< لاویان 7 >

«و این است قانون قربانی جرم؛ این اقدس اقداس است. ۱ 1
ئىتائەتسىزلىك قۇربانلىقى توغرىسىدىكى قائىدە-نىزام مانا مۇنداق: ــ بۇ [قۇربانلىق] «ئەڭ مۇقەددەسلەرنىڭ بىرى» ھېسابلىنىدۇ.
در جایی که قربانی سوختنی را ذبح کنند، قربانی جرم را نیز ذبح بکنند، و خونش را به اطراف مذبح بپاشند. ۲ 2
كۆيدۈرمە قۇربانلىق بوغۇزلىنىدىغان جايدا ئىتائەتسىزلىكنى تىلەش قۇربانلىقىمۇ بوغۇزلىنىدۇ؛ [كاھىن] قېنىنى قۇربانگاھنىڭ ئۈستى قىسمىنىڭ ئەتراپىغا سەپسۇن.
و ازآن همه پیه‌اش را بگذراند، دنبه و پیه که احشا رامی پوشاند. ۳ 3
[قۇربانلىق قىلغۇچى كىشى] بارلىق مېيىنى سۇنسۇن؛ يەنى مايلىق قۇيرۇقى بىلەن ئىچ قارنىنى يۆگەپ تۇرغان ماينى،
و دو گرده و پیهی که بر آنهاست که بر دو تهیگاه است، و سفیدی را که بر جگر است، با گرده‌ها جدا کند. ۴ 4
ئىككى بۆرەكنى ۋە ئۇلارنىڭ ئۈستىدىكى ھەمدە ئىككى يانپىشىدىكى ماينى ئاجرىتىپ، جىگەرنىڭ بۆرەككىچە بولغان چاۋا مېيىنى ئاجرىتىپ سۇنسۇن.
و کاهن آنها را برای هدیه آتشین بجهت خداوند بسوزاند. این قربانی جرم است. ۵ 5
كاھىن بۇلارنى پەرۋەردىگارغا ئاتاپ ئوتتا سۇنۇلىدىغان قۇربانلىق سۈپىتىدە قۇربانگاھتا كۆيدۈرسۇن. بۇ ئىتائەتسىزلىك قۇربانلىقى بولىدۇ.
و هر ذکوری از کاهنان آن را بخورد، درمکان مقدس خورده شود. این قدس اقداس است. ۶ 6
كاھىنلاردىن بولغان ئەر كىشىلەرنىڭ ھەممىسى بۇنى يېسۇن؛ ئۇ مۇقەددەس يەردە يېيىلسۇن؛ ئۇ «ئەڭ مۇقەددەسلەرنىڭ بىرى» ھېسابلىنىدۇ.
«قربانی جرم مانند قربانی گناه است. آنها رایک قانون است. کاهنی که به آن کفاره کند از آن اوخواهد بود. ۷ 7
گۇناھ قۇربانلىقى قانداق بولسا ئىتائەتسىزلىك قۇربانلىقىمۇ شۇنداق بولىدۇ؛ ئۇلار ئىككىسى توغرىسىدكى قائىدە-نىزام ئوخشاش؛ بۇ قۇربانلىق كافارەت كەلتۈرۈشكە قۇربانلىق ئۆتكۈزگۈچى كاھىننىڭ ئۆزىگە تەۋە بولسۇن.
و کاهنی که قربانی سوختنی کسی را گذراند، آن کاهن پوست قربانی سوختنی را که گذرانید برای خود نگه دارد. ۸ 8
كاھىن بىرسىنىڭ سۇنغان كۆيدۈرمە قۇربانلىقىنى ئۆتكۈزگەن بولسا، كۆيدۈرمە قۇربانلىقنىڭ تېرىسى شۇ كاھىننىڭ بولىدۇ.
