< نحمیا 3 >

و الیاشیب، رئیس کهنه و برادرانش از کاهنان برخاسته، دروازه گوسفند را بناکردند. ایشان آن را تقدیس نموده، دروازه هایش را برپا نمودند و آن را تا برج میا و برج حننئیل تقدیس نمودند. ۱ 1
شۇ چاغدا باش كاھىن ئەلىياشىب ۋە ئۇنىڭ كاھىن قېرىنداشلىرى قوپۇپ «قوي قوۋۇقى»نى يېڭىۋاشتىن ياساپ چىقتى؛ ئۇلار قوۋۇقنىڭ قاناتلىرىنى ئورنىتىپ، ئۇنى [خۇداغا] ئاتاپ مۇقەددەس دەپ بېكىتتى؛ ئۇلار «يۈزنىڭ مۇنارى» بىلەن «ھانانىيەلنىڭ مۇنارى»غىچە بولغان ئارىلىقتىكى سېپىلنى ئوڭشاپ، ئۇنى مۇقەددەس دەپ بېكىتتى؛
و به پهلوی او، مردان اریحا بناکردند و به پهلوی ایشان، زکور بن امری بنا نمود. ۲ 2
ئۇنىڭغا تۇتاش قىسمىنى يېرىخولۇقلار ياسىدى؛ يەنە ئۇنىڭغا تۇتاش قىسمىنى ئىمرىنىڭ ئوغلى زاككۇر ياسىدى.
و پسران هسناه، دروازه ماهی را بنا کردند. ایشان سقف آن را ساختند و درهایش را با قفلها وپشت بندهایش برپا نمودند. ۳ 3
«بېلىق قوۋۇقى»نى سەنائاھنىڭ ئوغۇللىرى ياسىدى؛ ئۇلار ئۇنىڭ لىم-كېشەكلىرىنى سېلىپ، قاناتلىرى، تاقاقلىرى ۋە بالداقلىرىنى ئورناتتى.
و به پهلوی ایشان، مریموت بن اوریا ابن حقوص تعمیر نمود و به پهلوی ایشان، مشلام بن برکیا ابن مشیزبئیل تعمیرنمود و به پهلوی ایشان، صادوق بن بعنا تعمیرنمود. ۴ 4
ئۇنىڭغا تۇتاش قىسمىنى ھاكوزنىڭ نەۋرىسى، ئۇرىيانىڭ ئوغلى مەرەموت ياسىدى؛ ئۇنىڭغا تۇتاش قىسمىنى مەشەزابەلنىڭ نەۋرىسى، بەرەكىيانىڭ ئوغلى مەشۇللام ياسىدى. ئۇنىڭغا تۇتاش قىسمىنى بائاناھنىڭ ئوغلى زادوك ياسىدى.
و به پهلوی ایشان، تقوعیان تعمیر کردند، اما بزرگان ایشان گردن خود را به خدمت خداوندخویش ننهادند. ۵ 5
ئۇنىڭغا تۇتاش قىسمىنى تەكوئالىقلار ياسىدى؛ لېكىن ئۇلارنىڭ چوڭلىرى ئۆز خوجىسىنىڭ ئىشىنى زىممىسىگە ئىلىشقا ئۇنىمىدى.
و یویاداع بن فاسیح و مشلام بن بسودیا، دروازه کهنه را تعمیر نمودند. ایشان سقف آن را ساختند و درهایش را با قفلها وپشت بندهایش برپا نمودند. ۶ 6
«كونا قوۋۇق»نى پاسىيانىڭ ئوغلى يەھودا بىلەن بېسودىيانىڭ ئوغلى مەشۇللام ياسىدى؛ ئۇلار ئۇنىڭ لىم-كېشەكلىرىنى سېلىپ، قاناتلىرى، تاقاقلىرى ۋە بالداقلىرىنى ئورناتتى.
و به پهلوی ایشان، ملتیای جبعونی و یادون میرونوتی و مردان جبعون و مصفه آنچه را که متعلق به کرسی والی ماورای نهر بود، تعمیر نمودند. ۷ 7
ئۇلارنىڭ يېنىدىكى تۇتاش قىسمىنى گىبېئونلۇق مەلاتىيا، مېرونوتلۇق يادون ھەمدە دەريانىڭ بۇ غەربىي تەرىپىدىكى ۋالىيلارنىڭ باشقۇرۇشى ئاستىدىكى گىبېئونلۇقلار بىلەن مىزپاھلىقلار ياسىدى.
