< اعداد 26 >

و بعد از وبا، خداوند موسی و العازاربن هارون کاهن را خطاب کرده، گفت: ۱ 1
ۋابادىن كېيىن پەرۋەردىگار مۇسا بىلەن ھارۇننىڭ ئوغلى ئەلىئازارغا سۆز قىلىپ: —
«شماره تمامی بنی‌اسرائیل را برحسب خاندان آبای ایشان، از بیست ساله و بالاتر، یعنی جمیع کسانی را که از اسرائیل به جنگ بیرون می‌روند، بگیرید.» ۲ 2
سىلەر پۈتكۈل ئىسرائ‍ىللارنىڭ جامائىتى ئىچىدە يىگىرمە ياشتىن ئاشقان، جەڭگە چىقالايدىغانلارنى ئاتا جەمەتى بويىچە ھېسابلاپ ساناقتىن ئۆتكۈزۈڭلار، — دېدى.
پس موسی و العازار کاهن ایشان را درعربات موآب، نزد اردن در مقابل اریحا خطاب کرده، گفتند: ۳ 3
شۇنىڭ بىلەن مۇسا بىلەن كاھىن ئەلىئازار موئاب تۈزلەڭلىكلىرىدە، يەنى يېرىخونىڭ يېنىدىكى ئىئوردان دەرياسىنىڭ بويىدا ئىسرائ‍ىللار بىلەن سۆزلىشىپ ئۇلارغا:
«قوم را از بیست ساله و بالاتربشمارید، چنانکه خداوند موسی و بنی‌اسرائیل را که از زمین مصر بیرون آمدند، امر فرموده بود.» ۴ 4
«پەرۋەردىگارنىڭ مۇسا ۋە مىسىردىن چىققان ئىسرائ‍ىللارغا بۇيرۇغىنى بويىچە، سىلەردىن يىگىرمە ياشتىن ئاشقانلارنىڭ ھەممىسى [تىزىملىنىپ] ساناقتىن ئۆتكۈزۈلۈشى كېرەك» دەپ ئۇقتۇردى. [تىزىملىتىلغان سانلار مۇنداق بولدى]: —
روبین نخست زاده اسرائیل: بنی روبین: ازحنوک، قبیله حنوکیان. و از فلو، قبیله فلوئیان. ۵ 5
ئىسرائىلنىڭ تۇنجى ئوغلى رۇبەن ئىدى. رۇبەننىڭ ئەۋلادلىرى، يەنى ھانۇقنىڭ نەسلىدىن بولغان ھانۇق جەمەتى؛ پاللۇنىڭ نەسلىدىن بولغان پاللۇ جەمەتى؛
واز حصرون، قبیله حصرونیان. و از کرمی، قبیله کرمیان. ۶ 6
ھەزرون نەسلىدىن بولغان ھەزرون جەمەتى؛ كارمى نەسلىدىن بولغان كارمى جەمەتى.
اینانند قبایل روبینیان و شمرده شدگان ایشان، چهل و سه هزار و هفتصد و سی نفر بودند. ۷ 7
بۇلار رۇبەننىڭ جەمەتلىرى بولۇپ، ئۇلاردىن ساناقتىن ئۆتكۈزۈلگىنى جەمئىي قىرىق ئۈچ مىڭ يەتتە يۈز ئوتتۇز كىشى بولدى.
و بنی فلو: الیاب. ۸ 8
پاللۇنىڭ ئوغلى ئېلىئاب؛
و بنی الیاب: نموئیل و داتان و ابیرام. اینانند داتان و ابیرام که خوانده‌شدگان جماعت بوده، با موسی و هارون در جمعیت قورح مخاصمه کردند، چون با خداوند مخاصمه نمودند، ۹ 9
ئېلىئابنىڭ ئوغۇللىرى نىمۇئەل، داتان، ئابىرام ئىدى. داتان بىلەن ئابىرام ئەسلىدە جامائەت ئىچىدىن چاقىرىلغان مۆتىۋەرلەر بولسىمۇ، كوراھ گۇرۇھىدىكىلەر پەرۋەردىگار بىلەن تاكاللاشقاندا، ئۇلار بىلەن بىرلىشىپ مۇسا ۋە ھارۇن بىلەن تاكاللاشقانىدى.
