< یوشع 12 >

و اینانند ملوک آن زمین که بنی‌اسرائیل کشتند، و زمین ایشان را به آن طرف اردن به سوی مطلع آفتاب از وادی ارنون تا کوه حرمون، و تمامی عربه شرقی را متصرف شدند. ۱ 1
ئىسرائىل ئىئوردان دەرياسىنىڭ ئۇ تەرىپىدە، يەنى كۈن چىقىش تەرىپىدە [ئىككى] پادىشاھنى ئۆلتۈردى. ئۇلار ئۇلارنىڭ زېمىنىنى، يەنى ئارنون دەرياسىدىن تارتىپ ھەرمون تاغلىقىغا تۇتاشقان زېمىن بىلەن شەرق تەرەپتىكى بارلىق ئاراباھ تۈزلەڭلىكىنى ئىگىلىدى. شۇ [ئىككى] پادىشاھلار بولسا: ــ
سیهون ملک اموریان که در حشبون ساکن بود، واز عروعیر که به کناره وادی ارنون است، و ازوسط وادی و نصف جلعاد تا وادی یبوق که سرحد بنی عمون است، حکمرانی می‌کرد. ۲ 2
[بىرسى] ھەشبوندا تۇرۇشلۇق ئامورىيلارنىڭ پادىشاھى سىھون؛ ئۇ ئاروئەر (ئاروئەر ئارنون دەرياسىنىڭ بويىدا) ۋە ئارنون جىلغىسىدىكى شەھەردىن تارتىپ، گىلېئادنىڭ يېرىمىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ياببوك دەرياسىغىچە (بۇ ئاممونىيلارنىڭ چېگرىسى ئىدى) بولغان يەرلەردە سەلتەنەت قىلاتتى؛
و ازعربه تا دریای کنروت به طرف مشرق و تا دریای عربه، یعنی بحرالملح به طرف مشرق به راه بیت یشیموت و به طرف جنوب زیر دامن فسجه. ۳ 3
ئۇ سەلتەنەت قىلغان زېمىن يەنە شەرق تەرەپتىكى كىننەروت دېڭىزىدىن تارتىپ ئاراباھ دېڭىزىغىچە، يەنى شور دېڭىزىغىچە سوزۇلغان ئاراباھ تۈزلەڭلىكىنى، شۇنداقلا شەرق تەرەپتىكى بەيت-يەشىموتقا بارىدىغان يولنى ۋە جەنۇب تەرىپىدە پىسگاھ تېغىنىڭ داۋانلىرىنىڭ چېتىگىچە سوزۇلغان زېمىننى ئۆز ئىچىگە ئالاتتى.
و سر حد عوج، ملک باشان، که از بقیه رفائیان بود و در عشتاروت و ادرعی سکونت داشت. ۴ 4
ئۇنىڭدىن باشقا ئىسرائىل باشان پادىشاھى ئوگنىڭ زېمىنىنى ئالدى؛ ئۇ رەفايىيلار [دېيىلىدىغان گىگانتلارنىڭ] قالدۇقىدىن بىرى ئىدى (ئۇلار ئاشتاروت ۋە ئەدرەيدە تۇراتتى).
ودر کوه حرمون و سلخه و تمامی باشان تا سر حدجشوریان و معکیان و بر نصف جلعاد تا سرحدسیهون، ملک حشبون حکمرانی می‌کرد. ۵ 5
ئۇ ھەرمون تېغىدىكى يۇرتلارغا، سالكاھ ۋە پۈتكۈل باشان زېمىنىغا، يەنى گەشۇرىيلار بىلەن مائاكاتىيلارنىڭ چېگرىسىغىچە، شۇنىڭدەك گىلېئادنىڭ يېرىمىغا، تاكى ھەشبوننىڭ پادىشاھى سىھوننىڭ چېگرىسىغىچە سەلتەنەت قىلاتتى.
اینهارا موسی بنده خداوند و بنی‌اسرائیل زدند، وموسی بنده خداوند آن را به روبینیان و جادیان ونصف سبط منسی به ملکیت داد. ۶ 6
پەرۋەردىگارنىڭ قۇلى بولغان مۇسا بىلەن ئىسرائىللار بۇلارغا ھۇجۇم قىلىپ مەغلۇپ قىلغانىدى ۋە پەرۋەردىگارنىڭ قۇلى مۇسا شۇ زېمىننى رۇبەنلەرگە، گادلارغا ۋە ماناسسەھنىڭ يېرىم قەبىلىسىگە مىراس قىلىپ بەرگەنىدى.