و به پهلوی ایشان، عزیئیل بن حرهایا که از زرگران بود، تعمیرنمود و به پهلوی او حننیا که از عطاران بود تعمیرنمود، پس اینان اورشلیم را تا حصار عریض، مستحکم ساختند. ۸ 8
ئۇلارنىڭ يېنىدىكى تۇتاش قىسمىنى زەرگەرلەردىن بولغان خارھايانىڭ ئوغلى ئۇززىيەل ياسىدى. ئۇنىڭغا تۇتاش قىسمىنى خۇشبۇي بۇيۇم ياسايدىغان ئەتىرچىلەردىن ھانانىيا ياسىدى. ئۇلار يېرۇسالېم [سېپىلىنى] تاكى «قېلىن تام»غىچە ئوڭشاپ ياسىدى.
و به پهلوی ایشان، رفایا ابن حور که رئیس نصف بلد اورشلیم بود، تعمیرنمود. ۹ 9
ئۇلارنىڭ يېنىدىكى تۇتاش قىسمىنى يېرۇسالېمنىڭ يېرىمىنىڭ ھاكىمى بولغان خۇرنىڭ ئوغلى رېفايا ياسىدى.
و به پهلوی ایشان، یدایا ابن حروماف دربرابر خانه خود تعمیر نمود و به پهلوی اوحطوش بن حشبنیا، تعمیر نمود. ۱۰ 10
ئۇلارنىڭ يېنىدا، خارۇمافنىڭ ئوغلى يەدايا ئۆزىنىڭ ئۆيىنىڭ ئۇدۇلىدىكى قىسمىنى ياسىدى. ئۇلارنىڭ يېنىدىكى قىسمىنى خاشابنىيانىڭ ئوغلى ھاتتۇش ياسىدى.
و ملکیا ابن حاریم و حشوب بن فحت موآب، قسمت دیگر وبرج تنورها را تعمیر نمودند. ۱۱ 11
ھارىمنىڭ ئوغلى مالكىيا بىلەن پاھات-موئابنىڭ ئوغلى ھاششۇب سېپىلنىڭ باشقا بىر بۆلىكى بىلەن «خۇمدانلار مۇنارى»نى ياسىدى.
و به پهلوی او، شلوم بن هلوحیش رئیس نصف بلد اورشلیم، او ودخترانش تعمیر نمودند. ۱۲ 12
ئۇلارنىڭ يېنىدىكى تۇتاش قىسمىنى يېرۇسالېمنىڭ يېرىمىنىڭ ھاكىمى خاللوھەشنىڭ ئوغلى شاللوم ئۆزى ۋە ئۇنىڭ قىزلىرى ياسىدى.
و حانون و ساکنان زانوح، دروازه وادی را تعمیر نمودند. ایشان آن را بنا کردند و درهایش را با قفلها و پشتبندهایش برپا نمودند و هزار ذراع حصار را تا دروازه خاکروبه. ۱۳ 13
«جىلغا قوۋۇقى»نى ھانۇن بىلەن زانوئاھ شەھىرىنىڭ ئاھالىسى ياسىدى. ئۇلار ئۇنى ياساپ، ئۇنىڭ قاناتلىرى، تاقاقلىرى ۋە بالداقلىرىنى ئورناتتى ۋە يەنە «تېزەك قوۋۇقى»غىچە مىڭ گەز سېپىلنىمۇ ياسىدى.
و ملکیا ابن رکاب رئیس بلدبیت هکاریم، دروازه خاکروبه را تعمیر نمود. اوآن را بنا کرد و درهایش را با قفلها و پشتبندهایش برپا نمود. ۱۴ 14
«تېزەك قوۋۇقى»نى بەيت-ھاككەرەم يۇرتىنىڭ باشلىقى رەكابنىڭ ئوغلى مالكىيا ياسىدى؛ ئۇلار ئۇنى ياساپ، ئۇنىڭ قاناتلىرى، تاقاقلىرى ۋە بالداقلىرىنى ئورناتتى.
و شلون بن کلخوزه رئیس بلد مصفه، دروازه چشمه را تعمیر نمود. او آن را بنا کرده، سقف آن را ساخت و درهایش را با قفلها وپشت بندهایش برپا نمود و حصار برکه شلح رانزد باغ پادشاه نیز تا زینه‌ای که از شهر داود فرودمی آمد. ۱۵ 15
«بۇلاق قوۋۇقى»نى مىزپاھ يۇرتىنىڭ باشلىقى كول-ھوزەھنىڭ ئوغلى شاللۇم ياسىدى. ئۇ ئۇنى ياساپ، ئۆگزىسىنى يېپىپ، ئۇنىڭ قاناتلىرى، تاقاقلىرى ۋە بالداقلىرىنى ئورناتتى ۋە يەنە شاھانە باغنىڭ يېنىدىكى سىلوئام كۆلىنىڭ سېپىلىنى «داۋۇتنىڭ شەھىرى»دىن چۈشىدىغان پەلەمپەيگىچە يېڭىۋاشتىن ياسىدى.