و زمین دهان خود را گشوده، ایشان رابا قورح فرو برد، هنگامی که آن گروه مردند وآتش، آن دویست و پنجاه نفر را سوزانیده، عبرت گشتند. ۱۰ 10
يەر ئاغزىنى ئېچىپ ئۇلارنى كوراھ بىلەن بىرگە يۇتۇپ كەتكەن؛ شۇ چاغدا كوراھ گۇرۇھىدىكىلەرنىڭ ھەممىسى ئۆلگەن؛ باشقىلارغا ئىبرەت بولسۇن دەپ، ئوت ئۇنىڭ ئىككى يۈز ئەللىك ئادىمىنى يۇتۇپ كەتكەن.
لکن پسران قورح نمردند. ۱۱ 11
لېكىن كوراھنىڭ ئەۋلادلىرى ئۆلۈپ كەتمىگەن.
و بنی شمعون برحسب قبایل ایشان: ازنموئیل، قبیله نموئیلیان و از یامین، قبیله یامینیان و از یاکین، قبیله یاکینیان. ۱۲ 12
شىمېئوننىڭ ئەۋلادلىرى، جەمەت بويىچە، نەمۇئەلنىڭ نەسلىدىن بولغان نەمۇئەل جەمەتى؛ يامىن نەسلىدىن بولغان يامىن جەمەتى؛ ياقىن نەسلىدىن بولغان ياقىن جەمەتى؛
و از زارح قبیله زارحیان و از شاول قبیله شاولیان. ۱۳ 13
زەراھ نەسلىدىن بولغان زەراھ جەمەتى؛ سائۇل نەسلىدىن بولغان سائۇل جەمەتى.
اینانندقبایل شمعونیان: بیست و دو هزار و دویست نفر. ۱۴ 14
بۇلار شىمېئوننىڭ جەمەتلىرى بولۇپ، جەمئىي يىگىرمە ئىككى مىڭ ئىككى يۈز ئادەم چىقتى.
و بنی جاد برحسب قبایل ایشان: از صفون قبیله صفونیان و از حجی قبیله حجیان و از شونی قبیله شونیان. ۱۵ 15
گاد قەبىلىسىدىن، جەمەت بويىچە، زەفون نەسلىدىن بولغان زەفون جەمەتى؛ ھاگگى نەسلىدىن بولغان ھاگگى جەمەتى؛ شۇنى نەسلىدىن بولغان شۇنى جەمەتى؛
و از ازنی قبیله ازنیان و از عیری، قبیله عیریان. ۱۶ 16
ئوزنى نەسلىدىن بولغان ئوزنى جەمەتى؛ ئېرى نەسلىدىن بولغان ئېرى جەمەتى؛
و از ارود قبیله ارودیان و ازارئیلی قبیله ارئیلیان. ۱۷ 17
ئارود نەسلىدىن بولغان ئارود جەمەتى؛ ئارئەلى نەسلىدىن بولغان ئارئەلى جەمەتى.
اینانند قبایل بنی جادبرحسب شماره ایشان، چهل هزار و پانصد نفر. ۱۸ 18
بۇلار گاد ئەۋلادلىرىنىڭ جەمەتلىرى بولۇپ، ئۇلار جەمەتلىرى بويىچە ساناقتىن ئۆتكۈزۈلگەندە جەمئىي قىرىق مىڭ بەش يۈز ئادەم چىقتى.
و بنی یهودا عیر و اونان. و عیر و اونان درزمین کنعان مردند. ۱۹ 19
يەھۇدانىڭ ئوغۇللىرى ئېر بىلەن ئونان ئىدى؛ بۇ ئىككىسى قانائان زېمىنىدا ئۆلۈپ كەتكەن.