و اینانند ملوک آن زمین که یوشع وبنی‌اسرائیل ایشان را در آن طرف اردن به سمت مغرب کشت، از بعل جاد در وادی لبنان، تا کوه حالق که به سعیر بالا می‌رود، و یوشع آن را به اسباط اسرائیل برحسب فرقه های ایشان به ملکیت داد. ۷ 7
تۆۋەندىكىلەر يەشۇئا بىلەن ئىسرائىللار ئىئوردان دەرياسىنىڭ غەرب تەرىپىدە ھۇجۇم قىلىپ مەغلۇپ قىلغان پادىشاھلاردۇر؛ ئۇلارنىڭ زېمىنلىرى لىۋان جىلغىسىدىكى بائال-گادتىن تارتىپ، سېئىرنىڭ داۋانلىرىنىڭ يېنىدىكى ھالاك تېغىغىچە بولغان زېمىنلاردىن ئىبارەت ئىدى. يەشۇئا بۇ زېمىنلارنى ئىسرائىلنىڭ قوشۇن-قەبىلىلىرى بويىچە ئۇلارغا مىراس قىلىپ بەردى،
در کوهستان و هامون و عربه ودشتها و صحرا و در جنوب از حتیان و اموریان وکنعانیان و فرزیان و حویان و یبوسیان. ۸ 8
جۈملىدىن تاغلىق يۇرتنى، شەفەلاھ ئويمانلىقىنى، ئاراباھ تۈزلەڭلىكىنى، ئېگىزلىكتىكى داۋانلارنى، چۆللۈكنى ۋە جەنۇبتىكى نەگەۋ زېمىنىنى، ھىتتىيلار، ئامورىيلار، قانائانىيلار، پەرىززىيلەر، ھىۋىيلار ۋە يەبۇسىيلارنىڭ زېمىنلىرىنى بۆلۈپ بەردى: ــ
یکی ملک اریحا و یکی ملک عای که در پهلوی بیت ئیل است. ۹ 9
ئۇلارنىڭ پادىشاھلىرىنىڭ بىرى يېرىخونىڭ پادىشاھى، بىرى بەيت-ئەلنىڭ يېنىدىكى ئايىنىڭ پادىشاھى،
و یکی ملک اورشلیم و یکی ملک حبرون. ۱۰ 10
بىرى يېرۇسالېمنىڭ پادىشاھى، بىرى ھېبروننىڭ پادىشاھى،
و یکی ملک یرموت و یکی ملک لاخیش. ۱۱ 11
بىرى يارمۇتنىڭ پادىشاھى، بىرى لاقىشنىڭ پادىشاھى،
و یکی ملک عجلون و یکی ملک جازر. ۱۲ 12
بىرى ئەگلوننىڭ پادىشاھى، بىرى گەزەرنىڭ پادىشاھى،
و یکی ملک دبیر و یکی ملک جادر. ۱۳ 13
بىرى دەبىرنىڭ پادىشاھى، بىرى گەدەرنىڭ پادىشاھى،
و یکی ملک حرما و یکی ملک عراد. ۱۴ 14
بىرى خورماھنىڭ پادىشاھى، بىرى ئارادنىڭ پادىشاھى،
و یکی ملک لبنه و یکی ملک عدلام. ۱۵ 15
بىرى لىبناھنىڭ پادىشاھى، بىرى ئادۇللامنىڭ پادىشاھى،
و یکی ملک مقیده و یکی ملک بیت ئیل. ۱۶ 16
بىرى ماككەداھنىڭ پادىشاھى، بىرى بەيت-ئەلنىڭ پادىشاھى،
و یکی ملک تفوح و یکی ملک حافر. ۱۷ 17
بىرى تاپپۇئاھنىڭ پادىشاھى، بىرى ھەفەرنىڭ پادىشاھى،
و یکی ملک عفیق و یکی ملک لشارون. ۱۸ 18
بىرى ئافەكنىڭ پادىشاھى، بىرى لاشاروننىڭ پادىشاھى،
و یکی ملک مادون و یکی ملک حاصور. ۱۹ 19
بىرى مادوننىڭ پادىشاھى، بىرى ھازورنىڭ پادىشاھى،
و یکی ملک شمرون مرون و یکی ملک اکشاف. ۲۰ 20
بىرى شىمرون-مەروننىڭ پادىشاھى، بىرى ئاقسافنىڭ پادىشاھى،
و یکی ملک تعناک و یکی ملک مجدو ۲۱ 21
بىرى تائاناقنىڭ پادىشاھى، بىرى مەگىددونىڭ پادىشاھى،
و یکی ملک قادش و یکی ملک یقنعام در کرمل. ۲۲ 22
بىرى كەدەشنىڭ پادىشاھى، بىرى كارمەلنىڭ يېنىدىكى يوكنېئامنىڭ پادىشاھى،
و یکی ملک دور در نافت دور و یکی ملک امتها در جلجال. ۲۳ 23
بىرى دور ئېگىزلىكىدىكى دورنىڭ پادىشاھى، بىرى گويىمنىڭ پادىشاھى،
پس یکی ملک ترصه وجمیع ملوک سی و یک نفر بودند. ۲۴ 24
بىرى تىرزاھنىڭ پادىشاھى بولۇپ، جەمئىي ئوتتۇز بىر پادىشاھ ئىدى.

< یوشع 12 >