< لاویان 5 >

بشنود، و او شاهد باشد خواه دیده و خواه دانسته، اگر اطلاع ندهد گناه او را متحمل خواهدبود. ۱ 1
ئەگەر بىرسى مەلۇم ئىشقا گۇۋاھچى بولۇپ، شۇنداقلا ئۇنىڭغا قەسەم بۇيرۇلغىنىدا كۆرگىنى ياكى بىلگىنىدىن مەلۇمات بەرمىسە، ئۇنداقتا ئۇ قەبىھلىكىنىڭ جازاسىغا تارتىلىدۇ.
یا کسی‌که هر چیز نجس را لمس کند، خواه لاش وحش نجس، خواه لاش بهیمه نجس، خواه لاش حشرات نجس، و از او مخفی باشد، پس نجس و مجرم می‌باشد. ۲ 2
ئەگەر بىرسى ئۆزى بىلمەي ناپاك بىر نەرسىگە تېگىپ كەتسە ــ مەيلى ئۇ ناپاك بىر ھايۋاننىڭ جەسىتى بولسۇن، مەيلى ناپاك بىر چارپاينىڭ جەسىتى بولسۇن، ياكى ناپاك بىر ئۆمىلىگۈچى ھايۋاننىڭ جەسىتى بولسۇن، مۇشۇنداق نەرسىگە تېگىپ كەتسە ئۇمۇ ناپاك سانىلىپ گۇناھكار ھېسابلىنىدۇ؛
یا اگر نجاست آدمی را لمس کند، از هر نجاست او که به آن نجس می‌شود، و از وی مخفی باشد، چون معلوم شد آنگاه مجرم خواهد بود. ۳ 3
ئەگەر شۇنىڭدەك بىرسى ئۆزى تۇيماي مەلۇم كىشىنىڭ ئادەمنى ناپاك قىلىدىغان ھەرقانداق نىجاسىتىگە تېگىپ كەتسە، شۇنداقلا ئۇ بۇنى بىلىپ يەتسە، ئۇنداقتا ئۇ گۇناھكار ھېسابلىنىدۇ.
و اگر کسی غفلت به لبهای خود قسم خورد برای کردن کار بد یا کارنیک، یعنی در هر چیزی که آدمی غفلت قسم خورد، و از او مخفی باشد، چون بر او معلوم شودآنگاه در هر کدام که باشد مجرم خواهد بود. ۴ 4
ئەگەر بىرسى ئاڭسىز رەۋىشتە يامان ياكى ياخشى بىر ئىشنى قىلاي دەپ قەسەم قىلىپ سالسا (كىشىلەر ھەرتۈرلۈك ئىش توغرىسىدا ئاڭسىز رەۋىشتە قەسەم قىلىشى مۇمكىن)، شۇنداقلا ئۇ بۇنى تونۇپ يەتسە، ئۇ بۇ ئىشلار تۈپەيلىدىن گۇناھكار ھېسابلىنىدۇ.
وچون در هر کدام از اینها مجرم شد، آنگاه به آن چیزی که در آن گناه کرده است اعتراف بنماید. ۵ 5
بىرسى يۇقىرىقى ھەرقايسى ئىشلاردا مەن گۇناھكار بولدۇم دەپ بىلسە، ئۇ ئۆز گۇناھىنى «مەن مۇنداق گۇناھ قىلدىم» دەپ ئىقرار قىلسۇن؛
و قربانی جرم خود را برای گناهی که کرده است نزد خداوند بیاورد، یعنی ماده‌ای از گله بره‌ای یابزی بجهت قربانی گناه، و کاهن برای وی گناهش را کفاره خواهد کرد. ۶ 6
ئاندىن ئۆزى سادىر قىلغان گۇناھىنىڭ كافارىتى ئۈچۈن پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىغا «ئىتائەتسىزلىكنى تىلىگۈچى قۇربانلىق» سۈپىتىدە ئۇششاق مالدىن ساغلىق ۋە يا بىر چىشى ئۆچكىنى گۇناھ قۇربانلىقى قىلىپ كەلتۈرسۇن؛ ئاندىن كاھىن ئۇنى گۇناھىدىن پاكلاندۇرۇشقا ئۇنىڭ ئۈچۈن كافارەت كەلتۈرسۇن.
