< اعداد 19 >

و خداوند موسی و هارون را خطاب کرده، گفت: ۱ 1
پەرۋەردىگار مۇسا بىلەن ھارۇنغا سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: —
«این است فریضه شریعتی که خداوند آن را امر فرموده، گفت: به بنی‌اسرائیل بگو که گاو سرخ پاک که در آن عیب نباشد و یوغ بر گردنش نیامده باشد، نزد توبیاورند. ۲ 2
مەن پەرۋەردىگار ئەمر قىلغان قانۇن-بەلگىلىمە شۇكى: — سەن ئىسرائ‍ىللارغا بۇيرۇغىن، ئۇلار بېجىرىم، نۇقسانسىز، بويۇنتۇرۇق سېلىنمىغان قىزىل ياش سىيىردىن بىرنى سېنىڭ يېنىڭغا ئەكەلسۇن.
و آن را به العازار کاهن بدهید، و آن رابیرون از لشکرگاه برده، پیش روی وی کشته شود. ۳ 3
سەن سىيىرنى كاھىن ئەلىئازارغا تاپشۇر، ئۇ ئۇنى چېدىرگاھنىڭ سىرتىغا ئەپچىقسۇن، ئاندىن بىرسى سىيىرنى ئۇنىڭ ئالدىدا بوغۇزلىسۇن.
و العازار کاهن به انگشت خود از خون آن بگیرد، و به سوی پیشگاه خیمه اجتماع آن خون را هفت مرتبه بپاشد. ۴ 4
كاھىن ئەلىئازار بارمىقىنى قانغا مىلەپ، جامائەت چېدىرىنىڭ ئالدىغا قارىتىپ يەتتە مەرتەم چاچسۇن.
و گاو در نظر او سوخته شود، پوست و گوشت و خون با سرگین آن سوخته شود. ۵ 5
ئاندىن بىرسى ئەلىئازارنىڭ كۆز ئالدىدا پۈتكۈل سىيىرنى كۆيدۈرسۇن، يەنى ئۇنىڭ تېرىسى، گۆشى، قېنى ۋە تېزەكلىرىنى كۆيدۈرسۇن.
و کاهن چوب سرو با زوفا و قرمز گرفته، آنها را در میان آتش گاو بیندازد. ۶ 6
كاھىن كېدىر ياغىچى، زوفا ئۆسۈملۈكى ۋە قىزىل رەختنى سىيىر كۆيدۈرۈلىدىغان ئوتقا تاشلىسۇن.
پس کاهن رخت خود را بشوید و بدن خود را به آب غسل دهد، و بعد از آن در لشکرگاه داخل شود و کاهن تا شام نجس باشد. ۷ 7
ئاندىن كاھىن ئۆز كىيىمىنى يۇسۇن ۋە بەدىنىنى سۇدا يۇسۇن، ئاندىن كېيىن بارگاھقا كىرىشكە بولىدۇ؛ لېكىن كاھىن كەچ كىرگۈچە ناپاك سانالسۇن.
و کسی‌که آن را سوزانید، رخت خود را به آب بشوید و بدن خود را به آب غسل دهد، و تا شام نجس باشد. ۸ 8
سىيىرنى كۆيدۈرگەن كىشىمۇ كىيىملىرىنى سۇ بىلەن يۇيۇپ، ئۆز بەدىنىنى سۇدا يۇسۇن، ئاندىن ئۇ كەچ كىرگۈچە ناپاك سانالسۇن.
«و شخص طاهر، خاکستر گاو را جمع کرده، بیرون از لشکرگاه در جای پاک بگذارد. و آن بجهت جماعت بنی‌اسرائیل برای آب تنزیه نگاه داشته شود. آن قربانی گناه است. ۹ 9
پاك بىر ئادەم سىيىرنىڭ كۈلىنى يىغىپ بارگاھنىڭ سىرتىدىكى پاك بىر يەرگە قويسۇن؛ ئۇ ئىسرائىل جامائىتى ئۈچۈن «ناپاكلىقنى چىقارغۇچى سۇ»نى ياساشقا شۇ يەردە ساقلانسۇن، ئۇ بىر «گۇناھنى پاكلىغۇچى»دۇر.