و هر هدیه آردی که در تنور پخته شود و هر‌چه بر تابه یا ساج ساخته شود از آن کاهن که آن راگذرانید خواهد بود. ۹ 9
تونۇردا پىشۇرۇلغان ھەربىر ئاشلىق ھەدىيە، شۇنداقلا قازاندا ياكى تاۋىدا ئېتىلگەن ھەربىر ئاشلىق ھەدىيە بولسا ئۇنى ئۆتكۈزگەن كاھىننىڭ بولىدۇ، يەنى كاھىننىڭ ئۆزىگە تەۋە بولىدۇ.
و هر هدیه آردی، خواه به روغن سرشته شده، خواه خشک، از آن همه پسران هارون بی‌تفاوت یکدیگر خواهدبود. ۱۰ 10
ھەربىر ئاشلىق ھەدىيە، مەيلى زەيتۇن مېيى ئارىلاشتۇرۇلغان بولسۇن، ياكى قۇرۇق كەلتۈرۈلگەن بولسۇن، بۇلار ھارۇننىڭ ئوغۇللىرىنىڭ ھەربىرىگە باراۋەر بۆلۈپ بېرىلىدۇ.
«و این است قانون ذبیحه سلامتی که کسی نزد خداوند بگذراند. ۱۱ 11
پەرۋەردىگارغا ئاتاپ كەلتۈرۈلگەن ئىناقلىق قۇربانلىقى توغرىسىدىكى قائىدە-نىزام مۇنداق: ــ
اگر آن را برای تشکربگذراند پس با ذبیحه تشکر، قرصهای فطیرسرشته شده به روغن، و نازکهای فطیر مالیده شده به روغن، و از آرد نرم آمیخته شده، قرصهای سرشته شده به روغن را بگذراند. ۱۲ 12
سۇنماقچى بولغان كىشى ئۇنى تەشەككۈر ئېيتىش ئۈچۈن سۇنسا، ئۇنداقتا ئۇ «تەشەككۈر قۇربانلىقى» بىلەن بىللە زەيتۇن مېيى ئىلەشتۈرۈلگەن پېتىر توقاچلار، زەيتۇن مېيى سۈرۈلۈپ مەسىھلەنگەن پېتىر ھەمەك نانلار ۋە ئېسىل ئۇندىن زەيتۇن مېيىغا چىلاپ پىشۇرۇلغان توقاچلارنىمۇ كەلتۈرسۇن.
با قرصهای نان خمیر مایه دار قربانی خود را همراه ذبیحه تشکر سلامتی خود بگذراند. ۱۳ 13
شۇ توقاچلاردىن باشقا، يەنە تەشەككۈر ئېيتىدىغان ئىناقلىق قۇربانلىقى بىلەن بىللە ئېچىتقۇ سېلىنغان نانلارنىمۇ سۇنسۇن؛
و از آن از هرقربانی یکی را برای هدیه افراشتنی نزد خداوندبگذراند، و از آن آن کاهن که خون ذبیحه سلامتی را می‌پاشد خواهد بود. ۱۴ 14
ئۇ شۇ سۇنغانلىرىنىڭ ھەربىر تۈرىدىن بىرنى ئېلىپ پەرۋەردىگار ئۈچۈن [قوش قوللاپ] سۇنىدىغان «كۆتۈرمە ھەدىيە» قىلىپ كەلتۈرسۇن؛ بۇ ئىناقلىق قۇربانلىقىنىڭ قېنىنى [قۇربانگاھنىڭ ئۈستىگە] سەپكەن كاھىننىڭ ئۆزىگە تەگسۇن.
و گوشت ذبیحه تشکرسلامتی او در روز قربانی وی خورده شود، چیزی از آن را تا صبح نگذارد. ۱۵ 15
تەشەككۈر بىلدۈرىدىغان ئىناقلىق قۇربانلىقىنىڭ گۆشى بولسا قۇربانلىق قىلىنغان شۇ كۈنى يېيىلىشى كېرەك؛ [قۇربانلىقنى سۇنغۇچى كىشى] تاڭ ئاتقۇچە ئۇنىڭ ھېچ نېمىسىنى قالدۇرمىسۇن.