و اگر دست او به قیمت بره نرسد، پس قربانی جرم خود را برای گناهی که کرده است دو فاخته یا دو جوجه کبوتر نزدخداوند بیاورد، یکی برای قربانی گناه و دیگری برای قربانی سوختنی. ۷ 7
ئەگەر ئۇ قويلاردىن [قۇربانلىق] قىلىشقا قۇربى يەتمىسە، ئۇ قىلغان ئىتائەتسىزلىكى ئۈچۈن ئىككى پاختەك ياكى ئىككى باچكىنى ئېلىپ كېلىپ، بىرىنى گۇناھ قۇربانلىقى ئۈچۈن، يەنە بىرىنى كۆيدۈرمە قۇربانلىق ئۈچۈن پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىغا سۇنسۇن.
و آنها را نزد کاهن بیاورد، و او آن را که برای قربانی گناه است اول بگذراند وسرش را از گردنش بکند و آن را دو پاره نکند، ۸ 8
ئۇ بۇلارنى كاھىننىڭ قېشىغا كەلتۈرگەندە، [كاھىن] ئاۋۋال گۇناھ قۇربانلىقىغا تەييارلانغاننى قۇربانلىق قىلىپ بوينىنى ئۈزمەي، بېشىغا يېقىن جايىدىن تولغىسۇن، لېكىن بېشىنى بوينىدىن ئۈزۈۋەتمىسۇن؛
وقدری از خون قربانی گناه را بر پهلوی مذبح بپاشد، و باقی خون بر بنیان مذبح افشرده شود. این قربانی گناه است. ۹ 9
ئاندىن گۇناھ قۇربانلىقىنىڭ قېنىدىن ئازغىنا ئېلىپ قۇربانگاھنىڭ تېمىغا چاچسۇن؛ قالغان قېنى بولسا قۇربانگاھنىڭ تۈۋىگە سىقىپ چىقىرىلسۇن. بۇنىڭ ئۆزى گۇناھ قۇربانلىقى بولىدۇ.
و دیگری را برای قربانی سوختنی موافق قانون بگذراند، و کاهن برای وی گناهش را که کرده است کفاره خواهد کرد وآمرزیده خواهدشد. ۱۰ 10
ئەمما ئىككىنچىسىنى بولسا بېكىتىلگەن بەلگىلىمە بويىچە كۆيدۈرمە قۇربانلىق قىلىپ سۇنسۇن. بۇ يول بىلەن كاھىن ئۇنىڭ قىلغان گۇناھى ئۈچۈن كافارەت كەلتۈرىدۇ ۋە شۇ گۇناھ ئۇنىڭدىن كەچۈرۈلىدۇ.
و اگر دستش به دو فاخته یا دو جوجه کبوتر نرسد، آنگاه قربانی خود رابرای گناهی که کرده است ده‌یک ایفه آرد نرم بجهت قربانی گناه بیاورد، و روغن برآن ننهد وکندر برآن نگذارد زیرا قربانی گناه است. ۱۱ 11
ئەگەر ئىككى پاختەك ياكى ئىككى باچكىنى كەلتۈرۈشكە قۇربى يەتمىسە، ئۇنداقتا گۇناھ قىلغان كىشى گۇناھ قۇربانلىقى ئۈچۈن ئېسىل ئۇندىن بىر ئەفاھنىڭ ئوندىن بىرىنى كەلتۈرسۇن؛ بۇ گۇناھ قۇربانلىقى بولغاچقا ئۇ ئۇنىڭ ئۈستىگە زەيتۇن مېيى قۇيمىسۇن ياكى ئۈستىگە ھېچقانداق مەستىكى سالمىسۇن؛ چۈنكى ئۇ گۇناھ قۇربانلىقى بولىدۇ.
و آن را نزد کاهن بیاورد و کاهن یک مشت از آن را برای یادگاری گرفته، بر هدایای آتشین خداوند برمذبح بسوزاند. این قربانی گناه است. ۱۲ 12
ئۇ ئۇنى كاھىننىڭ قېشىغا كەلتۈرسۇن ۋە كاھىن بۇنىڭدىن [سۇنغۇچىنىڭ] «يادلىنىش ئۈلۈشى» سۈپىتىدە بىر چاڭگال ئېلىپ، شۇنى پەرۋەردىگارغا ئاتاپ ئوتتا سۇنۇلغان قۇربانلىقلارغا قوشۇپ، قۇربانگاھنىڭ ئۈستىدە كۆيدۈرسۇن. بۇنىڭ ئۆزى گۇناھ قۇربانلىقى بولىدۇ.