و بنی یهودا برحسب قبایل ایشان اینانند: از شیله قبیله شیلئیان و از فارص قبیله فارصیان و از زارح قبیله زارحیان. ۲۰ 20
يەھۇدانىڭ ئەۋلادلىرى، جەمەتى بويىچە، شىلاھنىڭ نەسلىدىن بولغان شىلاھ جەمەتى؛ پەرەزنىڭ نەسلىدىن بولغان پەرەز جەمەتى؛ زەراھنىڭ نەسلىدىن بولغان زەراھ جەمەتى.
وبنی فارص اینانند: از حصرون قبیله حصرونیان واز حامول قبیله حامولیان. ۲۱ 21
پەرەزنىڭ ئەۋلادلىرى ھەزروننىڭ نەسلىدىن بولغان ھەزرون جەمەتى؛ ھامۇلنىڭ نەسلىدىن بولغان ھامۇل جەمەتى.
اینانند قبایل یهودابرحسب شمرده شدگان ایشان، هفتاد و شش هزارو پانصد نفر. ۲۲ 22
بۇلار يەھۇدانىڭ جەمەتلىرى بولۇپ، ئۇلار جەمەت بويىچە ساناقتىن ئۆتكۈزۈلگەندە جەمئىي يەتمىش ئالتە مىڭ بەش يۈز ئادەم چىقتى.
و بنی یساکار برحسب قبایل ایشان: از تولع قبیله تولعیان و از فوه قبیله فوئیان. ۲۳ 23
ئىسساكارنىڭ ئەۋلادلىرى، جەمەت بويىچە، تولانىڭ نەسلىدىن بولغان تولا جەمەتى؛ پۇئاھنىڭ نەسلىدىن بولغان پۇئاھ جەمەتى؛
و از یاشوب قبیله یاشوبیان و از شمرون قبیله شمرونیان. ۲۴ 24
ياشۇبنىڭ نەسلىدىن بولغان ياشۇب جەمەتى؛ شىمروننىڭ نەسلىدىن بولغان شىمرون جەمەتى.
اینانند قبایل یساکار برحسب شمرده شدگان ایشان، شصت و چهار هزار و سیصد نفر. ۲۵ 25
بۇلار ئىسساكارنىڭ جەمەتلىرى بولۇپ، ئۇلار جەمەت بويىچە ساناقتىن ئۆتكۈزۈلگەندە جەمئىي ئاتمىش تۆت مىڭ ئۈچ يۈز ئادەم چىقتى.
و بنی زبولون برحسب قبایل ایشان: از ساردقبیله ساردیان و از ایلون قبیله ایلونیان و ازیحلیئیل قبیله یحلیئیلیان. ۲۶ 26
زەبۇلۇننىڭ ئەۋلادلىرى، جەمەتى بويىچە، سەرەدنىڭ نەسلىدىن بولغان سەرەد جەمەتى؛ ئېلون نەسلىدىن بولغان ئېلون جەمەتى؛ جاھلىيەلنىڭ نەسلىدىن بولغان جاھلىيەل جەمەتى.
اینانند قبایل زبولونیان برحسب شمرده شدگان ایشان، شصت هزار و پانصد نفر. ۲۷ 27
بۇلار زەبۇلۇننىڭ جەمەتلىرى بولۇپ، ئۇلار جەمەت بويىچە ساناقتىن ئۆتكۈزۈلگەندە جەمئىي ئاتمىش مىڭ بەش يۈز ئادەم چىقتى.
و بنی یوسف برحسب قبایل ایشان: منسی و افرایم. ۲۸ 28
يۈسۈپنىڭ ئوغۇللىرى: — جەمەت بويىچە، ماناسسەھ بىلەن ئەفرائىم ئىدى.
و بنی منسی: از ماکیر قبیله ماکیریان وماکیر جلعاد را آورد و از جلعاد قبیله جلعادیان. ۲۹ 29
ماناسسەھنىڭ ئەۋلادلىرى: — ماكىرنىڭ نەسلىدىن بولغان ماكىر جەمەتى ‹ماكىردىن گىلېئاد تۆرەلگەن›، گىلېئادنىڭ نەسلىدىن بولغان گىلېئاد جەمەتى ئىدى.