و کسی‌که خاکستر گاو را جمع کند، رخت خود را بشوید وتا شام نجس باشد. این برای بنی‌اسرائیل و غریبی که در میان ایشان ساکن باشد، فریضه‌ای ابدی خواهد بود. ۱۰ 10
سىيىرنىڭ كۈلىنى يىغىشتۇرغان ئادەم ئۆزىنىڭ كىيىملىرىنى يۇسۇن ۋە كەچ كىرگۈچە ناپاك سانالسۇن. بۇ ئىسرائ‍ىللارغا ۋە ئۇلارنىڭ ئارىسىدا تۇرۇۋاتقان مۇساپىرلارغا مەڭگۈلۈك قانۇن-بەلگىلىمە بولىدۇ.
«هرکه میته هر آدمی را لمس نماید هفت روز نجس باشد. ۱۱ 11
ــ ئۆلۈككە، يەنى ھەرقانداق ئۆلگەن كىشىنىڭ جەسىتىگە تېگىپ كەتكەن ھەربىر كىشى يەتتە كۈن ناپاك سانىلىدۇ.
و آن شخص در روز سوم خویشتن را به آن پاک کند، و در روز هفتم طاهرباشد، و اگر خویشتن را در روز سوم پاک نکرده باشد، در روز هفتم طاهر نخواهد بود. ۱۲ 12
ئۇ ئادەم ئۈچىنچى كۈنى [ئاشۇ سۇ] بىلەن ئۆزىنى پاكلىسۇن، ھەمدە يەتتىنچى كۈنىمۇ پاكلىسۇن، ئاندىن ئۇ پاك سانىلىدۇ؛ ئەگەر ئۇ ئۈچىنچى كۈنى ھەمدە يەتتىنچى كۈنى ئۆزىنى پاكلىمىسا، پاك سانالمايدۇ.
و هرکه میته هر آدمی را که مرده باشد لمس نموده، و خود را به آن پاک نکرده باشد، او مسکن خداوندرا ملوث کرده است. و آن شخص از اسرائیل منقطع شود، چونکه آب تنزیه بر او پاشیده نشده است، نجس خواهد بود، و نجاستش بر وی باقی است. ۱۳ 13
ھەرقانداق ئادەم ئۆلۈككە، يەنى ھەرقانداق ئۆلگەن كىشىنىڭ جەسىتىگە تېگىپ كەتسە، ھەمدە ئۆزىنى پاكلىمىسا، پەرۋەردىگارنىڭ چېدىرىنى بۇلغىغان بولىدۇ؛ شۇ كىشى ئىسرائىل ئارىسىدىن ئۈزۈپ تاشلىنىدۇ؛ چۈنكى «ناپاكلىقنى چىقارغۇچى سۇ» ئۇنىڭغا سېپىلمىگەچكە، ئۇ ناپاك سانىلىدۇ؛ ئۇنىڭ ناپاكلىقى تېخىچە ئۈستىدە تۇرىدۇ.
«این است قانون برای کسی‌که در خیمه‌ای بمیرد، هرکه داخل آن خیمه شود و هرکه در آن خیمه باشد هفت روز نجس خواهد بود. ۱۴ 14
ئەگەر بىرەر كىشى بىر چېدىر ئىچىدە ئۆلۈپ قالغان بولسا، ئۇ توغرۇلۇق قانۇن-بەلگىلىمە مۇنداق بولىدۇ: — شۇ چېدىرغا كىرگەن ھەربىرسى ۋە چېدىردا تۇرۇپ قالغانلارنىڭ ھەربىرى يەتتە كۈن ناپاك سانىلىدۇ.
و هرظرف گشاده که سرپوش برآن بسته نباشد، نجس خواهد بود. ۱۵ 15
ھەربىر ئوچۇق تۇرغان، ئاغزى يېپىلمىغان قاچا-قۇچىلارنىڭ ھەممىسى ناپاك سانىلىدۇ.
و هرکه در بیابان کشته شمشیر یامیته یا استخوان آدمی یا قبری را لمس نماید، هفت روز نجس باشد. ۱۶ 16
شۇنىڭدەك دالادا قىلىچ-شەمشەر بىلەن ئۆلتۈرۈلگەنلەرگە، ياكى ئۆزى ئۆلۈپ قالغاننىڭ ئۆلۈكىگە، ياكى ئادەمنىڭ ئۇستىخىنىنىغا ياكى قەبرىسىگە تەگكەن ھەربىر كىشى يەتتە كۈنگىچە ناپاك سانىلىدۇ.
