سرود و مزمور بنی قورح خداوند بزرگ است و بینهایت مجید، در شهر خدای ما و در کوه مقدس خویش. | ۱ 1 |
نەغمىچىلەرنىڭ بېشىغا تاپشۇرۇلۇپ ئوقۇلسۇن دەپ، كوراھنىڭ ئوغۇللىرى ئۈچۈن يېزىلغان كۈي: ــ ئۇلۇغدۇر پەرۋەردىگار، خۇدايىمىزنىڭ شەھىرىدە، ئۇنىڭ مۇقەددەسلىكى تۇرغان تاغدا، ئۇ زور مەدھىيەلەرگە لايىقتۇر! |
جمیل در بلندیاش و شادی تمامی جهان است کوه صهیون، در جوانب شمال، قریه پادشاه عظیم. | ۲ 2 |
ئېگىزلىكىدىن كۆركەم، زىئون تېغى، پۈتكۈل جاھاننىڭ خۇرسەنلىكىدۇر؛ شىمالىي تەرەپلىرى گۈزەلدۇر، بۈيۈك پادىشاھنىڭ شەھىرىدۇر! |
خدا در قصرهای آن به ملجای بلند معروف است. | ۳ 3 |
خۇدا قورغانلىرىدا تۇرىدۇ، بۇ يەردە ئۇ ئېگىز پاناھگاھ دەپ تونۇلىدۇ؛ |
زیرا اینک پادشاهان جمع شدند، و با هم درگذشتند. | ۴ 4 |
مانا، پادىشاھلار يىغىلدى، ئۇلار شەھەرنى بېسىپ ئۆتۈپ، جەم بولدى. |
ایشان چون دیدندمتعجب گردیدند. و در حیرت افتاده، فرار کردند. | ۵ 5 |
[شەھەرنى] كۆرۈپلا ئۇلار ئالاقزادە بولدى؛ دەككە-دۈككىگە چۈشۈپ بەدەر قېچىشتى. |
لرزه بر ایشان در آنجا مستولی گردید و دردشدید مثل زنی که میزاید. | ۶ 6 |
ئۇ يەردە ئۇلارنى تىترەك باستى، تولغاق يېگەن ئايالدەك ئۇلار ئازابلاندى؛ |
تو کشتیهای ترشیش را به باد شرقی شکستی. | ۷ 7 |
سەن تارشىشتىكى كېمىلەرنى شەرق شامىلى بىلەن ۋەيران قىلىۋەتتىڭ. |
چنانکه شنیده بودیم، همچنان دیدهایم، در شهر یهوه صبایوت، در شهر خدای ما؛ خدا آن را تا ابدالاباد مستحکم خواهد ساخت، سلاه. | ۸ 8 |
قۇلىقىمىز ئاڭلىغاننى، ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگارنىڭ شەھىرىدە، خۇدايىمىزنىڭ شەھىرىدە، بىز ھازىر ئۆز كۆزىمىز بىلەن شۇنداق كۆردۇق؛ خۇدا مەڭگۈگە ئۇنى مۇستەھكەم قىلىدۇ. سېلاھ. |
ای خدا در رحمت توتفکر کردهایم، در اندرون هیکل تو. | ۹ 9 |
بىز سېنىڭ مۇقەددەس ئىبادەتخاناڭ ئىچىدە تۇرۇپ، ئى خۇدا، ئۆزگەرمەس مۇھەببىتىڭنى سېغىندۇق. |
ای خداچنانکه نام تو است، همچنان تسبیح تو نیز تااقصای زمین. دست راست تو از عدالت پر است. | ۱۰ 10 |
نامىڭغا لايىقتۇر، جاھاننىڭ چەت-چەتلىرىگىچە يەتكۈزۈلگەن مەدھىيىلىرىڭ، ئى خۇدا؛ سېنىڭ ئوڭ قولۇڭ ھەققانىيلىق بىلەن تولغان. |
کوه صهیون شادی میکند و دختران یهودا به وجد میآیند، بهسبب داوریهای تو. | ۱۱ 11 |
سېنىڭ ئادىل ھۆكۈملىرىڭدىن، زىئون تېغى شادلانغاي! يەھۇدا قىزلىرى خۇشال بولغاي! |
صهیون را طواف کنید و گرداگرد او بخرامید و برجهای وی را بشمارید. | ۱۲ 12 |
زىئون تېغىنى ئايلىنىپ مېڭىپ، ئەتراپىدا سەيلى قىلىڭلار؛ ئۇنىڭ مۇنارلىرىنى ساناپ بېقىڭلار؛ |
دل خود را به حصارهایش بنهید و در قصرهایش تامل کنید تا طبقه آینده رااطلاع دهید. | ۱۳ 13 |
كېيىنكى ئەۋلادقا ئۇنى بايان قىلىش ئۈچۈن، سېپىل-ئىستىھكاملىرىنى كۆڭۈل قويۇپ كۆزىتىڭلار، قورغانلىرىنى كۆزدىن كەچۈرۈڭلار. |
زیرا این خدا، خدای ماست تاابدالاباد و ما را تا به موت هدایت خواهد نمود. | ۱۴ 14 |
چۈنكى بۇ خۇدا ئەبەدىلئەبەد بىزنىڭ خۇدايىمىزدۇر؛ ئۇ ئۆمۈرۋايەت بىزنىڭ يېتەكچىمىز بولىدۇ! |