اینانند بنی جلعاد: از ایعزر قبیله ایعزریان، ازحالق قبیله حالقیان. ۳۰ 30
تۆۋەندىكىلەر گىلېئادنىڭ ئەۋلادلىرى: — يەئەزەرنىڭ نەسلىدىن بولغان يەئەزەر جەمەتى؛ ھەلەكنىڭ نەسلىدىن بولغان ھەلەك جەمەتى؛
از اسریئیل قبیله اسریئیلیان، از شکیم قبیله شکیمیان. ۳۱ 31
ئاسرىيەلنىڭ نەسلىدىن بولغان ئاسرىيەل جەمەتى؛ شەكەمنىڭ نەسلىدىن بولغان شەكەم جەمەتى؛
ازشمیداع قبیله شمیداعیان و از حافر قبیله حافریان. ۳۲ 32
شەمىدانىڭ نەسلىدىن بولغان شەمىدا جەمەتى؛ ھەفەرنىڭ نەسلىدىن بولغان ھەفەر جەمەتى.
و صلحفاد بن حافر را پسری نبودلیکن دختران داشت و نامهای دختران صلحفاد محله و نوعه و حجله و ملکه و ترصه. ۳۳ 33
ھەفەرنىڭ ئوغلى زەلوفىھاد ئوغۇل پەرزەنت كۆرمەي قىز پەرزەنت كۆرگەن؛ زەلوفىھادنىڭ قىزلىرىنىڭ ئىسمى ماھلاھ، نوئاھ، ھوگلاھ، مىلكاھ، تىرزاھ ئىدى.
اینانندقبایل منسی و شمرده شدگان ایشان، پنجاه ودوهزار و هفتصد نفر بودند. ۳۴ 34
بۇلار ماناسسەھنىڭ جەمەتلىرى بولۇپ، ساناقتىن ئۆتكۈزۈلگەندە جەمئىي ئەللىك ئىككى مىڭ يەتتە يۈز ئادەم چىقتى.
و اینانند بنی افرایم برحسب قبایل ایشان: از شوتالح قبیله شوتالحیان و از باکر قبیله باکریان و از تاحن قبیله تاحنیان. ۳۵ 35
تۆۋەندىكىلەر ئەفرائىمنىڭ ئەۋلادلىرى، جەمەتى بويىچە: — شۇتىلاھنىڭ نەسلىدىن بولغان شۇتىلاھ جەمەتى؛ بەكەرنىڭ نەسلىدىن بولغان بەكەر جەمەتى؛ تاھاننىڭ نەسلىدىن بولغان تاھان جەمەتى.
و بنی شوتالح اینانند: از عیران قبیله عیرانیان. ۳۶ 36
شۇتىلانىڭ ئەۋلادلىرى ئېراننىڭ نەسلىدىن بولغان ئېران جەمەتى.
اینانند قبایل بنی افرایم برحسب شمرده شدگان ایشان، سی و دو هزار وپانصد نفر. و بنی یوسف برحسب قبایل ایشان اینانند. ۳۷ 37
مانا بۇلار ئەفرائىم ئەۋلادلىرىنىڭ جەمەتلىرى بولۇپ، ھەرقايسى جەمەتلەر بويىچە ساناقتىن ئۆتكۈزۈلگەندە جەمئىي ئوتتۇز ئىككى مىڭ بەش يۈز ئادەم چىقتى. جەمەتلىرى بويىچە، ئۇلارنىڭ ھەممىسى يۈسۈپنىڭ ئەۋلادلىرى ئىدى.