و اگر ذبیحه قربانی او نذری یا تبرعی باشد، در روزی که ذبیحه خود را می‌گذراند خورده شود، و باقی آن در فردای آن روز خورده شود. ۱۶ 16
ئەگەر ئۇنىڭ سۇنغان قۇربانلىقى قەسىمىگە خاس قۇربانلىق ياكى ئىختىيارىي كەلتۈرگەن قۇربانلىق بولسا، ئۇنداقتا ھايۋاننىڭ گۆشى قۇربانلىق قىلىنغان كۈندە يېيىلسۇن؛ ئۇنىڭدىن ئېشىپ قالغىنىنى بولسا، ئەتىسىمۇ يېيىشكە بولىدۇ؛
و باقی گوشت ذبیحه در روز سوم به آتش سوخته شود. ۱۷ 17
لېكىن قۇربانلىقنىڭ گۆشىدىن ئۈچىنچى كۈنىگىچە ئېشىپ قالسا، ئۇ ئوتتا كۆيدۈرۈلۈشى كېرەك.
و اگرچیزی از گوشت ذبیحه سلامتی او در روز سوم خورده شود مقبول نخواهد شد و برای کسی‌که آن را گذرانید محسوب نخواهد شد، نجس خواهد بود. و کسی‌که آن را بخورد گناه خود رامتحمل خواهد شد. ۱۸ 18
ئىناقلىق قۇربانلىقىنىڭ گۆشىدىن ئۈچىنچى كۈنىدە يېيىلسە، ئۇنداقتا قۇربانلىق قوبۇل بولمايدۇ، قۇربانلىق سۇنغۇچىنىڭ ھېسابىغىمۇ ھېسابلانمايدۇ، بەلكى مەكرۇھ بولىدۇ؛ كىمدەكىم ئۇنىڭدىن يېسە ئۆز قەبىھلىكىنىڭ جازاسىغا تارتىلىدۇ.
و گوشتی که به هر چیزنجس برخورد، خورده نشود، به آتش سوخته شود، و هر‌که طاهر باشد از آن گوشت بخورد. ۱۹ 19
شۇنداقلا ناپاك نەرسىگە تېگىپ قالغان گۆشمۇ يېيىلمەسلىكى كېرەك، بەلكى ئوتتا كۆيدۈرۈلۈشى كېرەك. ھەرقانداق پاك ئادەم [ناپاك نەرسىگە تەگمىگەن] قۇربانلىقنىڭ گۆشىنى يېسە بولىدۇ.
لیکن کسی‌که از گوشت ذبیحه سلامتی که برای خداوند است بخورد و نجاست او بر اوباشد، آن کس از قوم خود منقطع خواهد شد. ۲۰ 20
لېكىن كىمكى ناپاك ھالەتتە تۇرۇپ پەرۋەردىگارغا ئاتالغان ئىناقلىق قۇربانلىقىدىن يېسە، ئۇنداقتا ئۇ ئۆز خەلقىدىن ئۈزۈپ تاشلىنىدۇ.
وکسی‌که هر چیز نجس را خواه نجاست آدمی، خواه بهیمه نجس، خواه هر چیز مکروه نجس رالمس کند، و از گوشت ذبیحه سلامتی که برای خداوند است بخورد، آن کس از قوم خود منقطع خواهد شد.» ۲۱ 21
كىمكى ناپاك بىر نەرسىگە تېگىپ كەتسە (مەيلى ناپاك ھالەتتىكى ئادەم بولسۇن، ناپاك بىر ھايۋان بولسۇن ياكى ھەرقانداق ناپاك يىرگىنچلىك نەرسە بولسۇن) ۋە شۇنداقلا پەرۋەردىگارغا خاس ئاتالغان ئىناقلىق قۇربانلىقىنىڭ گۆشىدىن يېسە، ئۇنداقتا ئۇ ئۆز خەلقىدىن ئۈزۈپ تاشلىنىدۇ.
