و روسای خاندان آبای قبیله بنی جلعادبن ماکیربن منسی که از قبایل بنی یوسف بودند نزدیک آمده به حضور موسی وبه حضور سروران و روسای خاندان آبای بنیاسرائیل عرض کرده، | ۱ 1 |
يۈسۈپ ئەۋلادلىرىنىڭ جەمەتلىرىدىن ماناسسەھنىڭ نەۋرىسى، ماكىرنىڭ ئوغلى گىلېئادنىڭ ئەۋلادلىرىنىڭ جەمەت باشلىقلىرى مۇسا ۋە ئىسرائىللارنىڭ كاتتىلىرى بولغان ئەمىرلەرنىڭ ئالدىغا كېلىپ مۇنداق دېدى: — |
گفتند: «خداوند، آقای ما را امر فرمود که زمین را به قرعه تقسیم کرده، به بنیاسرائیل بدهد، و آقای ما از جانب خداوند مامور شده است که نصیب برادر ماصلفحاد را به دخترانش بدهد. | ۲ 2 |
«پەرۋەردىگار ئىلگىرى غوجامغا چەك تاشلاپ زېمىننى ئىسرائىل خەلقىگە مىراس قىلىپ تەقسىم قىلىپ بېرىشنى بۇيرۇغان؛ غوجاممۇ پەرۋەردىگارنىڭ قېرىندىشىمىز زەلوفىھادنىڭ مىراسىنى ئۇنىڭ قىزلىرىغا تەقسىم قىلىپ بېرىش توغرىسىدىكى بۇيرۇقىنىمۇ ئالغان. |
پس اگر ایشان به یکی از پسران سایر اسباط بنیاسرائیل منکوحه شوند، ارث ما از میراث پدران ما قطع شده، به میراث سبطی که ایشان به آن داخل شوند، اضافه خواهد شد، و از بهره میراث ما قطع خواهد شد. | ۳ 3 |
لېكىن، ئۇلار ئىسرائىللارنىڭ باشقا قەبىلىسىدىكىلەرگە ياتلىق بولۇپ كەتسە، ئۇلارنىڭ مىراسىمۇ ئاتا-بوۋىلىرىمىزنىڭ مىراسىدىن چىقىپ ئۇلارنىڭ ئەرلىرىنىڭ قەبىلىسىنىڭ مىراسىغا قوشۇلۇپ كېتىدۇ؛ ئۇنداق بولغاندا بىز چەك تاشلاپ ئېرىشكەن مىراس تۈگەيدۇ. |
و چون یوبیل بنیاسرائیل بشود ملک ایشان به ملک سبطی که به آن داخل شوند اضافه خواهدشد، و ملک ایشان از ملک پدران ما قطع خواهدشد.» | ۴ 4 |
ئىسرائىللارنىڭ «ئازادلىق يىلى» كەلگەندە ئۇلارنىڭ مىراسى ئۇلارنىڭ ئەرلىرىنىڭ قەبىلىسىنىڭ مىراسىغا قوشۇلۇپ كېتىدۇ؛ بۇنداق بولغاندا ئۇلارنىڭ مىراسى بىزنىڭ ئاتا-بوۋىلىرىمىزنىڭ مىراسىدىن ئېلىپ كېتىلىدۇ». |
پس موسی بنیاسرائیل را برحسب قول خداوند امر فرموده، گفت: «سبط بنی یوسف راست گفتند. | ۵ 5 |
مۇسا پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى بويىچە ئىسرائىللارغا سۆز قىلىپ مۇنداق ئەمر قىلىپ: — يۈسۈپ قەبىلىسىدىكىلەر توغرا ئېيتىدۇ. |
این است آنچه خداوند درباره دختران صلفحاد امر فرموده، گفته است: به هرکه در نظر ایشان پسند آید، به زنی داده شوند، لیکن در قبیله سبط پدران خود فقط به نکاح داده شوند. | ۶ 6 |