و بنی بنیامین برحسب قبایل ایشان: از بالع قبیله بالعیان از اشبیل قبیله اشبیلیان و از احیرام قبیله احیرامیان. ۳۸ 38
بىنيامىننىڭ ئەۋلادلىرى، جەمەتى بويىچە، بېلانىڭ نەسلىدىن بولغان بېلا جەمەتى؛ ئاشبەلنىڭ نەسلىدىن بولغان ئاشبەل جەمەتى؛ ئاھىرامنىڭ نەسلىدىن بولغان ئاھىرام جەمەتى؛
از شفوفام قبیله شفوفامیان ازحوفام قبیله حوفامیان. ۳۹ 39
شەفۇفامنىڭ نەسلىدىن بولغان شۇفام جەمەتى؛ ھۇفامنىڭ نەسلىدىن بولغان ھۇفام جەمەتى.
و بنی بالع: ارد و نعمان. از ارد قبیله اردیان و از نعمان قبیله نعمانیان. ۴۰ 40
ئارد بىلەن نائامان بېلانىڭ ئوغۇللىرى ئىدى؛ ئاردنىڭ نەسلىدىن بولغان ئارد جەمەتى؛ نائاماننىڭ نەسلىدىن بولغان نائامان جەمەتى.
اینانند بنی بنیامین برحسب قبایل ایشان وشمرده شدگان ایشان، چهل و پنج هزار و ششصدنفر بودند. ۴۱ 41
بۇلار بىنيامىننىڭ ئەۋلادلىرى بولۇپ، جەمەت بويىچە ساناقتىن ئۆتكۈزۈلگەندە جەمئىي قىرىق بەش مىڭ ئالتە يۈز ئادەم چىقتى.
اینانند بنی دان برحسب قبایل ایشان: ازشوحام قبیله شوحامیان. اینانند قبایل دان برحسب قبایل ایشان. ۴۲ 42
تۆۋەندىكىلەر داننىڭ ئەۋلادلىرى بولۇپ، جەمەت بويىچە، شۇھامنىڭ نەسلىدىن بولغان شۇھام جەمەتى؛ جەمەت بويىچە بۇلار داننىڭ جەمەتلىرى ئىدى.
جمیع قبایل شوحامیان برحسب شمرده شدگان ایشان، شصت وچهارهزار و چهارصد نفر بودند. ۴۳ 43
شۇھامنىڭ ھەممە جەمەتى ساناقتىن ئۆتكۈزۈلگەندە جەمئىي ئاتمىش تۆت مىڭ تۆت يۈز ئادەم چىقتى.
اینانند بنی اشیر برحسب قبایل ایشان: ازیمنه قبیله یمنئیان، از یشوی قبیله یشویان، ازبریعه قبیله بریعئیان، ۴۴ 44
ئاشىرنىڭ ئەۋلادلىرى، جەمەت بويىچە، يىمناھنىڭ نەسلىدىن بولغان يىمناھ جەمەتى؛ يېشۋىنىڭ نەسلىدىن بولغان يېشۋى جەمەتى؛ بېرىياھنىڭ نەسلىدىن بولغان بېرىياھ جەمەتى.
از بنی بریعه، از حابر قبیله حابریان، از ملکیئیل قبیله ملکیئیلیان. ۴۵ 45
بېرىياھنىڭ ئەۋلادلىرى، جەمەت بويىچە، ھەبەرنىڭ نەسلىدىن بولغان ھەبەر جەمەتى؛ مالكىئەلنىڭ نەسلىدىن بولغان مالكىئەل جەمەتى.
و نام دختر اشیر، ساره بود. ۴۶ 46
ئاشىرنىڭ قىزىنىڭ ئىسمى سېراھ ئىدى.
اینانند قبایل بنی اشیربرحسب شمرده شدگان ایشان، پنجاه و سه هزار وچهارصد نفر. ۴۷ 47
بۇلار ئاشىر ئەۋلادلىرىنىڭ جەمەتلىرى بولۇپ، ئۇلار جەمەت بويىچە ساناقتىن ئۆتكۈزۈلگەندە جەمئىي ئەللىك ئۈچ مىڭ تۆت يۈز ئادەم چىقتى.