و کاهن برای وی گناهش را که در هرکدام از اینها کرده است کفاره خواهد کرد، و آمرزیده خواهد شد، ومثل هدیه آردی از آن کاهن خواهد بود.» ۱۳ 13
بۇ يول بىلەن ئۇ شۇ گۇناھلاردىن قايسىسىنى قىلغان بولسا، كاھىن ئۇنىڭ ئۈچۈن كافارەت كەلتۈرىدۇ. ئاشلىق ھەدىيەلەردىكىگە ئوخشاش قالغان قىسمى كاھىنغا تەۋە بولىدۇ.
و خداوند موسی را خطاب کرده، گفت: ۱۴ 14
ئاندىن پەرۋەردىگار مۇساغا سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: ــ
«اگر کسی خیانت ورزد، و درباره چیزهای مقدس خداوند سهو گناه کند، آنگاه قربانی جرم خود را قوچی بی‌عیب از گله نزد خداوند موافق برآورد، وبه مثقالهای نقره مطابق مثقال قدس بیاورد، واین قربانی جرم است. ۱۵ 15
بىرسى بىلمەي پەرۋەردىگارغا ئاتالغان مۇقەددەس نەرسىلەرگە نىسبەتەن ئىتائەتسىزلىك قىلىپ گۇناھ ئۆتكۈزسە، ئۇنداقتا ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىغا ئۇششاق مالدىن بېجىرىم بىر قوچقارنى ئىتائەتسىزلىك قۇربانلىقى قىلىپ كەلتۈرسۇن؛ شۇ ئىتائەتسىزلىك قۇربانلىقى بولغان قوچقارنىڭ باھاسىنى سەن مۇقەددەس جايدىكى شەكەلنىڭ ئۆلچەم بىرلىكى بويىچە كۈمۈش شەكەلگە توختاتقىن.
وبه عوض نقصانی که در چیز مقدس رسانیده است عوض بدهد، و پنج یک بر آن اضافه کرده، و آن را به کاهن بدهد و کاهن برای وی به قوچ قربانی جرم کفاره خواهد کرد، و آمرزیده خواهد شد. ۱۶ 16
ئاندىن شۇ كىشى مۇقەددەس نەرسىلەرگە نىسبەتەن ئۆتكۈزگەن خاتالىقىدىن بولغان زىياننى تولدۇرسۇن، شۇنداقلا زىياننىڭ بەشتىن بىرى بويىچە قوشۇپ كاھىنغا تۆلەم تۆلىسۇن. بۇ يول بىلەن كاھىن ئىتائەتسىزلىك قۇربانلىقى بولغان قوچقارنىڭ ۋاسىتىسى بىلەن ئۇنىڭ ئۈچۈن كافارەت كەلتۈرىدۇ؛ شۇ گۇناھ ئۇنىڭدىن كەچۈرۈلىدۇ.
واگر کسی گناه کند و کاری از جمیع نواهی خداوند که نباید کرد بکند، و آن را نداند، پس مجرم است و متحمل گناه خود خواهد بود. ۱۷ 17
ئەگەر بىرسى بىلمەي پەرۋەردىگارنىڭ «قىلما» دېگەن ھەرقانداق ئەمرلىرىنىڭ بىرەرىسىگە خىلاپلىق قىلىپ، گۇناھكار بولغان بولسا ئۇ قەبىھلىكىنىڭ جازاسىغا تارتىلىدۇ؛
وقوچی بی‌عیب از گله موافق برآورد و نزد کاهن بیاورد، و کاهن برای وی غفلت او را که کرده است کفاره خواهد کرد، و آمرزیده خواهد شد. ۱۸ 18
شۇنداق بولسا، ئۇ ئۇششاق مالدىن سەن توختاتقان قىممەتتە بېجىرىم بىر قوچقارنى ئىتائەتسىزلىك قۇربانلىقى قىلىپ سۇنسۇن. بۇ يول بىلەن كاھىن ئۇنىڭ بىلمەي ئۆتكۈزگەن ئىتائەتسىزلىكى ئۈچۈن كافارەت كەلتۈرىدۇ ۋە شۇ ئىتائەتسىزلىك گۇناھى ئۇنىڭدىن كەچۈرۈلىدۇ.
این قربانی جرم است البته نزد خداوند مجرم می‌باشد.» ۱۹ 19
بۇ ئىتائەتسىزلىك قۇربانلىقى بولىدۇ؛ چۈنكى ئۇ دەرھەقىقەت پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا ئىتائەتسىزلىك قىلغان.

< لاویان 5 >