زەلوفىھادنىڭ قىزلىرى توغرىسىدا پەرۋەردىگارنىڭ بۇيرۇغىنى مۇنداق: «ئۇلار ئۆزلىرى خالىغان ئەرگە ياتلىق بولسا بولۇۋېرىدۇ، لېكىن ئۆز جەمەتى، ئۆز ئاتا قەبىلىسىدىن بولغان بىرىگە ياتلىق بولۇشى كېرەك. |
پس میراث بنیاسرائیل از سبط به سبط منتقل نشود، بلکه هر یکی از بنیاسرائیل به میراث سبطپدران خود ملصق باشند. | ۷ 7 |
شۇنداق بولغاندا ئىسرائىللارنىڭ مىراسى بىر قەبىلىدىن يەنە بىر قەبىلىگە يۆتكىلىپ كەتمەيدۇ؛ ئىسرائىللارنىڭ ھەربىرى ئۆز ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ قەبىلىسىنىڭ مىراسىنى چىڭ تۇتۇپ قويۇپ بەرمەسلىكى كېرەك. |
و هر دختری که وارث ملکی از اسباط بنیاسرائیل بشود، به کسی از قبیله سبط پدر خود به زنی داده شود، تا هریکی از بنیاسرائیل وارث ملک آبای خود گردند. | ۸ 8 |
ئىسرائىللارنىڭ ھەربىرى ئۆز ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ مىراسىنى ئىگىلەش ئۈچۈن ئىسرائىل قەبىلىلىرىدىن مىراسقا ۋارىسلىق قىلغان ھەربىر قىز-ئايال ئۆز ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ قەبىلىسىدىن بولغان بىرسىگە ياتلىق بولۇشى كېرەك. |
و ملک از یک سبط به سبط دیگر منتقل نشود، بلکه هرکس از اسباط بنیاسرائیل به میراث خودملصق باشند.» | ۹ 9 |
مۇشۇنداق بولغاندا، ئىسرائىللارنىڭ مىراسى بىر قەبىلىدىن يەنە بىر قەبىلىگە يۆتكىلىپ كەتمەيدۇ؛ چۈنكى ئىسرائىل قەبىلىلىرى ئۆز مىراسىنى قولىدىن بەرمەسلىكى كېرەك، — دېدى. |
پس چنانکه خداوند موسی را امر فرمود، دختران صلفحاد چنان کردند. | ۱۰ 10 |
پەرۋەردىگار مۇساغا قانداق ئەمر قىلغان بولسا، زەلوفىھادنىڭ قىزلىرىمۇ شۇنداق قىلدى. |
و دختران صلفحاد، محله و ترصه و حجله و ملکه و نوعه به پسران عموهای خود به زنی داده شدند. | ۱۱ 11 |
زەلوفىھادنىڭ قىزلىرىدىن ماھلاھ، تىرزاھ، ھوگلاھ، مىلكاھ ۋە نوئاھلار ئۆز تاغىلىرىنىڭ ئوغۇللىرىغا ياتلىق بولدى. |
درقبایل بنی منسی ابن یوسف منکوحه شدند وملک ایشان در سبط قبیله پدر ایشان باقی ماند. | ۱۲ 12 |
ئۇلار يۈسۈپنىڭ ئوغلى ماناسسەھنىڭ ئەۋلادلىرىنىڭ جەمەتىدىكىلەرگە ياتلىق بولدى؛ ئۇلارنىڭ مىراسى يەنىلا ئاتىسىنىڭ قەبىلىسى ئىچىدە قالدى. |
این است اوامر و احکامی که خداوند به واسطه موسی در عربات موآب نزد اردن در مقابل اریحا به بنیاسرائیل امر فرمود. | ۱۳ 13 |
بۇلار پەرۋەردىگار يېرىخونىڭ ئۇدۇلىدا، ئىئوردان دەرياسىنىڭ بويىدىكى موئاب تۈزلەڭلىكلىرىدە مۇسانىڭ ۋاسىتىسى بىلەن ئىسرائىللارغا بۇيرۇغان ئەمرلەر ۋە ھۆكۈملەردۇر. |