اینانند بنی نفتالی برحسب قبایل ایشان: ازیاحصئیل، قبیله یاحصئیلیان، از جونی قبیله جونیان. ۴۸ 48
نافتالىنىڭ ئەۋلادلىرى، جەمەت بويىچە، ياھزىئەلنىڭ نەسلىدىن بولغان ياھزىئەل جەمەتى؛ گۇنىنىڭ نەسلىدىن بولغان گۇنى جەمەتى؛
از یصر قبیله یصریان از شلیم قبیله شلیمیان. ۴۹ 49
يەزەرنىڭ نەسلىدىن بولغان يەزەر جەمەتى؛ شىللەمنىڭ نەسلىدىن بولغان شىللەم جەمەتى.
اینانند قبایل نفتالی برحسب قبایل ایشان و شمرده شدگان ایشان، چهل و پنج هزار وچهارصد نفر بودند. ۵۰ 50
بۇلار نافتالىنىڭ جەمەتلىرى بولۇپ، جەمەت بويىچە ساناقتىن ئۆتكۈزۈلگەندە جەمئىي قىرىق بەش مىڭ تۆت يۈز ئادەم چىقتى.
اینانند شمرده شدگان بنی‌اسرائیل: ششصدو یکهزار و هفتصد و سی نفر. ۵۱ 51
يۇقىرىقىلار ئىسرائ‍ىللاردىن ساناقتىن ئۆتكۈزۈلگەنلەر بولۇپ، جەمئىي ئالتە يۈز بىر مىڭ يەتتە يۈز ئوتتۇز ئادەم چىقتى.
و خداوند موسی را خطاب کرده، گفت: ۵۲ 52
پەرۋەردىگار مۇساغا سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: —
«برای اینان برحسب شماره نامها، زمین برای ملکیت تقسیم بشود. ۵۳ 53
زېمىن مۇشۇلارغا رويخەتكە ئېلىنغان سان بويىچە مىراس قىلىپ تەقسىم قىلىنسۇن.
برای کثیر، نصیب او رازیاده کن و برای قلیل، نصیب او را کم نما، به هرکس برحسب شمرده شدگان او نصیبش داده شود. ۵۴ 54
مىراسنى ئادەم سانى كۆپ قەبىلىلەرگە كۆپرەك، ئادەم سانى ئاز قەبىلىلەرگە ئازراق بۆل؛ مىراس رويخەتتىن ئۆتكۈزۈلگەن ئادەم سانىغا قاراپ ھەربىر ئادەمگە بۆلۈپ بېرىلسۇن.
لیکن زمین به قرعه تقسیم شود، و برحسب نامهای اسباط آبای خود در آن تصرف نمایند. ۵۵ 55
ھالبۇكى، زېمىن چەك تاشلىنىش يولى بىلەن بۆلۈنسۇن؛ ئۇلار مىراسقا ئۆزلىرىنىڭ ئاتا جەمەت-قەبىلىسىنىڭ نامى بويىچە ۋارىسلىق قىلسۇن.
موافق قرعه، ملک ایشان در میان کثیر و قلیل تقسیم شود.» ۵۶ 56
مىراس ئۇلارغا چەك تاشلاش يولى بىلەن ئادەم سانىنىڭ ئاز-كۆپلۈكىگە قاراپ ھەربىر [ئائىلە-جەمەتكە] بۆلۈپ بېرىلسۇن.
و اینانند شمرده شدگان لاوی برحسب قبایل ایشان: از جرشون قبیله جرشونیان، ازقهات قبیله قهاتیان، از مراری قبیله مراریان. ۵۷ 57
تۆۋەندىكىلەر ئاتا جەمەت بويىچە ساناقتىن ئۆتكۈزۈلگەن لاۋىيلار: — گەرشوننىڭ نەسلىدىن بولغان گەرشون جەمەتى؛ كوھاتنىڭ نەسلىدىن بولغان كوھات جەمەتى؛ مەرارىنىڭ نەسلىدىن بولغان مەرارى جەمەتى.
