۱ 1 |
پەرۋەردىگار ئايۇپقا يەنە جاۋابەن: ــ |
«آیا مجادله کننده با قادرمطلق مخاصمه نماید؟ کسیکه با خدا محاجه کند آن را جواب بدهد.» | ۲ 2 |
«ھەممىگە قادىر بىلەن دەۋالاشىدىغان كىشى ئۇنىڭغا تەربىيە قىلماقچىمۇ؟ تەڭرىنى ئەيىبلىگۈچى كىشى جاۋاب بەرسۇن!» ــ دېدى. |
آنگاه ایوب خداوند را جواب داده، گفت: | ۳ 3 |
ئايۇپ بولسا پەرۋەردىگارغا جاۋابەن: ــ |
«اینک من حقیر هستم و به تو چه جواب دهم؟ دست خود را به دهانم گذاشتهام. | ۴ 4 |
«مانا، مەن ھېچنېمىگە يارىمايمەن؛ ساڭا قانداق جاۋاب بېرەلەيمەن؟ قولۇم بىلەن ئاغزىمنى ئېتىپ گەپتىن قالاي؛ |
یک مرتبه گفتم و تکرار نخواهم کرد. بلکه دو مرتبه و نخواهم افزود.» | ۵ 5 |
بىر قېتىم دېدىم، مەن يەنە جاۋاب بەرمەيمەن؛ شۇنداق، ئىككى قېتىم دېسەم مەن قايتا سۆزلىمەيمەن» ــ دېدى. |
پس خداوند ایوب را از گردباد خطاب کرد وگفت: | ۶ 6 |
ئاندىن پەرۋەردىگار قارا قۇيۇن ئىچىدىن ئايۇپقا جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى: ــ |
«الان کمر خود را مثل مرد ببند. از توسوال مینمایم و مرا اعلام کن. | ۷ 7 |
«ئەركەكتەك بېلىڭنى چىڭ باغلا، ئاندىن مەن سەندىن سوراي؛ سەن مېنى خەۋەردار قىلغىن. |
آیا داوری مرانیز باطل مینمایی؟ و مرا ملزم میسازی تاخویشتن را عادل بنمایی؟ | ۸ 8 |
سەن دەرۋەقە مېنىڭ ھۆكۈمىمنى پۈتۈنلەي بىكارغا كەتكۈزمەكچىمۇسەن؟ سەن ئۆزۈڭنى ھەققانىي قىلىمەن دەپ، مېنى ناتوغرا دەپ ئەيىبلىمەكچىمۇسەن؟ |
آیا تو را مثل خدابازویی هست؟ و به آواز مثل او رعد توانی کرد؟ | ۹ 9 |
سېنىڭ تەڭرىنىڭ بىلىكىدەك [كۈچلۈك] بىر بىلىكىڭ بارمۇ؟ سەن ئۇنىڭدەك ئاۋاز بىلەن گۈلدۈرلىيەلەمسەن؟ |
الان خویشتن را به جلال و عظمت زینت بده. و به عزت و شوکت ملبس ساز. | ۱۰ 10 |
قېنى، ھازىر ئۆزۈڭنى شان-شەرەپ ھەم سالاپەت بىلەن بېزىۋال! ھەيۋەت ھەم كۆركەملىك بىلەن ئۆزۈڭنى كىيىندۈرۈپ، |
شدت غضب خود را بریز و به هرکه متکبر است نظر افکنده، اورا به زیر انداز. | ۱۱ 11 |
غەزىپىڭنىڭ قەھرىنى چېچىپ تاشلىغىن، شۇنىڭ بىلەن ھەربىر تەكەببۇرنىڭ كۆزىگە تىكىلىپ قاراپ، ئاندىن ئۇنى پەسلەشتۈرگىن. |
بر هرکه متکبر است نظر کن و اورا ذلیل بساز. و شریران را در جای ایشان پایمال کن. | ۱۲ 12 |
راست، ھەربىر تەكەببۇرنىڭ كۆزىگە تىكىلىپ قاراپ، ئاندىن ئۇنى بويسۇندۇرغىن، رەزىللەرنى ئۆز ئورنىدا دەسسەپ يەر بىلەن يەكسان قىل! |