و بعد از او نحمیا ابن عزبوق رئیس نصف بلد بیت صور، تا برابر مقبره داود و تا برکه مصنوعه و تا بیت جباران را تعمیر نمود. ۱۶ 16
ئۇنىڭدىن كېيىنكى تۇتاش قىسمىنى داۋۇتنىڭ قەبرىلىرىنىڭ ئۇدۇلىدىكى ۋە ئۇنىڭدىن كېيىنكى سۈنئىي كۆلگە ھەم ئۇنىڭ كەينىدىكى «پالۋانلارنىڭ ئۆيى»گە قەدەر بەيت-زۇر يۇرتىنىڭ يېرىمىنىڭ ھاكىمى، ئازبۇكنىڭ ئوغلى نەھەمىيا ياسىدى.
و بعداز او لاویان، رحوم بن بانی تعمیر نمود و به پهلوی او حشبیا رئیس نصف بلد قعیله در حصه خودتعمیر نمود. ۱۷ 17
ئۇنىڭدىن كېيىنكى تۇتاش قىسمىنى لاۋىيلار ــ يەنى بانىنىڭ ئوغلى رەھۇم ياسىدى، ئۇنىڭ يېنىدىكى تۇتاش قىسمىنى كېئىلاھنىڭ يېرىم يۇرتىنىڭ ھاكىمى ھاشابىيا ئۆز يۇرتىغا ۋاكالىتەن ياساپ چىقتى.
و بعد از او برادران ایشان، بوای ابن حیناداد، رئیس نصف بلد قعیله تعمیر نمود. ۱۸ 18
ئۇنىڭ يېنىدىكى تۇتاش قىسمىنى ئۇلارنىڭ قېرىنداشلىرى ــ كېئىلاھنىڭ ئىككىنچى يېرىمىنىڭ ھاكىمى، ھېنادادنىڭ ئوغلى باۋاي ياسىدى.
و به پهلوی او، عازر بن یشوع رئیس مصفه قسمت دیگر را در برابر فراز سلاح خانه نزدزاویه، تعمیر نمود. ۱۹ 19
ئۇنىڭ يېنىدا، مىزپاھنىڭ ھاكىمى يەشۇيانىڭ ئوغلى ئېزەر قورال-ياراغ ئامبىرىغا چىقىش يولىنىڭ ئۇدۇلىدا، سېپىلنىڭ دوقمۇشىدىكى يەنە بىر بۆلىكىنى ياسىدى.
و بعد از او باروک بن زبای، به صمیم قلب قسمت دیگر را از زاویه تا دروازه الیاشیب، رئیس کهنه تعمیر نمود. ۲۰ 20
زابباينىڭ ئوغلى بارۇق ئۇنىڭدىن كېيىنكى يەنە بىر بۆلىكىنى، يەنى سېپىلنىڭ دوقمۇشىدىن تاكى باش كاھىن ئەلىياشىبنىڭ ئۆيىنىڭ دەرۋازىسىغىچە بولغان بۆلىكىنى كۆڭۈل قويۇپ ياسىدى.
و بعد از اومریموت بن اوریا ابن هقوص قسمت دیگر را ازدر خانه الیاشیب تا آخر خانه الیاشیب، تعمیرنمود. ۲۱ 21
ئۇنىڭ يېنىدا ھاكوزنىڭ نەۋرىسى، ئۇرىيانىڭ ئوغلى مەرەموت سېپىلنىڭ ئەلىياشىبنىڭ ئۆيىنىڭ دەرۋازىسىدىن تاكى ئەلىياشىبنىڭ ھويلىسىنىڭ ئاخىرىغىچە بولغان يەنە بىر بۆلىكىنى ياسىدى.
و بعد از او کاهنان، از اهل غور تعمیرنمودند. ۲۲ 22
بۇلاردىن كېيىنكى بىر قىسمىنى ئىئوردان تۈزلەڭلىكىدىكىلەر، كاھىنلار ياسىدى.
و بعد از ایشان، بنیامین و حشوب دربرابر خانه خود تعمیر نمودند و بعد از ایشان، عزریا ابن معسیا ابن عننیا به‌جانب خانه خودتعمیر نمود. ۲۳ 23
بۇلارنىڭ يېنىدا، بىنيامىن بىلەن ھاششۇب ئۆز ئۆيىنىڭ ئۇدۇلىدىكى بۆلىكىنى ياسىدى. ئۇلاردىن كېيىن ئانانىيانىڭ نەۋرىسى، مائاسېياھنىڭ ئوغلى ئازارىيا ئۆز ئۆيىنىڭ يېنىدىكى قىسىمنى ياسىدى.
و بعد از او، بنوی ابن حیناداد قسمت دیگر را از خانه عزریا تا زاویه و تا برجش تعمیر نمود. ۲۴ 24
ئۇنىڭ يېنىدا، ئازارىيانىڭ ئۆيىدىن تاكى سېپىلنىڭ دوقمۇشىغىچە بولغان يەنە بىر بۆلىكىنى ھېنادادنىڭ ئوغلى بىننۇئىي ياسىدى.