اینانند قبایل لاویان: قبیله لبنیان و قبیله حبرونیان و قبیله محلیان و قبیله موشیان و قبیله قورحیان. اما قهات، عمرام را آورد. ۵۸ 58
بۇلار لاۋىيلارنىڭ جەمەتلىرى: — لىبنى جەمەتى، ھېبرون جەمەتى، ماھلى جەمەتى، مۇشى جەمەتى، كوراھ جەمەتى. كوھاتتىن ئامرام تۆرەلگەن.
و نام زن عمرام، یوکابد بود، دختر لاوی که برای لاوی درمصر زاییده شد و او برای عمرام، هارون و موسی و خواهر ایشان مریم را زایید. ۵۹ 59
ئامرامنىڭ ئايالىنىڭ ئىسمى يوكەبەد بولۇپ، لاۋىينىڭ مىسىردا تۇغۇلغان قىزى ئىدى؛ ئۇ ئامرامغا ھارۇن، مۇسا ۋە ئۇلارنىڭ ئاچىسى مەريەمنى تۇغۇپ بەرگەن.
و برای هارون ناداب و ابیهو و العازار و ایتامار زاییده شدند. ۶۰ 60
ھارۇندىن ناداب، ئابىھۇ، ئەلىئازار، ئىتامار تۆرەلگەن.
ناداب و ابیهو چون آتش غریبی به حضورخداوند گذرانیده بودند، مردند. ۶۱ 61
لېكىن ناداب بىلەن ئابىھۇ پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىغا غەيرىي بىر ئوتنى سۇنغاندا ئۆلۈپ كەتكەن.
وشمرده شدگان ایشان یعنی همه ذکوران از یک ماهه و بالاتر، بیست و سه هزار نفر بودند زیرا که ایشان در میان بنی‌اسرائیل شمرده نشدند، چونکه نصیبی در میان بنی‌اسرائیل به ایشان داده نشد. ۶۲ 62
لاۋىيلار ئىچىدە بىر ئايلىقتىن ئاشقان بارلىق ئەركەكلەر ساناقتىن ئۆتكۈزۈلگەندە جەمئىي يىگىرمە ئۈچ مىڭ ئادەم چىقتى. ئۇلار ئىسرائ‍ىللار ئىچىدە ساناقتىن ئۆتكۈزۈلمىگەن، چۈنكى ئۇلارغا ئىسرائ‍ىللار ئىچىدە ھېچقانداق مىراس [زېمىن] بۆلۈپ بېرىلمىگەن.
اینانند آنانی که موسی و العازار کاهن شمردند، وقتی که بنی‌اسرائیل را در عربات موآب نزد اردن در مقابل اریحا شمردند. ۶۳ 63
يۇقىرىدا ئېيتىلغان ئادەملەر موئاب تۈزلەڭلىكلىرىدە، يېرىخونىڭ ئۇدۇلىدىكى ئىئوردان دەرياسى بويىدا مۇسا بىلەن كاھىن ئەلىئازار تەرىپىدىن ساناقتىن ئۆتكۈزۈلگەن ئىسرائ‍ىللاردۇر.
و درمیان ایشان کسی نبود از آنانی که موسی و هارون کاهن، شمرده بودند وقتی که بنی‌اسرائیل را دربیابان سینا شمردند. ۶۴ 64
بىراق بۇ ئادەملەر ئىچىدە مۇسا بىلەن كاھىن ھارۇن ئىلگىرى سىناي چۆلىدە ساناقتىن ئۆتكۈزگەندە ساناقتىن ئۆتكۈزۈلگەن بىرمۇ ئادەم يوق ئىدى.
زیرا خداوند درباره ایشان گفته بود که البته در بیابان خواهند مرد، پس از آنهایک مرد سوای کالیب بن یفنه و یوشع بن نون باقی نماند. ۶۵ 65
چۈنكى پەرۋەردىگار ئۇلار توغرىسىدا: «ئۇلار چۆلدە ئۆلمەي قالمايدۇ» دەپ ئېيتقانىدى. شۇڭا، يەفۇننەھنىڭ ئوغلى كالەب بىلەن نۇننىڭ ئوغلى يەشۇئادىن باشقا بىرىمۇ قالمىغان.

< اعداد 26 >