وای بر اریئیل! وای بر اریئیل! شهری که داود در آن خیمه زد. سال بر سال مزید کنید و عیدها دور زنند. | ۱ 1 |
ئارىئەلگە، داۋۇت ئۆز ماكانى قىلغان ئارىئەلگە ۋاي! يەنە بىر يىل يىللارغا قوشۇلسۇن، ھېيت-بايراملار يەنە ئايلىنىپ كەلسۇن؛ |
و من اریئیل را به تنگی خواهمانداخت و ماتم و نوحه گری خواهد بود و آن برای من مثل اریئیل خواهد بود. | ۲ 2 |
بىراق مەن دەرد-ئەلەمنى ئارىئەلگە كەلتۈرىمەن؛ داد-پەريادلار كۆتۈرۈلۈپ ئاڭلىنىدۇ؛ ئۇ ماڭا ھەقىقەتەن بىر «ئارىئەل» بولىدۇ. |
و بر توبه هر طرف اردو زده، تو را به بارهها محاصره خواهم نمود و منجنیقها بر تو خواهم افراشت. | ۳ 3 |
چۈنكى مەن سېنى قاپساپ چېدىرلار تىكتۈرۈپ، سېنى قامال قىلىپ مۇھاسىرە ئىستىھكاملىرىنى سالىمەن، پوتەيلىرى بىلەن سېنى قورشىۋالىمەن. |
و به زیر افکنده شده، از زمین تکلم خواهی نمودو کلام تو از میان غبار پست خواهد گردید و آوازتو از زمین مثل آواز جن خواهد بود و زبان تو ازمیان غبار زمزم خواهد کرد. | ۴ 4 |
شۇنىڭ بىلەن پەس قىلىنىسەن، سەن يەر تېگىدىن سۆزلەيدىغان، گەپلىرىڭ پەستىن، يەنى توپا-چاڭدىن كېلىدىغان، ئاۋازىڭ ئەرۋاھلارنى چاقىرغۇچىنىڭكىدەك يەر تېگىدىن چىقىدۇ، سۆزلىرىڭ توپا-چاڭدىن شىۋىرلاپ چىققاندەك بولىدۇ؛ |
اما گروه دشمنانت مثل گرد نرم خواهند شد و گروه ستم کیشان مانندکاه که میگذرد و این بغته در لحظهای واقع خواهد شد. | ۵ 5 |
شۇ چاغدا دۈشمەنلىرىڭنىڭ توپى خۇددى يۇمشاق توپا-چاڭلاردەك، ياۋۇزلارنىڭ توپى شامال ئۇچۇرۇپ تاشلايدىغان توپاندەك توزۇپ كېتىدۇ. بۇ ئىش بىردىنلا، تۇيۇقسىز بولىدۇ! |
و از جانب یهوه صبایوت با رعد وزلزله و صوت عظیم و گردباد و طوفان و شعله آتش سوزنده از تو پرسش خواهد شد. | ۶ 6 |
ئەمدى ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار سېنىڭ يېنىڭغا كېلىدۇ؛ گۈلدۈرماما، يەر تەۋرەش، كۈچلۈك شاۋقۇن، قۇيۇنتاز، بوران ۋە يۇتۇۋالغۇچى ئوت يالقۇنلار بىلەن سەندىن ھېساب ئالىدۇ. |
وجمعیت تمام امت هایی که با اریئیل جنگ میکنند یعنی تمامی آنانی که بر او و بر قلعه وی مقاتله مینمایند و او را بتنگ میآورند مثل خواب و رویای شب خواهند شد. | ۷ 7 |
شۇنداق قىلىپ ئارىئەلگە قارشى جەڭ قىلىدىغان، يەنى ئۇنىڭغا ۋە قەلئە-قورغانلىق مۇداپىئەلەرگە جەڭ قىلىۋاتقان بارلىق ئەللەرنىڭ نۇرغۇنلىغان قوشۇنلىرى كېچىسى كۆرگەن چۈشتىكى كۆرۈنۈشتەك يوقاپ كېتىدۇ. |
و مثل شخص گرسنه که خواب میبیند که میخورد وچون بیدار شود شکم او تهی است. یا شخص تشنه که خواب میبیند که آب مینوشد و چون بیدار شود اینک ضعف دارد و جانش مشتهی میباشد. همچنین تمامی جماعت امت هایی که باکوه صهیون جنگ میکنند خواهند شد. | ۸ 8 |
ئاچ قالغان بىرسى چۈش كۆرگەندە، چۈشىدە بىر نېمە يەيدۇ؛ بىراق ئويغانسا، مانا قورسىقى قۇرۇق تۇرىدۇ؛ چاڭقىغان بىرسى چۈش كۆرگەندە، چۈشىدە سۇ ئىچىدۇ؛ بىراق ئويغانسا، مانا ئۇ ھالىدىن كېتىدۇ، ئۇ يەنىلا ئۇسسۇزلۇققا تەشنا بولىدۇ؛ مانا زىئون تېغىغا قارشى جەڭ قىلىۋاتقان ئەللەرنىڭ نۇرغۇنلىغان قوشۇنلىرى دەل شۇنداق بولىدۇ. |