ایشان را با هم در خاک پنهان نما و رویهای ایشان را درجای مخفی محبوس کن. | ۱۳ 13 |
ئۇلارنى بىرگە توپىغا كۆمۈپ قوي، يوشۇرۇن جايدا ئۇلارنىڭ يۈزلىرىنى كېپەن بىلەن ئېتىپ قويغىن؛ |
آنگاه من نیز درباره تو اقرار خواهم کرد، که دست راستت تو را نجات تواند داد. | ۱۴ 14 |
شۇنداق قىلالىساڭ، مەن سېنى ئېتىراپ قىلىپ ماختايمەنكى، «ئوڭ قولۇڭ ئۆزۈڭنى قۇتقۇزىدۇ!». |
اینک بهیموت که او را باتو آفریدهام که علف را مثل گاو میخورد، | ۱۵ 15 |
مەن سېنىڭ بىلەن تەڭ ياراتقان بېگېموتنى كۆرۈپ قوي؛ ئۇ كالىدەك ئوت-چۆپ يەيدۇ. |
همانا قوت او در کمرش میباشد، و توانایی وی در رگهای شکمش. | ۱۶ 16 |
مانا، ئۇنىڭ بېلىدىكى كۈچىنى، قورساق مۇسكۇللىرىدىكى قۇدرىتىنى ھازىر كۆرۈپ قوي! |
دم خود را مثل سروآزاد میجنباند. رگهای رانش بهم پیچیده است. | ۱۷ 17 |
ئۇ قۇيرۇقىنى كېدىر دەرىخىدەك ئېگىدۇ، ئۇنىڭ يوتىلىرىدىكى سىڭىرلىرى بىر-بىرىگە چىڭ توقۇپ قويۇلغان. |
استخوانهایش مثل لوله های برنجین واعضایش مثل تیرهای آهنین است. | ۱۸ 18 |
ئۇنىڭ سۆڭەكلىرى مىس تۇرۇبىدەكتۇر، پۇت-قوللىرى تۆمۈر چوقماقلارغا ئوخشايدۇ. |
او افضل صنایع خدا است. آن که او را آفرید حربهاش را به او داده است. | ۱۹ 19 |
ئۇ تەڭرى ياراتقان جانىۋارلارنىڭ بېشىدۇر، پەقەت ئۇنىڭ ياراتقۇچىسىلا ئۇنىڭغا ئۆز قىلىچىنى يېقىنلاشتۇرالايدۇ. |
به درستی که کوهها برایش علوفه میرویاند، که در آنها تمامی حیوانات صحرابازی میکنند | ۲۰ 20 |
تاغلار ئۇنىڭغا يېمەكلىك تەمىنلەيدۇ؛ ئۇ يەردە ئۇنىڭ يېنىدا دالادىكى ھەربىر ھايۋانلار ئوينايدۇ. |
زیر درختهای کنار میخوابد. در سایه نیزار و در خلاب. | ۲۱ 21 |
ئۇ سەدەپگۈل دەرەخلىكىنىڭ ئاستىدا ياتىدۇ، قومۇشلۇق ھەم سازلىقنىڭ سالقىنىدا ياتىدۇ. |
درختهای کنار او را به سایه خود میپوشاند، و بیدهای نهر، وی رااحاطه مینماید. | ۲۲ 22 |
سەدەپگۈللۈكلەر ئۆز سايىسى بىلەن ئۇنى ياپىدۇ؛ ئۆستەڭدىكى تاللار ئۇنى ئوراپ تۇرىدۇ. |
اینک رودخانه طغیان میکند، لیکن او نمی ترسد و اگرچه اردن دردهانش ریخته شود ایمن خواهد بود. | ۲۳ 23 |
قارا، دەريا تېشىپ كېتىدۇ، بىراق ئۇ ھېچ ھودۇقمايدۇ؛ ھەتتا ئىئورداندەك بىر دەريامۇ ئۇنىڭ ئاغزىغا ئۆركەشلەپ ئۇرۇلسىمۇ، يەنىلا خاتىرجەم تۇرىۋېرىدۇ. |
آیا چون نگران است او را گرفتار توان کرد؟ یا بینی وی را باقلاب توان سفت؟ | ۲۴ 24 |
ئۇنىڭ ئالدىغا بېرىپ ئۇنى تۇتقىلى بولامدۇ؟ ئۇنى تۇتۇپ، ئاندىن بۇرنىنى تېشىپ چۈلۈك ئۆتكۈزگىلى بولامدۇ؟ |