و برای شخص نجس ازخاکستر آتش آن قربانی گناه بگیرند و آب روان برآن در ظرفی بریزند. ۱۷ 17
كىشىلەر بۇ ناپاك كىشى ئۈچۈن «پاكلاندۇرغۇچى قۇربانلىق»نىڭ كۈلىدىن ئازراق ئېلىپ كومزەككە سېلىپ، ئۇلارنىڭ ئۈستىگە ئېقىن سۇ قۇيسۇن.
و شخص طاهر زوفاگرفته، درآن آب فرو برد و بر خیمه بر همه اسباب و کسانی که در آن بودند و بر شخصی که استخوان یا مقتول یا میته یا قبر را لمس کرده باشد، بپاشد. ۱۸ 18
ئاندىن پاك بىر كىشى زوفا ئۆسۈملۈكىنى ئېلىپ شۇ سۇغا تەگكۈزۈپ ئۇنى چېدىرغا ۋە ئىچىدىكى بارلىق قاچا-قۇچىلارغا ھەم شۇ يەردە تۇرغان بارلىق كىشىلەرنىڭ ئۈستىگە سېپىپ قويسۇن، ۋە يەنە ئۇنى ئۇستىخانغا، ئۆلتۈرۈلگۈچىگە ياكى قەبرىگە تەگكەن كىشىنىڭ ئۈستىگە سېپىپ قويسۇن.
و آن شخص طاهر، آب را بر آن شخص نجس در روز سوم و در روز هفتم بپاشد، و در روزهفتم خویشتن را تطهیر کرده، رخت خود رابشوید و به آب غسل کند و در شام طاهرخواهد بود. ۱۹ 19
ئۈچىنچى كۈنى ۋە يەتتىنچى كۈنى ھېلىقى پاك ئادەم [پاك بولمىغان ئادەملەرنىڭ] ئۈستىگە شۇ سۇنى سېپىپ قويسۇن؛ شۇنداق قىلغاندا، يەتتىنچى كۈنىگە كەلگەندە ئۇ كىشى پاكلانغان بولىدۇ؛ ئاندىن ئۇ كىشى كىيىملىرىنى يۇيۇپ، بەدىنىنى سۇدا يۇسۇن، كەچ كىرگەندە ئۇ پاك سانىلىدۇ.
و اما کسی‌که نجس شده، خویشتن را تطهیر نکند. آن شخص از میان جماعت منقطع شود، چونکه مقدس خداوند راملوث نموده، و آب تنزیه بر او پاشیده نشده است. او نجس است. ۲۰ 20
لېكىن ناپاك بولۇپ قېلىپ، ئۆزىنى پاكلىمىغان كىشى پەرۋەردىگارنىڭ مۇقەددەس جايىنى بۇلغىغىنى ئۈچۈن، جامائەت ئارىسىدىن ئۈزۈپ تاشلىنىدۇ؛ «ناپاكلىقنى چىقارغۇچى سۇ» ئۇنىڭ ئۈستىگە سېپىلمىگەن، شۇڭا ئۇ ناپاك سانىلىدۇ.
«و برای ایشان فریضه ابدی خواهد بود. وکسی‌که آب تنزیه را بپاشد، رخت خود را بشویدو کسی‌که آب تنزیه را لمس کند تا شام نجس باشد. ۲۱ 21
بۇ ئىسرائ‍ىللارغا مەڭگۈلۈك بەلگىلىمە بولىدۇ. «ناپاكلىقنى چىقارغۇچى سۇ»نى سەپكەن كىشى بولسا ئۆزىنىڭ كىيىملىرىنى يۇسۇن ۋە «ناپاكلىقنى چىقارغۇچى سۇ»غا تەگكەن كىشى كەچ كىرگۈچە ناپاك سانالسۇن.
و هر چیزی را که شخص نجس لمس نماید نجس خواهد بود، و هر کسی‌که آن را لمس نماید تا شام نجس خواهد بود.» ۲۲ 22
ناپاك كىشى تەگكەن ھەرقانداق نەرسىمۇ ناپاك سانىلىدۇ؛ بۇ نەرسىلەرگە تەگكەن كىشىلەرمۇ كەچ كىرگۈچە ناپاك سانالسۇن.

< اعداد 19 >