلارمۇ؟ |
آیا کارعجیب تو در ظلمت اعلام میشود و عدالت تودر زمین فراموشی؟ | ۱۲ 12 |
كارامەتلىرىڭ زۈلمەتتە تونۇلارمۇ؟ ھەققانىيلىقىڭ «ئۇنتۇلۇش زېمىنى»دە بىلىنەرمۇ؟ |
و اما من نزد توای خداوندفریاد برآوردهام و بامدادان دعای من درپیش تومی آید. | ۱۳ 13 |
بىراق مەن بولسام، پەرۋەردىگار، ساڭا پەرياد كۆتۈرىمەن، تاڭ سەھەردە دۇئايىم ئالدىڭغا كىرىدۇ. |
ای خداوند چرا جان مرا ترک کرده، وروی خود را از من پنهان نمودهای. | ۱۴ 14 |
ئى پەرۋەردىگار، نېمىگە جېنىمنى تاشلىۋەتتىڭ؟ نېمىگە جامالىڭنى مەندىن يوشۇردۇڭ؟ |
من مستمندو از طفولیت مشرف بر موت شدهام. ترسهای تورا متحمل شده، متحیر گردیدهام. | ۱۵ 15 |
ياشلىقىمدىن تارتىپ مەن ئېزىلگەن، بىماردۇرمەن؛ ۋەھشەتلىرىڭنى كۆرۈۋېرىپ ھېچ ھالىم قالمىدى. |
حدت خشم تو بر من گذشته است و خوف های تو مراهلاک ساخته. | ۱۶ 16 |
قەھرىڭ ئۈستۈمدىن ئۆتتى؛ ۋەھىمىلىرىڭ مېنى نابۇت قىلدى. |
مثل آب دور مرا گرفته است تمامی روز و مرا از هر سو احاطه نموده. | ۱۷ 17 |
ئۇلار كۈن بويى تاشقىن سۇلىرىدەك مېنى ئوراۋالدى، تامامەن مېنى چۆمدۈردى. |
یاران و دوستان را از من دور کردهای و آشنایانم را در تاریکی. | ۱۸ 18 |
جان دوستلىرىمنى، ئاغىنىلىرىمنى مېنىڭدىن يىراقلاشتۇردۇڭ، مېنىڭ ئەزىز دوستۇم بولسا قاراڭغۇلۇقتۇر! |