درنگ کنید و متحیر باشید و تمتع برید وکور باشید. ایشان مست میشوند لیکن نه ازشراب و نوان میگردند اما نه از مسکرات. | ۹ 9 |
ئەمدى ئارىسالدى بولىۋېرىپ، قايمۇقۇپ كېتىڭلار! ئۆزۈڭلارنى قارىغۇ قىلىپ، قارىغۇ بولۇڭلار! ئۇلار مەست بولدى، بىراق شارابتىن ئەمەس! ئۇلار ئىلەڭلىشىپ قالدى، بىراق ھاراقتىن ئەمەس! |
زیراخداوند بر شما روح خواب سنگین را عارض گردانیده، چشمان شما را بسته است. و انبیا وروسای شما یعنی رائیان را محجوب کرده است. | ۱۰ 10 |
چۈنكى پەرۋەردىگار سىلەرگە غەپلەت ئۇيقۇسى باسقۇچى بىر روھنى تۆكۈپ، كۆزۈڭلارنى ئېتىۋەتتى؛ ئۇ پەيغەمبەرلەر ۋە باش-كۆزۈڭلار بولغان ئالدىن كۆرگۈچىلەرنىمۇ چۈمكىۋەتتى. |
و تمامی رویا برای شما مثل کلام تومارمختوم گردیده است که آن را به کسیکه خواندن می داند داده، میگویند: این را بخوان و اومی گوید: نمی توانم چونکه مختوم است. | ۱۱ 11 |
مۇشۇ كۆرگەن پۈتكۈل ۋەھىي بولسا، سىلەر ئۈچۈن پېچەتلىۋېتىلگەن بىر يۆگىمە كىتابدەك بولۇپ قالدى؛ خەق كىتابنى ساۋاتلىق بىرسىگە بېرىپ: ــ «ئوقۇپ بېرىشىڭىزنى ئۆتۈنىمەن» ــ دېسە، ئۇ: ــ «ئوقۇيالمايمەن، چۈنكى پېچىتى بار ئىكەن» ــ دەيدۇ. |
و آن طومار را به کسیکه خواندن نداند داده، میگوینداین را بخوان و او میگوید خواندن نمی دانم. | ۱۲ 12 |
كىتاب ساۋاتسىز بىرسىگە بېرىلىپ: ــ «ئوقۇپ بېرىشىڭىزنى ئۆتۈنىمەن» ــ دېيىلسە، ئۇ: ــ «مەن ساۋاتسىز» ــ دەيدۇ. |
و خداوند میگوید: «چونکه این قوم ازدهان خود به من تقرب میجویند و به لبهای خویش مرا تمجید مینمایند اما دل خود را از من دور کردهاند و ترس ایشان از من وصیتی است که از انسان آموختهاند، | ۱۳ 13 |
ۋە رەب مۇنداق دەيدۇ: ــ «مۇشۇ خەلق ئاغزى بىلەن ماڭا يېقىنلاشقاندا، تىلى بىلەن مېنى ھۆرمەتلىگەندە، بىراق قەلبى بولسا مەندىن يىراق تۇرغاچقا، مەندىن بولغان قورقۇشى بولسا، پەقەت ئىنسان بالىسىنىڭ پەتىۋالىرىدىنلا بولىدۇ، خالاس؛ |
بنابراین اینک من بار دیگربا این قوم عمل عجیب و غریب بجا خواهم آوردو حکمت حکیمان ایشان باطل و فهم فهیمان ایشان مستور خواهد شد.» | ۱۴ 14 |
شۇڭا مانا، مەن مۇشۇ خەلق ئارىسىدا يەنە بىر كارامەت كۆرسىتىمەن؛ كارامەت بىر ئىشنى كارامەت بىلەن قىلىمەن؛ شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ دانىشمەنلىرىنىڭ دانالىقى يوقىلىدۇ؛ ئۇلارنىڭ ئاقىللىرىنىڭ ئەقىللىرى يوشۇرۇنۇۋالغان بولىدۇ». |
وای بر آنانی که مشورت خود را از خداوندبسیار عمیق پنهان میکنند و اعمال ایشان درتاریکی میباشد و میگویند: «کیست که مارا ببیندو کیست که ما را بشناسد؟» | ۱۵ 15 |
ئۆزىنىڭ پۈككەن نىيەتلىرىنى پەرۋەردىگاردىن يوشۇرۇش ئۈچۈن ئاستىن يەرگە كىرىۋالغان، ئۆز ئىشلىرىنى قاراڭغۇلۇقتا قىلىدىغان، ۋە «بىزنى كىم كۆرىدۇ» ۋە «كىم بىزنى بىلگەن» دېگەنلەرگە ۋاي! |