و فالال بن اوزای از برابر زاویه وبرجی که از خانه فوقانی پادشاه خارج و نزدزندانخانه است، تعمیر نمود و بعد از او فدایا ابن فرعوش، ۲۵ 25
[ئۇنىڭ يېنىدا]، ئۇزاينىڭ ئوغلى پالال پادىشاھ ئوردىسىنىڭ دوقمۇشى، شۇنىڭدەك ئوردىدىكى چوقچىيىپ تۇرغان، زىندان ھويلىسىنىڭ يېنىدىكى ئېگىز مۇنارنىڭ ئۇدۇلىدىكى بۆلىكىنى ياسىدى. ئۇنىڭدىن كېيىنكى بىر بۆلىكىنى پاروشنىڭ ئوغلى پىدايا ياسىدى.
و نتینیم، در عوفل تا برابر دروازه آب بسوی مشرق و برج خارجی، ساکن بودند. ۲۶ 26
ئەمدى ئوفەلدە تۇرىدىغان ئىبادەتخانا خىزمەتكارلىرى كۈنچىقىش تەرەپتىكى «سۇ قوۋۇقى»نىڭ ئۇدۇلىدىكى ۋە چوقچىيىپ تۇرغان مۇنارنىڭ ئۇدۇلىدىكى سېپىلنى ياسىدى.
وبعد از او، تقوعیان قسمت دیگر را از برابر برج خارجی بزرگ تا حصار عوفل تعمیر نمودند. ۲۷ 27
چوقچىيىپ تۇرغان چوڭ مۇنارنىڭ ئۇدۇلىدا تەكوئالىقلار تاكى ئوفەل سېپىلىغىچە بولغان ئىككىنچى بىر بۆلىكىنى ياسىدى.
وکاهنان، هر کدام در برابر خانه خود از بالای دروازه اسبان تعمیر نمودند. ۲۸ 28
«ئات قوۋۇقى»نىڭ يۇقىرى بىر بۆلىكىنى كاھىنلار ھەربىرى ئۆز ئۆيىنىڭ ئۇدۇلىدىكى قىسمىنى ياسىدى.
و بعد از ایشان صادوق بن امیر در برابر خانه خود تعمیر نمود وبعد از او شمعیا ابن شکنیا که مستحفظ دروازه شرقی بود، تعمیر نمود. ۲۹ 29
ئىممەرنىڭ ئوغلى زادوك ئۇلارنىڭ يېنىدا، كېيىنكى قىسمىنى، ئۆز ئۆيىنىڭ ئۇدۇلىدىكى بىر بۆلىكىنى ياسىدى. ئۇنىڭ يېنىدىكى تۇتاش قىسمىنى «شەرقىي دەرۋازا»نىڭ دەرۋازىۋەنى شېكانىيانىڭ ئوغلى شېمايا ياسىدى.
و بعد از او حننیا ابن شلمیا و حانون پسر ششم صالاف، قسمت دیگررا تعمیر نمودند و بعد از ایشان مشلام بن برکیا دربرابر مسکن خود، تعمیر نمود. ۳۰ 30
ئۇنىڭ يېنىدا، شەلەمىيانىڭ ئوغلى ھانانىيا بىلەن زالافنىڭ ئالتىنچى ئوغلى ھانۇن ئىككىنچى بىر بۆلىكىنى ياسىدى؛ ئۇلارنىڭ يېنىدا، بەرەكىيانىڭ ئوغلى مەشۇللام ئۆز قورۇسىنىڭ ئۇدۇلىدىكى بىر بۆلەكنى ياسىدى.
و بعد او ازملکیا که یکی از زرگران بود، تا خانه های نتینیم وتجار را در برابر دروازه مفقاد تا بالاخانه برج، تعمیر نمود. ۳۱ 31
ئۇنىڭ يېنىدا، شۇ يەردىن تارتىپ ئىبادەتخانا خىزمەتكارلىرى بىلەن سودىگەرلەرنىڭ قورۇلىرىدىن ئۆتۈپ، «تەكشۈرۈش قوۋۇقى»نىڭ ئۇدۇلىدىكى سېپىل دوقمۇشىنىڭ بالىخانىسىغىچە بولغان بۆلىكىنى زەرگەرلەردىن بولغان مالكىيا ياسىدى.
و میان بالاخانه برج و دروازه گوسفند را زرگران و تاجران، تعمیر نمودند. ۳۲ 32
دوقمۇشنىڭ بالىخانىسى بىلەن «قوي قوۋۇقى»نىڭ ئارىلىقىدىكى بۆلەكنى زەرگەرلەر بىلەن سودىگەرلەر ياسىدى.

< نحمیا 3 >