و خداوند موسی را خطاب کرده، گفت: ۲۲ 22
پەرۋەردىگار مۇساغا سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: ــ
«بنی‌اسرائیل را خطاب کرده، بگو: هیچ پیه گاوو گوسفند و بز را مخورید. ۲۳ 23
ئىسرائىللارغا مۇنداق دېگىن: ــ سىلەر كالا، قوي ۋە ئۆچكىلەرنىڭ مېيىنى ھەرگىز يېمەڭلار.
اما پیه مردار و پیه حیوان دریده شده برای هر کار استعمال می‌شود، لیکن هرگز خورده نشود. ۲۴ 24
ئۆزلۈكىدىن ئۆلگەن ياكى يىرتقۇچلار بوغۇپ قويغان ھايۋاننىڭ جەسىتىنىڭ مېيىنى ھەرقانداق ئىشقا ئىشلەتكىلى بولىدۇ، لېكىن ھەرگىز ئۇنىڭدىن يېمەڭلار.
زیرا هر‌که پیه جانوری که از آن هدیه آتشین برای خداوندمی گذرانند بخورد، آن کس که خورد، از قوم خودمنقطع شود. ۲۵ 25
چۈنكى كىمكى پەرۋەردىگارغا ئاتاپ ئوتتا سۇنۇلىدىغان ھەرقانداق ھايۋاننىڭ مېيىنى يېسە، شۇنى يېگەن كىشى ئۆز خەلقلىرىدىن ئۈزۈپ تاشلىنىدۇ.
و هیچ خون را خواه از مرغ خواه از بهایم در همه مسکنهای خود مخورید. ۲۶ 26
سىلەر ھەرقانداق تۇرار جايىڭلاردا ھېچقانداق قاننى، يەنى ئۇچار-قاناتلارنىڭ بولسۇن ياكى چارپايلارنىڭ بولسۇن قېنىنى ھەرگىز ئېستىمال قىلماڭلار.
هرکسی‌که از هر قسم خون بخورد، آن کس از قوم خود منقطع خواهد شد.» ۲۷ 27
كىمدەكىم ھەرقانداق قاننى ئېستىمال قىلسا، شۇ كىشى ئۆز خەلقلىرىدىن ئۈزۈپ تاشلىنىدۇ.
و خداوند موسی را خطاب کرده، گفت: ۲۸ 28
پەرۋەردىگار مۇساغا سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: ــ
«بنی‌اسرائیل را خطاب کرده، بگو: هر‌که ذبیحه سلامتی خود را برای خداوند بگذراند، قربانی خود را از ذبیحه سلامتی خود نزد خداوندبیاورد. ۲۹ 29
ئىسرائىللارغا مۇنداق دېگىن: ــ كىمكى پەرۋەردىگارغا ئاتاپ بىر ئىناقلىق قۇربانلىقى سۇنسا، ئۇنداقتا ئۇ پەرۋەردىگارغا خاس بولغان ھەدىيەنى شۇ ئىناقلىق قۇربانلىقتىن ئايرىپ كەلتۈرسۇن.
به‌دستهای خود هدایای آتشین خداوند را بیاورد، پیه را با سینه بیاورد تا سینه بجهت هدیه جنبانیدنی به حضور خداوندجنبانیده شود. ۳۰ 30
ئۆز قولى بىلەن پەرۋەردىگارغا ئاتىغان، ئوتتا سۇنۇلىدىغان ھەدىيەلەرنى، يەنى ماي بىلەن تۆشنى قوشۇپ ئېلىپ كېلىپ، تۆشنى «پۇلاڭلاتما ھەدىيە» سۈپىتىدە پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا پۇلاڭلاتسۇن.
و کاهن پیه را بر مذبح بسوزاند، و سینه از آن هارون و پسرانش خواهد بود. ۳۱ 31
كاھىن مېيىنى قۇربانگاھ ئۈستىدە كۆيدۈرۈۋەتسۇن. تۆش بولسا ھارۇن بىلەن ئۇنىڭ ئوغۇللىرىغا خاس بولسۇن.
وران راست را برای هدیه افراشتنی از ذبایح سلامتی خود به کاهن بدهید. ۳۲ 32
ئىناقلىق قۇربانلىقلىرىڭلارنىڭ ئوڭ ئارقا پۇتىنى سىلەر «كۆتۈرمە ھەدىيە» سۈپىتىدە كاھىنغا بېرىڭلار.