ای زیر و زبرکنندگان هرچیز! آیا کوزهگر مثل گل محسوب شود یا مصنوع درباره صانع خود گوید مرانساخته است و یا تصویر درباره مصورش گویدکه فهم ندارد؟ | ۱۶ 16 |
ئاھ، سىلەرنىڭ تەتۈرلۈكۈڭلار! ساپالچىنى سېغىز لايغا ئوخشاتقىلى بولامدۇ؟ شۇنداقلا ئىش ئۆزىنى ئىشلىگۈچىگە: «ئۇ مېنى ئىشلىمىگەن»، ياكى شەكىللەندۈرۈلگەن ئۆزىنى شەكىللەندۈرگۈچىگە: «ئۇنىڭ ئەقلى يوق» دېسە بولامدۇ؟! |
آیا در اندک زمانی واقع نخواهدشد که لبنان به بوستان مبدل گردد و بوستان به جنگل محسوب شود؟ | ۱۷ 17 |
چۈنكى قىسقا ۋاقىت ئىچىدىلا، لىۋان مېۋىلىك باغغا ئايلاندۇرۇلمامدۇ؟ مېۋىلىك باغ بولسا ئورمان ھېسابلانمامدۇ؟ |
و در آن روز کران کلام کتاب را خواهند شنید و چشمان کوران از میان ظلمت و تاریکی خواهد دید. | ۱۸ 18 |
شۇ كۈنىدە گاسلار شۇ يۆگىمە كىتابنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلايدىغان، قارىغۇلار زۇلمەت ھەم قاراڭغۇلۇقتىن چىقىپ كۆزلىرى كۆرىدىغان بولىدۇ؛ |
و حلیمان شادمانی خود را در خداوند مزید خواهند کرد ومسکینان مردمان در قدوس اسرائیل وجدخواهند نمود. | ۱۹ 19 |
مۆمىنلەر بولسا پەرۋەردىگاردىن تېخىمۇ خۇرسەن بولىدۇ؛ ئىنسانلار ئارىسىدىكى مىسكىنلەر ئىسرائىلدىكى مۇقەددەس بولغۇچىدىن شادلىنىدۇ. |
زیرا که ستمگران نابود واستهزاکنندگان معدوم خواهند شد و پیروان شرارت منقطع خواهند گردید. | ۲۰ 20 |
رەھىمسىز بولغۇچى يوقايدۇ، مازاق قىلغۇچى غايىب بولىدۇ؛ قەبىھلىك پۇرسىتىنى كۈتىدىغانلارنىڭ ھەممىسى ھالاك قىلىنىدۇ؛ |
که انسان را به سخنی مجرم میسازند و برای کسیکه در محکمه حکم میکند دام میگسترانند و عادل رابه بطالت منحرف میسازند. | ۲۱ 21 |
مانا [مۇشۇنداق ئادەملەر] ئادەمنى بىر سۆز ئۈچۈنلا جىنايەتچى قىلىدۇ، دەرۋازىدا تۇرۇپ رەزىللىككە تەنبىھ بەرگۈچى ئۈچۈن تۇزاق تەييارلاپ قويىدۇ، ھەققانىي ئادەمنىڭ دەۋاسىنى سەۋەبسىز بىكار قىلىۋېتىدۇ. |
بنابراین خداوندکه ابراهیم را فدیه داده است درباره خاندان یعقوب چنین میگوید که از این به بعد یعقوب خجل نخواهد شد و رنگ چهرهاش دیگرنخواهد پرید. | ۲۲ 22 |
شۇڭا ئىبراھىم ئۈچۈن بەدەل تۆلەپ قۇتقۇزغان پەرۋەردىگار ياقۇپنىڭ جەمەتى توغرۇلۇق مۇنداق دەيدۇ: ــ «ھازىر بولسا ياقۇپ خىجىللىققا قالمايدۇ، ھازىر بولسا ئۇ تىت-تىت بولۇپ چىرايى تاتىرىپ كەتمەيدۇ؛ |
بلکه چون فرزندان خود را که عمل دست من میباشند در میان خویش بیندآنگاه ایشان اسم مرا تقدیس خواهند نمود وقدوس یعقوب را تقدیس خواهند کرد و ازخدای اسرائیل خواهند ترسید. | ۲۳ 23 |
چۈنكى [ياقۇپ] قولۇمنىڭ ئىشلىگەن ئەمىلى بولغان، ئۆز ئارىسىدا تۇرغان ئەۋلادلىرىنى كۆرگەن ۋاقتىدا، ئۇلار نامىمنى مۇقەددەس دەپ ئۇلۇغلايدىغان، ياقۇپنىڭ مۇقەددەس بولغۇچىسىنى پاك-مۇقەددەس دەپ بىلىدىغان، ئىسرائىلنىڭ خۇداسىدىن قورقىدىغان بولىدۇ. |
و آنانی که روح گمراهی دارند فهیم خواهند شد و متمردان تعلیم را خواهند آموخت. | ۲۴ 24 |
روھى ئېزىپ كەتكەنلەر يورۇتۇلىدىغان، قاقشاپ يۈرگەنلەر نەسىھەت-بىلىم قوبۇل قىلىدىغان بولىدۇ. |