آن کس از پسران هارون که خون ذبیحه سلامتی وپیه را گذرانید، ران راست حصه وی خواهد بود. ۳۳ 33
ھارۇننىڭ ئوغۇللىرىدىن قايسىسى ئىناقلىق قۇربانلىقىنىڭ قېنى بىلەن مېيىنى سۇنغان بولسا ئۆز ئۈلۈشى ئۈچۈن ئوڭ ئارقا پۇتىنى ئۆزى ئالسۇن.
زیرا سینه جنبانیدنی و ران افراشتنی را از بنی‌اسرائیل از ذبایح سلامتی ایشان گرفتم، و آنها را به هارون کاهن و پسرانش به فریضه ابدی از جانب بنی‌اسرائیل دادم.» ۳۴ 34
چۈنكى مەن ئىسرائىللارنىڭ ئىناقلىق قۇربانلىقلىرىدىن «پۇلاڭلاتما ھەدىيە» بولغان تۆش بىلەن «كۆتۈرمە ھەدىيە» بولغان ئارقا پۇتىنى ئەبەدىي بىر بەلگىلىمە بىلەن ئىسرائىللاردىن ئېلىپ، كاھىن ھارۇن ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرىنىڭ ھەققى بولسۇن دەپ ئۇلارغا تەقدىم قىلدىم.
این است حصه مسح هارون و حصه مسح پسرانش از هدایای آتشین خداوند، در روزی که ایشان را نزدیک آورد تابرای خداوند کهانت کنند. ۳۵ 35
[مۇسا] ھارۇن بىلەن ئوغۇللىرىنى پەرۋەردىگارنىڭ قۇللۇقىدا كاھىن بولۇشقا ئۇنىڭ ئالدىغا كەلتۈرگەن كۈنىدە، ئۇلارغا پەرۋەردىگارغا ئاتاپ ئوتتا سۇنۇلىدىغان قۇربانلىقلاردىن تەقدىم قىلىنىدىغان كاھىنلىق ئۈلۈشى مانا شۇدۇر.
که خداوند امرفرمود که به ایشان داده شود، در روزی که ایشان را از میان بنی‌اسرائیل مسح کرد، این فریضه ابدی در نسلهای ایشان است. ۳۶ 36
[مۇسا] ئۇلارنى مەسىھلىگەن كۈنىدە، پەرۋەردىگار بۇ ئۈلۈشنى ئىسرائىللاردىن ئېلىپ ئۇلارغا بېرىلسۇن دەپ ئەمر قىلغان. بۇ [ئىسرائىللارغا] دەۋردىن دەۋرگىچە ئەبەدىي بىر بەلگىلىمە بولىدۇ.
این است قانون قربانی سوختنی و هدیه آردی و قربانی گناه و قربانی جرم و قربانی تقدیس و ذبیحه سلامتی، ۳۷ 37
كۆيدۈرمە قۇربانلىق بىلەن ئاشلىق ھەدىيەسى، گۇناھ قۇربانلىقى بىلەن ئىتائەتسىزلىك قۇربانلىقى، كاھىنلىققا تىكلەش قۇربانلىقى بىلەن ئىناقلىق قۇربانلىقى توغرىسىدىكى قائىدە-نىزام مانا شۇدۇر.
که خداوند به موسی در کوه سینا امر فرموده بود، درروزی که بنی‌اسرائیل را مامور فرمود تاقربانی های خود را نزد خداوند بگذرانند درصحرای سینا. ۳۸ 38
پەرۋەردىگار ئىسرائىللارغا: «سىلەر بۇ سىناي باياۋىنىدا پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىغا قۇربانلىقلىرىڭلارنى سۇنۇڭلار» دەپ بۇيرۇغان كۈنىدە، ئۇ بۇلارنىڭ ھەممىسىنى سىناي تېغىدا مۇساغا تاپشۇرغانىدى.

< لاویان 7 >